تىل ئاستىدا ئەركىنلىك(ئوكتاۋىئو پاز)

يوللىغۇچى : Arkinnur يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-14 20:14:56

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} تىل ئاستىدا ئەركىنلىك ئوكتاۋىئو پاز (مېكسىكا)ئەركىن نۇر تەرجىمىسى مونولوگ ئەبج

    تىل ئاستىدا ئەركىنلىك

    ئوكتاۋىئو پاز (مېكسىكا)
    ئەركىن نۇر تەرجىمىسى

     


    مونولوگ

    ئەبجەق تۈۋرۈك ئاستىدا،
    مەۋھۇملۇق ھەم خىيال ئارىسىدا،
    ئات-جۆنۈڭ بۇغۇملىرى،
    كېسىپ ئۆتەر بىدارلىقمنى.

    قىزغۇچ ئۇزۇن-ئۇزۇن چاچلىرىڭ، 
    چاقماق ياز كۈنىدە چېقىلغان،
    لەرزان ھەمدە كۈچلۈكتۇر،
    كېچە دۈمبىسىدە سىلكىنگەن.

    قاپقاراڭغۇ خىيال ئېقىنى
    گۆرىستاندىن بۇلدۇقلاپ چىقار،
    سېنى قۇرار مەۋھۇملۇق:
    ئازابلىق بانتا چاچلار، ئۇنتۇلغان
    كېچە دېڭىزىنىڭ نەمخۇش قىرغىقى،
    چۈشەكىگەن دېڭىز ئۆزىچە
    شالاپلاپ ئۇرۇلار، سوزۇلۇپ ياتقان.

    سېنىڭ ئىسمىڭ

    نۇرغا تولغان گۈزەل بىر سەھەر،
    تۇغۇلماقتا مەن ۋە سايەمدىن،
    كۈتۈۋالدىم تاڭنى تېرەم ئۈستىدە. 

    ئىسمىڭنىڭ ياۋا كەپتىرى،
    قورقۇمسىراپ قونار مۈرەمگە.

    تېرەكلىك

    يوپۇرماقلار ئارىسىدا قۇياش
    تۇشمۇ تۇشتىن ئەسكەن شاماللار
    گىياھ يالقۇنى ياسايدۇ سېنى،
    ئەكس نۇردىن پۈتكەن سەن ئۆزۈڭ:
    ئالتۇن رەڭ ئاستىدا يېشىللىق گويا،
    ئاپېلىسن سارغايغان يېشىللىقلاردا.
    كۆلەڭگىلەر سىن بەرگەن نۇرلار
    نۇر ئىچىدە ئېرىيدۇ سايە.


    سېنىڭ سۈزۈك سايەڭ ئاستىدا

    1

    سېنىڭ سۈزۈك سايەڭ ئاستىدا،
    بوشلۇقتىكى يالقۇن كەبى ياشايمەن،
    ئۈلگە قىلىپ چولپاننى قوۋناق.

    2

    ماختايمەن، ئۇ گۈزەلنى سىلەرگە.
    ئۇ يورۇق كۈن بۇلاقلاردىن ئېتىلىپ چىقار،
    قارا تۈن مەرمەر تاش نۇرىدا چاقنار.
    ئۆزىنىڭ تومۇرلىرىدا ئۇ
    ئاراملىنىپ تىمتاس تىنىپ ياتار؛
    ئاياغ ئىزلىرى ئۇنىڭ
    زېمىننىڭ گۈپۈلدەپ سوققان يۈرىكى،
    ئالەمنىڭ جىيەكلىرى،
    تۇيغۇن، ئېتىلگەن ھەمدە ئەركىن جاي؛
    ئۇ تىمسالى كۆكتە ئۇچقان قۇش ۋە ياكى بۇلۇت،
    ساما چۆرگىلەتكەن ئۇنى ئوينىتىپ؛
    ئۇنىڭ ئاۋازى زېمىننىڭ تېڭى،
    خەۋەر بېرىدۇ بىزگە ئالدىن سۇلاردىن،
    ئوت-يالقۇننىڭ قايتىپ كېلىشى،
    باشاقلارنىڭ قايتىشى،
    دەرەخلەرنىڭ دەسلەپكى تىلى،
    ئاپئاق قانات شاھىنىڭ ئىستېلاسى.

    ئۇ كۆرمىگەن تۇغۇلۇشىنى دۇنيانىڭ،
    كېچە-كېچىلەپ كۆيەر قېنى لاۋۇلداپ،
    كۈللىيات كېچىسىنىڭ قېنى بىلەن تەڭ.
    زېمىننىڭ دېڭىز بويلىرى
    كۆتۈرۈلگەن نەمخۇش سادالار
    داۋام ئېتەر ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىدا:
    سۇنىڭ بىر خىل جىمجىت ئۆتمۈشى
    ساق نەرسىلەرنىڭ دەسلەپكى شەكلى.

    ماختايمەن، ئۇ گۈزەلنى سىلەرگە قەۋەت:
    ئۇ تېپىلمىغان، يوشۇرۇن ئالتۇن،
    بىر تۈپ قۇرغاق يېشىل چۆپ،
    بىر تۈپ تىمتاس جىغان ھەم،
    ئۇ ھەممىنى ئۆستۈرگەن شەكىلسىز قۇدرەت،

    ئۇ ياشايدۇ قان ياكى تىنىقتەك ئەبەد.
    ئۇ دۇنيانىڭ تىمتاسلىقى،
    ئۇ دۇنيانىڭ غەۋغا-غەليانى.

    ماختايمەن، ئۇ گۈزەلنى سىلەرگە مانا...
    جىسمىم ئۆزگىرەر ھامان بىر كۈنى،
    ئېغىزىم سۆزلەيدۇ چوقۇم
    بۇ يۈكسەك نائېنىقلىق-بىلمەسلىكنى،
    بۇ يېپيېڭى ئادەت:
    ئايلىنار بوران-چاپقۇن، دەرەخ شېخىغا.
     
    3

    ئۇ تەلپۈنەر پانىي قۇدرەتكە،
    تەلپۈنىدۇ تۇپراق قۇدرىتى، سۇغا.
    ئۇ تەلپۈنىدۇ ساداسىز قورغاندىكى ئەرمۇدۇنلارغا،
    ئۇچرىشار شۇ دەرەخلەرنىڭ شىرنىلىك ئالىمى بىرلە،
    سىلار نۇر-زىيا، يامغۇر، زاماندىن پۈتكەن پوستىنى،
    زوقلىنار كۆكتىكى يېشىل شاخ-يوپۇرماقلارغا،
    قۇلاق يېقىپ تىڭشايدۇ ياپراقلاردىن ئېقىن سۇدەك ياڭرىغان كۈيگە.
    كۆزلىرى قامىشىپ قارايدۇ يەنە
    ئاسمانغا، ئاسماندىكى بۇلۇتقا
    دولقۇنسىز بوشلۇقتا لەڭگەر تاشلىغان
    سامانىڭ شەكىلسىز ئېقىن-دەرياسى
    ئوخشايدۇ بۇژغۇنلاپ-كۆۋەجەپ تۇرغان.

    ئۇ تەلپۈنەر قۇدرىتىگە ئالەمنىڭ،
    تەلپۈنىدۇ دەرەخنىڭ ھەيۋەت تۇرقىغا،
    زوقلىنىپ ئاڭسىز، نۇرانە ئۇزلۇقىغا.

    ئۇ سىلايدۇ توپا، ئالماسلاردىن پۈتكەن تېرەمنى،
    تىڭشايدۇ تىنالىق چەشمەمنىڭ شىرقىراپ ئېقىشلىرىنى،
    قارايدۇ تۇتۇق يامغۇردىكى ئاغزىمغا ھامان،
    ئەرلىكىم دىكىلداپ تىترەيدۇ كۈچلۈك،
    شۇ قەدەر كۈچلۈك، نۇرلىنىدۇ شامالدا بوستان.

    سىلايسەن تېنىڭنى، ئېقىن سۇدەك يالىڭاچ،
    ئايرىلىپ چىققىن تېنىڭدىن، يامغۇر ياغار تېنىڭگە،
    قاراپ باق جۈپ پۇتۇڭ ئوخشاپ قالغان ئىككى ئېرىققا،
    قارىساڭ ئوخشاپ كېتەر ۋۇجۇدۇڭ ئېقىن-دەرياغا،
    بىر جۈپ كۆكسۈڭ ئۇندىكى ئىككى ئارال،
    تۈن كېچىدە چاقنىغان چولپاندۇر جىنسىڭ گويا،
    تاڭ، ئىككى ئەما دۇنيا ئارىسىدا گۈلسۇرۇخ يەڭلىغ نۇر،
     ئىككى دېڭىز ئارىلىقىدا ئۇخلاپ ياتقان چوڭقۇر ئوكيانلار.


    4

     ۋۇجۇد، يېگانە ۋۇجۇد، بىرلا ۋۇجۇد،
     ئېقىپ تۇرغان يورۇق كۈندۈز
     ھەمدە يۈتۈۋېلىنغان كېچىدەك ۋۇجۇد،
    تال-تال نۇرلار، زىيالار، تاشقان دەريالار،
    تۇتۇپ بولماس دەريا قىرغىقى، ئاققان خالىغانچە،
    چېچىڭ ئۆزرە نۇر يىپى، چېچىڭ ئەبەدىي
    بەرمەيدۇ ئاراملىق سايەمگە بولىدىغان تۇتقىلى؛
    ئوخشايدۇ كۆيۈۋاتقان دېڭىزغا
    تاڭنىڭ كۆكسى؛
    بىر جۈپ لېپەك كۆۋرۈك يازدىكى؛
    گۇگۇمنىڭ يېشىل قاينىمىغا چۆكەر ساغرىلار؛
    مەردانە كېرىلگەن كۆكرەك
    كۆپۈكلەرنى تىنجىتار؛
    بىر بويۇن، پەقەتلا بىر،
    بىر جۈپ قول، پەقەتلا بىر جۈپ،
    كېكەچلەپ سۆزلەنگەن بىرنەچچە ئېغىز سۆز
    قۇملۇقلارغا ئۇچۇپ چۈشكەن دانىسى قۇمنىڭ...
    يىراق تۇرۇڭلار، بۇ بارچە نەرسىلىرىمدىن،
    سۇ ۋە غۇۋا شادلىقلار،
    تۇغۇلۇۋاتقان ياكى ئۆلۈۋاتقان دېڭىز؛
    بۇ لەۋلەر ھەمدە ئېغىزلار،
    ئېچىرقىغان بۇ كۆزلەر،
    ئايرىۋەتتى ئۆزۈمدىن مېنى،
    ئۇنىڭ شۇ ئەسەبىي قاش-كۆزلىرى
    ئېلىپ چىقتى جىمجىت ساما قەرىگە مېنى،
    دەقىقە ئۇندا تۇرىدۇ تىترەپ،
    ئەسەبىيلىك قاينىمى:
    ئۇدۇر ئۈپۈك چوققىسى،
    ئۇدۇر كەم-كۈتىسىز گۈزەل دۇنيا، 
    ئۇنىڭ بىر شەكلى.
     
    5

    قايتىلاپ كۆتۈرەي زېمىننى يەنە،
    سەندىكى نەرسىلەرنى تېتاي تىلىمدا.
    تۇتۇش-سىلاشلىرىم سوزۇلغان
    سېنىڭ تەشنالىقتا سىلاشلىرىڭغا،
    سىلاشلىرىڭ ئوخشايدۇ
    ئۇزۇن، لۆمشۈپ ئاققان دەرياغا،
    بارماقسىمان ياپراقلار
    ئۈزۈپ بارار قويۇق، يېشىل چۈشلىرىڭ ئارا.

    ئۆزۈمگە قايتماس تەن بىلەن چېتىپ قوي مېنى،
    مەن سۆيىمەن سېنى، مېنىڭ توپام-مېنىڭ لېيىم،
    نەپەسلىرىم تەلەپ قىلغان ئىقلىملار،
    مېنىڭ سۆڭەك كۈلۈم،
    قوۋمىمنىڭ سۆڭەك كۈلى.

    تۇرماقتىمەن قىيا تېشىڭدا،
    تىزگىنلەنگەن ئۆزۈم، بويسۇندۇرۇلغان نەرسىنى
    تاپشۇرۇپ بېرىمەن قىيا تېشىڭغا:
    مېنىڭ تېنىم مۇقىملاشتۇرار مېنى،
    تەقدىرىمنى چەكلەر ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىدە،
    يېيىلغان ۋۇجۇد،
    نازاكىتى بىرلە تىرەيدۇ مېنى.

    شېرىن ئۇيقۇدا دەريادىكى رايىش قىز،
    مېنىڭ قۇشۇم ھەمدە بېلىق راۋىقى،
    مېنىڭ توپامنىڭ
    قاتتىق سۈتلۈك كەپتىرى،
    نېنىم، تۇزۇم، مېنىڭ ئۆلۈمىم،
    قانلىرىمنىڭ ياستۇقى:
    تېخىمۇ كەڭ مۇھەببەتكە تاشلايمەن سېنى كۆمۈپ.

    بارچىنى كۆمەي، زېمىن،
    خۇشاللىق بىلەن يالقۇنۇڭغا تاشلاي بارىمنى:
    سەن ئۆزۈڭنىڭ ماھىيىتى رەھىمسىز
    ئۆچمەنلىكتە قارىغان، سوققان تومۇرغا.

    قۇرغاق زېمىن، كۈيلەيمەن سېنى قايتىلاپ؛
    قەسىدە ئوقۇيمەن مەڭگۈ توختىماي،
    ساڭا ئوخشاشلا تۇرۇپ يالىڭاچ،
    ئالماشتۇرۇپ بىراۋنىڭ ئومۇرتقىسىنى،
    بىزگە يامغۇر ئاتا قىلغۇچى شۇ بەھەيۋەت جۈپ قولۇڭنىڭ ئاستىدا،
    كۈيلەيمەن، بىزلەر كۈيلەيمىز،
    ئىككى تۈپ پاكىز يېشىل گىياھتەك،
    بىر تۈپ كۆپكۆك دەرەختەك،
    سەن ياقتۇرمىغان بىر تال گۈلدەك.

    باغچا
    −خۇئان شېل-ئالبېرتقا بېغىشلاپ

    ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلار، چوڭ قۇرۇقلۇق
    ئۇيقۇلۇق سەيلە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان
    ماددىسىز، ۋەزىنسىز ئالەم، قۇياش سىزغان
    جۇغراپىيە كىتابى شامال ئۆچۈرگەن.

    ئېتىلگەن تۆت تام. يوپۇرماق گۈل:
    يۇيۇنار نىگاھىم، ئۇنىڭ تىمتاس يالقۇنىدا.
    ئەسكەن شاماللار، يوپۇرماق ۋە
    ھۇشقىيتىپ تۇرغان يېشىل گىياھلار ئارا.

    ئەتىر پۇرايدۇ ئەتىر چۆپ،
    ئاستا مېڭىپ ئۆتكەندە ھامان.
    بېشارەتچى: ئاق موم دەرىخى 
     ئويغا پاتقۇچى: قارىغاي.
    كىچىكتۇر باغچا، بىپايان ئاسمان.

    يېشىللىق خارابىلىقىمدا قالغان ساقلىنىپ:
    تىكىلىسەن ئۆزۈڭگە كۆزۈم ئىچىدە،
    تونۇيسەن ئۆزۈڭنى مەندىن،
    ئۆز-ئۆزۈڭنى سېغىنىپ،
    ۋۇجۇدۇمدا غايىب بولارسەن،
    داۋام ئېتەرسەن ھەمدە.

    كېمىر
    −سېرۋىيا ئوكەنپوغا بېغىشلاپ

    كىم ئۇ قەغەز قېشىدا ناخشا ئېيتقان؟ 
    مەن كۆردۈم ئۆزۈمنى
    ئوبراز دەرياسىغا باغرىنى ياققان،
    ئۆزىدىن ئاستا، غېرىبانە ئايرىلغان:
    پاك يېزىق، بەلگە كو ئوردېناتى،
    ۋاقىت تېنىدىكى پىچاق يارىسى،
    ئاھ، يېزىقلار،
    سۇ ئۈستىدىكى سىزىقلار!
    بارماقتىمەن ئارىلاشما يېشىللىق ئارا،
    ئاراللار ئارىسىدا دەريا ياقىلاپ،
    بارىمەن يورۇق بوشلۇقتا، بەخت دەرياسى بويلاپ.
    ئاقمايدۇ، سىيرىلىپ بارىدۇ دەريا،
    سىلىق پىكىردەك. مەن ئايرىلدىم ئۆزۈمدىن،
    قاش بويىدا، توختىغاندەك بارىمەن ئاستا،
    ئوبرازلاردىن پۈتكەن كېمىردا،
    چوڭقۇر خىيال دەرياسىن بويلاپ
    بارىمەن ئالغا، كۈتكەنچە ئۇندا،
    قارشى ئالاي دەپ ئۆزۈمنى، بەخت دەرياسى
    ئۇلاپ، ئۈزەر قۇياش نۇرىنى بىر مىنۇت، ئىككى سۇۋادان ئارىسىدا،
    توختار غىلتاڭ تاش ئۈستىدە،
    ئۆز-ئۆزىنى قارشى ئالماققا
    ئۆزىدىن ئايرىلىپ، بارماقتا ئالغا.

    كۆل

    كۆرۈش ئۈچۈن ھەممىسى كۆزدە
    ئاڭلاش ئۈچۈن ئەمەستۇر قىلچە
    - بودلېر

    تاقىر تاغلار ئارىسىدا،
    تەقىپلەنگەن سۇ
    تىمتاس، يالتىراق،
    يەرگە چۈشكەن ئاسماندەك گويا.

    دېڭىز تۇمانى چەكسىز،
    نۇر ۋە تاغ كۆرۈنەر بىراق؛
    سۇ بىلەن كۆك ئۇخلىشار،
    كۆكرەكنى يېقىشىپ، تۇرسىمۇ يىراق.

    بارماق بىلەن ئوينىغان كەبى
    ئەمچەك، مەيدىنى،
    سوغۇققىنە ئەسكەن شۇ شامال يېنىككىنە تەۋرىتىپ ئۆتتى سۇنىڭ سەتھىنى.

    جىملىق تىترەك ئىچرە، 
    تۇيغۇ مۇزىكىسىنىڭ تەپتىدەك،
    قۇلاق ئاڭلىماس قىلچە،
    كۆرگىلى بولىدۇ كۆز بىلەن پەقەت.

    كۆرگىلى بولىدۇ كۆز بىلەن پەقەت،
    سۇ ۋە نۇرلار،
    ئۇيقۇغا چۆككەن مەرۋايىت
    ۋىلىلداپمۇ قويمايدۇ ئۇلار.

    كۆز بىلەن كۆرۈشكە يارالغان ھەممە.
    كۆزدە ھەرىكەت قانۇنىيەتلىكتۇر،
    بىر لەھزە ئۆچۈۋاتقان رەڭ ئېرۇر،
    بىر خىل شەكىللەرنىڭ كۆلەڭگىسى،
    تۇيۇقسىزلا ئۇندىن چىققان شاماللار
    چەكسىز دېڭىز ساھىلى ھەمدە.

    جىملىق

    مۇزىكا-كۈيلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن
    يارالغان بىر نوتىغا تەققاس:
    ئۇ تىترەتكەن ئۇزۇن، ئىنچىكە ئاۋاز
    باشقا بىر مۇزىكا باغرىدا تىمتاس.
    جىملىقنىڭ باغرىدىن، چوڭقۇرلۇقىدىن
    يارالدى يەنە بىر جىملىق: مۇنار، شەمشەرلەر،
    ئۆسەر زورىيىپ، توختاپ قالغۇچە بىزلەر.
    زورىيىپ ئۆسكەندە، ئۈمىد، ئەسلىمە
    توزۇپ چۈشەر چوڭ-كىچىك ئۆسەك سۆزلەر،
    ۋارقىرىغىمىز كېلىدۇ، بوغۇزىمىزدا تۇنجۇقىدۇ ۋارقىراش:
    كىرىپ كېلىمىز جىملىق قوينىغا،
    ئۇ يەرنىڭ جىملىقى ساداسىز، تىمتاس.


    بىر جۈپ تەن

    بىر جۈپ تەنلەر بېقىشقان،
    بەزەن ئۇلار ئىككى دولقۇن،
    تۈنلەر ئېرۇر دېڭىز بىپايان.

    بىر جۈپ تەنلەر بېقىشقان،
    بەزەن ئۇلار ئىككى تاش،
    تۈنلەر بولار باياۋان تۇتاش.

    بىر جۈپ تەنلەر بېقىشقان،
    بەزەن ئۇلار دەرەخ يىلتىزى،
    تۈنلەر ئارا بىر-بىرىگە يېپىشقان.

    بىر جۈپ تەنلەر بېقىشقان،
    بەزەن ئۇلار بولسا بىر پىچاق،
    تۈنلەر بولار چېقىلغان چاقماق.

    بىر جۈپ تەنلەر بېقىشقان،
    بەزەن ئۇلار ئىككى يۇلتۇز،
    ئېقىپ چۈشكەن كۆككە ئۈن-تىنسىز.

    گىرىمسەن ھايات

    دېڭىزدا زۇلمەت كېچە
    بېلىقلار چاقماق
    ئورماندا زۇلمەت كېچە
    قۇشلاردۇر چاقماق.

    تەننىڭ زۇلمەت كېچىسى
    سۆڭەكلەر چاقماق
    ئاھ، دۇنيا، كېچە ھەرياق
    ھاياتتۇر چاقماق.

    ئۈگدەش

    خىرە-شىرە يورىدى تاڭ. سايرىغان سائەت.
    سۈكۈتتە جاھان، بىر پارچە كەڭ-بىپايان.
    نېمە سايىسى ئۇ، بىر پارچە بوش، جىمجىت تۇرغان.
    قارا تۈنلەر سۆرەپ ماڭىدۇ سېنى،
    ئاقۇش بىر تۈپ دەرەخ شېخىسەن سۇنغان.

    بىدارلىق خاتىرىلىرى

    1

    سائەت چىشلىمەكتە
    مېنىڭ قەلبىم،
    بۈركۈت ئەمەس، چاشقاندۇر.

    2

    كېچىلەرنىڭ چوققىسىدا ئەڭ،
    دەيمەن ئۆزۈمگە:
    »مەڭگۈلۈكتۇرمەن،
    ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن دەرياسى ئىچرە«.
    باشقا بىر دەقىقىگە كىرەر دەقىقە،
    يوقتۇر زامان چوڭقۇرى.

    3

    كەلدىم بىر تام ئالدىغا،
    يول بەلگىسى ئېسىلغان تامغا:
    «بۇندىن باشلىنار سېنىڭ كەلگۈسىڭ».

    4
    ۋەتەن سېغىنچى

    تامام بىردەك كۆپكۆك ئاسماندا،
    تامام ئوخشاش يۇلتۇزلار يانار.
    ئۇلار بىلمەس بىزلەرنى قىلچە،
    ...ھەر خۇراز چىللايدۇ ئۆز كاتىكىدە.

    ئىستىلىستىكا

    1

    كۈيلەيدۇ قۇش چۇرۇقلاپ،
    كۈي مەنىسىن بىلمەيدۇ ئەمما:
    زېھنى يىغىلغاندۇر بوغۇزىغا.


    2

    ھەرىكەتكە مۇۋاپىق شەكىل
    تەقىپ ئەمەس، پىكىر پوستىدىن تاپىدۇ تەشكىل.

    3

    سۈزۈك ئەينەك نۇرلىرى
    يېتەرلىك ئەمەستۇر ماڭا بۇ نۇرلار:
    ئېقىن سۇدۇر سۈزۈك، زىلال سۇلار.

    شاخ

    بىر بالاپان
    توختاپ قالدى قارىغاي ئۈستىدە،
    چۇرۇقلاپ، قانات قاققانچە ھەريان.

    ئۇ ئوقتۇر يادىن شاخقا ئېتىلغان،
    غايىب بولار يىراققا ئۇچۇپ،
    ئاسمانغا كۈيىنى توشۇپ.

    قۇش تىمسالى كۈيچى بىر ياغاچ،
    كۆيەر چاراسلىغانچە 
    سېرىق نوتا ئىچىدە.

    قارايمەن ئېگىزگە: دەرەخ ئۇچى قۇپقۇرۇق.
    شاخلار ئارا، ئېگىلگەن شاختا،
    تۇرۇدۇ بىر پارچە تىمتاسلىق تولۇق.

    بۇلۇت

    بوشلۇقتىكى ئارال، توختىغان بوران
    ئۇ يەڭگىل مېڭىپ دېڭىز ساھىلىغا بارغان،
    قالدۇرمىغان ھېچقانداق بىر ئىز،
    سۇغا پەقەت كۆلەڭگىسىن تاشلىغان.

    دەرەخ ياپراقلىرىدىن ئۆتكەن ھاۋا ئېقىمى كەبى،
    تۇمانلىق شاخلار ئارا غايىب بولغان،
    ھاۋا شەكىلسىز لەۋدۇر تىمسالى،
    ۋەزىنسىز جىسىم، چەكسىز قۇدرەتكە تولغان!


    ئاپتورنىڭ خەنزۇچە «كۈن تاش» ناملىق توپلىمىدىن

     

    تەڭرىتاغ ژورنىلى 2006-يىللىق1-سانىدىن ئېلىندى 

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.