سائەت ئون ئىككى

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-09 16:47:14

Ben Senin En Çok Çocuk Yanlarını SevdimSaat On İkiMurat İnceمەن ھەممىدىن سېنىڭ كىچىك بالىدەك تەرەپلىرىڭنى ياخشى كۆرىمەنسائەت ئون ئىككىمۇرات ئىنجە (تۈركىيە)قاراڭغۇلۇقىمنىڭ ھالىدىن كەتكەنۋە تۈگەشكەن كىملىكىدى...

     

    Ben Senin En Çok Çocuk Yanlarını Sevdim

     

    Saat On İki

     

    Murat İnce

     

    مەن ھەممىدىن سېنىڭ كىچىك بالىدەك تەرەپلىرىڭنى ياخشى كۆرىمەن

     

    سائەت ئون ئىككى

     

    مۇرات ئىنجە (تۈركىيە)

     

    قاراڭغۇلۇقىمنىڭ ھالىدىن كەتكەن

    ۋە تۈگەشكەن كىملىكىدىن يېزىۋاتىمەن.

    مەرھابا، ئومىقىم ؛

    يوللارغا ياتقۇزۇلغان تاشلىرىغا بىز قاراپ-قاراپ تويمىغان

    قوڭۇر ئەنقەرەنىڭ يۈزلىرىمىزنى قاقلىغان

    لەۋلىرىمىزنى چاك-چاك يارغان

    كۆزلىرىمىزنى تولدۇرغان

    ۋە تالاي قېتىم كېتىشىڭنىڭ كەينىدىن ياشانغان

    يىغلانغان بىر كېچىنىڭ گۇندىخانىسىدىن يېزىۋاتىمەن.

    كېتىشىڭ بىلەن باشلىنامتى

    قەلبىمنىڭ يېڭىدىن قاناشلىرى؟..

    ۋە سېنى سېغىنىشىم، مېنى مۇشۇنداق قىپيالىڭاچ

    بىر يانغىننىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلاپ قويامتى؟

    شۇنچىلىك ھاردىمكى، جېنىم

    بۇ قانچىنچى سەنسىز كېچە؟

    سانىمىدىم، ئىسىممۇ قويمىدىم،

    ۋە شۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كەتتىمكى،

    كۆرسەڭ ھەم قاچىسەن، ھەمدە يىغلاپ كېتىسەن

    مەن بۇ ئايرىلىشنى چۈشەنمىدىم، جېنىم.

    ھېلىھەم قاراڭغۇ ھوجرامنى يورۇتقان،

    بىر ئالمىنىڭ يېرىمى سەن، يېرىمى مەن بولغان

    رەڭسىز بىر خاتىرىنىڭ رەسىمى باش تەرىپىمدە.

    يانچۇقۇمدا بۇرنۇڭنى سۈرتكەن ئۇ ئۈچ پۇڭلۇق قەغەز

    ياقۇتتەك يېنىپ تۇرىدۇ يۈرىگىمنىڭ ئۈستىدە

    ۋە مەن قەلىمى، قەغىزى قولىدا، ھەسرىتىڭگە پەرۋانە

    خۇددى سەن دېگەندەك يارىماس بىر شائىرمەن يەنە.

    تىزلىرىڭغا بېشىمنى قويۇشنى

    بېشىڭنى تىزلىرىمغا قويۇشلىرىڭنى سېغىندىم

    شۇنچىلىك سېغىندىمكى، سېغىنىش قالار بىر يەردە.

    كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىش ئۈچۈن

    ساڭا ئازار بېرىش ئۈچۈن ئەمەس بۇ گەپلىرىم

    قەسەم قىلىمەن، نىيىتىم سېنى يىغلىتىش ئەمەس.

    پۈتۈن سۆزلىرىم، مېنى چىقماس يەرلەرگە بەنت قىلغان يوقلۇقىڭ

    بۇ قاراڭغۇ ھوجرامغا بىر بېشىمغا تاشلاپ قويغان خاتىرىلىرىڭ

    ۋە يەنە ئاۋازىڭنى بىر قېتىم بولسىمۇ ئاڭلىيالمايدىغانلىقىم ئۈچۈندۇر...

    بۇ غەزەپ ئەمەس، نەپرەتمۇ ئەمەس

    مەندىكىسى ئازاپتۇر، سۆيگىنىم...

    تاماكىنىڭ قاپقارا كوكىسىدا بوغۇلىۋاتىمەن

    ئەنقەرە كوچىلىرىغا

    سەندىن، مەندىن ئېشىپ قالغان شام يارىسىغا

    لەۋلىرىمنى كۆمۈۋاتىمەن.

    ئاندىن ئاچچىق ئازاپ ئىچىدە كېچىگە ئۆچۈۋاتىمەن.

    يوقلۇقىڭ، يوقلىمغانلىقىڭ، مەندىن يىراقتا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن

    يوقلۇقىڭنىڭ ئېغىر بەدىلى ـــ يەكسان بولۇش

    كېتىشىڭ بىلەن ئېچىلغان چۇڭقۇرلۇق ــ

    قىيامەتنىڭ قايىمىدۇر قەلبىمدە...

    سېنى سېغىنىمەن، ھەققىڭدە سۆزلەپ بېرىمەن

    يالغۇز ئەنقەرە كېچىلىرىگە...

    سائەت ئون ئىككىگە بەش مىنۇت قالدى.

    ئۆلۈم جازايىمنى ئجرا قىلدىم

    ئېسىپ مەن ئۆزۈمنى يالغۇزلۇقىڭغا

    بىر ئازدىن كېيىن ئىشىكىم چېكىلىدۇ

    ئاخىرقى ئارزۇيۇمنى سورار ئەزرائىل

    سەندىن بىر يۇتۇم سورايمەن

    سەن بىلمەيسەن، سۆيگىنىم

    سەن كەلمىسەڭ ئۆلۈپ كېتىمەن.

    سۇنۇق مېلودىيىلەر كۆيمەكتە ھوجرامدا، ئەنقەرەدە

    ھەتتا مەلۇم بولار قەلبىمنىڭ ئۆلۈم مارشلىرى

    بىر جىمجىتلىق باشلىنار، ئاندىن بېشىم سىلكىنەر

    كۈل قىلار سېنىمۇ سىلكىنىشىم، ئۇ لەنەتتەككۈر ئىستانبۇلدا

    بېشىنى دەيمەن، بېشىنى يەيدىغان ئىستانبۇلدا.

    ئۆلۈمىممۇ تەنھا ھەتتا مىسرالىرىمدا

    كەل، ئەمدى يېتەر دەيمەن

    لېكىن سەن يوق، سۆيۈملۈكىم...

    ئەمدى يىغلايمەن

    تېگىپ كەتسەڭ قانايمەن

    سوراپ قالساڭ ئەھۋال مېنىڭدىن

    ۋولقان بولۇپ پارتلايمەن.

    سورىما، نە ھالدىمەن، نەلەردىمەن؟

    مەن كىممەن؟..

    كىملىكىمنى تەرىپ ئەتكەن،

    يۈزۈمنى كۆرسەتكەن

    ئۇ قاغىشتەككۈر يۈزۈمنى دەيمەن.

    ئەينەكلەردىن يىراقتىمەن، سۆيگۈنىم...

    قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىگە يەنە بىر نازۇك يارام چۈشتى،

    سەن يوقتۇڭ قاردەك ئاپپىقىم، ئەتراپ قىپقىزىل بولدى.

    كۆرمەستىڭ، سەزمەستىڭ، ھەتتا بىلەلمەيتىڭ.

    يالغۇز قالدىم يەنە، ئۇ زەي ھوجرامدا

    كاللام تاماكا تۈتۈنلىرى ئىچىدە،

    ئىچىمگە سەنسىزلىكنى سىڭدۈرىشكە تېرىشىۋاتىمەن

    ۋە بىلەمسەن، بۇنى قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ

    سېنى ئىچىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا تېرىشىۋاتىمەن...

    سېنى سۆيمەن، سېنى سۆيمەن، سېنى سۆيىمەن

    خۇشچاغ قال ئىككى كۆزۈم؛ سائەت ئون ئىككى.

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.