تاكسى
ئامىي لوۋېل(ئامېرىكا)
تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان
ئايرىلغان چېغىمدا سېنىڭدىن جېنىم،
دۇنيانىڭ يۈرىكى توختاپ سوقۇشتىن،
ئوخشىدى بوشىغان دۇمباققا گويا.
قاپارغان يۇلتۇزدىن سورىسام سېنى
تىنىمسىز قارشىلاپ كەلگەن كوچىلار
ئايرىۋەتتى مېنىڭدىن سېنى.
كۆرەلمەس قىپ چېھرىڭنى جېنىم
كوچىنىڭ نۇرلىرى تېشەر كۆزۈمنى.
نە ئۈچۈن ھىجرانغا بولدۇم بەخشەندە
كېچىنىڭ تىغىدا تىلىپ ئۆزۈمنى.
___________________________
-- قار گۈلى
روبېرت فروست
شەمشاد شېخى ئۇچىدا قاغا،
بەدىنىمگە چاچسا قار گۈلى؛
كەيپىم شۇندا ئۆزگىرەر،
ئەمما بارماس كەچكە غەمنىڭ بۇ كۈنى.
___________________________
ئاپتاپپەرەس ئېچىلغاندا
ۋىليام كارلوس ۋىليامىس
دەل ئاشۇ يېشىللىق
مەزمۇت قەدىمىي پارلاق ئۇشتۇلغان شاخلار ئارىسىدا
ئاق رەڭلىك خۇشبۇي ماي
قايتىپ كەل
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.