توماس ئىلئوت:باياۋان (داستان)

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2013-09-11 17:01:31

نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن داستان

    باياۋان
    \

    توماس ئىلئوت

    داستان


     
    ئىلاۋە: ئامېرىكىلىق مەشھۇر شائىر ئىزرا پوند 1921- يىلىنى بىر ئۇلۇغ ئەدەبىيات دەۋرى، دەپ سۈپەتلىگەن، چۈنكى، شۇ يىلى ئىككى دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر ئىلگىرى- كېيىن تاماملىنىپ، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئاچقانىدى. ئۇنىڭ بىرى ئىرلاندىيىلىك يازغۇچى جامىس جويىس (1882 ــــ 1941) نىڭ ئاڭ ئېقىمى پروزىچىلىقىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رومانى «ئۇلىسسىس»، يەنە بىرى ئىلئوتنىڭ «خاراب زېمىن» ناملىق داستانى ئىدى. «خاراب زېمىن» ئىزرا پوندنىڭ تۈزىتىشى بىلەن 1922- يىلى ئەنگلىيىدىكى «ئۆلچەم» ژۇرنىلى ۋە ئامېرىكىدىكى «قۇياش سائىتى» ژۇرنىلىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. ھازىرقى زامان غەرب شېئىرىيىتى، جۈملىدىن كېيىنكى سىمۋۇلىزم شېئىرىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شائىر توماس سىتارنىس ئىلئوت 1888- يىلى ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى شتاتىدىكى ساينىت لويىس شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 1965- يىلى لوندون كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «خاراب زېمىن» (1921- يىلى)، «يۈرىكىنىڭ ئىچى بوش ئادەم» (1925- يىلى)، «كۈلرەڭ چارشەنبە» (1930- يىلى)، «تۆت كۋارتىت» (1934- يىلى يېزىلىشقا باشلاپ، 1943- يىلى رەسمىي نەشر قىلىنغان) قاتارلىقلار بار. ئىلئوت 1948- يىلى «ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاۋانگارتى سۈپىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىزنى ھوزۇرلاندۇرغانلىقى» ئۈچۈن نوبىل ئەدەبىيات موكاپاتىغا ئېرىشكەن.
    «خاراب زېمىن» نىڭ خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئىشى 1935- يىلى باشلانغان. شۇ چاغدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان جاۋ رولوي ئاتاقلىق شائىر دەي ۋاڭشۇنىڭ تەكلىپى بىلەن «خاراب زېمىن» نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. بۇ تەرجىمە نۇسقا «يېڭى شېئىرىيەت مەجمۇئەسى» دە 1937- يىلى 6- ئايدا ئېلان قىلىنغان ھەم جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. (بۇ نۇسقا 1980- يىلى شاڭخەي ئەدەبىيات- سەنئەت نەشرىياتى نەشر قىلغان «چەت ئەل مودېرنىزملىق ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلۈپ، قايتا نەشر قىلىنغان. باتۇر روزى موشۇ نۇسقا ئاساسىدا تەرجىمە قىلغان). لىن يۈتاڭنىڭ باش مۇھەرىرلىكىدە تۈزۈلگەن «ئەجنەبىيلەر ئەدەبىياتى» (بۇ كىتاب شاڭخەي ئەجنەبىيلەر ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1940- يىلى نەشر قىلىنغان) دا مەخسۇس بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. 1946- يىلى چىكاكوگا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان جاۋ رولوينى ئىلئوت ھارۋارد كۇلۇبىدا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان ھەم «خاراب زېمىن» نى تەرجىمە قىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ «1909 ـــ 1935- يىللاردىكى شېئىرلار» ۋە «تۆت كۋارتىت» دېگەن ئىككى توپلىمىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ، جاۋ رولوينىڭ باشقا شېئىرلارنىمۇ تەرجىمە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن بۇيان، چى شاۋلوڭ (بۇ نۇسقا چەت ئەل ئەدەبىياتى نەشرىياتى 1983- يىلى نەشر قىلغان «چەت ئەل شېئىرىيىتى» دېگەن كىتابتا ئېلان قىلىنغان)، جاۋ يىخىڭ (بۇ نۇسقا چەت ئەل ئەدەبىياتى نەشرىياتى 1985- يىلى نەشر قىلغان «چەت ئەل ھازىرقى زامان شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» دا ئېلان قىلىنغان)، چا لياڭجىن (بۇ نۇسقا خۇنەن خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى نەشر قىلغان «ئەنگلىيە ھازىرقى زامان شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق كىتابتا ئېلان قىلىنغان، 70- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تەرجىمە قىلىنغان)، تاڭ يوڭكۇەن (بۇ نۇسقا شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى 1994- يىلى نەشر قىلغان «لېرىكىلار. خاراب زېمىن. تۆت كۋارتىت» ناملىق توپلامدا ئېلان قىلىنغان)، يى ۋىيجيەن (بۇ نۇسقا تەيۋەن يۈەنجىڭ نەشرىياتچىلىق شىركىتى 1983- يىلى نەشر قىلغان «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ تولۇق ئەسەرلىرى توپلىمى» نىڭ 24- تومىدا ئېلان قىلىنغان، چوڭ قۇرۇقلۇق تەۋەسىگە 90- يىللاردا كىرگەن)، لى جۈنچىڭ (بۇ نۇسقا خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى 2007- يىلى نەشر قىلغان «ئىلئوت ۋە ‹خاراب زېمىن› ناملىق كىتابتا ئېلان قىلىنغان) قاتارلىقلار بۇ ئەسەرنى كەينى- كەينىدىن تەرجىمە قىلغان.
    «خاراب زېمىن» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسقىسى مەرھۇم شائىر باتۇر روزىنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن «بوستان» (ھازىرقى «كروران») ژۇرنىلىنىڭ 1999- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەنىدى. بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك بىر ئىش بولغان. باتۇر روزىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرۈش ۋە ئەسەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسقىلىرىنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا، مەندىمۇ بۇ ئەسەرنى قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بولدى. شۇنداق قىلىپ، 2008- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. تەرجىمە قىلىش داۋامىدا خەنزۇچىدىكى يەتتە خىل تەرجىمە نۇسقىسىنى سىلىشتۇرۇپ، يۇغۇرۇپ، ئامال بار ئەسلىدىكى ئالاھىدىلكىگە يىېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم ھەم بۇ جەرياندا بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىنگلىز تىلى فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ جيەن ئەپەندىنىڭ «ئىلئوتنىڭ شېئىر ۋە دراممىلىرىنى چۈشىنىش» ناملىق ئەسىرى، تەيۋەن دوڭۋۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لى جۈنچىڭ ئەپەندىنىڭ «ئىلئوت ۋە ‹خاراب زېمىن›» ناملىق ئەسىرى، ئىلئوتنىڭ «ئەنئەنە ۋە ئىندېۋدىئودال تالانىت»، «شېئىرنىڭ مۇزىكىدارلىقى»، «شېئىردىكى ئۈچ خىل ئاۋاز» قاتارلىق ماقاللىرىنى، بو خاۋنىڭ «‹خاراب زېمىن› نىڭ ئالتە خىل تەرجىمە نۇسقىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ، بۇ ئەسەرنى ياخشىراق ھەزىم قىلىشقا تىرىشتىم. ھەر خىل تەرجىمە نۇسقىلرىغا بېرىلگەن ئىزاھاتلاردىن پايدىلىنىپ ۋە ئۆزۈم ئىزدىنىپ ماتېرىيال كۆرۈپ مۇۋاپىق دەپ قارىغان جايلارغا ئىزاھات بەردىم. ئىزاھاتلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەسەرلەر، مەسىلەن، «ئالتۇن شاخ»، «ئىنجىل» مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى، «مۇقەددەس قەدەھ» رېۋايىتىنى ئوقۇپ، تېگىشلىك مەزمۇنلار ھەققىدىكى چۈشەنچەمنى بىيىتىشقا تىرىشتىم. ئىلئوت شېئىردا سۆز تاللاشقا، سۆزلەرنىڭ بىر- بىرىگە چاپلىشىپ تۇرۇشىغا، شۇنداقلا ئۇلار ئارىسىدىكى مەنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىمۋۇلغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرىدۇ. تەرجىمە جەريانىدا پاساھەتلىك سۆز- جۈملىلەرنى ئامال بار ئىشلەتمەي، ئەسەرنىڭ تىلىنى خەلق تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم.
    «خاراب زېمىن» نىڭ دەسلەپتە ئىلئوت تەرىپىدىن قويۇلغان ماۋزۇسى «ئۇ ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلار ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلسۇن» («چەت ئەل كلاسسىك داستانلىرىدىن ئون پارچە»، خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى 2005- يىلى 6- ئاي نەشرى، 515- بەت) بولۇپ، كېيىن ئىزرا پوند «خاراب زېمىن» دەپ ئۆزگەرتكەن. ئەسەرنىڭ ھەجىمى ھازىرقىدىن چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدىن «قېرى تام» (جەمئىي 56 مىسرا، ئىلئوت ئۆزى «سۇدىكى ئۆلۈم» دېگەن قىسمىدىن چىقىرىۋەتكەن)، «لوندون» (جەمئىي 13 مىسرا، ئىزرا پوند «ئوتنىڭ ۋەز ئىيتىشى» دىن چىقىرىۋەتكەن)، «21 ياشلىق يىگىت» (جەمئىي 20 مىسرا، ئىزرا پوند «ئوتنىڭ ۋەز ئىيتىشى» دىن چىقىرىۋەتكەن)، «فرىسكا» (جەمئىي 70 مىسرا، ئىزرا پوند «ئوتنىڭ ۋەز ئىيتىشى» دىن چىقىرىۋەتكەن)، «ماتروس» (جەمئىي 82 مىسرا، ئىزرا پوند «سۇدىكى ئۆلۈم» دىن چىقىرىۋەتكەن)، «گراف خانىمنىڭ ئۆلۈمى» (جەمئىي 73 مىسرا، مۇستەقىل بىر بۆلەك بولغان، ئەسلىدە ماۋزۇسى يوق ئىدى، كېيىن ئىلئوت يۇقىرىقى ماۋزۇنى قويغان، ئىزرا پوند قىسقارتىۋەتكەن)، «سان ناسساسنىڭ ئۆلۈمى» (جەمئىي 39 مىسرا، ئىلئوتنىڭ دەسلەپكى شئىرى بولۇپ، «خاراب زېمىن» غا كىرگۈزۈپ بولۇپ، كېيىن ئۆزى چىقىرىۋەتكەن ھەم ئايرىم شېئىر سۈپىتىدە ئېلان قىلدۇرغان) قاتارلىق قىسىملار قىسقارتىۋېتىلگەن. ئەسەر خەنزۇچىدىكى «荒原» دېگەن ماۋزۇسى ئاساسىدا ھازىرغىچە بىزدە «باياۋان» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە نامى «The waste land» بولۇپ، تىلىمىزغا ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنغاندا، «ئىسراپ قىلىنغان يەر»، «تاشلىۋېتىلگەن يەر» قاتارلىق مەنىلەرنى بېرىدۇ. «باياۋان» دېگەن سۆز بولسا ئىنگلىزچىدا «Desevt,widevress» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمسىىنى ئىشلەش جەريانىدا، ئۇستاز شائىرلاردىن پەرھات تۇرسۇن ۋە توردىشىمىز ئايتۇغدىغا مەسلىھەت سېلىش ئارقىلىق بۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى «خاراب زېمىن» دەپ ئېلىشنى لايىق كۆرۈپ، موشۇنداق ئالدىم، بۇ بىز نامىنى خاتا ئاتاپ كېلىۋاتقان بىر دۇنياۋى ئەسەرنىڭ نامىنى توغرا ئاتاش ئىستىكىدىن بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەر نامىنى بۇنداق ئېلىش ئىلئوتنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مۇددىئاسى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئەسەردىكى قاقاسلىق مەنىۋىيەتكە قارىتىلغان، بۇ خىل سىمۋۇللۇق تۈس نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ بۇنداق ئېلىش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە باشقىلارنىڭ ياخشى پىكىر- تەكلىپلىرى بولسا قوبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن. ئاخىرىدا، بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش داۋامىدا ماڭا قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى، كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن، بەزى مۈجىمەل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمغا ياردەم بەرگەن، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ تەرجىمىنى ئىنگلىزچە ئەسلىي نۇسقىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان شائىر، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىگە، ئەسەرنىڭ نامىنى قانداق ئاتاش مەسىلىسىدە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەرگەن ئايتۇغدى ئەپەندىگە، ئەسەرنىڭ بەزى خەنزۇچە نۇسقىلىرىنى تېپىشىمغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىكى دوستۇم ئابدۇللا موللا قاردۇغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
                                 ــــــــــــــــ ئىدرىس نۇرۇللا
    2009- يىل 9- فىۋرال. ئۈرۈمچى.
     
    خاراب زېمىن①
     
    (1921- يىل)
     
    (داستان)
     
    توماس ئىلئوت
     
    ئەڭ ئۇلۇغ ھۈنەرۋەن② ئىزرا پونىدقا بېغىشلايمەن.
     
    سېيبىلمۇ بار ئىكەن! شۇ چاغدا مەن كوميادا ئىدىم، ئۇنىڭ كومزەكنىڭ ئىچىدە تۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بالىلار ئۇنىڭدىن گېرىك تىلىدا: «سېيبىل، ساڭا نېمە كېرەك؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ گېرىك تىلىدا: «ماڭا ئۆلۈم كېرەك» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
                   ــــ پىترونىئوس: «ساتېيرىكون» دىن③
     
    1. ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە مۇراسىمى④
     
    تۆتىنچى ئاي مۇدھىش ئايدۇر⑤، ئۆستۈرمەكتە
    سىرىنگۈلنى ئۆلۈپ كەتكەن تۇپراقتا، ئىلەشتۈرمەكتە
    ئەسلىمە ۋە ئىستەكنى⑥، مىدىرلاتماقتا
    قاشاڭ بىخلارنى باھار يامغۇرىدا.
    قىش بىزنى ئىللىتىپ، ياپماقتا
    زېمىننى ئۇنتۇغاق قارغا، يەم بەرمەكتە
    جاندارلارغا قۇرۇپ كەتكەن تۈگۈنەك غول ئىچىدە.
    ياز بىزلەرنى ھەيرەتتە قويغان⑦، سىتارىنبىرگىرىسقا⑧ كىردۇق،
    ئەگەشتۈرۈپ ئۆتكۈنچى يامغۇرنى، كارىدۇردا توختىدۇق،
    تەلمۈردۇق بىز قۇياش نۇرىغان، خۇافگادىنغا⑨ كىرىپ،
    قەھۋە ئىچتۇق، گەپ سېتىشتۇق بىر سائەت.
    روسىيىلىك ئەمەسمەن، لىتۋالىقمەن ساپ گېرمان قانلىق.⑩
    بالىلىقىمدا، بۈيۈك كىنەزلىكتىكى
    نەۋرە تۇققىنىمنىڭ ئۆيىدە تۇرغان، ئۇ مېنى ئاپارغان قار تىيىلغىلى،
    قورقۇپ كەتكەن ئىدىم تولىمۇ. ئۇ دەيىتتى، مارى،(11)
    مارى چىڭ تۇتۇۋال. شۇنداق قىلىپ تىيىلاتتۇق قار.
    تاغلار ئارا يوقىتىسەن ئىختىيارىڭنى.
    تۈن تەڭگىچە كىتاب ئوقۇيىتتۇم، جەنۇب تامان باراتتىم قىشتا.
     
    تۇتۇۋالىدىغىنى قايسى يىلتىز ئۇ، قايسى دەرەخ شېخى
    ئۈنۈپ چىقار تاش ئەخلەتلەر ئىچىدىن؟ ئەي ئادەمىزات،(12)
    دېيەلمەيسەن، پەملىيەلمەيسەن، بىلىسەن ئاران
    چېقىلىپ كەتكەن بىر دۆۋە ئىماگنى، ئۇنى قۇياش مەغلۇپ ئەيلىگەن،
    قاخشال دەرەخ يوشۇرالمايدۇ، قارا چىكەتكە چىرىلدار ئەنسىز، (13)
    قۇرۇق تاشلار ئۈستىدە يوق سۇنىڭ ئاۋازى(14). پەقەت
    سايىدۇر بۇ قىزىل تاشنىڭ ئاستىدىكى،(15)
    (كىرگىنە بۇ قىزىل سايە ئاستىغا)،
    بىلدۈرۈپ قوياي ساڭا بىر نەرسە، ئوخشىمايدۇ سايەڭگە
    ئەتىگىنى ساڭا ئەگىشىپ
    كەچتە سېنى كۈتۈۋالىدىغان،
    كۆرسىتەي ساڭا بىر چىمدىم تۇپراقتىكى تەشۋىشنى.(16)
    لەرزان شامال ئۇچماقتا،
    قاراپ مېنىڭ يۇرتۇمغا،
    ئىرلاندىيىلىك ئەي قىزچاق،
    كۈتمەكتىسەن قايلاردا؟ (17)
    «بىر يىل بۇرۇن تۇنجى رەت بەرگەنىدىڭ ماڭا ھەمەلگۈل،(18)
    ئاتاشقانتى ئۇلار مېنى ھەمەلگۈلقىز دەپ. »
    بىز كەچ قالدۇق، ھەمەلزاردىن قايتىشتا،
    قۇچىقىڭ لىق، چاچلىرىڭ ھۆل، قىلالمىدىم
    گەپ، كۆزلىرىممۇ كۆرمەيىتتى، مەن
    ئۆلۈك ئەمەس يا تېرىك ئەمەس، ھېچنىمىدىن بىخەۋەر،
    تىكىلەتتىم ئوتتۇرىغا يورۇقنىڭ، تىمتاس ئىدى تولىمۇ.(19)
    قاقاس قۇرۇق ئىدى ئۇ دېڭىز. (20)
     
    سوسوستىرىس ئاغىچا(21)، مەشھۇر ئەۋلىيا،
    ئېغىر زۇكام بولسىمۇ، يەنىلا
    ياۋروپاغا ئەڭ مەشھۇر بىر ئەقىللىق ئايال،
    ئېلىپ يۈرەر رەزىللىك قارتى(22). بۇ يەردە، ئۇ دەر
    سېنىڭ قارتىڭ، سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن پىنىكىلىق ماتروس،(23)
    (ئۇنىڭ كۆزى چاقناپ تۇرغان مارجاندۇر قارا!) (24)
    ئاۋۇ بىللادوننا(25)، قۇرام تاشنىڭ خوتۇنى،
    پۇرسەتپەرەس خوتۇن.
    ئەنە ئاۋۇ ئۈچ ھاسىلىق ئادەم، ئاۋۇ سانسارا (26)،
    مۇنۇسىدۇر سىڭا كۆزلۈك سودىگەر (27)، ماۋۇ قارتتۇر
    قۇپقۇرۇق(28) ئۇ كەينىگە تىقىۋالماقتا مەلۇم سىرلارنى،
    كۆرۈشۈمگە قىلىنماس رۇخسەت. تاپالمايمەن
    دارغا ئېسىلغان ئادەمنى(29). قورقۇپ سۇدا ئۆلۈپ كېتىشتىن. (30)
    كۆردۈم بىر توپ ئادەمنى، ئايلانماقتا چەمبەرنى.
    رەھمەت ساڭا. ئىكوتون خانىمنى ئۇچرىتىپ قالساڭ،
    دەپ قوي ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرىمەن ئەرش خەرىتىسىنى(31):
    بۇ كۈنلەردە بەكمۇ زۆرۈر ئىھتىيات قىلىش.
     
    گىرىمسەن شەھەر(32)،
    قىش ئەتىگىنى قوڭۇر رەڭلىك تۇمان ئاستىدا
    ئادەملەر ئۆتىدۇ لوندون كۆۋرۈكدىن(33)، شۈنچىۋالا جىق،
    ئويلىمىدىم ئۆلۈم گۇمران قىلغان بۇنچە ئادەمنى. (34)
    خۇرسىنىشلار قىسقا ھەم شالاڭ، تۈكۈرىدۇ ئېغىزلار،(35)
    ھەربىر ئادەم نەزەر سالار ئۆزلىرىنىڭ پۇتىغا.
    ئېقىپ چىقار تاغلارغا ھەم چۈشەر ۋىللىيام كوچىسىغا،
    ئېقىپ بارار ساينىت مارى ۋولنۇز چىركاۋىغا،(36)
    ئۆلۈك تىمسال بىر ئاۋاز داڭ ئۇرىدۇ ئەڭ ئاخىرقى سائەت توققۇزغا. (37)
    مەن ئۇچرىتىپ بىر تونۇشۇمنى، توختىتىپ ئۇنى، توۋلىدىم: سىتەتسۇن! (38)
    بولغانىدۇق سەپەرداش مىيلىدىكى(39) كېمىدە!
    ئۆتكەن يىلى بېغىڭغا جەسەت تەرگەن ئىدىڭغۇ، (40)
    بىخلاندىمۇ، بۇ يىل چېچەك ئاچامدۇ؟
    يا ئۇشتۇمتۇت ئۈششۈكلەر چۈشۈپ مايسىلارنى نابۇت قىلدىمۇ؟
    ئاھ يولاتما بۇ ئىتنى، ئىنسانلارنىڭ دوستى ئۇ، (41)
    بولمىسا ئۇ تاتىلاپ ئاچار يەنە جەسەتنى!
    قېرىندىشىم، تۈردىشىم ھەم ساختىپەز ئوقۇرمەن!(42)
     
    2. شاھمات ئويناش(43)
     
    ئۇ ئولتۇرغان ئورۇندۇق، سەلتەنەتلىك تەختكە ئوخشاش، (44)
    يالتىرايدۇ مەر- مەر تاش ئۈزرە، ئۇندا ئەينەك
    ئۈزۈم شوڭى ئويولغان بىر رامكىغا ئېلىنغان
    ئۇندا ئالتۇن رەڭلىك كىچىك كۇپىدۇن(45) نەزەر سالار تالاغا
    (يەنە بىرى كۆزىنى تىقىشتۇرغان قاناتلىرى كەينىگە)
    يەتتە ئاچىلىق شامدانكى(46) يالقۇنلار نەچچە ھەسسە كۈچىيەر
    قايتار نۇرى ئۈستەل يۈزىدىن،
    چاقناشلىرى ئۇنىڭ ئۇنچە- مارجانلىرىنىڭ سىڭىپ كېتەر
    قۇتىسىغىلا، كۈتىۋارلار چاقنىغانچە ئۈستىگە ئۆرلەپ؛ (47)
    پىل چىشى شىشە، رەڭدار ئەينەك خۇمرىدا،
    ئېغىزلىرى ئېچىقلىق پېتى، يوشۇرۇنغان ئۇنىڭ يوچۇن سىنتىزلانغان ئەتىرى،
    مەلھەم، تالقان ياكى سۇيۇقلۇق، قالايمىقان ئارىلىشىپ كەتكەن،
    تۇنجۇقتۇرار ئىدراكنى، خۇشپۇراقلار ئىچىدە؛ دېرىزىدىن كىرگەن
    ساپ ھاۋا ئۆرلىتىدۇ ئۈستىگە، ئۆرلىگەن ئۇشبۇ
    خۇشپۇراقلار ئۇزاق كۆيگەن شام يالقۇنىنى سەمرىتىدۇ تېخىمۇ،
    شام ئىسىنى ئېتىپ يەنە تاختاي ئۆگزىگە، (48)
    تورۇستىكى نەقىشلەرنى بۇزىدۇ.
    دېڭىز سۈيى نەمدىگەن سىرىق مىستەك غايەت زور ياغاچ كۆيەر
    يېشىل ۋە قوڭۇر(49) ئوتتا ئوچاقتىكى، قاشالانغان تۆت ئەتراپى رەڭلىك تاش بىلەن،
    بۇ خىرە نۇر ئىچرە ئۈزەر بىر ئويما دىلفىن.
    قەدىم تۈسلۈك تام ئوچاقتا ئايان بولىدۇ
    بىر مەنزىرە ـــ رۇجەك ئۇدۇل تۇرغان ئورمانغا، (50)
    پىيلومىلنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى(51)، ياۋايى شاھقا
    شۈنچە قوپال مەجبۇرلانغان ئۇ؛ لېكىن ئۇندا بۇلبۇللار
    قۇملۇقلاردا ياڭراتقان تاقەت قىلىپ بولماس ئۈنلەرنى،
    ئۇ يەنىلا چاقىرار، ئۇشبۇ دۇنيا ھېلىھەم چۈشۈۋالغان پىيىگە، (52)
    «جوگ، جوگ»(53) ئاڭلىنىدۇ مەينەت قۇلاققا.
    باشقا چاغلارنىڭ قۇرۇق دەرەخ يىلتىزى
    تام ئۈستىدە قالدۇرغان مۆھۈر؛ كۆزلىرىنى ئاچقان ئوبرازلار
    سوزۇلۇپ چىقىدۇ، ئۈمىد باغلايدۇ، تىمتاسلىققا ھىم ئېتىلگەن ئۇشبۇ ئۆيدىكى.
    پەلەمپەيدە ماڭىدۇ سۆرەلگەنچە قەدەم تىۋىشى.
    ئوت يورۇقىدا، چوتكا ئاستىدا، ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى(54)
    ئۇچقۇنسىمان چىكىتلەردە يېيىلىدۇ
    گويا خەتلەر كۆيۈۋاتقاندەك(55)، ئايلىنىدۇ ۋەھشىي سۈكۈتكە.
     
    «كەيپىياتىم ناچار بۈگۈن كەچ. راست بەك ناچار، بىرگە بولغىن مەن بىلەن. (56)
    گەپ قىل ماڭا. گەپ قىلمايسەن نېمىشقا. گەپ قىل.
    ئويلاۋاتىسەن نېمىنى؟ نېمىنى؟ نېمىنى؟
    مەن بىلمەيمەن ئويلىدىڭ نېمە. ئويلاۋەرگىن ئويلىغىنىڭنى.»
     
    مەن ئويلايمەن بىزلەر چاشقان ئۇۋىسىدا، (57)
    ئۇندا ئۆلۈكلەر مەھرۇم ھەتتا جەسەتلىرىدىن.
     
    «نېمە ئاۋاز؟»
                   شامال ئىشىك ئاستىدا.
    «ھازىر نېمە ئاۋاز؟ شامال نېمە قىلماقتا؟»
                ھېچ ئىش يوقتۇر، يوقتۇر ھېچ بىر ئىش. (58)
    «سەن بىلمەمسەن
    ھېچ بىر نېمىنى؟ كۆرمىگەنمۇ ھېچنېمە؟ ھېچنىمە
    يوقمۇ ھەتتا ئېسىڭدە؟» (59)
    ئېسىمگە كەلدى
    مەرۋايىت بولغانتى ئۇنىڭ كۆزلىرى. (60)
    «سەن تىرىكمۇ ۋە ياكى ئۆلۈك؟ مېڭەڭ قۇرۇق، ھېچنىمە يوقمۇ؟»
    بىراق،
    ئو ئو ئو ئو(61) ئۇ شىكىسپىرچە راگ (62) ــــــــ
    شۇنچە نەپىس
    شۇنچە ئەقىللىق
    «شۇ تاپ نېمە قىلىمەن؟ زادى نېمە قىلىمەن؟»
    ھازىرقى بۇ تۇرقۇمدەك بۆسۈپ چىقىپ ئىشىكنى، كوچىلاردا ماڭىمەن
    چاچلىرىمنى يىپىنغانچە موشۇنداق. ئەتە نېمە قىلىمىز؟
    زادى نېمە قىلىمىز؟»
             سائەت ئوندا بىرەر قايناقسۇ.
    يامغۇر ياغسا، كىرىۋېلىپ يامغۇر ئۆتمەس ماشىنىغا سائەت تۆت بىلەن.
    شاھمات ئوينايلى، (63)
    ئۆلۈكنىڭكىدەك كۆزىمىز بىلەن، كۈتۈپ ئىشىك چەككەن ئاۋازنى.
     
    لىلنىڭ ئېرى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن چاغدا(64)، دېگەنمەن ـــ
    دۇدۇقلىماي، ئۆز ئاغزىمدا دېگەن ئۇنىڭغا،
    ۋاقىت توشتى بولغىن چاپسانراق (65)
    ھازىر ئالبېرت قايتىدۇ ئۆيگە، پەردەزلىگىن ئۆزۈڭنى ئازراق، (66)
    بىلىشىڭ كېرەك قانداق خەجلەشنى ئۇ ساڭا بەرگەن ئاشۇ پۇللارنى
    چىش سالدۇرغىن دەپ. بەرگەنىدى ئۇ ساڭا، مەنمۇ باردىم شۇ يەردە.
    سۇغۇرىۋەت ئۇ چىشلارنى، لىل، سالدۇر يەنە ياخشىراقىنى،
    دېگەنتى ئۇ، خۇدا ھەققى، چىدىيالمىدىم كۆرۈپ سېنىڭ مۇنۇ تۇرقۇڭنى.
    مەنمۇ چىدىماي، دېگەنىدىم، ئويلاپ قويغىن بىچارە ئالبېرتنى.
    ھەربىيلىكتە تۇردى ئۇ تۆت يىل، ئەمدى مۇھتاج كۆڭۈل ئېچىشقا،
    بېرەلمىسەڭ ئاڭا خۇشاللىق، ئاتا قىلار باشقىلار، دېدىم.
    راسىتمۇ، دېدى. شۇنداقراق، دېدىم.
    مەن بىلىمەن كىمگە رەھمەت ئېيتىشنى، ئۇ دېدى كۆزۈمگە مىقتەك تىكىلىپ.
    ۋاقىت توشتى بولغىن چاپسانراق
    ياخشى كۆرمىسەڭ، ئەپلەپ- سەپلەپ قىلارسەن بىر ئىش، دېدىم مەن.
    تاللىسىمۇ باشقىلار ئەمما ساڭا تاللاش بولمايدۇ مۇمكىن.
    ئالبېرت تاپىدۇ باشقا ئايالنى، ھەيران بولما دېمىسە ساڭا.
    ئىزا تارتقىن، دېدىم، قىرىپسەن.
    (ئۇنىڭ يېشى ئاران ئوتتۇز بىر.)
    ئامالىم يوق، دېدى ئۇ، خالتىلاشتى يۈزلىرىم،
    يىگەچكە مەن ئاشۇ دورىنى، ھامىلىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، دېدى ئۇ.
    (چۈشۈرگەنتى بەش قېتىم، ئۆلتۈرگىلى قىل قالغانتى كىچىك جورجىنى.)
    زېيىنى يوق دېگەن دورىگەر، بولالمىدىم ئىلگىرىكى تۇرقۇمدەك.
    مەن دېدىم، سەن دۆت.
    بوش قويمايدۇ ئالبېرت سېنى، گەپ قىلمىدى، دېدىم مەن،
    بالا كېرەك بولمىسا، ئەرگە تەگدىڭ نېمىشقا؟
    ۋاقىت توشتى بولغىن چاپسانراق
    ئاھ، ئۇ يەكشەنبە ئۆيدە ئىدى ئالبېرت، ئۇلار يېگەن چوشقا سىڭىنى قىزىق، سۈرلەنگەن
    چىللىغانتى ئۇلار مېنى كەچلىك تاماققا، قىزىقىدا يېسە ئۇنىڭ تەمى بەك ياخشى ــــ
    ۋاقىت توشتى بولغىن چاپسانراق
    ۋاقىت توشتى بولغىن چاپسانراق
    ياخشى چۈش كۆر بىل. ياخشى چۈش كۆر لو. ياخشى چۈش كۆر مەي. ياخشى چۈش كۆر. تا تا. ياخشى چۈش كۆر. ياخشى چۈش كۆر.
    ياخشى چۈش كۆر، خانىم، ياخشى چۈش كۆر، ياخشى خانىم، ياخشى چۈش كۆر، ياخشى چۈش كۆر. (67)
     
    3. ئوتنىڭ ۋەز ئېيتىشى (68)
     
    دەريادىكى چىدىر چاك- چاك بۆسۈلگەن(69)، ئەڭ ئاخىرقى بارماقچىلىك ياپراقلار
    سىقىمدالغانچە، نەم قىرغاققا سانچىلغان. شامال
    ئۆتەر ئۇشبۇ قوڭۇر زېمىندىن، ھېچكىم خەۋەر تاپمىغان. پەرىزاتلار يوقتۇر بۇ يەردە.
    تاتلىق تايمىس، ئاقار تۇيدۇرماي، تا مەن ئېيتىپ تۈگەتكىچە ناخشامنى. (70)
    دەريا ئېلىپ كەلمىدى قۇرۇق بوتۇلكا، ساندىۋىچ قەغىزى،
    يىپەك قولياغلىق، قەغەز قۇتا، تاماكا كۆتىكى
    ياكى ياز تۈنىدىكى باشقا ئىزلارنى. پەرىزاتلار يوقتۇر بۇ يەردە. (71)
    ئۇلارنىڭ دوستى، ئاقنانچى ئەۋلادىدۇر شەھەردىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ
    يوقتۇر بۇ يەردە، قالدۇرمىغان ئادرىسىنىمۇ.
    ئولتۇرۇپ مەن يىغلىدىم لىمان كۆلى بويىدا...(72)
    تاتلىق تايمىس، ئاقار تۇيدۇرماي، تا مەن ئېيتىپ تۈگەتكىچە ناخشامنى.
    تاتلىق تايمىس، ئاقار تۇيدۇرماي، بولغاچ ناخشام جانسىز ھەم قىسقا.
    بىراق مېنىڭ كەينىمدە، سوغ شامالدا ئاڭلايمەن (73)
    سۆڭەكلەرنىڭ غىرىسلىشىنى، ئېغىزىنى كالچايتىپ كۈلۈشلىرىنى.
     
    بىر چاشقان ئاۋازسىز ماڭار چىملىقتا
    دەريا بويىدا سۆرىگەنچە نەم قورسىقىنى،
    بىر قىش گۈگۈمى، كۆمۈر گازى زاۋۇتىنىڭ كەينىدە
    بىلىق تۇتۇپ مەينەت قانالدا (74)
    ئويلىدىم شاھ ئىنىمنىڭ كېمىسىنىڭ غەرق بولغىنىنى
    ئويلىدىم ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى شاھنى، ئاتامنىڭ ئۆلۈمىنى. (75)
    ئاپئاق يالىڭاچ تەنلەر ئازراق نەمدەلگەن يەردە
    ئاپئاق سۆڭەكلەر تاشلىۋېتىلگەن كىچىك قۇرغاق راۋاق ئىچىدە،
    پەقەت چاشقانلا شىتىرلايدۇ، يىل- يىللاپ.
    بىراق مېنىڭ كەينىمدە، پات- پات ئاڭلاپ قالىمەن
    كارناينىڭ ۋە گىنراتۇرنىڭ ئاۋازىنى، ئۇ ئەتىيازدا
    پورتىر خانىمنى سۋېننيغا ئېلىپ كېلىدۇ(76)
    ئاھ، ئاي نۇرى ئىللىق يورۇتىدۇ پورتىر خانىمنى (77)
    ۋە ئۇنىڭ قىزىنى
    پۇتلىرىنى يۇيار ئۇلار سۇدا سۈيىدە
    ئاھ، بۇ بالىلارنىڭ ئاۋازى، چىركاۋدىكى مۇناجات! (78)
     
    تۋىت تۋىت تۋىت
    جۇگ جۇگ جۇگ جۇگ جۇگ جۇگ (79)
    مەجبۇرلىنار مۇشۇنداق قوپال.
    تېرېئۇ.
     
    گىرىمسەن شەھەر
    قىشنىڭ چۈشتىن كېيىنىدىكى قوڭۇر تۇماندا
    ئېئۇگېنىدېس ئەپەندى، سميرنالىق(80) سودىگەر
    ساقىلى ئۆسۈك، يانچۇقىدا لىق قۇرۇق ئۈزۈم
    لوندوندا كۆتۈرە كىرا پۇللىرى: تالوننى كۆرسىلا تاپشۇرىدۇ پۇل(81)
    سەت گەپ قىلىپ فرانسوزچىدا مېنى چىللىدى
    كاننون كوچىسى مىھمانخانىسىغا(82) چۈشلۈك تاماققا
    چوڭ شەھەر رايونى مېھمانخانىسىغا(83) ھەپتە ئاخىرى.
     
    زاۋال، كۆزى ۋە دۈمبىسى بىرلىكتە
    يېزىق ئۈستىلىدىن قوپىدۇ، ئادەمخۇر گىنراتۇرلار كۈتىدۇ،
    گويا تاكسى تىترىگەنچە ۋاقىت كۈتكەندەك،
    مەن تىرېسىئاس بولساممۇ قارىغۇ، تىتىرەيمەن ئىككى خىل تۇرمۇش ئارىسىدا، (84)
    بار ئايالچە ئەمچەكلىرى سالپايغان ئەرلەر، كۆرەر
    زاۋالدا، كىشىلەر تىرىشار ئۆيىگە قايتىشقا (85)
    گۈگۈم چۈشكەندە، مەتروسلارنى دېڭىزدىن ئۆيلىرىگە ئاپىرار ۋاقىت،
    ماشىنست چاي ئىچكەندە قايتىدۇ ئۆيگە، يىغىشتۇرۇپ قالدۇقىنى ناشتىلىقىنىڭ، ئوت ياقىدۇ
    مېشىگە، رەتلەپ چىقار كونسىرىۋا قۇتىسىدىكى يېمەكلىكلەرنى.
    سىرتقا يېيىلغان خەتەرلىك
    ئۇ قۇرۇتماق بولغان كېيىملەر سىيلىشىدا قۇياش نۇرىنىڭ.
    ئۇزۇن كرىسلو (كەچتە ئۇنىڭ كارۋىتى) غا دۆۋىلىنىدۇ
    پايپاق، سەندەل، كۆينەك، باغىرداق.
    مەن تىرېسىئاس، ئەمچەكلىرى سالپايغان قىرى
    قاراپ پەردىدىن، قېپقالغاندىن بەرگەن بېشارەت ــــ
    مەنمۇ كۈتىمەن شۇ ئىنتىزار مىھماننى.
    يۈزلىرىنى ھۈررەك باسقان ئۇ يىگىت كەلدى،
    ئۇ ياللانما كىچىك دۇكانغا، جۈرئەت بىلەن تۇرار تىكىلىپ،
    تۆۋەن تەبقىدىكى بىر ئادەم، ئىشەنچ بار ئۇنىڭ تېنىدە،
    تۇرغان كەبى يىپەك شىلەپە بىرەردفورتتىكى مىليۇنىرنىڭ بېشىدا. (86)
    ۋاقىت كەلدى مۇۋاپىق، قىياس قىلغان كەبى ئۇ،
    تاماق يەپلا، ئۇ يەنە بىزار بولۇپ، چارچاپ،
    سىناپ باقماق بولاتتى مۇھەببەتكە قويۇپ ئۆزىنى،
    ئۈندىمىدى بۇنىڭغا، ئىتتىرىپمۇ يۈرمىدى.
    خىجىل بولۇپ، ئىرادىسى كۈچىيىپ، ئۇ دەرھاللا باشلىدى ھۇجۇم؛
    سىيپايدىغان قوللىرى ئۇچرىمىدى ھېچ توسالغۇغا؛
    ئۇنىڭ مەنمەنچىلىكى مۇھتاج ئەمەس ھەرنە ئىنكاسقا،
    پىسەنتىگە ئالماس قىزغىن كۈتۈش ھېسابلاپ.
    (مەن تىرېسىئاس بۇرۇنلا قىلغان
    ئوخشاش ئۇزۇن كرىسلودا ياكى كارىۋاتتا ئوينالغاننىڭ ھەممىنى؛
    مەن، ئولتۇرغان تام ئاستىدا تېبېس يېنىدا
    ئەڭ چاكىنا ئۆلۈكلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ.) (87)
    بەردى ئاخىر گوياكى ساخاۋەتلىك بىر سۆيۈش
    ئىزدەر ئۇنىڭ يولنى، پەلەمپەي چىرىغىنىڭ ئۆچكىنىنى بايقاپ....
     
    ئۇ بۇرۇلۇپ كۆردى ئەينەكتىن
    ئايرىلسىمۇ يارىدىن ھېس قىلايمۇ دېمەس ھېچنېمە؛
    كاللىسىدىن چالا قالغان بىر خىيال ئۆتەر:
    «قىپ بوپتىمەن بۇ ئىشنى، خۇشال بولغان بولاي ئۇنىڭدىن»
    ساھىبجامال چۈشكۈنلەشكەندە،(88) يەنە
    ئۆزى يالغۇز ماڭار ئۆيدە ئۇياق- بۇياققا،
    سېزىمى يوق قوللىرىدا سىيلار چېچىنى،
    فاتىفۇنغا سەپ قويار تەخسە.(89)
     
    «بۇ مۇزىكا بەدىنمىگە يامىشىپ ئۆتىدۇ سۇ يۈزىدە» (90)
    بويلاپ سىتراندنى، ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە كوچىسىغا بارىدۇ.
    ئاھ شەھەر، شەھەر، ئاڭلايمەن بەزەن
    تۆۋەنكى تايمىس كوچىسىدىكى قاۋاقخانا يېنىدا
    يېقىملىق ماندولىنېنىڭ نالىسىنى
    توختىمايدۇ ئىچىدە قاراس- قۇرۇس، پاراس- پۇرۇس، سۈرەن- چوقانلار
    ئۇندا بىلىقچى چۈشتە ئارام ئالىدۇ؛ ئۇندا
    ماگنۇس مارتير(91) تېمىدا بار
    ئىئونىياننىڭ(92) چۈشەندۈرۈش تەس شۆھرەتلىرى، ئاق ياكى سىرىق.
     
    دەريادا ئاقىدۇ(93)
    نىفىت، ئاسفالىت(94)
    چاتما كېمە چېچىلغان
    ئەگىشىدۇ بۇرۇلغان كۆل سۈيىگە
    قىزىل يەلكەن
    كەڭ يېيىلغان
    شامالغا، چايقىلىدۇ ئېغىر ماچتىدا
    چاتما كېمە سوقۇلۇپ
    لەيلەۋاتقان يوغان ياغاچقا
    گىرنىۋىچقا ئاقىدۇ
    ئۆتۈپ دوگىستىن. (95)
                   ۋېئالالا لېئا
                   ۋېللالا لېئالالا (96)
     
    ئىلزابىت بىلەن لېسىستىر (97)
    ئۇرىدۇ پالاق
    كېمە قۇيرۇقى ھاسىل قىلىدۇ
    بىر ئالتۇن قاسراق
    قىزىل، ئالتۇنرەڭ
    چەبدەس دولقۇنلار
    شالاقشىيدۇ ئىككى قىرغاقتا
    جەنۇب شامىلى
    ئېقىتىپ بارىدۇ
    قوڭغۇراق ئۈنى
    ئاق مۇنار
                   ۋېئالالا لېئا
                   ۋاللالا لېئالالا
    تىرامۋاي ۋە چاڭ- توزانغا قاپلانغان دەرەخ.
    مېنى تۇغدى خىبۇرى. رىچموند بىلەن كىۋ
    مېنى يوقاتتى.(98) رىچموندتا تىزلىرىمنى كۆتۈرۈپ
    ئوڭدا ياتتىم كىچىك چاپما قىيىقتا» (99)
    «مېنىڭ پۇتۇم مورگاتىدا(100)، يۈرىكىم
    پۇتلىرىمنىڭ ئاستىدا. بۇ ئىشتىن كېيىن
    ئۇ يىغلىدى. ۋەدە بەردى ‹يېڭىباشتىن ئادەم بولۇش›قا.
    گەپ قىلمىدىم، نەپرەتلىنەي نېمىشقا؟»
    «مارگاتې ساھىلىدا (101)
    باغلىيالايمەن
    ھېچنېمىنى ھېچنىمېگە.
    مەينەت قولنىڭ سۇنۇپ كەتكەن تىرنىقى.
    تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىمىز ھېچنەرسىدىن كۈتمەيمىز
    ئۈمىد»
                            لا لا
    ئاندىن كەلدىم كارتاگىغا (102)
     
    كۆيمەكتە، كۆيمەكتە، كۆيمەكتە، كۆيمەكتە (103)
    ئاھ، پەرۋەردىگار تارتىپ ئېلىۋال مېنى(104)
    ئاھ، پەرۋەردىگار، تارتىۋال
     
    كۆيمەكتە.
     
    4. سۇدىكى ئۆلۈم(105)
     
    پېنىكىلىق پلېباس، ئۆلدى ئىككى ھەپتە،
    ئۇنتۇپ قالدى چايكىلارنىڭ ئۈنىنى، زور دولقۇن
    ھەم بارچە پايدا- زىياننى. (106)
                   دېڭىز تەكتىدىكى دولقۇنلار
    جىمجىت يۇيار ئۇنىڭ جەسىتىنى. ئۇ بىر لەيلەپ چۆككەندە
    ئۆتكۈزىدۇ بېشىدىن قىرىلىقى ۋە ياشلىقىنى
    قەدەم ئېلىپ قاينامغا. (107)
                      يەھۇدىي يا غەيرىي يەھۇدىي(108)
    ئاھ، سەن رول بۇراپ شامالغا قارىغان ئادەم،
    ئويلا پلېباس، شۇ چاغدا ئۇ سەندەك ئېگىز، چىرايلىق ئىدى. (109)
     
    5. گۈلدۇرمامىنىڭ ئېيتقانلىرى(110)
     
    تەرلىگەن چىرايلار مەشئەلدە(111) يورۇپ، قىزارغاندىن كېيىن
    قويۇق قىراۋ تىمتاسلىقى گۈلزارلىقنى(112) باسقاندىن كېيىن
    قالايمىقان تاشلار ئۆسكەن جايدىكى ئازابتىن كېيىن(113)
    ۋارقىراش ھەم شوئار
    باھار گۈلدۇرمامىسى(114) تۈرمە(115) ۋە قەسىر،
    ئەكىس سادا قايتۇرار يىراقتىكى تاغ ئىتىكىدە
    ھايات ئىدى ئۇ ئىلگىرى ئۆلگەندۇر ھازىر(116)
    ئۆلۈۋاتىمىز ھازىر ھايات ئىدوق ئىلگىرى
    سەۋر قىلىپ كۈلپەتكە (117)
     
    بۇندا سۇ يوق قورام تاشلا بار(118)
    قورام تاش، سۇ يوق، باردۇر بىر قۇمساڭغۇ يول
    تاغلار ئارا تولغىنىپ ئۆرلەر ئۈستىگە
    قورام تاشلار دۆۋىلەنگەن تاغلاردا سۇ يوق
    سۇ بولسا بىز ئىچەتتۇق توختاپ (119)
    قورام تاشلار ئارا كىشىلەر توختىيالماس يا ئويلىيالماس
    تەرلىرى قۇرۇغان، ماڭىدۇ قۇمدا
    قورام تاشتا سۇ بولسا،
    شۆلگىيىنى چىقارمايىتتى سىسىق چىشنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن تاغ ئېغىزىدا
    بۇندا بولماس توختىغىلى، ياتقىلى، ئولتۇرغىلى
    تاغدا ھەتتا يوقتۇر جىمجىتلىق
    يامغۇرى يوق قۇرۇپ كەتكەن گۈلدۇرمامىنىڭ
    تاغدا ھەتتا يوقتۇر غىرىبلىق
    تۇتۇق قىزىل يۈزلەرلا(120) قاقاھلاپ كۈلىدۇ ھەمدە ھوۋلايدۇ
    سۇۋاقلىرى ئاجرىغان ئۆيدىن چىقىپ كېلەر ئاۋازى (121)
                                            سۇ بولسا
    بولماس قورام تاش
    قورام تاش بولسا
    سۇ بولمايدۇ
    سۇ بولسا
    بۇلاق بولىدۇ
    قورام تاشلاردىكى بىر ئورەكتە
    بولسا پەقەت سۇنىڭلا ئۈنى
    زەھەر
    ۋە قۇرۇق چۆپلەرنىڭ ناخشىسى ئەمەس (122)
    ئەمما قورام تاشلاردا يوق سۇنىڭ ئاۋازى
    ئاققاش قۇشقاچ(123) قارىغايلىقتا ئېيتىدۇ ناخشا
    تىمتىدۇ، تىمىتىدۇ، تاس تاس تاس
    لېكىن سۇ يوق
     
    يېنىڭدا كېتىۋاتقان ئۈچىنچى ئادەم كىم؟ (124)
    سانىغىنىمدا بىللە ئىدۇق سەن ۋە مەن پەقەت
    نەزەر سالسام ئالدىدىكى ئاق رەڭلىك يولغا
    بار ھەمىشە يەنە بىر ئادەم سېنىڭ يېنىڭدا(125)
    ئاستا ماڭار ئورالغانچە قوڭۇر يەكتەككە، چۈمكەپ بېشىنى
    بىلمەيمەن ئۇ ئەرمۇ يا ئايال
    ــــــ يېنىڭدىكى ئاشۇ ئادەم كىم؟
     
    ئاسماندىكى قايسى ئۈننىڭ ئەكس ساداسى
    پىچىرلىشى ئانىلىق دەردىنىڭ
    ياغلىق چىگكەنچە، قىستىلىپ
    چەكسىز تۈزلەڭلىكتە، چۆرىدەپ ياپياڭ ئۇپۇق سىزىقىنى
    يېرىلغان زېمىندا دەلدەڭشىگەن كىشىلەر كىملەر؟
    تاغنىڭ ئۇ يېقىدىكى قايسى بىر شەھەر
    زەڭگەر كۆكتە يىرىلىپ، قايتىدىن ھاسىل بوپ يەنە يىرىلار
    قىيسىق مۇنار
    ئىروسالىم، ئافىنا، ئىسكەندەرىيە
    ۋىينا، لوندون (126)
    گىرىمسەن
     
    قارا سۇمبۇل چاچلىرىنى تارتىپ بىر ئايال،(127)
    بۇ تارلاردا چىقىرىدۇ يىنىك مۇزىكا
    بالىلارنىڭ يۈزىدە ئۆسكەن شەپەرەڭلەر سۆسۈن نۇر ئىچرە
    چىرىلدايدۇ، قانات قاقىدۇ
    ساڭگىلىتىپ بېشىنى يامىشىدۇ قاپقارا تامغا
    قىيىن كۈنگە قېلىپ قۇرۇق مۇناردا(128)
    ئۇرۇلۇپ ئەستىلىك قوڭغۇرىقىغا، چىقىرىدۇ ۋاقىت
    ۋە ئاۋاز قۇرۇقدالغان سۇ ئورىكى ۋە قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇقتىن ناخشا ئېيتىپ ئۈزلۈكسىز. (129)
     
    تاغلاردىكى قىيپاش ئۆڭكۈردە
    شالاڭ ئايدىڭدا، چىملىق
    غولىغان قەبرىدىكى ناخشىدۇر، چىركاۋ(130)
    قۇپقۇرۇق چىركاۋ، ئۆيى پەقەت بوراننىڭ.
    رۇجەكلىرى يوق ئۇنىڭ، پۇلاڭلايدۇ ئىشىكى،
    قۇرۇپ كەتكەن سۆڭەكلەر يەتكۈزەلمەس ئادەمگە زەخمەت.
    پەقەت بىرلا خوراز باردۇر ئۆگزىدە(131)
    قى قى قى قىق، قى قى قى قىق
    چاقماق چاقار زېمىندا. ئاندىن نەم ھاۋا
    ئەكىلەر يامغۇر (132)
     
    گانگى سۈيى ئازىيىدۇ(133)، مەيۈس ياپراقلار
    كۈتەر يامغۇر، قارا بۇلۇتلار
    يىغىلمايدۇ ھىماۋات تېغىغا(134).
    زوڭزىيىدۇ ئورمانلار تىمتاسلىقتا بېلىنى ئېگىپ.
    شۇندا قىلار گۈلدۇرماما گەپ(135)
    Da
    Datta: بىر بەردۇق نېمە؟
    دوستۇم، يۈرىكىمنى تىتىرىتىدۇ قان
    جۈرئىتىدۇر لەھزە ئىچرە بېغىشلاشنىڭ بۇ
    بۇ ئىھتىيات دەۋرىدە بولماس ھەرگىز قايتۇرۇۋالغىلى
    بىل موشۇنى، پەقەت موشۇنى، ياشىماقتىمىز
    تاپمىغاندۇر مۇسىبەتنامىمىزدىن باشقىلار ئۇنى
    يا ساخاۋەتلىك ئۆمۈچۈكلەر توقۇغان توردىن(136)
    يا بارمىقى ئۇزۇن ئادۋوكات چاپلىۋەتكەن پىچەتتىن(137)
    بوشاپ قالغان ئۆيىمىزدىكى
    Da
    Dyadhvam: مەن ئاڭلايمەن ئاشۇ ئاچقۇچنى(138)
    قۇلۇپ ئىچرە ئايلىنىدۇ، ئايلىنىدۇ پەقەت بىر قېتىم
    بىز ئويلايمىز ئۇشبۇ ئاچقۇچنى، تۈرمىدىكى ھەربىر ئادەم
    ئويلىماقتا ئۇشبۇ ئاچقۇچنى، ھەربىر ئادەم سولانغاندۇر بىردىن تۈرمىگە
    تۈن پەردىسى يىيىلغاندىلا، مىش- مىش پاراڭلار
    يۈرىكى سەدپارە كىرىئولانوسنى يېڭىباشتىن تۇغىدۇ بىر پەس(139)
    Da
    Damyata: خۇشال بولۇپ ئۇ كېمە(140)
    قايتۇرار ئىنكاس، يەلكەن ۋە پالاققا ماھىر شۇ قولغا
    دېڭىز جىمجىت، يۈرىكىڭمۇ خۇشال بولغانچە قايتۇرار ئىنكاس
    دۈپۈلدەپ، قوبۇل قىلغان چاغدا تەكلپىنى،
    بويسۇنغانچە ئەگىشىپ شۇ باشلامچى قولغا
     
                              ئولتۇرىمەن قىرغاقتا
    بىلىق تۇتۇپ، كەينىمدە بىپايان قاقاس تۈزلەڭلىك(141)
    ھېچ بولمىسا ئىتىزىمنى تۈزەشتۈرەيمۇ؟ (142)
     
    لوندون كۆۋرۈكى ئۆرۈلدى، ئۆرۈلدى، ئۆرۈلدى(143)
    يوشۇرىدۇ ئۆزىنى ئۇ ئەئرافتىكى ئوتلىرىغا ئۇلارنىڭ(144)
    قارلىغاچقا ئوخشارمەن قاچان، ئاھ قارلىغاچ، قارلىغاچ(145)
    ئاكۇتان شاھى مۇناردا قوبۇل قىلغان چۈشۈشىنى تەختتىن(146)
    ئىشلىتىپ بۇ ئۈزۈندىلەرنى قوللايمەن ئۆزۈمنىڭ خارابىسىنى
    شۇنداق قىلايچۇ، ساراڭ بولدى يەنە ھېرونيم (147)
    Dattd.Dayadhvam.Damyata
     
    Shantih Shantih Shantih                   (148)
    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

     
    ئىزاھاتلار:
    ① ئاپتوردىن: بۇ شېئىرنىڭ تېمىسىدىن تارتىپ لايىھەسى ۋە بەزى جايلاردا قوللىنىلغان سىمۋۇللۇق ۋاسىتىلىرىگىچە ۋىستون خانىمنىڭ مۇقەددەس قەدەھ رېۋايىتى ھەققىدىكى كىتابىدىن ئىلھام ئالدىم، بۇ كىتاب «تەزىيە مۇراسىمىدىن ئەپسانىگىچە» دۇر. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىتاب بۇ شېئىرىمدىكى چىگىش جايلارنى مېنىڭ ئىزاھاتلىرىمدىنمۇ بەكرەك يېشىپ بېرەلەيدۇ. كىمىكى بۇ شېئىرىمنى ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن دەپ قارىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇ كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن (بۇ كىتابنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق قىزىقارلىق). ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانشۇناسلىققا ئائىت يەنە بىر ئەسەردىنمۇ بەھىرلەندىم، بۇ كىتاب بىز ئەۋلاد كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى. مەن تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ كىتاب دەل «ئالتۇن شاخ». بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئادونىس، ئاتتىس، ئوسىرىس دېگەن ئىككى جىلىدىدىن ئالاھىدە پايدىلاندىم. بۇ ئەسەرلەرنى پىششىق ئوقۇغان كىشىلەر شۇھامانلا شېئىرىمدىكى بەزى جايلارنىڭ كۆپىيىش بايرىمىغا چېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ.
    تەرجىماندىن: شېئىرنىڭ ماۋزۇسى «خاراب زېمىن» ۋىستون خانىمنىڭ «تەزىيە مۇراسىمىدىن ئەپسانىگىچە» ناملىق كىتابىدىن كەلگەن. ۋىستون خانىمنىڭ بۇ كىتابىدا مۇقەددەس قەدەھ رېۋايىتى ۋە دىنىي بايراملار ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلىنغان. ئۇنىڭ 9- بابىدا بىلىقچى شاھ بىلەن خاراب زېمىننىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ھېكايىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
    بۇرۇنقى زاماندا خارابلاشقان بىر زېمىن بولۇپ، ئۇنىڭغا بىلىقچى شاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن. بىلىقچى شاھنىڭ تېنى مەجروھ ئىكەن، ئۇنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يوقىلىپ، پۈتۈن ئەل قورغاقچىلىققا دۇچار بولۇپتۇ. بۇنىڭ بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولى سىرتتىن كەلگەن بىرەر پالۋاننىڭ بوران- چاپقۇننى بويسۇندۇرۇپ، يېرىم كېچىدە خەتەرلىك مۇقەددەس قەسىردىن قارا تاۋۇت ياپقۇچنى ئېلىپ، مۇقەددەس قەدەھ (مۇقەددەس قەدەھ ياكى قان يۇقى نەيزە) نىڭ سىمۋۇللۇق مەنىسىنى ئۇقۇپ، بۇنىڭ بىلەن خاراب زېمىننى بەند قىلغان ئەپسۇننى يوقىتىپ، بىلىقچى شاھنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئەلدىكى قۇرغاقچىلىقنى تۈگىتىشى ئىكەن. بىر كۈنى سىرتتىن كەلگەن بىر پالۋان بۇنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، يېرىم كېچىدە خەتەرلىك مۇقەددەس قەسىرگە كىرىپ، شامنى ياندۇرۇپ ئەمدى تەكچىگە قويۇپ تۇرۇشىغا، ئۇشتۇمتۇت نەدىندۇر بىر يەردىن بىر قارا قول چىقىپ، شامنى ئۆچۈرۈۋېتىپتۇ- دە، كۆز ئالدىدا ئالۋاستى پەيدا بولۇپتۇ. پالۋان ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەس ئېلىشقان بولسىمۇ، تەڭ كېلەلمەي مەغلۇپ بوپتۇ. كېيىن، يۇمىلاق ئۈستەل رېتسارى پىرسىۋالمۇ بۇ يەرگە كەپتۇ. بىلىقچى شاھ ئۇنى كاتتا زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋاپتۇ. پىرسىۋال ۋەھىمىلەرنى يېڭىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر قىزچاقنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا كۆرگەنلىرىنى دەپتۇ ھەم ئۇنىڭدىن مۇقەددەس قەدەھنىڭ سىمۋۇللۇق مەنىسىنى سورىۋېلىپ، پادىشاھنى ساقايتىپ، خاراب زېمىننى مۇشەققەتتىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ.
    بۇ مۇقەددەس قەدەھ ھېكايىسى «خاراب زېمىن» دا كۆپ قېتىم ئۇچرايدۇ. ئىلئوت قەدىمكىنى بۈگۈنكىگە تەققاسلاش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندىكى ماددى مەدەنىيەتنىڭ كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئىستەكلىرىنى ئۆزىگە غەرق قىلىۋالغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئازابلىق ھېس- تۇيغۇلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىلىقچى شاھنىڭ خاراب زېمىنىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېسلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
    ② تەرجىماندىن: بۇ سۆز ئەسلىدە دانتىنىڭ فرانسىيە شائىرى ئارنۇت دانىلنى مەدھىيلەپ ئېيتقان سۆزى بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەسلىي ئىنگلىزچە نۇسقىسىدا لاتىن تىلى بىلەن بېرىلگەن. بۇ سۆزنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغاندا «ئەڭ ئۇلۇغ ھۈنەرۋەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ يەردە ئىلئوت ئىزرا پونىدنىڭ بۇ شېئىرنى تۈزەتكەنلىكى ھەم قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن دانتىنىڭ بۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن.
    ③ تەرجىماندىن: بۇ ئىپىگىراف مىلادىيە 1- ئەسىردە ياشىغان رىملىق ساتىرىك ئەسەر يازغۇچىسى پىترونىئوسنىڭ ساتىرىك ئەسىرى «ساتيرىكون» دىن ئېلىنغان. كىتابتا دوستلار ئارىسىدىكى زىياپەتلەر ۋە ئاجايىپ- غارايىپ ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. ئىپىگىرافتىكىسى تىرىمالكىئو دوستى ئەگامىمنونغا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىنىڭ بىر بۆلىكى. ھېكايىدىكى سىيبىل (كوميالىق پرىخۇن) يۇنان ئەپسانە- رېۋايەتلىرىدىكى ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدىغان ئايال بولۇپ، كوميادىكى ئايال پىرىخۇنلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى ئىدى. ئۇ ئاپوللو بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، ئاپوللو ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭغا بىشارەت بېرىش ئىقتىدارى ئاتا قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ قولىدىكى بىر چىمدىم توپا تۆكۈلۈپ كەتكىچە ياشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاپوللودىن مەڭگۈلۈك ياشلىق تەلەپ قىلىشنى ئۇنۇتۇپ قالغاچقا، تېنى كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ، جۇغى كىچىكلەپ، ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ ئارىلقىدا ياشايدۇ، لېكىن ئۆلەلمەيدۇ. ئىپىگىرافتىكى «ماڭا ئۆلۈم كېرەك» دېگەن سۆز بىلەن 30- مىسرادىكى «كۆرسىتەي ساڭا بىر چىمدىم تۇپراقتىكى تەشۋىشنى» ئوخشاش مەنىدە.
    ④ تەرجىماندىن: بۇ بۆلەكنىڭ ماۋزۇسى «ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە مۇراسىمى» ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئايىتىدىكى سۆز، ئازاب ھەم ماتەم تۈسى ئىنتايىن قويۇق بۇ ئايەتتە تىرىلدۈرۈلۈپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىشقا ئۈمىد ئىپادىلەنگەن.
    قەدىمكى مىسىر ھەم ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى خەلقلەر ھەر يىلى قىش پەسلىدە مول ھوسۇل نەزىرى ئۆتكۈزۈپ، مول ھوسۇل ئىلاھىنىڭ بۇتىنى يەرگە كۆمۈپ، دەرەخلەرگە ئېسىپ، سۇغا چۆكتۈرۈپ، ئۇنىڭ باھار كېلىشى بىلەن تەڭ كىشىلەرگە باياشاتلىق ۋە يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن، خاراب زېمىندا بىر پارچە قاقاسلىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئەسلىدىكى كۈللى شەيئىلەرگە جان كىرىدىغان تۆتىنچى ئايدا خاراب زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. قىزچاق مارى مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىققا تولغان مۇھىتتا ياشايىتتى. ئەمدىلىكتە ئۇ قورغاقچىلىق ئىچىدە يا ئۆلمەي، يا تىرىلمەي ياشايدۇ. بىشارەتچى پەقەت ئۆلگەن تۇپراقتىكى چېقىلغان ئىماگنىلا كۆرىدۇ. تارىختىكى يۈكسەك ئەقىل- پاراسەت پالچىلارنىڭ ئويۇنلىرىدىلا كۆرۈلىدۇ. شەھەر شۇ قەدەر بىمەنىلىشىپ، تېرىلغان جەسەتلەرنىڭ بىخلىنىش، بىخلانماسلىقى، زېمىنغا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىش، كەلمەسلىكىگە ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئىلئوت بۇ شېئىرنىڭ باشتىكى 20 مىسراسىدا ئىنسانىيەتنىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى ئىپادىلىگەن.
    ⑤ تەرجىماندىن: تۆتىنچى ئاي خۇشاللىققا تولغان ئاي، دەل- دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ، كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان، زېمىن تولۇپ تاشقان يېڭى ھاياتى كۈچكە مۇيەسسەر بولىدىغان مەزگىل. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئەنگلىيىلىك شائىر گىئوففىرى چارسىر مەشھۇر ئەسىرى «كانتىربۇرى ھېكايىلىرى» نىڭ كىرىش سۆزىدە تەسۋىرلىگەنگە ئوخشايدۇ. خاراب زېمىندىكى كىشىلەر بولسا بۇنداق بەختىيارلىقتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. كۈللى شەيئىلەرگە يېڭىباشتىن جان كىرىدىغان تۆتىنچى ئايدا قاقاسلىق، قاغجىراش ھۆكۈم سۈرىدۇ، كىشىلەر ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدە يا ئۆلۈك ئەمەس يا تىرىك ئەمەس پېتى تۆتىنچى ئايدىن بىر مۇدھىش پۇراقنى سېزىپ ياشايدۇ. بۇ مىسرادا ئىلئوتنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ ئايالى ۋىۋىئان ئىلئوت كېسەللىك ئاسارىتىدە روھى بىنۇرماللىققا پېتىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىلئوت پەلسەپە تەتقىقاتىنى يېرىم يولدا توختىىتپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدىن نارازى بولىدۇ، ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى ۋەھىمە جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئازابلىق كەيپىياتىنى بىلىقچى شاھنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. «خاراب زېمىن» نىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى كەيپىياتى ئەكس ئەتكەن.
    ⑥ تەرجىماندىن: «ئەسلىمە ۋە ئىستەك» ئىنتايىن مۇھىم ئىشارەت، 8- مىسرادىن 43- مىسراغىچە خاراب زېمىندىكى كىشىلەر (شائىر) نىڭ ئەسلىمىسى ۋە ئىستەكلىرىگە ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    ⑦ تەرجىماندىن: بۇ مارىنىڭ ئەسلىمىسى. مارى لارسخ گراف خانىم ئاۋستىرىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىتنىڭ جىيەنى، ئۇنىڭ ئەسلىمىسى «مېنىڭ ئۆتمۈشۈم» دە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاۋستىرىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ بايلىقى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئاجىزلاشقانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ خارابلاشقان رومانتىك تارىخى تەسۋىرلەنگەن. ۋالىرى ئىلئوتنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلئوت گراف خانىم بىلەن بىر قېتىم مۇلاقەتتە بولغان. بۇ مىسرالار ئەنە شۇ مۇلاقەت بولۇش ئاساسىدا يېزىلغان.
    ⑧ تەرجىماندىن: سىتارىنبىرىگىرىس ميونخىن يېندىكى بىر كۆل. بۇ كۆل ئىلئوتنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىدا كونىگىس دەپ ئاتالغان، كېيىن سىتارىنبىرىگىرىسقا ئۆزگەرتىلگەن.
    ⑨ تەرجىماندىن: خوفگادىننىڭ ئەسلىي مەنىسى چاھار باغ (خان جەمەتى باغچىسى)، مىيونخىن شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان. ئىچىدە ھايۋاناتلار باغچىسى ۋە قەھۋەخانا بار ئىدى، كىشىلەر ئۇ يەردە دەم ئالغاچ ئىچىملىك ئىچەتتى.
    ⑩ تەرجىماندىن: بۇ مىسرا ئەسلىي تېكىستتە گېرمانچە بېرىلگەن. ئىلئوتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تايانىچسىزلىقى ۋە ساياق ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان.
    (11) تەرجىماندىن: مارى ـــ مارى لارسخ گراف خانىمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ «مېنىڭ ئۆتمۈشۈم» ناملىق ئەسىرىدە ئېيتىلشىچە، ئۇنىڭ ئۆيى سىتانبىرىگىرىس رايونىدا ئىكەن، نەۋرە تۇققىنىنىڭ ئىسمى ئارچدوك رودولوپ ئىكەن، ئۇ ھەر يىلى قىش پەسلىدە فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى نىسقا يېقىن رىۋىرادىكى مىنتۇنغا بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇ تاغلىق رايونلارغا بارغاندىلا ئۆزىنى ئىنتايىن ئەركىن ھېس قىلىپ، ئىختىيارىنى يوقىتىپ قويىدىكەن.
    (12) ئاپتوردىن: «ئېزېكېلنامە» 2- پارە 1- ئايەتكە قاراڭ.
    تەرجىماندىن: «كونا ئەھدە. يوبنامە» 8- پارە 17- ئايەتتە «يىلتىزى چۆرىدەپ تاش دۆۋىسىنى، تاشلىق يەرگە كىرىپ كېتىدۇ» دېيىلگەن. «كونا ئەھدە. ئېزېكېلنامە» 2- پارە 1- ئايەتتە «پەرۋەردىگار ئېزېكېلغا ‹ئەي، ئادەم، ئورنۇڭدىن تۇر، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن› دېدى دېيىلگەن. «كونا ئەھدە. ئېزېكېلنامە» 37- پارە 3- ئايەتتە «پەرۋەردىگار ئېزېكېلدىن ‹ئەي ئادەم، بۇ سۆڭەكتە جان بارمۇ؟› دەپ سورىدى. ‹ئەي پەۋەردىگار، بۇنى ئۆزۈڭ بىلىسەن› دەپ جاۋاب بەردى دېيىلگەن.
    (13) ئاپتوردىن: «كونا ئەھدە. دىن تارقىتىش رىسالىسى» 12- پارە 5- ئايەتكە قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ ئايەتتە: «ئىنسان يۈكسەكلىكتىن قورقىدۇ، يوللاردا ھودۇقىدۇ، ئۈرۈكلەر چىچەكلەيدۇ، قارا چېكەتكە ئېغىر يۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئارزۇلىرىمۇ يوققا چىقىدۇ، چۈنكى ئادەم ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆيىگە قايتىپ، تەزىيە بىلدۈرگىنىچە كوچىدا ئۇياق- بۇياققا ماڭىدۇ» دېيىلگەن.
    (14) تەرجىماندىن: بۇ يەردە خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ پىشانىسىگە ئۈمىدسىزلىك ۋە سۇسىز زېمىندا ياشاشنى پۈتۈۋەتكەنلىكىگە بولغان نارازىلىق ئىپادىلەنگەن. سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، سۇ بولمىسا ھاياتلىق بولمايدۇ. بۇ مەزمۇنلار توغرىسىدا «كونا ئەھدە. دىن تارقىتىش رىسالىسى» نىڭ 12- پارە 1- ئايىتىدىن 7- ئايىتىگىچە تەپسىلىي تەسۋىرلەر بار.
    (15) تەرجىماندىن: ئىلئوتنىڭ دوستى جون خەيۋوت قىزىل تاش مۇقەددەس قەدەھتۇر، دەپ قارايدۇ. لېكىن ئىلئوتنىڭ دېمەكچى بولغىنى بۇ بولمىسا كېرەك. «كونا ئەھدە. ئىساييانامە» 32- پارە 1-، 2- ئايەتتە: «قاراپ باق، پادىشاھ ئەدلى- ئادالەت بىلەن ئىش قىلىشى لازىم. ھۆكۈمران ئۆز ھوقۇقىنى باراۋەر ھالدا تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك. ئادەم شامالدىن، بوران- چاپقۇندىن خالى خىلۋەتگاھتەك بولۇشى، دەرياغا ئوخشاش قۇرغاقلىشىپ كەتكەن جايلاردىن ئېقىشى، قۇرام تاشنىڭ زېمىندىكى چارچاپ كەتكەن سايىسىگە ئوخشىشى كېرەك» دېيىلگەن. «ئىساييانەمە» دە ئىتىقادچىلارنىنڭ خاراب زېمىندىن ئايرىلغان چاغدىكى ئېچىنىشلىق ھالىتى سۈرەتلەنگەن.
    (16) تەرجىماندىن: ماۋزۇنىڭ ئىزاھاتى (1- ئىزاھات) غا قارالسۇن.
    (17) ئاپتوردىن: ۋاگنىرنىڭ «ترىستاند ۋە ئايسولدى» ناملىق ئوپىراسىنىڭ 1- پەردە 5 ـــ 8- مىسرالىرىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: ۋاگنىرنىڭ بۇ ئوپىراسىنىڭ بىرىنچى پەردىسىدە ترىستاند بىلەن ئايسولدىنىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ ئىرلاندىيىدىن ئايرىلغان چېغىدىكى ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. يۇقىرىقى تۆت مىسرا كېمە قوزغالغان چاغدا بىر ماتروس ئوقۇغان ناخشا بولۇپ، ئۇنىڭدا بەخت ۋە ساپ مۇھەببەت كۈيلەنگەن. بۇ ناخشا ئارقىلىق شېئىردا ھەمەلگۈلقىز ئوبرازى پەيدا بولىدۇ.
    ئايسولدى ئىرلاندىيە مەلىكىسى بولۇپ، كورنىۋال شاھى مارك بىلەن چاي ئىچكۈزۈلىدۇ. ئوپىرانىڭ بىرىنچى پەردىسىدە ماركنىڭ جىيەنى تىرستاندنى ئايسولدىنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. سەپەر جەريانىدا ئىككىيلەن ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇپ، مۇھەببەتكە غەرق بولىدۇ. ئىككىنچى پەردىدە بۇ بىر جۈپ ئاشى- مەشۇقنىڭ مارك بىلەن ئايسولدى توي قىلغاندىن كېيىنكى ئۇچرىشىشى يېزىلغان. بىر كۈنى مارك شىكارغا چىققان بولۇۋېلىپ، خوتۇنى بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇقۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ جىيەنىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىشكە رايى بارماي، مالىيى مىلوتنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئۈچىنچى پەردە باشلانغاندا، تىرىستاند ئۆلۈم ئالدىدا تۇرۇپ مەشۇقىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋالماقچى بولىدۇ. ئايسولدى ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولىدۇ، تىرستاند مەشۇقىنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزىدۇ. بۇ چاغدا مارك پەيدا بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن كېچىدۇ، لېكىن ئايسولدى شۇ كۈنى كەچتە مۇھەببەت ناخشىسى ئىچىدە تىرىستاندنىڭ جەسىدىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ.
    (18) تەرجىماندىن: ھەمەلگۈل بىر گۈلنىڭ ئىسمى. يۇنان ئەپسانىلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ گۈل ھىياسىنزوسنىڭ قېنى تۆكۈلگەن جايدىن ئۈنگەنىكەن. ھىياسىنزوس سىپارتاغا يېقىن ئامىكلىنىڭ شاھزادىسى بولۇپ، تەقى- تۇرقى ئىنتايىن قاملاشقانىدى. ئاپوللو ئۇنىڭغا ئاشىق- بىقارار بولىدۇ. بىر كۈنى ئاپوللو ئۆزىنىڭ سالغىسىنى ئويناپ كېتىۋېتىپ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى يارىلاندۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭ يارىلانغان يېرىدىن قان چىقىپ، قان تۆكۈلگەن يەردىن بۇ گۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ. يۇنانلىقلار ئامىكلىدا ئۇنىڭغا قەبرە قاتۇرۇپ، ھەر يىلى 5- ئاي مەزگىلىدە ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزر بېرىدۇ. ھەمەلگۈل كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ سىمۋۇلى قىلىنىپ، تېرىلىش بايرىمىنىڭ تىمسالى سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىدۇ. كېيىن بۇ بايرام قەدىمكى مەمۇرچىلىق بايراملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. (فرازىرنىڭ «ئالتۇن شاخ» ناملىق ئەسىرىنىڭ «ھەمەلگۈل» قىسمىغا قارالسۇن)
    ئىلئوتنىڭ فرانسوزچە شېئىرى «رېستوراندا» دا «مەن ئۇچاغدا يەتتە ياش ئىدىم، كىچىك ئىدى ئۇ مەندىن. بەدەنلىرى ھۆل ئىدى، بەرگەنىدىم نىلوپەر» دېگەن مىسرالار بار. ئىلئوت ھەمەلگۈل بىلەن نىلوپەرنى باھارغا سىمۋۇل قىلىدۇ.
    (19) تەرجىماندىن: ۋاگنىرنىڭ مىسراسىغا ماس بولغىنى، بۇ شېئىردىكى بايانچىنىڭ خاراب زېمىندا ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا ياشىغان بولسىمۇ، ياشلىق دەۋرىنى قەدىرلىگەنلىكىدىن ئىبارەت ئەسلىمىسىدۇر. ئىلئوت بۇ يەردە گۈزەل ئوبرازلار بىلەن شەھەردىكى ساياق تۇرمۇشنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ پەقەت ئۆتمۈشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكى، مەغلۇبىيەت تەجرىبىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    (20) ئاپتوردىن: «تىرىستاند ۋە ئايسولدى» نىڭ 3- پەردە 24- مىسراسىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: تىرىستاند ئايسولدى بىلەن خۇپىيانە كۆرۈشۈۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ يارىلىنىپ، ئۆيىگە قايتىپ، ئايسولدىنىڭ يارىسىنى ساقايتىپ قويۇشىنى كۈتىدۇ، ئۇنىڭ چاكىرى ئۇنىڭ ئورنىدا دېڭىز بويىغا بېرىپ، ئايسولدىنىڭ كېمىسىنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، بىراق، ھىچقانداق شەپىنى بايقىماي، قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: «قاقاس، قۇرۇق ئىكەن ئۇ دېڭىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
    (21) تەرجىماندىن: «سوسوستىرىس» دېگەن بۇ ئىسىم ئالدوس ھىكسىلنىڭ «ئاليومىن سىرىقى» ناملىق ئەسىرىدىكى «سوسوستىرىس» دېگەن ئىسىمدىن كەلگەن. ئۇنىڭدا سكوگان ئىسىملىك بىر ئەر پالچى سىگان سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئۆزىنى سوسوستىرىس دەپ ئاتاپ، چىدىرىنىڭ سىرتىغا ۋىۋىسكا ئېسىۋالىدۇ. ئەرنىڭ ئايالچە ياسىنىۋېلىشى بىلەن ئىلئوتنىڭ شېئرىدىكى ئىككى ياقىلىما مەنىنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. «مەن» خاراب زېمىندا ھېچنەرسىنى كۆرەلمەيدۇ. ئەۋلىيالارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولامدۇ؟ دەل موشۇ يەرگە كەلگەندە شېئىردا بۇرۇلۇش بولىدۇ.
    (22) ئاپتوردىن: مەن تاروت قارتىنىڭ تۈزۈلۈشىنى پىششىق بىلمەيمەن، لېكىن ئۇنى تىلغا ئالغىنىمنى مۇۋاپىق بولدى دەپ قارايمەن. رېۋايەت قىلىنىشىچە، قارتنىڭ بىرى «دارغا ئېسىلغان ئادەم» ئىكەن، ئۇ ئىككى جەھەتتىن مېنىڭ ئىشلىتىشىمگە باب كېلىدۇ: مېنىڭ ئېڭىمدا ئۇ فرازىرنىڭ «ئالتۇن شاخ» دېگەن ئەسىرىدىكى «دارغا ئېسىلغان ئىلاھ» قا باغلىنىشلىق، بەشىنچى بۆلەكتە مەن ئۇنى يەنە مۇرىتلار ئىموسىغا بارغۇچە ئۇچراتقان يەكتەك كېيىۋالغان ھېلىقى ئادەم (ئىسا) غا باغلىدىم، پىنىكىلىق ماتروس بىلەن سودىگەر كېيىنراق مەيدانغا چىقىدۇ؛ يەنە «توپلىشىۋالغان ئادەملەر» ۋە تۆتىنچى بۆلەكتىكى «سۇدىكى ئۆلۈم» مۇ بار. «ئۈچ ھاسىلىق ئادەم» (تاروت قارتىدىكى بىر ئادەم) نى مەن يەنىلا بىلىقچى شاھقا باغلىنىشلىق دەپ قارايمەن.
    تەرجىماندىن: بۇ خىل قارت قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش- پەسىيىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىشىدە ئىشلىتىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. بۇ قارت 78 تال بولۇپ، چوڭ ئىشلارنىڭ تىلسىمى ۋە كىچىك ئىشلارنىڭ تىلسىمى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. كىچىك ئىشلارنىڭ تىلسىمىنى بىلدۈرىدىغان 56 قارتنىڭ ئوينىلىشى ھازىرقى قارتنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. قىزىل، سىرىق، يىشىل، قارىدىن ئىبارەت تۆت رەڭدىن تەركىپ تاپقان، تۆت گورۇپپىغا بۆلۈنگەنىكەن، ھەر بىر گورۇپپا 14 قاتتىن تۈزۈلگەنىكەن. چوڭ ئىشلارنىڭ تىلسىمى قىسمى 22 قارتتىن تۈزۈلگەن، ئايرىم- ئايرىم ھالدا تەقدىردىن پال ئېچىش ۋە سىمۋۇللۇق مەنىلەرگە ئىگە بولغان. ۋىستون خانىم «تەزىيە مۇراسىمىدىن ئەپسانىگىچە» ناملىق ئەسىرىدە تاروت قارتىنىڭ مەنبەسىنى تىلغا ئېلىپ، تۆت گورۇپپا كىچىك ئىشلارنىڭ تىلسىمى بىلەن مۇقەددەس قەدەھ سىمۋۇلىنىڭ ئوخشاش جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ دەلىلىشىچە، قەدەھ ھەم بەش بۇرجەك ئاياللىق جىنسىي ئىقتىدارىغا، نەيزە بىلەن شەمشەر ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
    (23) تەرجىماندىن: پىنىكىلار قەدىمكى ئوتتۇرا دېڭىزدا ماتروسلۇق قىلغان ۋە سودا بىلەن شۇغۇللانغان بىر قوۋم.
    (24) تەرجىماندىن: بۇ شىكىسپىرنىڭ «بوران- چاپقۇن» ناملىق دراممىسىنىڭ 1- پەردە 2- كۆرۈنۈشىدىكى ئارلنىڭ ناخشىسى بولۇپ، ئەسلىي تېكستى مۇنداق:
    سۇنىڭ تەكتىدە ياتىدۇ ئاتاڭ،
    جەسەتلىرى بوپ كەتتى مارجان.
    مەرۋايىتتەك چاقنار كۆزلىرى،
    ئۇ تېنىدىن يوقاتقانلارنىڭ
    بىرىمۇ ئۆزگەرمەي دېڭىز سۈيىدە،
    ئايلاندى ئاجايىپ ئېسىل گۆھەرگە.
    دېڭىز پەرىسى چالار ماتەم قوڭغۇرىقىنى
    تاك! تاك! قىلىپ
    ئاڭلا! ئاڭلىماقتىمىز ماتەم قوڭغۇرىقىنى!
    (25) تەرجىماندىن: «بىللادوننا» ئىتالىيان تىلىدا «ساھىبجامال» دېگەن مەنىدە ئىكەن، ئۇ يەنە «زەھەرلىك گۈل» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدىكەن. ئىلئوت ئۇنى «قۇرام تاشنىڭ خوتۇنى» دېيىشتە داۋنچىنىڭ «قۇرام تاشنىڭ خوتۇنى» دېگەن رەسىمىگە تەقلىد قىلغان.
    (26) تەرجىماندىن: بۇ بۇددا دىنىدىكى ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇش تەلىماتىنى كۆرسىتىدۇ.
    (27) تەرجىماندىن: ئۈچىنچى بۆلەكتىكى سميرنالىق سودىگەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قارت سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن پىنىكىلىق ماتروسنىڭ قارتىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تارود قارتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئەمەس. 1979- يىلى نەشر قىلىنغان «نوتۇن ئامېرىكا ئەدەبىياتى تاللانمىلىرى» دىكى دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا، موشۇنداق قارت بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر سودىگەرنىڭ رەسىمى سىزىلغانىكەن، يەنە بىر يۈزىگە سىزىلغان ئەرلىك جىنسىي ئەزاسى مىسىر ئىلاھى ئوسرىسنىڭ تىرىلىشىگە باغلىنىشلىق ئىكەن.
    (28) تەرجىماندىن: تارود قارتىدا ئاق قارتلارمۇ بولغان، ئۇلار غەيرىي بىشارەتلەر سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. بۇ يەردە سوسوستىرىس ئاغىچىنىڭ ئىلاھى كۈچىنىڭ چاغلىق ئىكەنلىكى، ئاق قارت ئارقىلىق ئىلاھى سىرلارنىڭ تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
    (29) تەرجىماندىن: 22- ئىزاھاتقا قارالسۇن.
    (30) تەرجىماندىن: يۇنانلىقلار روھنىڭ ئوتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەچكە، سۇغا چۆكۈپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورققان.
    (31) تەرجىماندىن: بۇ پال سالغاندا ئىشلىتىلىدىغان خەرىتە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇغۇلغان بۇرجلىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
    (32) ئاپتوردىن: بودىلېرنىڭ «يەتتە بوۋاي» ناملىق شېئىرىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بودىلېرنىڭ «رەزىللىك گۈللىرى» ناملىق توپلىمىدىكى بۇ شېئىرىدا مۇنداق مىسرالار بار:
    «قىستاڭ شەھەر ـــ غەپلەت بىلەن لىق تولغان، ئۇندا
    ئۆتكەنلەرنى كېچە- كۈندۈز توۋلار ئەۋراھلار.»
    (33) تەرجىماندىن: «لوندون كۆۋرۈكى» لوندونغا بارىدىغان كۆۋرۈك، بۇ يەردە پانىي دۇنيا مەنىسىدە ئىشتىلگەن. «ئادەملەر» لوندون كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ئىشقا بارىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    (34) ئاپتوردىن: «دوزاخ» 3- پاراگراف 55- 57- مىسرالارغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: دانتى «ئىلاھى كومىدىيە. دوزاخ» نىڭ 3- پاراگراف 55- 57- مىسرالىرىدا دوزاختىكى ئەرۋاھلارنى مۇنداق سۈرەتلىگەن:
     «ئۇشبۇ قاتار شۇ قەدەر ئۇزۇن،
    ئويلىماپتىمەن،
     ئۆلۈم گۇمران قىپتۇ شۇنچە ئادەمنى»
    (35) ئاپتوردىن: «دوزاخ» نىڭ 4- پاراگراف 25- 27- مىسرالىرىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: «ئىلاھىي كومىدىيە. دوزاخ» نىڭ 4- پاراگراف 25- 27- مىسرالىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:
    «ھۆكۈم قىلساڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ، يوق ئۇنىڭدا
    ئۆزگىچە ئازاب، ئۇندا باردۇر خۇرسىنىش پەقەت،
    مەڭگۈلۈك ھاۋانى تىتىرىتىپ تۇرغان»
    (36) تەرجىماندىن: بۇ لوندوننىڭ پۇل- مۇئامىلە رايونىدىكى ۋىللىيام كوچىسىغا جايلاشقان چىركاۋ.
    ئىزرا پوند ئىلئوتنىڭ بۇ مىسراسىدا ۋىللىئام بىلاكچە پۇراق كۈچلۈك، دەپ قارىغان.
    (37) ئاپتوردىن: بۇ مەن دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر ھادىسە.
    تەرجىماندىن: 9- قېتىم داڭ ئۇرغان ۋاقىت ئىسانىڭ ئۆلگەن ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. «ئىنجىل» دا ئۇ «توققۇزىنچى جىسەك» دېيىلگەن. ھازىرقى ۋاقىتقا سۇندۇرغاندا چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچكە توغرا كېلىدۇ. «يېڭى ئەھدە. ماتتې خاتىرىلىگەن خۇشخەۋەرلەر» 27- پارە 46- ئايەتتە: «دېيىشكەن ۋاقىت كەلدى (توققۇزىنچى جىسەك بولدى)، ئىسا يۇقىرى ئاۋازدا ئاھ ئۇرۇپ: ‹يىلى، يىلى! لاماساباگدانى› دەپ ۋارقىرىدى- دە: ‹ئىھ پەرۋەردىگار، نېمىشقا مېنى تاشلىۋېتىسەن؟› دېدى» دېيىلگەن. 27- پارە 50- ئايەتتە: «ئىسا يەنە ۋارقىرىدى، تىنىقى ئۈزۈلدى» دېيىلگەن.
    ئىلئوت بۇ يەردە بۇنى ئۆلۈمنىڭ ئاۋازىغا سىمۋۇل قىلغان.
    (38) تەرجىماندىن: سىتەتسوننىڭ زادى كىملىكى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار بار، بەزى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، سىتەتسون ھەرقانداق بىر ئاددى سودىگەرنى كۆرسىتىدىكەن. يەنە بەزىلەر ئۇ كەڭ گىرۋەكلىك شىلەپە ۋە ئۇنى كېيگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشكەن. بەزى ئوبزورچىلارنىڭ قارىشىچە، سىتەتسون ئىلئوتنىڭ دوستى جون كوئىننى كۆرسىتىدىكەن.
    (39) تەرجىماندىن: بۇ رىم بىلەن كاتەرك ئوتتۇرىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق جەڭ مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ. رىم بىلەن كاتەرك ئوتتۇرىسىدا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 264- يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 146- يىلىغىچە جەمئى ئۈچ قېتىم ئۇرۇش بولغان. ئەڭ ئاخىرى كاتەرك ھالاك بولغان. بۇ ئۇرۇش ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەۋەبىدىن قوزغالغانىدى. ئۇرۇشنىڭ بۇ سەۋەبى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىگە ئوخشايدۇ. بۇ مىسرادىكى ئۇچرىشىپ قالغۇچىلار بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا سەپداشلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ مىسرالارغا ئىلئوتنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى سىڭىپ كەتكەن.
    (40) تەرجىماندىن: بۇ يەردە ئىنتايىن كۈچلۈك كىنايە بار. ئىلئوت بۇنى تەمسىل قىلىش ئارقىلىق، شېئىرىغا چەكسىز ۋاقىت تۇيغۇسى بەرمەكچى بولغان. بۇ ئىپتىدائىي دىنىي كۆپىيىش مۇراسىملىرىغا باغلىنىشلىق، دەپ قارىلىدۇ. بۇ يەردە ئۇ قايتا تىرىلىشقا ئىما قىلىنغان.
    (41) ئاپتوردىن: ۋىبىستىر (1580 ــــ 1625) نىڭ «ئاق ئالۋاستى» ناملىق دراممىىسىدىكى مەرسىيىگە قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ مەرسىيىدە:
    «بۆرىلەرنى قوغلاڭلار يىراق،
    دۈشمىندىن ئۇلار ئىنساننىڭ،
    تىرنىقىدا ئېچىۋېتەر بولمىسا» دېيىلگەن
    ئىلئوت بۇ يەردە «بۆرە» دېگەن سۆزنى «ئىت» قا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ دوستلۇقىنى مەسخىرە قىلغان.
    (42) ئاپتوردىن: بودىلېرنىڭ «رەزىللىك گۈللىرى» ناملىق توپلىمىدىكى «ئوقۇرمەنلەرگە» ناملىق شېئىرىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: ئىلئوت نەقىل ئالغان بۇ مىسرا بودىلېرنىڭ «ئوقۇرمەنلەرگە» ناملىق شېئىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسى. بۇنىڭدا رايسىزلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەبىھ قىلمىشى، ئۇنى ئوقۇرمەنلەر پىششىق بىلىدۇ، دېيىلگەن.
    (43) تەرجىماندىن: بۇ بۆلەكنىڭ ئەسلىي ماۋزۇسى «قەپەستە» بولۇپ، ۋالىرى ئىلئوتنىڭ قارىشىچە، ئىلئوتنىڭ بۇ ماۋزۇسى پىترونىئوسنىڭ ساترىك ھېكايىسىدىكى كۇميالىق ئايال پىرىخۇن (سىيبىل) سيۇژېتىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا پرىنىستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لىتزنىڭ قارىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. لىتزنىڭ قارىشىچە، ئىلئوت 1921- 1922- يىللاردىكى ئەسەرلىرىدە ئامېرىكىلىق يازغۇچى ھىنرى جامىسنىڭ تەسىرىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۇچرىغانىكەن. «قەپەستە» دېگەن سۆز جامىسنىڭ بىر ھېكايىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ھېكايىدە بىر تىلگىرامما خادىمى ئايالنىڭ ئۆمۈر بويى سىم تور بىلەن قورشالغان ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ، ئۇ يەر- بۇيەردىن كەلگەن تىلگراممىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى، قىمارخانىلاردا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلەلەيدىغانلىقى، لېكىن ھەرقانداق خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ئايالنىڭ ئىسمى تىرېسىئاس بولۇپ، ھەممىنى ئالدىن بىلەلەيدۇ، قوبۇل قىلالايدۇ، لېكىن ھېچقانداق خەتەرنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئىلئوت كېيىن بۇ بۆلەكنىڭ ماۋزۇسىنى «شاھمات ئويناش» دەپ ئۆزگەرتكەن. بۇ ماۋزۇ ئەنگلىيىنىڭ 17- ئەسىردىكى درامماتروگى توماس مىدلېتوننىڭ «شاھمات ئويناش» ۋە «ئاياللار ئاياللاردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ» دېگەن ئىككى دراممىسىدىن كەلگەن. ئالدىنقىسىدا ئەينىي چاغدا ئەنگلىيىدە مودا بولغان كاتولىك دىنى ۋە ئىسپانىيىگە قارشى كەيپىيات ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كېيىنكىسىدە، شاھماتنى قالقان قىلىپ قىلىنغان نۇمۇسىغا تېگىش ھەققىدىكى ھېكايە بايان قىلىنغان. بۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: گراف بىئانسانى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىيلە ئويلاپ، بىئانسانىڭ قېينانىسىنى قوشنىسىنىڭكىگە چىقىپ شاھمات ئويناشقا چاقىرىدۇ ھەم ياندىكى ئۆيدە ئوغرىلىقچە بىئانسا بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىككىيلەن شاھماتقا تازا بېرىلىپ كەتكەندە، گراف بىئانسانىڭ نۇمۇسىغا تېگىدۇ.
    (44) ئاپتوردىن: «ئانتوني ۋە كىلېئوپاترا» نىڭ 2- پەردە 2- كۆرۈنۈش 190- مىسراسىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ ئېنوبابوسنىڭ ئاگرىپاغا ئۆزىنىڭ كىلېئوپاترا ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغاندا ئېيتقان سۆزى بولۇپ، ئەسلىي تېكىستى مۇنداق:
    «ئۇ چىققان كېمە، سەلتەنەتلىك تەختكە ئوخشاش
    نۇر چاچىدۇ سۇنىڭ ئۈستىدە، گەۋدىسى ياسالغان ئالتۇن ياپراقتىن.
    ........»
    (45) تەرجىماندىن: كۇپىدۇن ـــــ مۇھەببەت ئىلاھىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى، ئۇ يەنە ئامۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    (46) تەرجىماندىن: «يېڭى ئەھدە. ۋەھىينامە» 1- پارە 12- 18- ئايەتلەردە يوھان كىچىك ئاسىيا (ئەينىي چاغدا رىمنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان، بۈگۈنكى تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە رايونى) دىكى يەتتە دىنى جەمئىيەتكە يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ خىرىستوسنىڭ تىرىلگەن ھالىتىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
    «مەن كىم ماڭا گەپ قىلىۋاتىدىكىن دەپ بۇرۇلۇپ قارىدىم، كۆرگىنىم يەتتە تال ئالتۇن چىراغپاي بولدى؛ چىراغپايلارنىڭ ئارىسىدا يەكتەك كىيىۋالغان بىر ئادەم باردەك قىلاتتى، ئۇ ماڭا يىقىنلاپ كەلدى، قارىسام مەيدىسىگە ئالتۇن لىنتا چىگىۋاپتۇ. ئۇنىڭ چاچلىرى ئاپئاق بولۇپ خۇددى قوي يۇڭىغا، قارغا ئوخشايىتتى؛ كۆزلىرى گويا يالقۇن ئىدى؛ پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلانغان مىسقا ئوخشايىتتى؛ ئاۋازى سۇنىڭ شىلدىرلىشىغا ئوخشايىتتى. ئۇ سول قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى كۆتۈرۈۋاپتۇ؛ ئېغىزىدىن بىر جۈپ ئۆتكۈر شەمشەر چىقتى؛ چىرايى كۈندۈزدەك يورۇدى. مەن بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئالدىغا خۇددى ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ سول قولىدا مېنى خاتىرجەم قىلىپ قورقما، مەن تۇنجىسى، مەن ئەڭ ئاخىرقىسى، ھەم تىرىكى؛ مەن ئۆلگەن، ھازىر يەنە تىرىلدىم، ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇپ ئەبەدىي ياشايمەن، دېدى»
    بۇ يەردىكى «يەتتە ئاچىلىق شامدان» يۇقىرىقى يەتتە چىراغپايدىن ئۆزگەرتىلگەن.
    (47) تەرجىماندىن: بۇ مىسرا ۋە كېيىنكى تۆت مىسرادا نامەلۇم بىر ئايالنىڭ گىرىم ئىشكابى تەسۋىرلەنگەن، بۇ ئەنگلىيىلىك شائىر ئالىكساندىر پوپېنىڭ «سۇمبۇل چاچنىڭ بالاسى» ناملىق ئەسىرىدىكى بىلىندانىڭ گىرىم ئىشكاپى ھەققىدىكى بۆلەك (1- باب 121ـــ 138- مىسرالار) گە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
    (48) ئاپتوردىن: «ئېنېد» («قەھرىمانلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش شەجەرىسى») نىڭ 1- جىلد 726- مىسراسىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: «ئېنېد» رىم شائىرى ۋىرگىلنىڭ ئىپوسى. ئۇنىڭدا تىرويا شاھزادىسى ئېنېئاسنىڭ كارتاگى ئايال پادىشاھى دىدو بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. ئىلئوت تىلغا ئالغان بۇ مىسرالاردا دىدونىڭ ئىنېئاسنى تەنتەنىلىك قارشى ئالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن، ئىلئوت بۇنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلغان. ۋېرگىلنىڭ بۇمىسرالىرى مۇنداق ئىدى:
    يورۇق چىراقلار قىلىن تاختايلىق ئالتۇن ئۆگزە ئاستىدا،
    ئوت يالقۇنى چېچىلىدۇ قاراڭغۇ تۈنگە.
    (49) تەرجىماندىن: يېشىل رەڭ پاھىشىۋازلىقنىڭ سىمۋۇلى، قوڭۇررەڭ نىكاھنىڭ سىمۋۇلى.
    (50) ئاپتوردىن: مىلتوننىڭ «جەننەتتىن قوغلىنىش» دېگەن ئەسىرىنىڭ 4- جىلد 140- مىسراسىغا قاراڭ.
    مىلتوننىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ 131 ــــ 142- مىسرالىرىدا شەيتاننىڭ تۇنجى قېتىم جەننەتنى كۆرگەن چاغدىكى تەسىراتلىرى تەسۋىرلەنگەن.
    (51) ئاپتوردىن: ئوۋىدنىڭ «ئۆزگىرىپ كېتىش» ناملىق ئەسىرىنىڭ 6- جىلىدىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: قەدىمكى رىم شائىرى ئوۋىدنىڭ بۇ ئەسىرىدە يۇنان ئەپسانىلىرىدە خاتىرىلەنگەن پىيلومىلنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەققىدىكى ھېكايە شېئىرلاشتۇرۇپ بايان قىلىنغان. ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: سىرىس پادىشاھى تېرىئۇسنىڭ خوتۇنى پروكنىنىڭ پىيلومىل ئىسىملىك سىڭلىسى بولۇپ، ئاتىسى پادىشاھ پاندىئون بىلەن بىللە ئافىناغا بارىدۇ. پروكنى ئۆيىدىكىلىرىدىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغاچقا، سىڭلىسىنى سىرىستا بىللە تۇرۇشقا ئېلىپ قالماقچى بولىدۇ. ئىرى بۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولۇپ قارشى ئالغىلى بارىدۇ، ئۇ پىليومىلنىڭ گۈزەل ھۆسىن جامالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ، سەپەردە ئۇ خوتۇنۇم ئۆلۈپ كەتتى دەپ گەپ توقۇپ، پىيلومىلغا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي پىيلومىل ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ قېلىپ تىرىئوس بىلەن تاكارلىشىپ قالىدۇ، تىرىئوسقا بۇنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، پىيلومىلنىڭ تىلىنى كېسىۋېتىپ، زىندانغا تاشلايدۇ. ئاندىن ئوردىغا قايتىپ، خوتۇنىغا پىيلومىل سەپەردە ئۆلۈپ كەتتى دەيدۇ. بىر يىلدىن كېيىن پىيلومىل بۇ ئىشلارنى بىر قول ياغلىققا كەشتىلەپ، قىرى گۇندىپاي ئارقىلىق ئوردىغا كىرگۈزۈپ، خانىشقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. پروكنى بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، تېرىئوسنىڭ ئوغلى ئىتىسنى ئۆلتۈرۈپ، قىساس ئېلىپ، سىڭلىسى بىللە قاچىدۇ. تېرىئاس بۇ ئەھۋالنى بىلىپ قېلىپ، ئىككىسىنى قوغلاپ ئەمدى يېتىشىۋالاي دېگەندە، ئىلاھلار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، پروكنىنى قارلىغاچقا، پىيلومىلنى بۇلبۇلغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ، تىرىئاسنى بولسا بەتبەشىرە، ئېغىزى يوغان قارچۇغىغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. ئىلئوت بۇ ھېكايىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بىيتماقچى بولغان.
    (52) ئاپتوردىن: بۇ شېئىرنىڭ 3- بۆلەك 204- مىسراسىغا قاراڭ.
    (53) تەرجىماندىن: «جوگ» (Jug) ـــ ئەنگلىيىنىڭ ئىلزابىت دەۋرىدىكى شېئىرلىرىدا دائىم بۇ سۆز بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىل قىلىنىپ ئېلىنغان. ئىلئوت ئىشلەتكەن بۇ سۆز جون لىلىنىڭ «ئالىكساندىر ۋە كامپاسپى» (1584- يىلى) ناملىق دراممىسىدىكى بىر ناخشىدىن ئېلىنغان.
    (54) تەرجىماندىن: «ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى» بۇ بىر ئايالنىڭ چاچ تەسۋىرى بولۇپ، ئادەمگە يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى مىدۇسانى ئەسلىتىدۇ. مىدۇسا ئۈچ غەلىتە ئايالنىڭ بىرى بولۇپ، چىرايى پەتبەشىرە، چاچلىرى يىلاندەك، ئۇنىڭغا قارىغان ئادەم تاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    (55) تەرجىماندىن: «گويا خەتلەر كۆيۈۋاتقاندەك» دېگەن بۇ مىسرا دانتىنىڭ «ئىلاھى كومىدىيە. دوزاخ» تىن ئېلىنغان. بۇنىڭدا ئادەمنىڭ دوزاختا بىر كاللەك ئوت ئىكەنلىكى، گەپ قىلالمايدىغانلىقى، پەقەت ئوت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان خەتلەرنى چىقىرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ يەردە شائىر تەسۋىرلىنىۋاتقان ئايالنىڭ جىددىيلەشكەن ھالىتى، تەلپۈنۈشىنى شۇنىڭغا ئوخشاتقان. ئۇنىڭ قەلبىدە گەرچە قىزغىن مۇھەببەت قايناپ تاشقان بولسىمۇ، لېكىن، جىمغۇر قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.
    (56) تەرجىماندىن: ئىزرا پوندنىڭ قارىشىچە، بۇ مىسرادا ئىلئوت خانىم تەسۋىرلەنگەنىكەن. ئىلئوت خانىم روھى كېسەل، ئۇيقۇسىزلىق ۋە شەقىقىگە گىرىپتار بولۇپ، دائىم جىددىيلىشىپ، تىنىچلانمايدىكەن. بۇ جايدا يېزىلغىنى ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
    (57) ئاپتوردىن: موشۇ شېئىرنىڭ 3- بۆلەك 195- مىسراسىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: «چاشقان ئۇۋىسى» «قەبرە» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. «كونا ئەھدە. ئېزېكېلنامە» 6- پارە 1 ـــ 7- ئايەتتە ئېزېكېلنىڭ بۇتقا چوقۇنىدىغان ئىسرائىللارغا ئۇلارنىڭ جازالىندىغانلىقى، يەھۋەنىڭ ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى نەزىر سۇپىسىنىڭ ئەتراپىغا چېچىۋېتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. ئىلئوتنىڭ بۇ مىسراسى ۋە 3- بۆلەك 195- مىسرانىڭ بۇنىڭ بىلەن باغلىنىشى بار.
    (58) ئاپتوردىن: ۋېبستېرنىڭ «شامال يەنە ئىشىك ئىچىدىمۇ؟» دېگەن مىسراسىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ مىسرا ئەنگلىيىلىك درامماتروگ ۋېبستېرنىڭ «ئالۋاستىنىڭ چىگىش دىلوسى» ناملىق دراممىسىنىڭ 3- پەردە 2- كۆرۈنۈش 162- مىسراسىدىن ئېلىنغان. ئەسلىي مەنىسى «ئۇ تېخىچە ھاياتمۇ؟». دراممىدا ئەمچى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر قۇربانلىقنىڭ تېخىچە نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇ سوئالنى سورايدۇ. ئۇ جاۋابەن: «ھىچ ئىش يوق، ماڭا ھېچنىمە بولمىدى» دەيدۇ.
    (59) تەرجىماندىن: «كونا ئەھدە. دىن تارقىتىش رىسالىسى» 1- پارە 9 ـــ 11- ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
    «بۇرۇن بولغان ئىشلار كېيىن يەنە بولىدۇ. قۇياش نۇرى ئاستىدا يېڭى ئىش بولمايدۇ. نەدىمۇ بىرەر ئىشنى ئادەم بۇ يېڭى دەپ كۆرسىتەلىسۇن، ئۇنىڭ بىزدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بارلىقىنى بىلەلىسۇن. ئىلگىرىكى دەۋرلەر ھېچكىمنىڭ ئېسىدە يوق، كېيىنكى دەۋرلەرمۇ ھېچكىمنىڭ ئېسىدە بولمايدۇ»
    دىن تارقاتقۇچىلار كۇللى شەيئىلەر قۇپقۇرق دەپ قارايدۇ. خاراب زېمىندا ياشايدىغان كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق، چۈنكى، ئۇ يەردە ھاياتلىق ئۆزىنىڭ مەنسىنى يوقاتقان.
    (60) تەرجىماندىن: شىكىسپىرنىڭ «بوران- چاپقۇن» ناملىق دراممىسىدىكى ئەلىرنىڭ ناخشىسى.
    (61) تەرجىماندىن: «ئو ئو ئو ئو» بۇ ھەسرەت چەككەن ئاۋاز بولۇپ، شىكىسپىرنىڭ تراگدىيىسىدە ئىككى قېتىم كۆرۈلىدۇ: بىرى، «ئوتېللو» دا ئوتېللو خوتۇنى دېسدېمونانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ھەسرەت چېكىپ شۇنداق دەيدۇ. (بەشىنچى پەردە ئىككىنچى كۆرۈنۈش 199- مىسرا) يەنە بىرى، «پادىشاھ لىر» دا لىر سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن چۆلدە يۈرۈپ موشۇنداق ئاھ ئۇرىدۇ. (ئۈچىنچى پەردە 2- كۆرۈنۈش 24- مىسرا)
    (62) تەرجىماندىن: شىكىسپىرچە راگ ناخشا ئىسمى بولۇپ، 1912- يىللاردا ئىلئوت ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە مودا بولغان ناخشا، مۇزىكىسنى داۋى ستەمپېر ئىشلىگەن، تېكىستىنى ھېرمان رۇبي يازغان.
    (63) ئاپتوردىن: مىدلېتوننىڭ «ئاياللار ئاياللاردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ» دېگەن ئەسىرىدىكى شاھمات ئوينايدىغان ۋەقەلىككە قارالسۇن.
    تەرجىماندىن: بۇ مىدلېتوننىڭ «ئاياللار ئاياللاردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ» ناملىق دراممىسىنىڭ 2- پەردە 2- كۆرۈنۈش 332 ــ 400- مىسرالىرىدا بايان قىلىنغان. بۇ شېئىرنىڭ 2- بۆلىكىنىڭ ماۋزۇسى «شاھمات ئويناش» مۇ موشۇنىڭدىن كەلگەن. نەقىل كەلتۈرۈلگەن بۇ بۆلەكتە بەش پىرسىناژنىڭ دىئالوگى بار. ئۇنىڭدا لېئانتىئونىڭ ئانىسى لىۋىئا بىلەن شاھمات ئوينايدۇ، لېئانتىئونىڭ كېلىنى بىئانسا گۇاندىئانونىڭ چاقىرىشى بىلەن يەنە بىر ئۆيدە ئۇچرىشىپ، گرافنىڭ باسقۇنچلىقىغا ئۇچرايدۇ. «بۇ يەردىكى شاھمات ئوينايلى» دېگەن سۆزنىڭ يەنە «جىنسىي مۇناسىۋەت قىلايلى» دېگەن مەنىسىمۇ بار.
    (64) تەرجىماندىن: بۇ يەردىكى ھەربىيلىكتىن چېكىنىش بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چېكىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىلئوتنىڭ كېيىن دېيىشىچە، بۇ بۆلەكتىكى ھېكايىنى ئۇلارنىڭ ئايال خىزمەتچىسى سۆزلەپ بەرگەنىكەن.
    (65) تەرجىماندىن: بۇ ئەنگلىيىنىڭ مىھمانسارايلىرىدىكى كۈتكۈچىلەر ئىشىك تاقاشتىن ئىلگىرى دەيدىغان سۆز. ئىلئوت بۇ شېئىردا بۇ سۆزنى قايتا- قايتا تەكرارلاش ئارقىلىق بىر خىل جىددىيچىلىككە سىمۋۇل قىلىنغان.
    (66) تەرجىماندىن: ئىلئوتنىڭ ئىيتىشىچە، بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئايال خىزمەتچىسى ئېللىن كېللونىدقا دېگەنىكەن.
    (67) بۇ شىكىسپىرنىڭ «ھاملېت» ناملىق تراگدىيىسىنىڭ 4- پەردە 5- كۆرۈنۈشىدىكى سۆز. ئوپھېلىئا ئاتىسى پولونىئۇس ئۆلۈپ كەتكەندە ئازابلىنىپ ساراڭ بولۇپ قالىدۇ ھەم سۇغا تاشلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ گەپنى دەيدۇ. ئىلئوتنىڭ بۇ ئىككى مىسرا ئارقىلىق بۇ بۆلەكنى ئاخىرلاشتۇرۇشى شېئىردىكى پىرسوناژلارنىڭ ساراڭلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئەينى چاغدا مۇشۇ ئاساستا «خەيىرلىك كەچ، خانىم، بىز كېتەيلى» دېگەن بىر مۇزىكا ئىشلەنگەن ھەم ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان.
    (68) تەرجىماندىن: «ئوتنىڭ ۋەز ئىيتىشى» دېگەن بۇ ماۋزۇ بۇددا دىنى ئاتالغۇسىدىن ئېلىنغان. بۇ يەردىكى ئوت جىنسىي ھەۋەس، شەھۋانىيلىق ۋە ھالاكەتكە سىمۋۇل قىلىنغان.
    (69) تەرجىماندىن: «دەريادىكى چىدىر» دېگەن بۇ سۆز ئوخشىتىش. دەريادىكى دەرەخلەر ئىنتايىن زىچ بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۇتىشىپ گويا چىدىردەك دەريانىڭ ئۈستىگە يېپىلاتتى. بىراق، خاراب زېمىندا بۇ يۇپۇرماقلار قۇرۇپ، سولىشىپ، گويا چىدىر چاك- چېكىدىن بۆسۈلگەندەك بىر ھالەت نامايەن بولىدۇ.
    (70) ئاپتوردىن: سىپىنسىرنىڭ «نىكاھ كۈيى» گە قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ مىسرا ئەنگلىيە شائىرى سپېنسېرنىڭ «نىكاھ كۈيى» ناملىق شېئىرىنىڭ بىر مىسراسى. بۇ ئەسلىدە گراف ۋوسېستېرنىڭ قىزلىرى ئىلزابىت ۋە كاترىنا گىلفورد ۋە پېتېر بىلەن توي قىلغاندا ئوقۇغان قەسىدە. سىپىنسىرنىڭ بۇ شېئىرىدىكى تاتلىق تايمىس دەرياسى بىلەن ئىلئوتنىڭ تەسۋىرىدە ئۇچرايدىغان مەينەت تايمىس دەرياسى كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان.
    (71) تەرجىماندىن: بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ھازىرقى زاماندىكى دەريالاردىكى پەرىزاتلار، يەنى دەريا بويىدا ئوينايدىغان قىزلارنى كۆرسىتىدۇ.
    (72) تەرجىماندىن: «كونا ئەھدە. زەبۇر» 157- پارە 1- ئايەتتە پادىشاھ داۋۇت سۈرگۈن قىلىنغان ئىبرايلارنىڭ يۇرتىنى سىغىنىش ھېسسىياتى مۇنداق ئىپادىلەنگەن:
    «بابىل دەرياسى بويىدا ئولتۇرۇپ
    يىغلىدۇق، سىىغنغاندا زىئون تېغىنى»
    «لىمان كۆلى» يەنە «جەنۋە كۆلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدا لوساننې دەيدىغان بىر ساناتۇرىيە بولغان، ئىلئوت «خاراب زېمىن» نىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنى شۇ يەردە يازغان. «لېمان» (Leman) دېگەن سۆزنىڭ يەنە «ئاشنا»، «جالاپ» دېگەندەك مەنىسىمۇ بار. شېئىردا بايانچى لىمان كۆلى بويىدا تۇرۇپ، ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكەن مەدەنىيەت ئۈچۈن، ھەقىقىي قىممەت ئېڭىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ماددىي ھەۋەس كويىدا مەنىۋىي ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاھ ئۇرىدۇ.
    (73) ئاپتوردىن: مارۋىلنىڭ «ئۇنىڭ تارتىنچاق يارىغا» دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ.
    تەرجىماندىن: مارۋىلنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ 2- كۇبلىت 1-، 2- مىسراسىدا مۇنداق:
    «بىراق، مېنىڭ كەينىمدە مەن ھەمىشە ئاڭلايمەن،
    ۋاقىت چاقى ئۇچقاندەك كەلمەكتىدۇر يېقىنلاپ»
    ئىلئوت بۇ شېئىرغا ئىنتايىن يۈكسەك باھا بەرگەن.
    (74) تەرجىماندىن: بىلىق تۇتۇشنىڭ «ئىنجىل» دا قۇتۇلدۇرۇلۇشنى كۈتۈش ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا تەلپۈنۈش دېگەندەك مەنىسى بار. بىلىقچى شاھ پاكىزە سۇدا ئەمەس بەلكى سانائەت مەدەنىيىتى بۇلغىغان قانالدا بىلىق تۇتىدۇ، ئۇنىڭ يەنە تەبىئەت بۇلغاندى، دېگەن مەنىسىمۇ بار. بىلىق تۇتۇشنىڭ يەنە ھېچقانداق ھېس- تۇيغۇ ئاتا قىلالمايدىغان جىنسىي ھەرىكەت دېگەن مەنىسىمۇ بار. مەسىلەن، شكىسپىرنىڭ «قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ» دېگەن كومىدىيىسىدە بۇ سۆز يۇقىرىقىدەك يوشۇرۇن ئوخشىتىش تۈسىدە ئىشلىتىلگەن: كومىدىيىنىڭ 1- پەردە 2- كۆرۈنۈشىدە ئوۋېردونې ئۆزىنىڭ مالىيى پومپېيدىن مۇنداق سورايدۇ: «ئۇ قانداق گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىكەن؟» پومپىي ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بىر غەلىتە دەريادىكى بىلىقنى تۇتۇپ بېقىپتىكەن». بۇ سۆزنىڭ يەنە «جىنسىي ئالاقە قىلىش» دېگەن مەنىىسمۇ بار.
    (75) ئاپتوردىن: «بوران- چاپقۇن» نىڭ 1- پەردە 2- كۆرۈنۈشىگە قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ ئىككى مىسرا شىكىسپىرنىڭ «بوران- چاپقۇن» دېگەن درامىسىنىڭ بىرىنچى پەردە 2- كۆرۈنۈشىدىكى ناپلىس شاھزادىسى فېردىناندنىڭ مونولوگى. ئىلئوت خانىم (ۋىۋىئېن ئىلئوت) نىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى مىسرادا ئىلئوت ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى ئىما قىلغانىكەن. (ئىلئوت خانىمنىڭ 1919- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىگە قاراڭ)
    (76) ئاپتوردىن: داينىڭ «ھەسەل ھەرىلىرى يىغىنى» دېگەن ئەسىرىگە قاراڭ. «ئاڭلا، ئاڭلىيالايسەن، چاقىرىق قىلغان ۋە تەلپۈندۈرگەن ئاۋازنى، ئۇ ئەتىيازدا ئاكتائېئاننى دىئانا بىلەن كۆرۈشتۈرىدۇ، ئۇ يەردە كىشىلەر ئۇنىڭ يالىڭاچ تېنىنى كۆرەلەيدۇ....»
    تەرجىماندىن: رىم ئەپسانىلىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە، ئاكتائېئان بىر ئوۋچى بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن دىئانانىڭ يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ، ئاي ئىلاھى ھەم ئوۋ ئىلاھى دىئانا ئاكتائېئاننى بىر ئەركەك بۇغىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئوۋ ئىتىغا تالىتىپ پارە- پارە قىلىۋېتىدۇ. دىئانا يەنە يۇنان ئەپسانىلىرىدە «ئارتېمىس» دەپ ئاتالغان. فرازىر ئىنسانشۇناسلىققا ئائىت ئەسىرى «ئالتۇن شاخ» تا ئۇنى «ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىلاھ» تىپى دەپ قاراپ، مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. ئىلئوت بۇ يەردە سۋېنني بىلەن پورتىر خانىم ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى تىلغا ئالىدۇ. سۋېنني «سۋېنني سىكىلى» دىكى ھەۋىسى بار، تۇتامى يوق، تېنى بار، روھى يوق بىر پىرسىناژ.  ئۇ ھازىرقى زاماندىكى چاكىنا ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پورتىر خانىم بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مىسىردا پاھىشىخانا ئاچقان ئايال، ئۇنىڭ قىزىمۇ داڭلىق پاھىشە ئىكەن.
    (77) ئاپتوردىن: بۇ مىسرا مەلۇم بىر خەلق ناخشىسىدىن ئېلىنغان. بىراق، مەن ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئېنىق ئۇقمايدىكەنمەن. مەن ئاۋستىرالىيىنىڭ سىدنىيدا بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان.
    تەرجىماندىن: بۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋستىرالىيە ئەسكەرلىرى ئوقۇغان ناخشا. ناخشىنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق:
    «ئاھ، ئاي نۇرى ئىللىق يورۇتىدۇ پورتىر خانىمنى
    ۋە پورتىر خانىمنىڭ
    قىزىنى.
    ئۇلار سۇدا سۈيىدە يۇيار پۇتىنى
    ئۇلارنىڭ پاكىزە بولۇشى
    ئەلۋەتتە ھەقلىق»
    (78) ئاپتوردىن: ۋىرلىننىڭ «پارسىفال» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ ۋىرلىننىڭ «پارسىفال» دېگەن سونىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مىسراسى. ۋىرلىن بۇ شېئىرىنى ۋاگنىرنىڭ مۇقەددەس قەدەھنى ئىزدەش بايان قىلىنغان ئوپىراسىغا قارىتا يازغان. پارسىفال ئايال پرىخۇننىڭ ئۆزىگە زەخمەت يەتكۈزۈش مۇددىئاسىنى توسۇۋېلىىپ، ئۆزىنى پاكلاپ، ئۇنىڭغا پۇتىنى يۇغۇزۇپ، مۇقەددەس قەدەھ قەلئەسىگە كىرىشكە تەييارلىنىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ بىلىقچى شاھنى داۋالايدۇ، ئۆزىمۇ خان بولىدۇ. ئوپىرا ئاخىرلاشقاندا، بالىلار چىركاۋنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىدا ئىساغا قەسىدە ئوقۇيدۇ.
    (79) تەرجىماندىن: بۇ بۆلەكتە يەنە بۇلبۇلنىڭ تۈندىكى ناخشىسى تەسۋىرلىنىپ، تىرىئاسنىڭ پىيلومىلغا قىلغان ياۋۇزلۇقىغا ئىشارە قىلىنغان. ئۇنىڭدىن سىرت، 16- ئەسىردە ئۆتكەن ئەنگلىيىلىك درامماتروگ جون لىلنىڭ «كومپاسفا» دېگەن دراممىسىدا مۇنداق ئىككى مىسرا بار:
    «ئاھ، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان بۇلبۇل
    جوگ جوگ جوگ جوگ، تېرېئو، ئۇ چاقىرار....»
    بۇلبۇل ھەققىدىكى ھېكايە سۋېنني بىلەن پورتىر خانىمنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىشارە قىلىنغان.
    (80) سىميرنا تۈركىيىنىڭ غەربىدىكى بىر پورت.
    (81) ئاپتوردىن: بۇ خىل كىچىك قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ باھاسى بولسا «لوندوندا باج ۋە سۇغۇرتىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىق» ىدۇر؛ مال تالۇنىنى كۆرۈپ پۇل تاپشۇرۇش يەنى ئاۋۋال بىلەتنى كۆرۈپ كېيىن پۇل تاپشۇرۇش تىجارەتتىكى ئاساسى شەكىل.
    (82) تەرجىماندىن: كاننون كوچىسى لوندون شەھەر رايونىدىكى بىر كوچا. بۇ كوچىدا بىر مىھمانخانا بولۇپ، ئەينى چاغدا ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا بارغان سودىگەرلەر دەم ئالدىغان ۋە يىغىلىدىغان جاي بولغان.
    (83) تەرجىماندىن: بۇ ھەشەمەتلىك بىر مىھمانخانا بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز ساھىلىدىكى بىرىتونغا جايلاشقان. بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىنغانلىق يات جىنىسلار ياكى ئوخشاش جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى بەتقىلىق ھەرىكەت مەنىسىنى بېرىدىكەن.
    (84) ئاپتوردىن: تىرېسىئاس بىر كۆزەتكۈچى، ھەرگىزمۇ ھەقىقىي «پىرسىناژ» ئەمەس، يەنى ئۇ شېئىردىكى بىر رولچى سۈپىتىدە پۈتۈن شېئىرغا سىڭگەن. خۇددى سىڭا كۆزلۈك سودىگەر، ھېلىقى قۇرۇق ئۈزۈم ساتىدىغان سودىگەر، پىنىكىلىق ماتروسقا ئوخشاش، كېيىنكى فىردناند شاھزادىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس. بارلىق ئاياللار شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئايالكى، ئىككى جىنىس تىرېسىئاسنىڭ ۋۇجۇدىدا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. تىرېسىئاس ئەمەلىيەتتە بۇ شېئىرنىڭ پروتوتىپى. ئوۋىدنىڭ پۈتۈن بىر بۆلەك تېكېستى ئىنتايىن زور ئىنسانشۇناسلىق قىممىتىگە ئىگە.
    تەرجىماندىن: ئوۋىدنىڭ «ئۆزگىرىپ كېتىش» دېگەن ئەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك سيۇژېت مۇنداق: تىرېسىئاس چېتىشىۋاتقان ئىككى يىلاننى ئايرىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك بىر ئايالغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، سەككىز يىلدىن كېيىن، تىرېسىئاس يەنە ئىككى يىلاننىڭ چېتىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاجرىتىۋېتىپ، ئەرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇ ئەر ھەم ئايال بولۇپ باققاچقا، يۇپىتېر بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى يۇنۇ ئوتتۇرىسىدا زادى ئەرنىڭ جىنسىي ئالاقىدىن لەززەتلىنىشى ياخشى بولامدۇ ياكى ئايالنىڭمۇ؟ دېگەنگە ھۆكۈم قىلىش ئۈستىدە تالاش- تارتىش بولىدۇ. تىرىسىئاس بۇنى ئاڭلاپ ئايالنىڭ ياخشى بولىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭ جاۋابى يۇنۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ- دە، ئۇنى قارىغۇغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. يۇپتېر ئۇنىڭ ئازابىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىشارەت بېرىش ئىقتىدارى ئاتا قىلىدۇ.
    (85) ئاپتوردىن: بۇ قارىماققا ساپپونىڭ ئەسلىي شېئىرىغا ئوخشىمايدۇ، بىراق، مېنىڭ ئويۇمچە، «پورت ياقىسى» دا ياكى «بىلىقچى كېمىسى» دە بىلىقچىلارنىڭ گۇگۇمدا ئۆيىگە قايتقاندىكى مەنزىرە.
    تەرجىماندىن: يۇنان شائىرەسى ساپپونىڭ ئەسلىي شېئىرى مۇنداق:
    «كەچكى يۇلتۇز، سەن سەھەردە چېچىلغانلارنى قايتۇرىسەن ئۆيىگە،
    سەن يۇڭلارنى، ئۆچكىلەر ۋە بالىلارنى ئاپىرىپ بېرىسەن ئانىلىرىغا»
    ئەنگلىيە شائىرى ستۋېنسوننىڭ «روھنى تىنىچلاندۇرۇش مۇزىكىسى» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق مىسرالار بار:
    «ماتروسلار قايتار ئۆيىگە، قايتار دېڭىزدىن»
    (86) تەرجىماندىن: برەدفورد ئەنگلىيىنىڭ يوركشىردىكى يۇڭ توقۇلما سانائىتى بىلەن داڭ چىقارغان شەھەر. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نۇرغۇن كىشىلەر يۇڭ توقۇلما ماللار سودىسى قىلىپ بىيىپ كەتكەن. بۇ سۆزنىڭ «ئۇشتۇمتۇت بېيىپ كەتكەن» دېگەن مەنىسى بار.
    (87) تەرجىماندىن: تىرېسىئاس دىبىس تېمى ئاستىدا ئودىپوس ۋە كىئىننىڭ زاۋالىققا يۈز تۇتۇشىدىن بىشارەت بەرگەن. تىرېسىئاس ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا بىر بىشارەتچى سۈپىتىدە تۇرىدۇ، ئودىسىئوس ئۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قايتىشى ھەققىدىكى پىكرىنى ئاڭلايدۇ.
    (88) ئاپتوردىن: گولدسمىسنىڭ «ۋاكېفېلدنىڭ پوپى» دېگەن ھېكايىسىدىكى ناخشىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: ئەسلىدە بۇ ئولۋىئا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئېيتقان ناخشا بولۇپ، تولۇق تېكستى مۇنداق:
    «ساھىبجامال چۈشكۈنلەشكەن چاغ،
    كېچىكىپ بايقار ئەرنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى،
    قايسى بىر كۈچ ئازايتىدۇ ئۇنىڭ دەردىنى،
    قايسى تەدبىر يۇيار ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى؟
    ئۇنىڭ گۇناھ يوشۇرۇشتىكى ئامالى پەقەت،
    ئاۋام ئارا يوشۇرۇشتۇر خورلۇقلىرىنى،
    قەھرى بىلەن ئۆز يارىغا يۈكلەپ جىنايەت،
    تىلەر ئۇنىڭ شۇ قەلبىگە ئۆلۈم، ھالاكەت.»
    (89) تەرجىماندىن: بۇ يەردىكى سەككىز مىسرادا خانىم بىلەن ياللانما خىزمەتچىنىڭ مىخانىك تۈس ئالغان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن، ھېچقانداق گۇناھ ئېڭىدا بولمىغانلىقى، خۇشاللىقمۇ ھېس قىلمىغانلىقى، خۇددى قىلچە ئەھمىيەتسىز بىر ئىشنى قىلغاندەك ھاكۋىقىپ تۇرغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
    (90) ئاپتوردىن: «بوران- چاپقۇن» نىڭ 1- پەردە 2- كۆرۈنۈش 390- مىسراسىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ يەردە شېئىردىكى بايانچى ياكى فرىدناند شاھزادىسىگە ئىما قىلىنغان.
    (91) ئاپتوردىن: مېنىڭچە، ماگنۇس مارتيرنىڭ ئىچكى قىسمى ۋرېننىڭ ئەڭ ئېسىل ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى.
    تەرجىماندىن: بۇ چىركاۋ 1676- يىلى بېنا قىلىنغان، ھازىر تايمىس دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بىلەن بىلىقچى كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدىكى لوندون بىلىق بازىرىدا ئىكەن. ئىلئوت بۇنى خاراب زېمىندىن ئايرىلىپ چىققان بىر دۇنياغا ئىما قىلغان.
    (92) تەرجىماندىن: ئىئونىيان بىر خىل گىرىكچە بىناكارلىق ئۇسلوبى.
    (93) ئاپتوردىن: تايمىس (ئۈچ) ئايالنىڭ ناخشىسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. 292- مىسرادىن 306- مىسراغىچە ئۇلار يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىدۇ. «ئىلاھنىڭ زاۋاللىقى» 3- پەردە 1- كۆرۈنۈش: رىنې دەرياسىدىكى ئايالنىڭ ناخشىسىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: ۋاگنىرنىڭ «ئىلاھنىڭ زاۋاللىقى» ناملىق ئوپىراسىدا رىنې دەرياسىدىكى ئۈچ ئايال قەھرىمان زىگفنى جەلب قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇنلىرىنى بېرىپ تۇرىدۇ، ئالتۇنلار ھوقۇق ۋە ئۆلۈم ئېلىپ كېلەتتى، ئالتۇن يىتكەندىن كېيىن دەريانىڭ سېھرى كۈچى يوقىلىدۇ.
    (94) بۇلار سانائەت مەدەنىيىتىگە سىمۋۇل قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ.
    (95) تەرجىماندىن: دوگىس لوندوننىڭ شەرقىدىكى بىر تاقىم ئارال، تايمىس دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسدا بولۇپ، بىر ئەگمىنى شەكىللەندۈرگەن. يەنە گىرىنىۋىچ ئەگمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، گىرىنىۋىچ ئۇنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا، ئايال پادىشاھ ئىلزابىت گىرىنىۋىچ سارىيىدا تۇغۇلغان، ئۇ يەردە ئۇ كېيىن گراف لىسىتنى كۈتۈۋالغان.
    (96) تەرجىماندىن: بۇ ۋاگنىرنىڭ «ئىلاھنىڭ زاۋاللىقى» ناملىق ئوپىراسىدىكى رىنې دەرياسىدىكى ئۈچ ئايالنىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن پەرياد چەككەندە ئېيتقان سۆزلىرى.
    (97) ئاپتوردىن: فروندېنىڭ «ئىلزابىت دەۋرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 1- توم 4- بابىدىكى دې كۇادرا (ئىسپانىيىنىڭ باش روھانىيىسى ھەم ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى) نىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى لىپقا يازغان خېتىگە قاراڭ: «چۈشتىن كېيىن بىز كېمە بىلەن دەريادا سەيلى قىلىپ ئوينىدۇق. (ئايال پادىشاھ) ئۆزى سىر روبرت (يەنى گراف لست) بىلەن بىللە ئىدى، مەن كېمىنىڭ قۇيرۇقىدا تۇردۇم. ئۇلار قالايمىقان سۆزلىشىشكە باشلىدى، گەپنى ئەڭ ئاخىرىدا سىر روبىرتىس قىلغان بولسا كېرەك، لېكىن مەن نەق مەيداندا ئىدىم، ئايال پادىشاھ ماقۇل بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ باھانىسى بولمىسا نېمە ئۈچۈن بۇ توينى قىلمايدۇ.»
    (98) ئاپتوردىن: «ئىلاھى كومىدىيە. دوزاخ» 5- پاراگراف 133- مىسرا «ئېسىمگە كەلدى بىريەم، مېنى تۇغقان سىئانا، ھالاك قىلغان مېنى مارىما» غا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: دانتى دوزاختا سىئىنالىق پى دى ترومىنىڭ ئەرۋاھى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇ دانتىغا بۇ گەپلەرنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ مارىمادا ئىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئىلئوت بۇ يەردە دانتىغا تەقلىد قىلغان. خىبۇرى لوندون شەھەر ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى؛ رىچموند لوندون شەھىرىدىكى تايمىس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان رايون؛ كىۋ رىچمود بىلەن تۇتاش، بۇ جاي خان جەمەتى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بىلەن داڭ چىقارغان.
    (99) تەرجىماندىن: بۇ ئىككى مىسرادا باسقۇنچىلىققا ئۇچراش مەنىسى بار.
    (100) تەرجىماندىن: مورگاتې لوندوننىڭ شەرقىدىكى بىر نامراتلار رايونى.
    (101) تەرجىماندىن: مارگاتې ــ مارگاتې تايمىس دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان دېڭىز ساھىلىدىكى داچا رايونى. ئىلئوت 1921- يىلى 10- ئايدا بۇ يەردە ئىككى ھەپتە دەم ئېلىپ، كېيىن پارىژغا كەتكەن.
    (102) ئاپتوردىن: سان ئاگوستىننىڭ «توۋىنامە» سىدىكى «مەن كاتارگىغا كەلدىم، بىر ناپاك سۆيگۈ قۇلاق تۈۋىمدە ناخشا ئېيىتتى» دېگەن مەزمۇنلارغا قاراڭ.
    (103) ئاپتوردىن: بۇ مىسرانى بۇددا دىنىنىڭ ئوتنىڭ ۋەز ئىيتىشى ھەققىدىكى كالامىدىن ئالدىم، ھىنرى خىك ۋاررىن تەرجىمە قىلغان «بۇددا كالامىدىن تەرجىمىلەر» گە قاراڭ. ۋاررىن ئەپەندى غەربتىكى بۇددا دىنى تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىلرىدىن بىرى.
    تەرجىماندىن: بۇ يەردىكى «كۆيۈش» نىڭ يەنە «ئوت ئارقىلىق بارلىق شەھۋانىي نەپىسنى يوقىتىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار.
    (104) ئاپتوردىن: سان ئاگوستىننىڭ «توۋىنامە» سىگە قاراڭ. شەرق- غەربتىكى زاھىدلىقنىڭ مىسالغا ئېلىنىشى بىلەن بۇ بۆلەك تۈگىدى، ئەلۋەتتە، بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس.
    تەرجىماندىن: ئاۋگوستىن مۇنداق يازغان: «تاشقىي دۇنيادىكى گۈزەللىكلەر قەدەملىرىمنى كالامپايلاشتۇردى، مېنى تارتىۋال، ئىھ پەرۋەردىگار، مېنى تارتىپ چىقىرىۋال»
    (105) تەرجىماندىن: بىرىنچى بۆلەكتە سوسوستىرىس ئاغىچا پىلىباسنىڭ سۇدىكى ئۆلۈمىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى كۆپىيىش ئىلاھىغا ئوخشاش يېڭى ھاياتلىققا ئىرىشىش ئۈچۈن ئىكەن. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمى مۇقەرەرلىك، ھېچقانداق تىرىلىش ئۈمىدى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. جىنسىي ئالاقە نۇقتىئىينەزىرىدىن ئېيتقاندا، پىلىباس تىرىك ئادەملەرنىڭ بارلىق جىنسىي قوزغىلىشلارنى ئۇنۇتۇپ كەتكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. بۇ بۆلەك ئىلئوتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى فرانسوزچە شېئىرى «رېستوراندا» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ بۆلەكتە ئىلئوتنىڭ نىكاھتا ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندىن كېيىنكى بىر خىل نىگىلىزىملىق ئىدىيىسى ئاشكارىلانغان. ئىلئوت ئۆزىمۇ كېيىن «خاراب زېمىن» نى يېزىۋاتقاندا ئۆزىنىڭ بۇددا دىنىغا كىرىپ كېتىشكە تاس قالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان.
    (106) تەرجىماندىن: ئىلئوت لوندوندىكى للئويد بانكىسىدا ئىشلىگەن، 1921- يىلى 10- ئايدا نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ پىكرى بىلەن ئۈچ ئاي دەم ئېلىپ، بانكىدىكى ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرىدىغان سانلارنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇغان. بۇ مىسرادا ئىلئوتنىڭ ئەينى چاغدىكى كەيپىياتى يېزىلغان.
    (107) تەرجىماندىن: بۇ پلىباس ئۆلگەن قاينامنى كۆرسىتىدۇ. قاينامنىڭ يەنە «ئايلىنىش» دېگەن مەنىسى بولۇپ، بۇ يەردە ئادەمگە بۇددا دىنىنىڭ سانسارا تەلىماتىنى ئەسلىتىدۇ.
    (108) تەرجىماندىن: پۈتۈن ئىنسانىيەتنى دېمەكچى.
    (109) تەرجىماندىن: بۇ ئىككى مىسرا پانى ئالەم كىشىلىرىگە بېرىلگەن سىگنال. پلېباس ماددى ھەۋەس قوينىدا بىر مەزگىل كۆڭۈلدىكىدەك ياشىغان بولسىمۇ، ئاخىر ئۆلۈم قاينىمىغا كىرىشتىن ئامان قالمايدۇ. بۇ يەردە ئىلئوت ئاچكۆزلەرچە ماددى ھەۋەسكە بېرىلىش ئادەمگە مەڭگۈلۈك ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېمەكچى بولغان.
    (110) ئاپتوردىن: بەشىنچى بۆلەكنىڭ بىرىنچى قىسىمىدا ئايرىم- ئايرىم ئۈچ باش تېمىدىن پايدىلاندىم، ئۇلار ئىموسى سەپىرىدە، «خەتەرلىك سىرلىق قەسىرگە» گە بېرىش ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئاجىزلىشىشى.
    تەرجىماندىن: ئىموسى سەپىرىدە ئىسانىڭ كرىسىتقا مىخلانغاندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ، شاگىرىتلىرى ئارىسىدا ماڭغانلىقى بايان قىلىنغان. «يېڭى ئەھدە. لوقا خاتىرىلگەن خۇشخەۋەرلەر» 24- باب 13 ــــ 16- ئايەتلەردە مۇنداق مەزمۇنلار بار: «ئۇ كۈنى مۇرتلاردىن ئىككىيلەن بىر كەنىتكە قاراپ ماڭدى، بۇ كەنتنىڭ ئىسمى ئىموسى ئىدى. ئىموسى ئىروسالىمغا 25 چاقىرىم كېلەتتى. ئۇلار كۆرگەن- بىلگەنلىرىنى سۆزلىشىپ مېڭىۋاتقاندا، ئىسا ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى غۇۋا بولغاچقا، ئۇنى تونۇمىدى.» «ۋەھىمىلىك قەسىرگە بېرىش» ۋىستون خانىمنىڭ كىتابىدىكى مۇقەددەس قەدەھ ئىزدەشكە ئائىت مەزمۇنلاردا خاتىرىلەنگەن. بۇ بۆلەكنىڭ ماۋزۇسى «گۈلدۇرمامىنىڭ ئېيتقانلىرى» خاراب زېمىن ئاھالىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان گەپ بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ۋىدا كالامىدىكى «ئوپانشاد» دىن ئېلىنغان. بۇ بۆلەكنىڭ دەسلەپكى يەتتە مىسرادا ئىسانىڭ ئازاب چەككەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە نەقىل كەلتۈرۈلگەن: كىسمان گۈلزارلىقىدىكى ئازاب، يەھۇدانىڭ ئاسىيلىقى، زىندانغا تاشلىنىش ۋە ھۆكۈم، كىرىستقا مىخلىنىش. كېيىنكى ئىككى مىسرادا ئسا ئازاب چەككەندىن كېيىن مۇرتلار تۇرمۇشىنىڭ مەنىسىزلىشىپ كەتكەنلىك ئازابى تەسۋىرلەنگەن.
    (111) تەرجىماندىن: ئىسا قولغا ئېلىنغاندا رىم لەشكەرلىرى كۆتۈرۇۋالغان مەشئەلنى كۆرسىتىدۇ.
    (112) تەرجىماندىن: كىسمان گۈلزارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسا مۇشۇ يەردە قولغا ئېلىنغان.
    (113) تەرجىماندىن: بۇ رىملىقلارنىڭ جازا مەيدانى، ئىسا موشۇ يەردە كىرىستقا مىخلانغان.
    (114) تەرجىماندىن: ئىسا ئازابقا يولۇققان كۈنى ئاسمان خىرەلىشىپ، يەر تەۋرەپ، تاغلار سىلكىنگەنمىش، بۇ باھارنىڭ باشلىرى بولغاچقا، باھار گۈلدۇرمامىسى دەپ ئاتالغان.
    (115) تەرجىماندىن: ئىسا قولغا ئېلىنغان ھەم جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان جاي.
    (116) ئىسانىڭ ئۆلۈمىنى كۆرسىتىدۇ.
    (117) تەرجىماندىن: بۇ ئىككى مىسرادا ئىسا ئۆلگەندىن كېيىن مۇرتلار تۇرمۇشىنىڭ مەنىسىنى يوقاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
    (118) تەرجىماندىن: «سۇ» نىڭ ھاياتىي كۈچ دېگەن مەنىسى بار، قۇرام تاشلار قوغاقچىلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ يوقالغانلىقىغا ئىما قىلىنغان.
    (119) تەرجىماندىن: بۇ مىسرادا مەنىۋى جەھەتتە ئەسلىگە قايتىشقا بولغان تەلپۈنۈش ئىپادىلەنگەن.
    (120) تەرجىماندىن: «تۇتۇق قىزىل يۈزلەر» ئىساغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    (121) تەرجىماندىن: بۇ تەسۋىرلەردە ئىسانىڭ شاگرتلىرىنىڭ ئىموسىغا بېرىپ ئىسانىڭ تىرىلشىنى كۈتۈش جەريانى بايان قىلىنغان. يولدا ئۇلار قاقاسلىقنى كۆرىدۇ، قۇرام تاشلار بار، بىراق سۇ يوق، گۈلدۇرماما بولسىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. بۇ يەردە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىستىكى بولسىمۇ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانى يوقلۇقى بايان قىلىنغان.
    (122) تەرجىماندىن: بۇلار قۇرغاقچىلىققا سىمۋۇل قىلىنغان.
    (123) ئاپتوردىن: بۇ ئاققاشقۇچقاچ ئائىلىسىگە مەنسۇپ قۇش، مەن كۋېبېك شتاتىدا ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئاققاشقۇشقاچنى كۆرگەنىدىم. چاپماننىڭ «ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قۇش تۈرلىرى قوللانمىسى» دا مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەنىكەن: «بۇ خىل قۇش تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئورمانلىقلاردا ياشاشقا ئامراق.... ئۇنىڭ سايرىشى بىر خىل بولۇپ ئانچە يېقىملىق ئاڭلانمىسىمۇ، چۆچۈك ھەم تەبىئىي، بۇ جەھەتىتكى گۈزەللىكىگە ھېچنەرسە توغرا كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ‹سۇ تېمىتىش ناخشىسى› نىڭ ھەقىقەتەن تەرىپلىگۈچىلىكى بار.»
    (124) ئاپتوردىن: تۆۋەندىكى بىر قانچە مىسرانى جەنۇب قۇتۇپ ئېكسپىدېتسىيە ئەترىتىنىڭ مەلۇم بىر قېتىملىق سەپىرىگە ئاساسەن يازدىم (قايسى قېتىمقىسى يادىمدا قالماپتۇ، شىگىلتون باشچىلىقىدىكىسىغۇ دەيمەن). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېكېسپىدىتسىيە ئەترىتىدىكىلەر بەك چارچاپ كەتكەچكە، دائىم ھەرقانچە سانىسىمۇ ئەترەتتىكىلەرنىڭ بىرى ئارتۇق چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىكەن.
    (125) ئاپتوردىن: ھىرمان ھىسىنىڭ «قالايمىقانچىلىقتىكى بىر نەزەر» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ: «ياۋروپانىڭ يېرىمى، ئەڭ بولمىغاندا شەرقىي يېرىمى قالايمىقان يوللاردا مېڭىۋاتىدۇ، مەلۇم بىر خىل مۇقەددەس تەلۋىلىككە ئەسىر بولغاچقا، تەگسىز ھاڭلارنىڭ گىرۋەكلىرىنى بويلاپ، مەستچىلىكتە دىمىترى كارامازوف ناخشا ئوقۇغاندەك مۇقەددەس ناخشىلارنى ئوقۇماقتا. بورژۇئازىيە ھەيرانلىقتىن بۇ ناخشىلارنى مەسخىرە قىلماقتا، پەيغەمبەرلەر ۋە دانىشمەنلەر گۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ ئۇلارغا سەما بولماقتا»
    تەرجىماندىن: ئادەتتە تەنقىدچىلەر بۇنى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ مەنزىرىسى دەپ قارايدۇ، بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ بۆلەكتىكى «ئانىلىق دەردى» ئاياللارنىڭ ئىسانىڭ ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇسى بولۇپ، بەلكىم كۆپىيىش ئىلاھىنىڭ ئۆلۈمىگە قىلىنغان ئىشارەت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. دىمترى كارامازوف دوستويىۋىسكىنىڭ «قىرىنداش كارامازوفلار» ناملىق رومانىدىكى بىر پىرسىناژ.
    (126) تەرجىماندىن: بۇلار مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولۇپ، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئۆزىنىڭ شەۋكىتىنى يوقاتقان. لوندون ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى ماددى ئىستەك سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ شەۋكىتىنى يوقىتىپ، گىرىمسەن بىر شەھەرگە ئايلىنىپ قالغان.
    (127) تەرجىماندىن: بۇ بۆلەكتە مۇقەددەس قەدەھ ئىزدىگۈچى پالۋان «خەتەرلىك قەسىر» گە كىرگەندە ئايال پرىخۇننىڭ ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخىرقى سۈيىقەستنى پىلانلاۋاتقان ھالىتى بايان قىلىنغان بولسا كېرەك. بۇ بىر قانچە مىسرادىكى ئىماگلار ئىنتايىن قالايمىقان، ئىلئوتنىڭ فرانسوزچە تاللانما ماقالىلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ گوللاندىيىنىڭ 15- ئەسىردىكى رەسسامى ھىرونھىيىم بوشىرنىڭ «دوزاخ» ناملىق رەسمىدىن ئىلھاملىنىپ بۇ مەزمۇنلارنى يازغانىكەن. لېكىن بۇ بۆلەكتىكى ئىماگلار سىمۋۇللۇق تۈسكە ئىگە. «قوڭغۇراق ئاۋازى» ئەسلىمىدىكى لوندوندىكى قوڭغۇراق ئاۋازى ھەم پالۋاننىڭ «خەتەرلىك قەسىر» گە كىرگەن چېغدىكى قوڭغۇراق ئاۋازىنى كۆرسىتىدۇ.
    (128) تەرجىماندىن: قۇپقۇرۇق مۇنار لوندوندىكى خارابلاشقان چىركاۋنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ زاۋاللىققا تۈز تۇتقانلىقىنىڭ سىمۋۇلى.
    (129) تەرجىماندىن: كىشىلەرنىڭ خۇدادىن ئايرىلىپ، سۇسىز خارابلىقتا ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشارە قىلىنغان. «كونا ئەھدە. نەسىھەتنامە» 5- پارە 15- ئايەتتە پادىشاھ سۇلايمان پۇقرالىرىغا: «سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئورىكىدىكى سۇنى، ئۆزۈڭلارنىڭ قۇدۇقىدىكى تىرىك سۇنى ئىچىڭلار» دەيدۇ. «كونا ئەھدە. ئىرىمنامە» 2- پارە 13- ئايەتتە خۇدا ئىرىمغا: «بەندىلىرىم ئىككى يامان ئىشنى قىلغاچقا، مەن بۇ تىرىك سۇ مەنبەسىدىن ئايرىدىم، ئۆزى ئۈچۈن ئورەك كولىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئورەكلىرىنى يېرىپ، سۇ ساقلىغىلى بولماس قىلىۋەتتىم» دەيدۇ.
    (130) تەرجىماندىن: بۇ «خەتەرلىك قەسىر»نى ـــ پالۋان مۇقەددەس قەدەھنى ئېلىشتا ئۆتۈشى زۆرۈر بولغان قەسىرنى كۆرسىتىدۇ.
    (131) تەرجىماندىن: خورازنىڭ چىللىشى سەھەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە ئەرۋاھلارنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ بىشارىتى، لېكىن ئىلئوتنىڭ بۇ يەردە ئەتەي خورازنىڭ ئاۋازىنى تىلغا ئېلىشى ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ يەردە خورازنىڭ چىللىشىغا ئائىت ئىككى ئەمەلىي مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز. بىرى، «يېڭى ئەھدە. خۇشخەۋەرلەر» ئۇچرايدۇ: ئىسا قولغا ئېلىنىشىدىن بىشارەت بەرگەندىن كېيىن، پىتىر خوراز چىللاشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم ئىسانى تونۇيدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، كېيىن بۇنى ئىتىراپ قىلغاندا، پىتىر ئازابلىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ. («يېڭى ئەھدە. ماتتې خاتىرىلىگەن خۇشخەۋەرلەر» 26- پارە 31 ـــ 75- ئايەتلەر؛ «يېڭى ئەھدە. لۇقا خاتىرىلىگەن خۇشخەۋەرلەر» 22- پارە 54 ــ 62- ئايەتلەر؛ «يېڭى ئەھدە. مارك خاتىرىلىگەن خۇشخەۋەرلەر» 66 ــــ 72- ئايەتلەر؛ «يېڭى ئەھدە. يوھان خاتىرىلىگەن خۇشخەۋەرلەر» 26 ـــــ 72- ئايەتلەر). ئىسانىڭ مۈشكۈلاتقا يولۇقۇشى ئىنسانلارنىڭ ئۈمىدكە ئىرىشىشىگە تىمسال بولۇپ، خورازنىڭ چىللىشى قۇتۇلدۇرۇلۇشنىڭ بىشارىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە بىرى شىكىسپىرنىڭ «ھاملىت» ناملىق تراگدىيىسىنىڭ 1- پەردە 1- كۆرۈنۈشىدىكى ھوراتونىڭ ئېتقان سۆزىدە خورازنىڭ چىللىشى تىلغا ئېلىنىدۇ:
    «ئۇ قاچتى گوياكى جىنايەتچىدەك
    ئاڭلاپ قورقۇنچلىق چاقىرىشنى. مەن ئاڭلىدىم،
    چىللىشىنى خورازنىڭ
    ئۇ ئۆتكۈر چىللاشلىرى بىلەن
    ئويغۇتىدۇ كۈزدۈز ئىلاھىنى، ئۇنىڭ ئۈنىدە
    دېڭىزدىكى ياكى ئوتتىكى، يەر ئاستىدىكى ياكى ئۆيدىكى
    ئۇ بارغانلا جايدىكى گۇناھكار ئەرۋاھلار
    ئالدىراش قېچىشىپ ئۇۋىلىرىغا، بۇ گەپنىڭ
    چىنلىقىنى بېرەر دەلىللەپ.»
    بۇ يەردىكى خورازنىڭ چىللىشى چىن، ئەرۋاھلارنىڭ يوقىلىشىنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
    (132) تەرجىماندىن: يامغۇر ھاياتلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىما قىلىنغان.
    (133) تەرجىماندىن: ھىندىستاندىكى گانگې دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.
    (134) تەرجىماندىن: ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىكى بىر تاغ بولۇپ، بۇددا دىنىدا مۇقەددەس جاي دەپ قارىلىدۇ.
    (135) ئاپتوردىن: گۈلدۇرمامىنىڭ ئاۋازى، «Dattd dydadhuvam damyata» (بېغىشلاش، ھېسداشلىق، سەۋرچانلىق). گۈلدۇرمامىنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى «بۇرىخادا. ياگا. ئوپانشاد» 5- جىلىد 1- بۆلەككە قاراڭ. داۋسىن تەرجىمە قىلغان «ۋىدا كالامىدىكى 60 ئەڭ ئېسىل ئوپانشاد» 489- بەت.
    تەرجىماندىن: ھىندى رېۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇددا ئۆزىنىڭ شاگرىتلىرىغا ئۈچ قائىدىنى بىلىدۈرىدۇ: سەۋرچانلىق ـــ پىشانىگە پۈتۈلگەنگە سەۋر قىلىش، بېغىشلاش ـــــ ئادەم تۇغما قىزىلكۆز بولسىمۇ، قۇتۇلۇشقا ئۆزىنى بىغىشلاش، ھېسداشلىق ـــ ئادەم تۇغما ئالۋاستىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىش. «بۇ ئەقىدىلەر ھەركۈنى ئەرشنىڭ ئاۋازى سۈپىتىدە  ـــ گۈلدۇرمامىدەك Da. Da. Da. Da  ياڭرايدۇ، شۇڭا ئادەم ھەر كۈنى بۇ ئۈچىنى ئىشقا ئاشۇرمىقى لازىم: سەۋر قىلىش، بىغىشلاش، ھىسداشلىق»)
    (136) ئاپتوردىن: ۋېبستېرنىڭ «ئاق ئالۋاستى» 5- پەردە 6- كۆرۈنۈشكە قاراڭ:
    «ئۇلار قايتا توي قىلىدۇ، ساقلىمايدۇ
    قۇرت- قوڭغۇزلار كېپەنلەرنى تەشكىچە، ھەم ئۆمۈچۈك
    قەبرە تېشىڭغا توقوغۇچە قىلىن بىر پەردە»
    (137) تەرجىماندىن: ۋەسىيەتنامىنى دېمەكچى.
    (138) ئاپتوردىن: «دوزاخ» 33- پاراگراف 46- مىسرا:
    «مەن ئاڭلىدىم ئاستىمدىكى قورقۇنچلىق ئىشىكنىڭ
    تاقىلىۋاتقىنىنى»
    بىرادلېينىڭ «تاشقىي شەكىل ۋە چىنلىق» نىڭ 346- بېتىگە قاراڭ: «مېنىڭ تاشقىي سەزگۈ ئورگانلىرىم مېنىڭ ئىدىيەمگە تەۋە سەگۈلىرىمگە ئوخشاش پۈتۈنلەي ماڭا مەنسۇپ. بۇنداق ئەھۋالدا، مېنىڭ تەجرىبەم پەقەت مېنىڭ چەمبىرىكىمدىلا بولىدۇ، بۇ چەمبىرەك تاشقىي دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا چەمبىرەك ئىچىدىكى بارلىق تەركىبلەر ئوخشاش، ھەربىر ساھەدىكى نەرسىلەر ئەتراپىنى چۆرىدەپ تۇرغان باشقا ساھەدىكى نەرسىلەرگە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.... قىسقىسى، روھتىكى مەلۇم بىر خىل مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە، تاشقا دۇنيا ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزگىچە ۋە يەككە بولىدۇ»
    تەرجىماندىن: «دوزاخ» تىكىسى گراف ئوگولىنونىڭ ھېكايىسى. 13- ئەسىردە ئاخىرلىرىدا بۇ سىياسەتۋاز ئىككى قېتىم قىلتاق قۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ پىسادىكى رەھبىرى بولۇۋالىدۇ. كېيىن دۈشمەنلىرى ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئىككى بالىسى، ئىككى نەۋرىسى بىلەن بىللە بىر مۇنارغا سولاپ قويىدۇ. ئوگولنىئو مۇناردا تۇرۇپ مۇنار ئىشىكىگە سېلىنغان ئاچقۇچنىڭ بىرلا قېتىم ئايلانغانلىقىنى ئاڭلايدۇ، كېيىن ئاچقۇچ يوقاپ كەتكەچكە، ئۇلار مۇنارنىڭ ئىچىدە ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. دانتى دوزاختا ئوگولىنونى ئۇچرىتىدۇ، ئوگولىنو دانتىغا بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
    بىرادلې (1846 ــ 1924) ئەنگلىيىلىك 20- ئەسردىكى ئەڭ مەشھۇر يېڭى گىگىلىزمچى پەيلاسوپ، «ئېتىكا تەتقىقاتى» (1876)، «لوگىكا قائىدىلىرى» (1883)، «تاشقىي شەكىل ۋە چىنلىق» («ھادىسە ۋە چىنلىق» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، 1893)، «ماقالىلار توپلىمى» (1935) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ پەلسەپىسى ئىلئوتقا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن.
    (139) تەرجىماندىن: كرىئولانىئوس رىملىق سەركەردە، كېيىن دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ، قوشۇن باشلاپ رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئانىسى ۋە خوتۇن- بالىلىرىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ھۇشىنى تېپىپ، ھۇجۇمنى توختىتىدۇ. دۈشمەن بۇ ئەھۋالنى بىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. شىكىسپىر بۇ ھەقتە «كرىلانىئوس» دېگەن تراگدىيىسىنى يازغان. ئىلئوت كرىلانىئوس ئوبرازىغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى ھەقىقىي تراگدىيە پۇرىقىغا باي دەپ ماختىغان.
    (140) تەرجىماندىن: بۇ يەردە ئىلئوتنىڭ كېمە ھەيدەش تەجرىبىسى ۋە دېڭىز سەپىرىگە بولغان ئىشتىياقى ئەكىس ئەتكەن. كېمە ھەيدەش سەۋىرچانلىق (Damyata)، كەيپىياتنى بىرخىل تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كىشىلىك ھاياتمۇ كېمە ھەيدەشكە ئوخشايدۇ، سەۋرقىلىشقا، كەيپىياتنى بىر خىل تۇتۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    (141) ئاپتوردىن: ۋىستون خانىمنىڭ «تەزىيە مۇراسىمىدىن ئەپسانىگىچە» ناملىق كىتابىنىڭ بىلىقچى شاھقا مۇناسىۋەتلىك بابىغا قاراڭ.
    (142) تەرجىماندىن: «كونا ئەھدە. ئىساييانامە» 38- پارە 1- ئايەتتە مۇنداق مەزمۇنلار بار: «پەرۋەردىگار شۇنداق دېدى، ئۆيۈڭنى ياخشىراق يىغىشتۇر، چۈنكى، سەن ئۆلسەڭ تىرىلمەيسەن»
    (143) تەرجىماندىن: بۇ ئەينىي چاغدا ئەنگلىيىدە مودا بولغان خەلق ناخشىسىنىڭ بىر مىسراسى.
    (144) ئاپتوردىن: دانتىنىڭ «ئىلاھىي كومىدىيە. ئەئراف» 26- پاراگراف 148- مىسراغا قاراڭ:
    «ھازىر مەن سېنى
    باشلايمەن پەشتاقتىن ياخشىلىق تامان،
    مەن ئازابقا يولۇققاندا دىققەت قىل بەكمۇ
    ئاندىن مۆككىن ئەئرافتا ئوتلىرىغا ئۇلارنىڭ»
    تەرجىماندىن: «ئەئراف» تا شائىر ئارنوت دانېل دانتىغا يۇقىرىقى مىسرادىكى سۆزنى دەيدۇ، تۆتىنچى مىسرا دانتىنىڭ ئۆزىنىڭ گېپى.
    (145) ئاپتوردىن: «مۇقەددەس ۋىناسنىڭ تۈندىكى قاراۋۇلى» غا، بۇ شېئىرنىڭ 2-، 3- بۆلىكىدىكى سمېلناغا ئائىت مەزمۇنلارغا قاراڭ.
    (146) ئاپتوردىن: نارۋىلنىڭ «بەختسىز ئادەم» ناملىق سونىتىغا قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ سونىتتا شائىر ئۆزىنى مۇناردا تەختتىن چۈشۈشنى قوبۇل قىلغان ئاكۇتان شاھىغا ئوخشاتقان.
    (147) ئاپتوردىن: كيدنىڭ «ئىسپانىيە تراگدىيىسى» گە قاراڭ.
    تەرجىماندىن: بۇ دراممىنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى «ھرونھىيىم ساراڭ بوپتۇ». ئۇنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: ھرونھىيىم سۆيگىنى ئۆلتۈرۈلگەچكە، ئازابلىنىپ، ساراڭغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇ سۆيگىنىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر درامما يېزىپ، رەقىبلىرىنى رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قىساس ئېلىشنى پىلانلايدۇ ھەم مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۇۋالىدۇ. بۇنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسەت ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەنىۋى مەدەنىيىتى گۇمران بولغان بولسىمۇ، ئۇنى قۇتقۇزۇشنىڭ مۇمكىنلىكى، ئۈمىدنىڭ پۈتۈنلەي يوقالمىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
    (148) ئاپتوردىن: Shantih بۇ سۆزنىڭ تەكرار ئىشلىتىلىشى مەلۇم ئوپانشات تېكىستىنىڭ رەسمىي ئاخىرلىشىشىدا كۆرۈلىدۇ، بۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغاندا «كۈتۈلمىگەن جىمجىتلىق» بولىدۇ.
    تەرجىماندىن: «يېڭى ئەھدە. فىلىپلىكلەرگە يېزىلغان خەت» 4- پارە 7- ئايەتتە مۇنداق مەزمۇنلار بار: «شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر رەببىمىز ئىسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆزى ئاتا قىلغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي- پىكرىڭلارنى قوغدايدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان خاتىرجەملىكتۇر»





     
     

     
     


     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر توماس