يافۇسانىڭ قىزى(بايرون)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-14 23:21:46

  يافۇسانىڭ قىزى* گىئورگى گوردون بايرون يافۇسا-قەدىمىقى ئىسرائىلىيە سودىگەرلىرىدىن بىرى .ئۇ جىلئەت ئاقساقاللىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لەشكەر تارتىپ ئامان قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە جەڭدە غەلبە ق...

      يافۇسانىڭ قىزى*

    گىئورگى گوردون بايرون

     

    يافۇسا-قەدىمىقى ئىسرائىلىيە سودىگەرلىرىدىن بىرى .ئۇ جىلئەت ئاقساقاللىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لەشكەر تارتىپ ئامان قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە جەڭدە غەلبە قىلىدۇ. ئۇ غەلبە قازىنىشتىن ئىلگىرى ئىلاھقا<ئۆز ئېلىمگە قايتقاندىن كېيىن ئالدىمغا تۇنجى بولۇپ ئۇچرىغان نەرسىنى كۆيدۈرۈپ نەزىر بېرىمەن>دەپ قەسەم قىلغان ئىدى. ئۇ غەلبە بىلەن يۇرتقا قايتقاندا يۇرتقا يېقىن قالغان جايدا ئۆزىنى ناخشا ئۇسۇللىرى بىلەن قارشى ئېلىشقا چىققان بىر توپ قىزلارنى ئۇچرىتىدۇ. ۋاھالەنكى توپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغىنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر قىزى بولۇپ چىقىدۇ. ئاتىسىنىڭ ئىلاھقا بەرگەن قەسىمىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قىزى دوستلىرى بىلەن يۇرتىدىكى تاغ ئارىسىدا ئىككى ئاي ماتەم تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئاندىن ئۆزىنى مەرتلەرچە قۇربان قىلىدۇ .

    1

    مەيلى ئەمدى جان ئاتا ، ئۆز ئېلىمىز تەڭرىمىز ،

    قىزىڭىزنى گىرىپتار قىلغاندىكىن ئۆلۈمگە؛

    كەلگەندىكىن قەسەمنىڭ كۈچى بىرلە غەلبىڭىز،

    ئۇرۇڭ دەرھال خەنجەرنى قىزىڭىزنىڭ كۆكسىگە،

    2

    مەن قايغۇرۇپ تەقدىرگە ئىڭرىمايمەن ھەسرەتلىك،

    ئىزىم چۈشمەس يۇرتۇمنىڭ تاغلىرىغا قايتىدىن ،

    قىلغىنىدا مەن ئامراق شۇ قول مېنى رەمەتلىك،

    ھېچ ئازاپسىز كەتكەيمەن تىغ ئۇرسىڭىز ئارقىدىن .

    3

    ئىشىنىڭكى جان ئاتا بۇ سۆزۈمنىڭ ۋەزنى بار،

    قىزىڭىزنىڭ تېنىدىن ئاققۇسى ساپ قىزىل قان ،

    ئۇ بەئەينى مەن قىلغان دۇا ئوخشاش بىغۇبار،

    ئۇ گوياكى ئاخىرقى خىيالىمدەك پاك ھامان .

    4

    يىغلاپ قۇددۇس قىزلىرى يېلىنسىمۇ قانچىلىك،

    ئەي سۇدىيە ئەي پەلۋان بولمىسۇن ھېچ كارىڭىز،

    ئاخىر سىزگە، ۋەتەنگە كەلدى ھۆرلۈك ئەركىنلىك ،

    ئۇلۇغ جەڭدە مەن بىلەن بولۇپ غەلبە يارىڭىز،

    5

    تومۇرۇمغا سىز بەرگەن ساپ قان ئېقىپ پۈتكەندە ،

    ئۆچكەندە سىز ئاڭلاشقا ھەردەم خۇشتار بۇ ئۈنۈم ،

    ئارام تاپقاي كۆڭلىڭىز ئەسلىمىنى كۈتكەندە ،

    ئېسىڭزىدىن چىقمىغاي كۈلۈمسىرەپ ئۆلگىنىم !

    ------------------------------------------------------------------------

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.