يارىلانغان يۈرەك(كول نېدركوۋسكى شېئىرى)

يوللىغۇچى : gulqiz يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-29 22:05:00

يارىلانغان يۈرەك (كول نېدركوۋسكى شېئىرى) يارىلانغان يۈرەك كول نېدركوۋسكى (يوگۇسلاۋىيە، 1912 ـ1941) كۈندۈر كېتىپ، ئاستا ـ ئاستا باستى زېمىننى ئىچىنىشلىق، ھەسرەتلىك كېچە. كۈتمەكتىمەن رودىنا سېنى دېر...

     يارىلانغان يۈرەك

    (كول نېدركوۋسكى شېئىرى)

      يارىلانغان يۈرەك كول نېدركوۋسكى (يوگۇسلاۋىيە، 1912 ـ1941) كۈندۈر كېتىپ، ئاستا ـ ئاستا باستى زېمىننى ئىچىنىشلىق، ھەسرەتلىك كېچە. كۈتمەكتىمەن رودىنا سېنى دېرىزەڭگە تىكىپ غەمكىن، دەردلىك كۆزۈمنى. سېنى چوقۇم چىقىدۇ دەيمەن، مەرۋايىتتەك لەۋلىرى ماڭا شېرىن سۆزلەر قىلىدۇ دەيمەن. ياكى مەرمەر قوللىرى بىلەن ئىشارەت قىپ، دەردلىك قەلبىمگە تەسەللىلەر بېرىدۇ دەيمەن. سەن چىقمىدىڭ رودېنا ئەمما، باقمىدى ھېچ شەھلا كۆزلىرىڭ، قىلمىدى ھەم ئىشارەت ماڭا! ئۆتتى شۇنداق قاراڭغۇ بۇ تۈن، ئويغىنىپ نومۇستىن قىزاردى سەھەر، قەلب يارامدىن ئۆرلىدى تۈتۈن. ئەشۇ ياردا رودېنا تۇرار سېنىڭ گۈزەل قامىتىڭ ھەمدە ئوتلۇق شەھلا كۆزلىرىڭ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق