دولقۇن ئىزلىرى(شېئىر)-كاۋاي يوشىمى

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-06 19:38:00

دولقۇن ئىزلىرى كاۋاي يوشىمى (ياپۇنيە، 1874 ــ 1965) قايتتى بۇژغۇنلار،ساھىلىدا قالدى ئىزلىرى.دېڭىز دولقۇنى ئۇرۇلماقتا نەم ساھىللارغا،بىز تاشلاندۇق قۇلۇلە قېپى ئىنتىلمەكتە شوخ دولقۇنلارغا. تەۋرەنمەي...

    دولقۇن ئىزلىرى
    كاۋاي يوشىمى (ياپۇنيە، 1874 ــ 1965)

     قايتتى بۇژغۇنلار،
    ساھىلىدا قالدى ئىزلىرى.
    دېڭىز دولقۇنى ئۇرۇلماقتا نەم ساھىللارغا،
    بىز تاشلاندۇق قۇلۇلە قېپى ئىنتىلمەكتە شوخ دولقۇنلارغا.

    تەۋرەنمەيدۇ دېڭىز چۆپلىرى،
    قىران چېغى يىتكەن چېھىردىن،
    ئىللىقلىقتىن كۈتەر
    دېڭىزنىڭ ھەم ئۇپقۇنلار شوخ سۆيۈشلىرىدىن.

    لەيلەپ يۈرگەن ھارغىن ياغاچلار
    پارچىسىدۇر بەلكىم كېمىنىڭ.
    تەسەللىلەر كۈتەر ئۇلارمۇ
    تاشقىندىن بۇ كەڭ دېڭىزنىڭ.

     قايتتى بۇژغۇنلار،
    ساھىلىدا قالدى ئىزلىرى.


    پەرھات ئىلياس تەرجىمە قىلغان «يارىلانغان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق