ئىسىكاۋا تاكۇبوكۇ مۇھەببەت قوشاقلىرى

يوللىغۇچى : unatsu يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-20 20:52:16

مۇھەببەت قوشاقلىرىئىسىكاۋا تاكۇبوكۇ(1886 ـ 1912)خۇرشىد دەۋراننىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدىكۆمىلسەمقار ئۇيۇمىغالاۋۇلدىغان يۈزلىرىم بىلەنمەن سۇۋۇماق ئىستەيمەنشۇنداق بىر كۈچ بىلەن!......

    مۇھەببەت قوشاقلىرى

     

    ئىسىكاۋا تاكۇبوكۇ(1886 ـ 1912)
    خۇرشىد دەۋراننىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى

     

    كۆمىلسەم

    قار ئۇيۇمىغا

    لاۋۇلدىغان يۈزلىرىم بىلەن

    مەن سۇۋۇماق ئىستەيمەن

    شۇنداق بىر كۈچ بىلەن!

    ...

    ئاپپاق قوللار،

    يوغان قوللار.

    ھەممىنىڭ تىلىدا ئۇ:

    ‹قانداق گۈزەل، ئاجايىپ قوللار!›

    نىھايەت،مەن ئۇلارنى كۆردىم.

    ...

    قېرى قىز دەپ نام ئالغان،

    سىڭلىمنىڭ خېتىنى ئوقۇيمەن تاڭدا.

    بىلمەيمەن نىمىگىدۇر،

    ئىشقىي مەكتۇپ ئوقۇۋاتقاندەك

    سەزدىم ئۆزۈمنى...

    ...

    ئۆزۈمگە ئوخشىماي قالىمەن بەزەن ـ

    ئاخماقلىق قىلىمەن

    بالىلار كەبى،

    يۇق، يۇق،سۆيگەن ئادەمگە

    ھېچ ئوخشىمايمەن.


     

     

    2

    خىيالىمدىن كەتمەيدۇ:

    نەقەدەر ئەقىللىقېنىڭ بارچە دەرتلىرىم

    گۈل سېتىپ ئالدىم.

    خوتۇنۇم بىلەن يالغۇز قالغان شام.

    ...

    بىر ئايال بار ـ

    سۆزۈمدىن ھېچ چىقمايدۇ،

    نىمە ئىستىسەم بىجا كەلتۇرەر.

    مەن ـ چۇ...

    مەن قىينىلىمەن شۇ ئايالنى دەپ.

    ...

    بىلىمگە تەشنالىقتىن

    يانار ئىدى كۆزلىرىم.

    ئانام تەشۋىش بىلەن مەندىن سورايدۇ:

    ‹‹راستىنى ئېيت،

    سۆيۈپ قالدىڭمۇ؟››

    ...

    بۈگۈن چۈشتى خاتىرەمگە

    شۇ تۇنجى سىرداش دوستۇم

    تۇنجى سۆيگۈم ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن

    ئاشۇئاخشام

    ئاشۇ ئۇزاق تۈنلەردە.

    ...

    يىرىك ـ يىرىك

    قىزىل گۈللۈك

    نازۈك

    كۆز ئوڭۇمدا تۇرار!

    ئالتە ياشلىق بالا سۆيگۈسى.

    ...

    بىر –بىرىگە تېگپ ـ تېگمەي

    كېتىۋاتقان يەلكىلەر ئارا

    بىر دەقىقە كۆزگە چېلىقتىڭ ـ

    مەن شۇنى ھەم

    يېزىپ قويدۇم  كۈندۈلۈك خاتىرەمگە.

    ...

    گويا قاچانلاردۇ

    بۆشۈكتە يېتىپ

    چۈشلىرىمدە

    ئۇنى كۆرگەنمەن.

    ئۇماڭا شۇنداق ئەزىز.

    ...

    بۇتا كۆزلەر!

    نۇرغۇن سۆزىنى

    ئېيتتى بۇكۆزلەر.

    ئۇنى ماڭا سۈكۈتىن ساقلىغان

    قىز ئېۋەتتى.

    ...

    ئاي نۇرى ـ

    مېنىڭ سېغىنىچىم

    تولدۇردى ئاسمان،زىمىننى،

    ئاقىبەت ئايلاندى

    كۈز كېچىسىگە.

    ...

    پەنخىرىگە سوقۇلۇپ

    تۇردى كېچىسى

    ئۇ قارلار ئارا.

    قانداق ئىللىق ئىھ

    ئۇنىڭ قوللىرى.

    ...

    خانەمدە

    جىمغىنە

    يىغلار ئىدى ئايال...

    ئەسلىسەم

    كىتاپتائوقۇغان ئىسىمدە...

    ...ئۆ

    چۈشۈمدە

    قۇلۇغىمغا كىردى ئاۋازىڭ،

    بەك ئۇزاق بولدى

    ئىشىتمىگىنىمگە!

    قاچان ئىدى، ئۆزۈم بىلمەيمەن.

    ...

    شامالدىن قايمۇقۇپ

    ئادەملەردىن يول سورىغان

    يولۇچى كەبى ـ

    خۇددى شۇنداق، خۇددى شۇنداق

    سۆزلەشسەم مەن سەن بىلەن.

    ...

    يالغۇز،مۇقەددەس، ۋەئەزىز

    تۇيغۇلىرىمنى

    ساڭا تۆكەلمىدىم ـ

    بىراق، ئۇلار

    ھامان كۆكسىمدە.

     

     

    3

     

    ئۇنۇتقاندەك بولىمەن،

    بىراق،

    ئاددىي نەرسە

    يادغا سالار ـ

    ئۇنتالمايمەن!

     

    ئۇلار ئېيتقاندەك، گۈزەل ئىكەن

    پېشانەڭگە چۈشۈپ تۇرسا

    بىر تۇتام چېچىڭ

    قاراپ تۇيمىدىم

    سەن يېزىۋاتقاندا.

    ...

    ئىشىتتىمكى ـ كى،

    بىمار ئىكەسەن.

    ئىشىتتىمكى ـ ساقىيىپ كېتىپسەن:

    تۆت يۈز چاقىرىم يېراقتا  ئۆزۈمنى

    چۈش ئىچىدە يۈرگەن كەبى سەزدىم ئۈزۈمنى.

    ...

    كوچا ـ كويدا توساتتىن

    تونۇش چېھرە كۆزگە چېلىقسا،

    ئۇچۇپ كېتەر

    دىلىم كۆكسىمدىن ـ

    ئېچىنمامسەن؟

    ...

    ئارقىدا قالغان

    ئۆمۈرىمدىكى بار نەرسىنى ئۇنتۇپ

    خىيال سۈرىمەن

    بىلەمسەن كىم ھەققىدە؟

    ...

    يىللارئۆتەر تىنىمسىز.

    ئۆتكەنسېرى

    سەندىن يېراقلاردا

    سېغىنىپ ـ سېغىىنپ

    سېنى سۆيۈمەن!

    ...

    ئسىكەرىگە يېقىن

    گۈزەل باغدا

    سېنىڭ ئۆيۈڭ بار...

    تۆكۈلدىمۇ

    ئالمىلار گۈلى؟

    ...

    باھار كوچىسىدىن

    بارىمەن، ئەنە

    ئاستانەدە

    چىرايلىق يېزىلغان ـ

    ئايالنىڭ ئىسمى.

    ...

    كىچىككىنە

    زەنگەر كوزدىن

    سۈت قۇيماقتا

    تىتىرەپ قول...

    سۆيۈملۈك قول.

    ...

    بۇسە ئالدىم

    ئۇزاقتىن ـ ئۇزاق

    ۋە خەيرلەشتۇق.

    تۈن يېرىم، كوچىدا

    يېراق تاڭنىڭ سولىسى.

    ...

    ‹ئۇ بۈگۈن كېلەر ›، ـ دېدى ماڭا.

    سەھەردىلا تۇردۇم،

    ئاپاق كۆڭلىگىمنىڭ يېڭىدا

    كىرنى كۆرۈپ

    تەشۋىشكە چۈشتۇم.

    ...

    پاتقاقتىكى

    نىلۇپەر كەبى

    چۆكمەس

    قايغۇ

    مەستلىك چوڭقۇرلىغىغا.

    ...

    ـ بېچارە مۇھەببىتتىم! –

    شىۋىرلايمەن ئۆز  ـ ئۆزۈمگە.

    تۈن يېرىمىلاشتى.

    ئۆچۈۋاتقان ئوتقا

    كومۈر سالىمەن.

    ...

     

     

     

     

    ئۆزبېك تىلىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. 

    2010.10.19

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.