مۇھەببەت(ئابدۇللا توقاي)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-05 12:38:00

مۇھەببەت ئابدۇللا توقاي مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى گۈل-گىياھ ئۈنمەيدۇ چۈشمەي يەرگە يامغۇر تامچىسى، نەدىكەن شائىرغا ئەشئار بولمىسا ئىلھامچىسى. بىر گۈزەلدىن قايسى شائىر ئالمىدى روھىي ئوزۇق،بايرون...

    مۇھەببەت

    ئابدۇللا توقاي
    مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى

     

      گۈل-گىياھ ئۈنمەيدۇ چۈشمەي يەرگە يامغۇر تامچىسى،
    نەدىكەن شائىرغا ئەشئار بولمىسا ئىلھامچىسى.

    بىر گۈزەلدىن قايسى شائىر ئالمىدى روھىي ئوزۇق،
    بايرونىڭمۇ، لېرمونتوفمۇ، پۇشكىنىڭمۇ قايسىسى؟

    پايدىسىز بىر پارچە گۆشتۇركى نىھايەت بۇ يۈرەك،
    پارە-پارە ئەتمىسە سۆيگۈ-مۇھەببەت قايچىسى.

    ئۈنچىدەك ئۆز چىشلىرىڭدىن ئوت ئېلىپ يازغان مۇشۇ-
    شېئىرىمنىڭ ئۈنچىدىن كەمكەن قېنى قايسى يېرى؟

    بۇ تاتار شائىرلىرى قالغۇسى جەزمەن ئارقىدا،
    سۈرمىسە ئالدىغا گەر ئىشقىي مۇھەببەت قامچىسى.

    خوجا بولماقنى قۇبۇل ئەتمەس ئىدىم دۇنياغا مەن،
    بولغىلى مۇمكىن ماڭا بولسا مۇھەببەت جارچىسى.

     ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ ھەسرەت چېكىش خويمۇ شېرىن،
    بارمىكىن مەندىن بۆلەك شۇنداق چۈشەنگەن بىر كىشى؟

    بارچە ئەخرارى مۇھەببەت مەنچە ئەمەسكەن ئويلىسام،
    قېنى فەرھاد بىرلە شېرىن-مەن شۇلارنىڭ تاڭچىسى.

    2006.5سان، دۇنيا ئەدەبىياتى ژورنىلىدىن ئېلىنغان،

     1908-يىلى يىزىلغان ئەسەر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.