ۋەسىيەت

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-07 17:48:35

VasiyetOrhan Seyfi Orhonۋەسىيەت ئورخان سەيفى ئورخون ( تۈركىيە)دوستلىرىم، توپلىنىڭلار مەن ئۆلگەن زامان؛رىيانى بىر كۈنلۈك بىر يانغا تاشلاپ قويۇڭلار!تۇتۇڭلار جىنازەمنىڭ بىر ئۇچىدىن؛چۇڭقۇر بىر ئورەككە پىقى...



     

    Vasiyet

    Orhan Seyfi Orhon

     

     

    ۋەسىيەت

    ئورخان سەيفى ئورخون ( تۈركىيە)

     

    دوستلىرىم، توپلىنىڭلار مەن ئۆلگەن زامان؛

    رىيانى بىر كۈنلۈك بىر يانغا تاشلاپ قويۇڭلار!

    تۇتۇڭلار جىنازەمنىڭ بىر ئۇچىدىن؛

    چۇڭقۇر بىر ئورەككە پىقىرىتىپ ئېتىڭلار!

     

    قالغىنىمدا سىلەردىن ئۇزاق جايلاردا،

    بەدىنىم چىرىشكە باشلار تۇپراقتا،

    راھەتلىنىپ يېتىڭ ئىسسىق ياتاقتا،

    ياشاشنىڭ غۇرۇرى بىلەن يېتىڭلار!

     

    يۈزلەشتۈرمەس بىزنى ھەرگىز ئەسىرلەر،

    مەيدانلارغا تۆكۈلسۇن ساقلانغان سىرلار،

    دەپ قارالسۇن بىر ماڭا ئائىت قۇسۇرلار،

    قورقماڭلار، ئىچىگە يالغانلار قېتىڭلار!

     

    كۆرەي قېنى؛ كىملەر ئىمىش دوست تۇتقانلىرىم،

    گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىرىنى قىزغانغانلىرىم،

    كۆرەي قېنى؛ نېمىلەرمىش ئىشەنگەنلىرىم،

    شۇ يالغان ھاياتنى ماڭا ئاڭلىتىڭلار!

     

    دوستلىرىم ياد ئەتمەڭلار ئەمدى ئىسمىمنى،

    ئۆچۈرۈڭلار كۆڭلۈڭلاردىن ماڭا ئائىت ھەممىنى،

    ئاخىرىدا ئۇرۇڭ، چېقىڭ، يوق قىلىڭ ئىشەنچىمنى،

    ئۆلگىنىمدە يەنە بىر رەت ئالدىۋىتىڭلار!

     

    تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.