خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-25 11:34:00

خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن خۇرشىد دەۋران(ئۆزبېكىستان)ئەزىزى تەرجىمىسى خۇرشىد دەۋران ھازىرقى زامان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ ئىستېداتلىق شائىر، يازغۇچى، تارىخشۇناس بولۇپل...

    خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن

    خۇرشىد دەۋران(ئۆزبېكىستان)
    ئەزىزى تەرجىمىسى

    خۇرشىد دەۋران  ھازىرقى زامان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ ئىستېداتلىق شائىر، يازغۇچى، تارىخشۇناس بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېتىلگەن تەتقىقاتچى، دراماتورگ ۋە سېنارىست. مەرىپەت ۋە مەنىۋىيەت ساھەسىدە تەشەببۇسكار رول ئويناپ كېلىۋاتقان ماھىر تەشكىلاتچى.
    خۇرشىد دەۋران 1952-يىلى سەمەرقەندنىڭ چاردارە قىشلىقىدا تۇغۇلغان، 1977-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. نەشرىيات ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىدا مەسئۇل ۋەزىپىلەردە بولغان. 1996-يىلىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا باش مۇھەررىر، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش دىرېكتورىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى بولغان. ھازىر ئۆزبېكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ياشلار» قانىلىنىڭ باش دىرېكتورى. ئۆزبېكىستان رېسپوبلىكىسى ئالىي مەجلىسىنىڭ ئەزاسى. ھازىرغىچە خۇرشىد دەۋراننىڭ «شەھەردىكى ئالما دەرىخى»، «قەدىردان قۇياش»، «تۈندىكى باغلار»، «ئۇچۇپ بارىمەن قۇشلار بىلەن»، «تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى»، «بالىلىقنىڭ ئاۋازى»، «قەقنۇس» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «سەمەرقەند خىيالى»، «ساھىبقىراننىڭ نەۋرىسى»، «شاھىدلار شاھى»، «باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان، «بابۇرنىڭ سېغىنىشى»، «مىرزا ئۇلۇغبېك» قاتارلىق درامىلىرى سەھنىلەشتۈرۈلگەن، «كاج رەپتار پەلەك»، «مەلىكىنىڭ قايتىشى»، «تېمۇرنامە»، «بۇخارائى شەرىپ» قاتارلىق كىنو سېنارىيىسى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرى ئىشلەنگەن. شېئىرلىرى 40 تىن ئارتۇق تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ ئۆزبېك مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن «دوستلۇق» ئوردېنى ۋە «ئۆزبېكىستان رېسپوبلىكىسى خەلق شائىرى» دېگەن ئۇنۋان بىلەن تارتۇقلانغان.

    خوشلىشىش

    مەن سېنىڭدىن ئايرىلماقچىمەن،
    يامغۇردەك ئەمەس−
    يامغۇر يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
    شامالدەك ئەمەس−
    شامال يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
    مەن سېنىڭدىن ئايرىلماقچىمەن
    مۇھەببەت كەبى...

    كۆز ئالدىمدا...

    كۆز ئالدىمدا بىپايان باغلار،
    ياپراقلاردا تىللارەڭ غۇبار.
    يېقىنلىشىپ قالغاندەك تاغلار،
    ھاۋا يەنە تىنىق، بىغۇبار.

    شىلدىرلىغان كەچكى يامغۇر ھەم،
    تۇمانلارنى قۇچاقلىغان تاڭ،
    قاپقارايغان دالىلار، قىرلار
    بىرى ماڭا تونۇش، قەدىردان.

    دەرەخلەردە لاۋۇلدار گۈلخان،
    يۈرىكىمدە ئۇنىڭ تەپتى بار.
    باغچىدىكى خازانلار بىلەن،
    ئۇچۇپ يۈرەر ئاخشامقى باھار.

    مېنى تاشلاپ كەتكەن دوستلارنى
    توختاتماقچى بولغان دەل شۇئان،
    مەن قولۇمنى سوزىمەن جىمجىت
    يېنىۋاتقان گۈلخانلار تامان.

    قىز قوشىقى

    سەن كېلىسەن...
    سەن كەلگەندە
    تاشقان دەريا بولىمەن.
    بېدە باسقان ھارۋىدەك
    خۇش پۇراققا تولىمەن.

    سەن كېتىسەن...
    كەينىڭدىن مەن
    باقىمەن چۆل يولىدا
    ھارۋىدىن چۈشۈپ قالغان
    بېدە چېچىكى كەبى...

    بەكمۇ گۈزەل ئايال ئىدى ئۇ

    رومال ئوراپ چىقتى كوچىغا،
    رومالىنى يەشتى كوچىدا
    ۋە چاچلىرى بىردىن سەل كەبى
    ئېقىپ كەتتى يەلكىلىرىدىن.

    بەكمۇ گۈزەل ئايال ئىدى ئۇ!
    قەلەندەردەك ئەگەشتى ھىلال.

    قۇياش سېنىڭ مېھرىڭگە زاردۇر

    يامان كۈنلەر كەلسە بەسمۇ بەس،
    بېشىڭنى تۇت يەنىمۇ مەغرۇر.
    بىلگىن، زۇلمەت ئەبەدىي ئەمەس،
    يوقالمىغاي بۇ دۇنيادا نۇر.

    كېلەچەكتىن كۈتمە كارامەت،
    پەقەت ئىنتىل، تىكىل ئالدىڭغا.
    كۈلۈپ كەتمە گەر كەلسە ئامەت،
    ئىشەنمىگىن كۈمۈش-ئالتۇنغا.

    ئىشەن، زۇلمەت ئەبەدىي ئەمەس،
    بۇ دۇنيادا قۇياش ھەم باردۇر.
    سەن قۇياشنى كۈتۈپ ئالساڭ بەس،
    قۇياش سېنىڭ مېھرىڭگە زاردۇر...

    ھەيھات

    ھەيھات، سېنى ئويلىسا دىلىم،
    تىلىمغا سۆز كەلمىسە، ھەيھات؟
    ئېغىر تاشقا ئايلانسا تىلىم،
    تىلىم سېنى بىلمىسە، ھەيھات؟

    ھەيھات، سېنى كۆرمىسە كۆزۈم،
    يىغىلمىسا، ياشلار تاشمىسا؟
    ھەيھات، چىقماي قالسا ئاۋازىم،
    چىقىپ يۈكسەك تاغلار ئاشمىسا؟

    ھەيھات، سېنى ئويلىسا قەلبىم،
    ھاياجاندىن خەندان ئۇرمىسا،
    قەپەستىكى نىمجان قۇش كەبى،
    زوق-شوق بىلەن سايراپ تۇرمىسا؟!

    ھەيھات، ئەمدى ئاپئاق قەغەزنى
    بويىمىغاي قىزىلغا قېنىم.
    بىر سېنى دەپ چىقارسام ئاۋاز،
    ئوتلىرىڭدا يانسام، ۋەتىنىم!

    ھايات

    ھايات سېنىڭ ھۆسنىڭدەك قىسقا،
    ھايات سېنىڭ چېچىڭدەك ئۇزۇن.

    ھايات سېنىڭ قولۇڭدەك يۇمشاق،
    ھايات سېنىڭ كۆزۈڭدەك غەمكىن.

    ھايات سېنىڭ مېھرىڭدەك يورۇق،
    ھايات سېنىڭ دەردىڭدەك ئېغىر...

    ھايات سېنىڭ...

    ئۆمۈر

    دەھشەتلىك چۈش كۆردۈم...
    ئويغىنىپ كەتتىم.
    ئەسلەي دېدىم، ئەسلىيەلمىدىم.

    (ئۆزبېكچىدىن تەرجىمە قىلىنغان)
    تەھرىرلىگۈچى: ئەكبەر سالىھ
    

    تەڭرىتاغ ژورنىلىدىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.