پېتوفى شاندور شېئىرلىرىدىن

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-10-20 15:58:00

پېتوفى شاندور شېئىرلىرىدىن مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى مۇھەببىتىم شاۋقۇنلۇق دېڭىز مۇھەببىتىم شاۋقۇنلۇق دېڭىز ، ئۇنىڭ گىگانت دولقۇنى ھەرگىز ‏ــ ئۇرۇلماس ئەمدى قىرغاقلارغا، چاپچىماس كۆككە. ياتىدۇ ...

    پېتوفى شاندور شېئىرلىرىدىن 

     مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى

       مۇھەببىتىم شاۋقۇنلۇق دېڭىز

    مۇھەببىتىم شاۋقۇنلۇق دېڭىز ،
     ئۇنىڭ گىگانت دولقۇنى ھەرگىز
    ‏ــ ئۇرۇلماس ئەمدى قىرغاقلارغا،
    چاپچىماس كۆككە.
     ياتىدۇ ئۇ ئۇيقۇدا جىمجىت،
     ئوخشاش گويا بۆشۈكتە خىرت ـ خىرت
    يىغلاپ ئاخىر تىنچ ئۇيقۇغا كەتكەن گۆدەككە.

    چىمىرلىغان دولقۇنلار ئارا
    مەن خىيالەن قولۋاقتا مانا
    ـ ئاستىلاپ ئۈزۈپ
    گۈلزار سايغا يول ئالدىم ئۇدۇل.

    كېلەچەكنىڭ پرېستانىدا
    كۈتۈپ ئالدى مېنى بىر ناخشا
    ــ شۇ ناخشىچى سەن،
     ئۈمىدىم سەن، سۆيۈملۈك بۇلبۇل.

     1844 ـ يىل 11 ـ ئاي
    -------------------------------

     تۇرىمەن جاناننىڭ قەبرى ئالدىدا
    (ئېدېركا قەبرىسىدىكى ياپراقلار» ناملىق سېكىلدىن)

     تۇرىمەن جاناننىڭ قەبرى ئالدىدا،
    ھەر ئىككى قولۇمنى كۆكسۈمگە ئېلىپ.
     بەئەينى ھەيكەلدەك ئەنە ئالدىمدا
    سوزۇلۇپ ياتقان بىر دۆڭگە تىكىلىپ.

    تۇرۇپتۇ كېمىچى دېڭىز بويىدا
    رەھىمسىز دولقۇنغا سېلىپ سوغ نەزەر .
     شۇ دولقۇن مۈلكىدىن قىلغاچقا جۇدا،
    ئۇ ئەمدى بوپ قالدى يوقسۇل ـ قەلەندەر.

     1845 ـ يىل 1 ـ ئاي
    ---------------------------

     ۋېنگرىيە

     ئەي ۋېنگرىيە، سۈيۈملۈك ۋەتەن،
     سەن ئەمەسكەنسەن قولى گۈل ئۇستاز.
     ئاشنىڭ يېرىمى كېتىپتۇ كۆيۈپ،
     يېرىمى قاپتۇ شۇ پېتىلا خام.

    خەلقىڭنىڭ تېڭى باياشاتلىقتىن،
     كېتىپتۇ سەمرىپ تەڭ قورساق سېلىپ.
     لېكىن يېرىمى تەس كۈندە قالغاچ،
     ئۆلۈپتۇ نۇرغۇن بالاڭ ئاچ قېلىپ.

     1845 ـ يىل 4 ـ ئاي

    ---------------------------

     قايغۇمۇ؟ ئۇ دېگەن بىپايان دېڭىز
    («بۇلۇت» ناملىق سېكىلدىن)

    قايغۇمۇ؟ ئۇدېگەن بىپايان دېڭىز،
    شادلىقمۇ؟ دېڭىزغا چېچىقلىق ئۇنچە.
     بىلمىدىم، سۇندۇرۇپ ئالدىممۇ ئۇنى
    دېڭىزنىڭ تەكتىدىن سۈزۈپ ئالغۇچە.

     1846 ـ يىل 3 ـ ئاي

    --------------------------

     ئۇ سېنى سۆيمىسە توڭلىسا قەلبىڭ

     ئۇ سېنى سۆيمىسە توڭلىسا قەلبىڭ،
    يانىدۇ يالقۇنلاپ سۆيسە ناۋادا.
     ئوخشاشلا ئاپەتكەن، لېكىن قايسىسى
    ياخشىدۇ؟_
            بىلىدۇ بۇنى بىر خۇدا.

     1846 ـ يىل 6 ـ،8 ـ ئاي

    ----------------------

     ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت!

    ئەركىنلىك ۋە سۆيگۈ ـ مۇھەببەت!
     ئىنتىزارمەن ئاڭا تا ئەبەد.
     مۇھەببەت ئۈچۈن ـ قىلىمەن شېرىن جېنىمنى پىدا!
     ئەركىنلىك ئۈچۈن ـ مۇھەببەتتىنمۇ كېچىمەن ھەتتا!

     1847 ـ يىل 1 ـ ئاي

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:22:33]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پېتوفى شاندور