بېيداۋ شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 23:38:34

بېي داۋ يېقىنقى مەزگىلدىكى شېئىرلىرىدىنئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى يول ناخشىسى دەرەخلەرنىڭ ئۇنتۇشلىرىدا، ئىتنىڭ قىزغىنلىقى ئوتتەك يانىدۇ. بىھۇدە سەپەرنىڭ تامامى ئۆزرە، ئالتۇن ئاچقۇچلارنى پۇلاڭلىتار تۈ...

      بېي داۋ يېقىنقى مەزگىلدىكى شېئىرلىرىدىن
    ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

     

    يول ناخشىسى

     

    دەرەخلەرنىڭ ئۇنتۇشلىرىدا،

    ئىتنىڭ قىزغىنلىقى ئوتتەك يانىدۇ.

    بىھۇدە سەپەرنىڭ تامامى ئۆزرە،

    ئالتۇن ئاچقۇچلارنى پۇلاڭلىتار تۈن،

    ئىشىكلەر بۇندا سەندىن تانىدۇ.

     

    قىشنىڭ قەدىم ئەمەلىنى جىم،

    ئادا قىلار ئېسىلغان پانۇس.

    ئۇدۇل مېڭىپ كېلىمەن ساڭا،

    يەلپۈگۈچنى ئاچىسەن بېغەم،

    يېپىلغاندا ناخشا كېلەر سۇس.

     

    سائەت سېنى سوراقلار مەغرۇر،

    ئەكس سادا جاۋاب بېرىدۇ.

    تۈننىڭ تەتۈر ئېقىمى بىلەن،

    يىلتىز پىنھان چىقارغاچقا توك،

    باغقا دەرھال يورۇق كىرىدۇ.

     

    ئۇدۇل مېڭىپ كېلىمەن ساڭا،

    يات يۇرتلارنىڭ يولىنى باشلاپ.

    يالقۇن تىلىپ ئۆتىدۇ قارنى،

    پېچەتلەيدۇ گۇگۇم ھەر يەرنى،

    يۈز ئاچىدۇ زېمىن بەت تاشلاپ.

     

    ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى

     

    قالغىنىدا گۈزەتچى ئۇخلاپ،

    شامال بىلەن قايرىلدىڭ دەرھال.

    قۇچاقلاردا سولۇۋاتقىنى،

    ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.

     

    قۇشلار كۆكتە بۆلۈشسە يوللار،

    باققىن پېتىۋاتقان قۇياشقا.

    كۆرۈنگىنى غايىبلىق ئارا،

    ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.

     

    سۇنسا قىلىچ سۇنىڭ باغرىدا،

    نەي چالغانچە ئۆتسەڭ كۆۋرۈكتىن.

    ھىلىلەردىن زارلاپ تۇرغىنى،

    ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.

     

    سىزغىنىدا قەلەم ئۇپۇقنى،

    شەرق دۇمبىقى ئويغانسا چۆچۈپ.

    سادا بىلەن پورەك ئاچقىنى،

    ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.

     

    مەڭگۈلۈكتۇر ئەينەكتىكى دەم،

    ئۇ بارىدۇ باقى قوۋۇققا.

    ئاپارغىنى ئۇنى دېڭىزغا،

    ۋاقىتنىڭ ئەتىرگۈلى.

     

    رامئاللاھ①

     

    رامائانلادا

    تۇرىدۇ ئىپتىدائىي ئادەملەر بوشلۇققا قاراپ.

    خارابىلىك چاقنار ھەم ئۆچەر،

    سائەت قەپىسىدىن ئۇچۇپ چىققان قۇش

    بېرىدۇ دېرەك ۋاقىتتىن سايراپ.

     

    رامائانلادا

    كۈن تامدىن ئارتىلغان چالدەك،

    سىڭىپ كىرىپ پىت بازىرىغا،

    دات باسقان مىس جاۋۇر يۈزىدىن

    قاراپ تۇرار ئۇز جامالىغا.

     

    رامائانلادا

    ئىلاھلار سۇ ئىچەر كومزەكلەر بىلەن،

    سارجان ②يول سورايدۇ مىسكىن بىر تاردىن.

    بىر بالا بارغىنىچە ئۇپۇق لېۋىگە،

    مىراسخورى بولار دېڭىزنىڭ.

     

    رامائانلادا

    ھالاكەت چىڭقى چۈشتە ئۇرۇق چاچىدۇ،

    ھەم دېرىزىنىڭ ئالدىدا پورەك ئاچىدۇ.

    دەرەخ سۇنمىغاچقا دەھشەتتۇر بوران،

    دەھشەت رامائانلاغا قۇچاق ئاچىدۇ.

     

    ئاتامغا بېغىشلايمەن

     

    فېۋرالنىڭ ئاچچىق سەھىرى،

    كاۋچۇك دەرىخىنى دەردلىك غېرىچلار.

    رەسىمىڭنىڭ ئالدىدا ئاتا،

    بورانلارمۇ سۈكۈتنى ساقلار.

     

    بالىلىقىمنىڭ مەنزىللىرىدە،

    مەڭگۈلۈكتۇر سېنىڭ سىمايىڭ.

    خانلىق يوللىرىنى بويلاپ بارىدۇ،

    باققان قويۇڭ، قارا بۇلۇتۇڭ.

     

    ئېلىپ كېلەر كەلكۈننى بوران،

    كوچا پاراڭلىرى ياقار كۆڭۈلگە.

    چاقىرىسەن بولغاچ مەن بالاڭ،

    ئەگىشىمەن ئاتا كەينىڭدە.

     

    ئالىقانلاردا ئاققان قىسمەتلەر،

    ئايلاندۇرار كۈنلەرنى شۇنداق.

    ئەرلىك چىرىغىنىڭ نۇرى ئاستىدا،

    كۆلەڭگىلەر كۆرۈنەر قوشماق.

     

    جېدەللەردىن پۈتتى ئىسترېلكا،

    پارچىلاندى بۇلۇڭلار ئەنە.

    گۈلدۈرماما،

    دومىلاپ كېلەر شىپاخانىغا،

    قاققىنىچە ئىشىكىڭنى يەنە.

     

    ھەزىلكەشتەك چىقىپ كېلەر تاڭ،

    يالقۇن سېنىڭچۈن يۆتكەيدۇ كىرلىك

    سائەتنىڭ توختاپ قالغان يېرىدىن

    ۋاقىت ئوقلىرى ئۇچىدۇ ئىتتىك.

     

    قوغلاپ بارغىن ئۆلگەن ھارۋىنى،

    باھار ئوغرىلاپ قاچقان چىغىر يول.

    ئېقىنلارنى ئايلىنىپ مۇڭ كۈي

    تاغ-تاغلارنى قاپسايدۇ ئۇدۇل.

     

    يوشۇرۇنغاندۇر تاملارغا شوئار،

    ئۇشبۇ دۇنيا ئەمەس ئۆزگىرەر.

    تۈنگە ماڭار ئۆرۈلۈپ ئايال،

    سەھەر بىلەن چىقىدۇ بىر ئەر.

     

    قارا خەرىتە

     

    ئالا قاغا پۈتتۈردى ئاخىر،

    تۈندەك قارا بىر خەرىتىنى.

    كەلدىم يېنىپ-مېنىڭ قايتىشىم،

    ئاداشقان يوللاردىن ئۇزۇندۇر-ئۇزۇن

    ئاشار ئۆمۈردىن ھەم ئۇزۇنلۇقى.

     

    باشلاپ زىمىستان يۈرىكىنى،

    بال ۋە بۇلاقتىن ياسىسام دورا

    ئايلاندى ئۇ تۈن تىۋىشىغا.

    ھەسەن-ھۈسەن كەتمەمدۇ تاراپ،

    قاراڭغۇ بازاردىن،

    ئەسلىمىلەر تۇرسا چالۋاقاپ.

     

    پۇرچاقتۇر دادامنىڭ ھايات شامى،

    مەن ئۇنىڭكى ئەكس ساداسى.

    ۋەدىلەشكەن دوقمۇش ئۈچۈن

    خەتلەر بىلەن تىنماي ئايلىنار

    شامال باغرىدا مۆكۈنۈپ ئۇ يار.

     

    بېيجىن كۆتۈرەي قەدەھ

    چىراغلىرىڭ ئۈچۈن، بۇندىكى ئوتقاش.

    قارا خەرىتىنى كېسىپ ئۆتەرگە،

    ئاپئاق چاچلىرىم يوللار باشلىسۇن،

    بوران، سېنى ئېلىپ ئۇچقانغا ئوخشاش.

     

    رەتكە تىزىلغانچە كەلدىم روجەككە،

    ئېتىۋەتكىن، ئېتىۋەت ئايىم.

    قايتىپ كەلدىم  قايتا كۆرۈشۈش،

    خوشلىشىشتىن كەم بولار ھامان،

    كەم بولىدۇ پەقەت بىر قېتىم.

    ①(رامائانلا  پەلەستىن غەربىي قىرغىقىنىڭ مەركىزى)

    ②(سارجان  يەر ئۆلچەيدىغان ئەنئەنىۋى ئەسۋاب)

    (خەنزۇچە «جۇڭگو شائىرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.)

    تەھرىرلىگۈچى: ئەركىن نۇر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بېيداۋ ئەيبۇ ياقۇپ