شېئىرلار (فرانز كافكا)

يوللىغۇچى : xahzada يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-17 22:25:00

فرانز كافكا شېئىرلار پەرھات ئىلىياس تەرجىمىسى كەچۈرمەكنى خالىساڭ ئەگەر ساڭا سادىق مۇخلىسلىرىڭنى، بىز ماڭىمىز تا ئاداققىچە ئەزىز بىلىپ سېنىڭ يولۇڭنى. چالا ساۋات، چالا بىلىمنى ساقىت قىلىپ، يىراق...

             فرانز كافكا شېئىرلار

    پەرھات ئىلىياس تەرجىمىسى

     كەچۈرمەكنى خالىساڭ ئەگەر ساڭا سادىق مۇخلىسلىرىڭنى،

     بىز ماڭىمىز تا ئاداققىچە ئەزىز بىلىپ سېنىڭ يولۇڭنى.

     چالا ساۋات، چالا بىلىمنى ساقىت قىلىپ، يىراققا تاشلاپ،

    مۇكەممەللىك، ئىزگۈلۈك ئارا تەۋرەنمەستىن ئۆتىمىز ياشاپ.

     

     كەچكى گۇگۇم، ئاداققى قۇياش،

     ئولتۇرىمىز قەددىمىز پۈكۈپ سايىۋەنلىك ئورۇ ندۇقلاردا.

    قوللىرىمىز ھالسىز ساڭگىلار،

     كۆزلىرىمىز دەردلىك يالتىرار.

     

     سەيلە قىلىپ يۈرەر كىشلەر،

     ئۇچىسىدا رەڭدار كىيىملەر.

     باش ئۈستىدە پايانسىزئاسمان،

     ئۇ چەتتىكى يىراق بىر تاغدىن بۇ چەتتىكى تاغقا تۇتاشقان.

     «يارىلانغان يۈرەك» نامىلىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق