شەپەرەڭ بىلەن پەرۋانە

يوللىغۇچى : qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-27 12:30:23

«مىڭبىر مەسەللەر توپلىمى» دىن ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر تەييارلىغان.

     
    شەپەرەڭ بىلەن پەرۋانە
    (مەسەل)
    ئابلىز ھىزىم (قازاقىستان)
    دەپتۇ شەپەرڭ
    پەرۋانە جانغا:
    -ئىچىم ئاغرىيدۇ
    سەندەك نادانغا.
    ئوتنى كۆردۈڭمۇ،
    ئەقلىڭدىن ئېزىپ
    شۇنچىلىك قۇۋناق
    ھاياتتىن بېزىپ...
    ئېتىپ ئۆزۈڭنى
    ئالىسەن كۆيۈپ
    ئۆتكەن ياخشىغۇ
    ھاياتنى سۆيۈپ...
    پەرۋانە دەپتۇ:
    سۆزۈمنى ئاڭلا.
    سەن كەبى ئوتتىن-
    يورۇقتىن قېچىپ، كۈندۈزى ئۇخلاپ،
    تۈندە كۆز كۆز ئېچىپ
    يۈرگىچە كۈننىڭ
    جامال-ھۆسنىنى
    قۇچۇپ بەختنىڭ-
    ئوتنىڭ كۆكسىنى
    ئۆلۈش ئەزەلدىن
    تىلىگىم مېنىڭ
    بولمىسا نېمە
    كېرىگىم مېنىڭ...

    «مىڭبىر مەسەللەر توپلىمى» دىن ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر تەييارلىغان. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شەپەرەڭ