Şehrin Ölümü
Erdem Beyazıt
شەھەرنىڭ ئۆلۈمى
ئەردەم بەيازىت ( تۈركىيە)
كىرىش:
تاملار ئۈستۈمگە چىقماقتا
شەھەرنىڭ مەھبۇسقا تولغان تاملىرى
ھېچبىر سىر قالمىغان ھېچبىر تامنىڭ ئارقىسىدا
نەگە كەتتى دەيمەن، مېنىڭ كىيىمىم، نەدە
شەھەر يىشىنىپتۇ دېمەكتە بىرى
شەھەرنىڭ كىيىمى ئوغۇرلىنىپتۇ
پۈتۈن شەھەر بىر ئىنساننىڭ يۈزىدە گۇمران بولماقتا
شەھەر قانغا ئوخشاش بىر ئاۋازدا ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە بوغۇلماقتا
سۆسۈن بىر يامان چۈش يۈزىمىزگە چۆكمەكتە
باغچىدا ئاخىرقى دەرەخمۇ ئۆلمەكتە، ئۆلىۋىلىشنى ئەسلىتىدىغان بىر ئۆلۈمدە
ۋىدالىشىش سىزىقى
بىر توپ كىشىلەر توپلانماقتا چوڭ مەيدانلارغا
------------------------- ئەلۋىدا سۆيگۈ
ئىنسانلار ئۆتمەكتە يوللاردىن
------------------------ ئەلۋىدا ئىتىقاد
شەھەر مۆكىۋالماقتا ئىچىگە
----------------------- ئەلۋىدا تۇپراق
بىر ھەيكەلنىڭ تاش قولى ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدە ئايلانماقتا
بالىلارنىڭ يۈزىدىن ئاخىرقى كۈلۈمسېرەش غايىپ بولۇشىغا
قۇشلار كۆچمەكتە، بۇلۇتلار كۆچمەكتە
--------------------------- ئەلۋىدا ئىنسان
بىر جاھان كېزەر ئادەم
بىر ئادەم بەلكى ئەڭ جىق بىر شامالدۇر ھازىر
تۇمانلىق، ناتونۇش سايىدەك جاھانكەزدى شامال
شەھەرنى بىر مۇساپىردەك كەزمەكتە
شەھەرنىڭ مەبۇدلىرى بىر-بىرلەپ تۈگەشمەكتە
باشلانماقتا ئىچىدە چەكسىز ئۇسسۇزلۇق
ئالقانلارنىڭ ئىچى تەرلىمەكتە.
غەۋغا
مەينەت يوللار تاقالسۇن، سۇلار ئاقمىسۇن، دېڭىز
سىغمىسۇن قېپىغا
كۈن پاتمىسۇن، يورۇتسۇن يۈزلەردىكى
ئۈمىتسىز مەھلۇملۇقنى
ماشىنىلار ئىشلىسۇن، تاشلار يېرىلسۇن ئوتتۇرىسىدىن
ئانىلار يىغلىمىسۇن، بالىلار كۈلمىسۇن
ئاسمان غۇلىسۇن، يەر باش كۆتۈرسۇن، سۇ جىمىقسۇن
دەرەخلەر تۇرمىسۇن، پۈتۈن سائەتلەر تۇرسۇن
تۇرمىسۇن ئۇلۇغ شامال شەھەرنى كۆككە سورىسۇن.
ۋەزىيەت
ماشىنىلار بىر قولنىڭ باش بارمىقىنى كېرستقا كەرمەكتە
ئەقىل ئۆلىۋىلىشقا تەييار تۇرغان بىر چاياندۇر.
خاتىرە
بىزنىڭ قوللىرىمىز بار ئىدى، ھازىر ئۇلار نەدە
مامۇقتەك سىلايتۇق بالىلارنىڭ يۈزلىرىنى، ھازىر ئۇلار نەدە
شەھەردە ئۆيلەر بولاتتى، ئىسسىق ھوجرىلىرى بولاتتى ئۆيلەرنىڭ
ئۆزىمىزنى ئاتىدىغان تۆشەكلىرىمىز بولاتتى، بۇ بىزنىڭ دەيتۇق
بايرام كۈنلىرى ياسىناتتۇق، سۇدەك يۇمشايتى
يۈرەكلىرىمىز
مەسچىتلەرگە تولاتتۇق، پۈتۈن بولاتتۇق
بىز بار ئىدۇق، ئەمدى ئۇ « بىز» نەدە.
تۈگەش
ئەڭ ئۆكسۈز بىر بۇلۇڭىدا بىز پاناھلانغان ئۇ
يالغۇزلۇقنىڭ تەسەللى چېچەكلىرى، ئۈستىمىزگە
كۆچكەن قۇشلارنىڭ سەدەپ تۇمشۇقلىرىدىن تۆكۈلەر
شەھەر بىر مەھشەر كەبى ئىچىمىزدە ئۆلەر.
Veda
ئەلۋىدا
بۇ شەھەردىن كېتىۋاتىمەن
كۆزلىرى كور قارلىغاچلاردەك
غورۇرى تۈگەشكەن فامىلىلەردەك
بۇ شەھەردىن كېتىۋاتىمەن.
ئىنسانلار تاش كەبى ماڭا ناتونۇش
دەرەخلەر مەنسىز جازالىنار چوڭ يوللاردا
بىر تەمبۇر غېرىپلىقنى ئاڭلىتىۋاتسا
ئۇ چىراقسىز دەرىزىدە
تۇرماقتىمەن ئاڭلانمىغاندەك قۇلاققا.
بۇ شەھەردىن كېتىۋاتىمەن
كۆمۈپ كېچىلەرنى ئىچىمگە
سەھەرنىڭ ئازابىنى ساقلىماستىن
بۇ شەھەردىن كەتمەكتىمەن.
Soluyan Deniz
دېمى سىقىلغان دېڭىز
بىر چىقىراش چۈشتى قاراڭغۇلۇقتىن
تۇمانسىز دېڭىزغا
ئاۋاز بىتوندەك مۇز تۇتماقتا ئىدى
بىر تۈركۈم كۆلەڭگىلەر كېلىپ كەتمەكتە ئىدى
ئاي نۇرلىرى كېلىپ كەتمەكتە ئىدى
دېڭىز يارىلانغان تايدەك خارقىرىماقتا ئىدى.
كىم بىزنى تارتقان ئاياغلىرىمىزدىن
سۇنىڭ يۇمشاقلىقىغا
يەرنىڭ قاتتىقلىقىغا
كۆكنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا.
بىر كۆز بىزنى كۈزەتمەكتە-ـ بۇ ئېنىق
چىقىراش بوغۇلماقتا دېڭىزداــ بۇنى ئاڭلاۋاتىمىز
بىر نۇر كەسمەكتە قاراڭغۇلۇقنى ئۇستىرا ئاغزىدا
بىلمىگىنىمىزنى چۈشىنىۋاتىمىز
كۆرمىگىنىمىزنى سېزىۋاتىمىز
يېڭى بىر دەۋرگە چىقىۋاتىمىز چاچلىرىمىزدىن.
Ölü Vakitleri Yaşamak İhtiyar Evlerde
قېرى ئۆيلەردە ئۆلۈك ۋاقىتلارنى ياشاش
تاملىرى چاك- چاك
تورۇس تۆكۈلەي دېگەن
ئاستىدا پىتلار، چۈمۈلىلەر، ئۇزۇن پۇت قۇرتلار
كېزىپ يۈرگەن
قېرى ئۆيلەردە
زاماننى ئارتىپ ئۈستىمىزگە
ئورىماقتىمىز مەينەت ۋە ئوچۇق يەرلىرىمىزنى.
بىر نەرسە بارمىدۇ؟
ساندۇق تېگىگە ساقلانغان، پەللەمپەي ئاستىدا
ئۇنۇتۇلغان
ئېغىلنىڭ بۇلۇڭىغا تاشلىۋىتىلگەن، تاملاردىكى
داتلاشقان مىخلارغا ئېسىلغان.
بىزنى پۈتۈن بۇلارغا ۋە كەچمىشكە باغلىغان نېمىدۇ؟
سىلەر قىلدىن ئىنچىكە قىيالاردا ئولتۇرۇپ باققانمۇ؟
بىز ھەر كۈنى بىلى پۈكۈلگەن تاملارنىڭ تۈۋىدە ياتماقتىمىز
ئۇيقۇمىز ئۈركەك جەرەنلەرگە ئوخشايدۇ
بەزىدە ھارغۇن تايلارغا.
بىز ئۈنسىز ۋە تېيىلغاق زامان ئۈستىدە
ئۇنۇتقاق ۋە بىپەرۋا كۆرۈنمەكتىمىز
غىچىرلىغان پەللەمپەيدىن چىققان ئۆلۈمگە.
بىلىمىز سائەت چىك،چىك ئىشلەۋاتىدۇ
چىكىلداشنىڭ، مىدىراشنىڭ، ۋە ئۇزۇن دەرەخلەرنىڭ
ئاۋازىنى سىزغاچ باقىيلىققا
ھەر يەردە، ھەممە نەرسىدە
ۋە ئەقىلنىڭ تار، يالغۇزلۇقىدا.
تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.