نىزار قەببانىي شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-26 02:55:42

«بىلىم، ۋەتەن ئىنىستىتوتى»نىڭ ئەدەبىيات كەسبىنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ تۈنجى باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. كىيىن دىمەشق ئۇنۋەرسىتىنىڭ قانۇن فاكولتىتىدا ئوقۇپ، ئۇنىمۇ 1945- يىلى باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرگەندىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكىدە

    نىزار قەببانىي شېئىرلىرى

     

    \

     

    \

     

    \

     

    \

     

     

    نىزار قەببانىي 1923-يىلى 21- مارتتا سۈرىيە پايىتەختى دىمەشقتىكى باي، ئابرۇيلۇق بىرئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

       18 يېشىدا شۇ يەردىكى «بىلىم، ۋەتەن ئىنىستىتوتى»نىڭ ئەدەبىيات كەسبىنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ تۈنجى باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. كىيىن دىمەشق ئۇنۋەرسىتىنىڭ قانۇن فاكولتىتىدا ئوقۇپ، ئۇنىمۇ 1945- يىلى باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرگەندىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكىدە خىزمەتكە چۈشۈپ ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ سۈرىيەنىڭ مىسىر، تۈركىيە، لۇبنان، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيەلەردىكى ئەلچىخانالىرىدا دىپلوماتىيە خىزمەتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بۇ مەزگىللەردە يازغان سىياسىي لېرىكىلىرىدىن «نان، چىكىملىك، ئاي» ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن بۇ شېئىرى بىلەن سۈرىيە دىنىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ قاتتىق چىشىغا تېگىپ قويغان. ھەتتا بۇ ئىش تۈپەيلىدىن دىنىي ساھەدىكىلەر سۈرىيە پارلامىنتىدىن نىزارنى دىپلوماتىيە خىزمىتىدىن بوشىتىۋىتىشنى تەلەپ قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان. سۈرىيەنىڭ پارلامېنت يىغىنىدىمۇ بۇ شېئىر توغرىلىق قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغان. بۇنىڭ بىلەن نىزار قەببانىي شېئرى  پارلامېنتتا سۆز تىمىسى بولغان بىردىنبىر شائىر بولۇپ قالغان.

    1959- يىلى سۈرىيە مىسىر بىلەن بىرلەشكەندىن كىيىن سۈرىيە- مىسىر بىرلەشمە جۆمھۇرىيىتنىڭ جوڭگودىكى ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچى مۇئاۋىنى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ خىزمەتنى 1966- يىلىغا كەلگىچە ئىشلەپ شۇ يىلى باھاردا توساتتىن خىزمىتىدىن چىكىنگەندىن كىيىن، لۇبنان پايىتەختى(پايتەخت، ئەمەس پايىتەخت) بىرۇت شەھرىدە ئۆز نامىدا نەشرىيات قۇرۇپ، مەخسۇس شېئىر ئىجادىيەتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.

    1982 –يىلى قەدىردان ئايالى بىلىقىس ئىراقنىڭ بىرۇتتىكى ئەلچىخانىسىدا يۈزبەرگەن پارتلاش تا قازا قىلغاندىن كىيىن، بىرۇتنى تاشلاپ ياۋرۇپاغا كەتكەن ۋە ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ جەنۋە، پارىژ شەھەرلىرىدە ياشىغان. كىيىن ۋاپاتىغا قەدەر بولغان  ئون بەش يىلدا لوندوندا تەنھا ياشاپ، 1998- يىلى 30- ئاپرىل كۈنى شۇ يەردە  ۋاپات بولغان ۋە مۇردىسى دىمەشىققە يۆتكەپ كېلىنىپ، شۇ يەردىكى«كىشىك ئىشىك» گورىستانىدا يەرلىككە قويۇلغان. ئۇ ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن، بەش پەرزەنت يۈزى كۆرگەن، ئىككىنجى ئايالى بىلىقىس ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئۆيلەنمىگەن. ئىجادىيەت بىلەن ئۆمرى بويى ئىزچىل شۇغۇللانغان بۇ شائىر 1944-يىلى ئۇنۋەرسىتتىكى پەيتىدە ئۆز خراجىتىگە نەشىر قىلدۇرغان تۈنجى شىېئىرلار توپلامى:«كىپىنەك ماڭا ماتەم مۇنارىدا شۇنداق دېدى»دىن باشلاپ ۋاپاتىغا قەدەر نەسرىي ۋە شېئرىي بولۇپ 41 توپلام ئەسەر نەشىر قىلدۇرغان.

     نىزار قەببانىي ئەرەب بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ شىئرىيىتىدە دەۋر بۆلگۈچ تەسىر قوزغىغان شائىر. ئۇ ئون ئالتە ياش پەيتىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. دەستلەپكى شېئىرلىرىنى ئەنئەنەۋىي ئەرۇز شەكلىدە(بىز بارماق ۋەزنى دەۋالىدىغان شېئىر شەكلىمۇ شۇ ئەرۇزگە تەۋە) يازغان بولسىمۇ كىيىن بىردىنلا ئەركىن(چاچما) شېئىر شەكلىگە كۆچۈپ بۇ شەكىلنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خاھشىغا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرغان ھەمدە ئىپادىلەش ئۇسۇلى، شىئرىي تىل جىھەتلەردىن ئېلىپ بارغان دادىل سىناقلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ زور سانلىق ئوقۇرچى*لارنىڭ قىزغىن ئالقشىغا ئىرىشكەن.

       دەستلەپكى ئەسەرلىرىدىن باشلاپ سۆيگۈ، ئايال تىمىلىرىدا قەلەم تەۋرەتكەن بۇ شائىر كىيىن خىلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچىمۇ ئەسەرلىرىدە ئىزچىل ھالدا شۇ تىمىلارغا كۆپ ئورۇن بەرگەنلىكى ئۈچۈن«ئايال شائىرى»، «سۆيگۈ شائىرى» دېگەن ناملارنىمۇ ئالغان. شائىرنىڭ قارىشىچە: «قانداقتۇر مۇھەببەتنى تىلغا ئېلىش ئەيب، جىنسىيەتنى تىلغا ئېلىش نومۇسلۇق ئىش ئەمەس، ئاياللىقنى ئەيب - نۇقسان بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈش ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەبەبلىرىدىن بىرى»ئىدى.

    1967 يىلى پارتلىغان ئەرەب – ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بۇ مەغلۇبىيەتكە ئۆز كۆزى بىلەن شاھىد بولغان شائىر «مەغلۇبىيەت دەفتەرىگە ئىلاۋە» دېگەن شېئرىنى يېزىش بىلەن تەڭ ئىجادىيەت تىمىسىدا بىردىنلا بۇرۇلۇش ياساپ، سۆيگۈ شېئىرلىرىنى يېزىشتىن سىياسىي لېرىكىلارنى يېزىشقا ئۆتىدۇ ۋە بۇنى ھاياتى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. شائىرنىڭ«مەغلۇبىيەت دەفتەرىگە ئىلاۋە» دېگەن بۇ شېئىرىدا ئەرەبلەرنىڭ ئۇرۇشتىكى ئاجىزلىقى ئۆتكۈر تىل، ئاچچق مەسخەرە بىلەن كېلىشتۈرۈپ ئەيبلەنگەنلىكى ئۈچۈن، پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنى تەۋرىتىۋىتىدۇ. بۇ شىئىر سولقات ۋە ئوڭقانات ئەرەب سىياسىئونلىرىنىڭ بىردەك غەزەبىنى قوزغاش بىلەن بىرگە زىيالىلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە شېئىرلىرىغا ئىشلەنگەن ناخشا- كۈيلەرنى رادىئو- تېلىۋىزىيەلەردە تارقىتىشنى چەكلەيدۇر. بۇلارغا قارىماي، شائىر ئەرەب ئاۋام خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئەسەرلىرى داۋاملىق سۆيۈپ، تالىشىپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولىدۇ.

       ئۇ تىما جەھەتتە سۆيگۈ ۋە جىنسىيەت چەكلىمىلىرنى بۇزۇپ تاشلىغان بولسا، ئوخشاشلا شىئرىي تىل جەھەتتىمۇ «قىلىببازلىق»نى يوقاتماقچى بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭچە، ئەرەب شىئىرىيىتى دەۋر تۇرمۇشىغا زىچ ماسلىشىشى، كەلگۈسىسىرى ئىلگىرلىشى كىرەك ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆز ئىجادىيەتىدە بۇ پىرىنسىپقا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، ئەسكى شىئرىيەت ئەنئەنەسى، بارلىق ئادەت چەكلىمىلىرى ۋە كۆنۈكۈلگەن تىل، ئىستىلستىكا پەدىلىرىگە پۈتۈنيۈزلۈك  قارشى يول تۇتقان.

      

     

    شىئىر بىلەن ئۆتكەن ئەللىك يىل

     

    شائىر نىزار قەببانىينىڭ ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى قىسقىچە تەرجىمھالى

     

    1

    ئەللىك يىل مۇقەددەم مانا مۇشۇ ئايلاردا شىئىر ماڭا توساتتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئىشكىمنىمۇ چەكمەي...

    رۇخسەتمۇ سورىماي..

    ھەتتا تېلىفۇنمۇ ئۇرۇپ قويماي..

    ئۇ ماڭا تاپسىدىلا ئۇچىراشتى، ئۇ بۇ يەردە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن يوغانغىنا بىر خۇرۇم سومكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى قىياپىتى قايسىدۇر بىر مەسخىرىۋازغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

    ئۇ مىنى كۈرۈپ ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتى- دە، ئۈيۈمنى ئاستا ئايلىنىشقا باشلىدى.

    ئۇ دەسلەپ مۇنچاخانىغا كىرىپ ۋاننىدا تازا راھەتلىنىپ يۇيۇندى... يەنە تېخى مەن ئىشلىتىدىغان چىش پاستىسى، لۈڭگە، ساقال ئالغۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ چىقتى...

    ئۇ توڭلاتقۇنى ئېچىپ: « قورساق تازىمۇ ئاچتىغۇ، قورساقنى توقلىغۇدەك بىرەر نەرسەڭ يوقما» دېۋىدى.

    - نان.. قايماق.. يەنە مىۋە سۈي بار،- دېدىم مەن.

    ئۇ: تاماق دېگەن تەييار ئىكەنغۇ، مانا بۇ قايمىقىڭ قان بېسىمىمنى كۈتۈرۋەتسىمۇ، مېۋە شەربىتىڭ ئىسسىقىمنى ئاشۇرۋەتسىمۇ ئىچىۋەردىم ئەمىسە،- دېدى.

    ئەمدى ئۇ ياتاق ئۆيۈمگە كىردى..

    ئۇ، كىيم ئىشكاۋىم، جاۋەنلىرىمنى ئاختۇرۇپ، ئۇخلاش كىيىملىرىمدىن بىرنى ئېلىپلا مىنىڭ نىمە دېيشىمنى كۈتمەستىن ئۈستىگە كىيىۋالدى.

    قېرىشقاندەك كىيىمىم ئۇنىڭ بەدىنىگە خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك چىپپىدە بىر كەلدى.

    ئۇ ئەپلىك بىر يەردە ئولتۇردى- دە، ئالدىدا تۇرغان بىر رومكىغا فىرانسىيە ھارىقى(شامپان)دىن راسا تولدۇرۇپ قۇيۇپ مەززە بىلەن ئىچىشكە باشلىدى.

    ئۇ شۇ ئىچكىنىچە بىر شىشىنى بوشىتىۋەتكەندىن كىيىن دەلدەڭشىگەن پېتى كارۋىتىمغا چىقىپ، مېنىڭ ئورنۇمغا كىرىپلا ياتتى- دە: «ياخشى ئۇخلا ئەمىسە» دەپلا ئۇيقۇغا كەتتى.

     مەن، ياتقۇدەك يەر بولمىغاچ كرېسلودا ئولتۇرغىنىمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن.

    مانا، ئارىدىن ئەللىك يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەن يەنىلا ئەشۇ كرېسلودا ئۇخلاپ كىلىۋاتىمەن... 

     

     

    شىئر دېگەن بۇ نەرسە 1940 - يىلىنىڭ مانا مۇشۇ ئايلىرىدا ئۆيۈمگە كىرىۋىلىپ، تا ھازىرغا قەدەر چىقىپ كەتكىلى ئۇنىمىدى..

    دەسلىۋىدە ئۇنى نەدىندۇر كەلگەن بىر مۇساپىر ئوخشايدۇ، بەك بولسا  بىر-ئىككى كۈن، بىر-ئىككى ھەپتە ياكى بىر-ئىككى ئايلا تۇرا دەپ ئويلاپتىمەن...

    بۈگۈنگە كىلىپ بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ ئۆيۈمنىڭ خۇجايىنىغا ئايلىنىپ، مىنىڭ  ئۇنىڭغا  قەھۋە دەملەيدىغان، گېزىت، تاماكىلىرىنى سېتىۋالدىغان، ئىچ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئايىغىنى سۈرتىدىغان چاكىرىغا ئايلىنىپ قېلىشىمنى، يەنە تېخى بۇلارمۇ يەتمىگەندەك ئۇنىڭ، ئۆي خېتىمنىمۇ تارتىۋىلىپ ئۆيۈمنى ئۆز نامىغا ئۆتكۈزىۋىلىپ تا قىيامەتكىچە مىنى بوزەك ئىتىشىنى نەدىن بىلەي.

    ئۇ دائىم مىنى قارىتىپ قۇيۇپ يەپ-ئىچىپ، قارتا ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدۇ، كۆز ئالدىمدىلا خوتۇنىغا چېپىلىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ نۇرغۇن بالىلىرى بولدى، ئۇلارنى مەن ئۆزەم ئىمىتىپ چوڭ قىلدىم، ئۆزەم مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردىم. ئۆزەم يەنە...

     

    3

     مەن شىئىر بىلەن بىر ئۆيدە ئۆتكۈزگەن بۇ ئەللىكنى خۇددى قەپەزگە سولۇنۇپ قالغاندەك، نىمە بولغۇنۇمنى، قاچان ئەركىنلىككە چىقىشىمنى بىلەلمەي، تولىمۇ قىينىلىش ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم.

    شىئىر بىلەن ئەللىك يىل بىر ئۆيدە تۇرۇش خۇددى يانار تاغ قاپتىلىدا تۇرغانغا ئوخشايتتى، سەن ئۇنىڭ قاچان پارتلىشىنى، قاچان تىنجىشىنى بىلمەيتتىڭ.

    شىئىر بىلەن ئەللىك يىل بىر ئۆيدە تۇرۇش ساراڭ ئايال بىلەن ئۆي تۇتقاندەك ئىش ئىدى. قاچان خوشلىغى تۇتۇپ سىنى قۇچاقلىشىنى، قاچان ساراڭلىغى تۇتۇپ سىنى بۇغۇپ ئولتۈرۈپ قويىشىنى بىلمەيتتىڭ...

    شىئىر چاقچاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەسكەن.

    بىر بولسا ئۇ ساڭا ئالتۇن مىدال تەقدىم قىلىدىكەن..

    بىر بولسا سېنى يۈرەك كېسىلى قىلىپ قۇيىدىكەن..

    1974- يىلى يۈرەك كېسىلىم قوزغۇلۇپ يېتىپ قالغاندا بىروتتىكى ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتىتى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلدىم، ئۆيۈمگە كىرىۋالغان ھېلىقى يوچۇن ئادەم بىر دەستە گۈل ئېلىپ كىلىپ ماڭا:

    «I am sorry . ساڭا ئۇۋال قىلدىم، مىنى كەچۈر...» دېدى

    مەن: «ھېچقىسى يوق، مەن زىممەمدىكى شىئىر قەرزىنى ئادا قىلدىم. بىر ئادەمنىڭ شىئىر يېزىۋىتىپ ئۆلۈپ كېتىشى ئۇنىڭ قارتا ئويناۋىتىپ، چىلىم تارتىۋىتىپ ياكى ئەرەپچە كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرىۋىتىپ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن مىڭ ياخشى!!». دېدىم.

     

    4

    مەن مۇندىن ئەللىك يىل بۇرۇن شىئىر دېڭىزىغا چۈشكەن  شۇ چاغدا مەندە، غەۋۋاسلىق سەنئىتى بىلەن دېڭىز ئەخلاقى دېگەنلەر توغرىلىق ھىچ نىمىنى بىلمەيتتىم....

    مەن بۇ دېڭىزنىڭ سۈيىنى تىزىمدىن ئاشقۇدەك چوڭقۇر ئەمەستۇ... مەن سۇغا چۈمۈلۈپ، بىر پەس ئاپتاپسۇنۇنۇۋالغاندىن كىيىنلا تۇرالغۇمغا قايتىپ كىتىمەنغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.

    بىراق نەدىكىنى، ھازىرغا قەدەر قۇرۇقلۇققا قايتالىغىنىم يوق...

    كەچ بولغاندا ئاپام مىنى ئىزدەپ كىلىپ ھېچيەردىن تاپالمىغاندىن كىيىن چارلاش ئەتىرىتىنىڭ باشلىغى ئاپامغا: «سەۋىر قىلىپ ئاڭلاڭ خانىم.. ئوغلۇڭىز بۇلاپ كىتىلدى. ئۇنى سۇ پەرىسى بۇلاپ كىتىپ ئۆزىگە ئەر قىلىۋالدى، ئەمدى ئۇنىڭ قايتىپ كىلەلىشىدىن ئۈمىد يوق» دېدى.

    ئاپام يىغلاپ تۇرۇپ:

    -   ئۈتۈنۈپ قالاي ئەپەندىم ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ كەلگەن بولسىڭىز دېدى.

    ئەتىرەت باشلىغى:

    -   قايغۇڭىزنى چۈشۈنىمەن، شۇ تاپتا مىنىڭمۇ كۆڭلۈم بۇزلىۋاتىدۇ. سىزگە ئوچۇقىنى ئېيتسام، مىنىڭ دېڭىز توغىرسىدىكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبەمگە قارىغاندا سۇ پەرىسى بىلەن توي قىلغانلار ئۆمۈرۋايەت ئاجرىشالمايدىكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ ساقچىخانىمىزنىڭ  ئارخىپلىرىدا دېڭىز پەرىسى بۇلاپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كىتەلىگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق مەزمۇن يوق.

    -   بالىلىرىڭىزنىڭ يۈزى ئۈچۈن بولسىمۇ نىمە قىلسىڭىز قىلىپ ئوغلۇمنى قۇتقۇزىۋالسىڭىز. مىنىڭ ئوغلۇم مۇھەببەت، نىكاھ دېگەنلەرگە تېخى كىچىكلىك قىلىدۇ. مەن سىزگە ھالقا-ئۈزۈك، زېبۇ-زىننەتلىرىمنىڭ ھەمىىسىنى بىرەي، سىز ئۇلارنى سۇ پەرىسىگە ئاپىرىپ بىرىپ، بۇلار بەدىلىگە ئۇنىڭ قۇلىدىن ئوغلۇمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان بولسىڭىز.

    -   خانىم، سۇ پەرىسى دېگەن قىشمۇ-ياز قىپيالىڭاچ  يۈرىدۇ. بۇ ھالقا- ئۈزۈك، ئالماس سائەتلىرىڭىزگە ئۇ كۆز قىرىنى سالىپ قويمايدۇ. ئۇ پارا ئالمايدۇ.....

    -   لىكىن ئوغلۇم ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان كىچىك بالا تۇرسا مۇھەببەت، نىكاھ دېگەنلەرنى نىمە بىلسۇن...

    ئەترەت باشلىقى ھەييارلارچە كۈلكىسىنى چاندۇرماسلققا تىرىشىپ:

    -   ئۇنچە ئەنسىرمەڭ خانىم، سۇ پەرىسى سۇ ئاستىدا ئوغلىڭىزغا ئۇ دېڭىز ئاكادېمىيسىنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ چىققانغا قەدەر مۇھەببەت سىرلىرىنى ئۈگۈتىدۇ. دېدى 

     

     

    5

    سۇ پەرىسىگە ئۆيلىنىپ ئەللىك يىلدىن كىيىن ئەللىك بالىلىق (كىتاپ) لىق بولدۇم.. ھەممىسى شۇنداق ساغلام...

    سۇ پەرىسى بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ھەممىسى شىرىن ئاي كۈنلىرى بولمىدى...

    بىزنىڭ كۈنلىرىمىز خۇددى ھىلى تارىيىپ، ھىلى كېڭىيىپ، ھىلى ئاپتاپ چىقىپ، ھىلى يامغۇر يېغىپ، ھىلى شىددەتلىك دولقۇنلار كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان دىڭىزدەك،  زادىلا بىر خىل ئۆتمىدى.

    ئۇ بالىلىرى بىلەن دېڭىزدا قىيغىتىشىپ يۈرسە، مەن قەغەز-قەلەملىرىم بىلەن، ئەسەر يېزىش ۋە ئۆز-ۆزۈمگە مەپتۇن بولۇش بىلەن ئاۋارە ئىدىم.

    مەن يەنە دېڭىزدىكى يۈسۈنلەر، تاشپاقىلار بىلەن مۇڭدىشىپ چىقاتتىم.

    سۇ پەرىسى بىرەر چىشى بىلىقنىمۇماڭا يىقىنلاشقىلى قويمايتتى.

     

    شىئىر-قەسىدىلەر بىلەن ئۆتكەن ئەللىك يىلدىن كىيىن  شۇنى تەن ئالدىمكى: شىئىر ئادەمنى ھاردۇرىۋىتىدىغان بىشەرم ئايال ئىكەن.. خاھلىسا ساڭا ناخشا ئېيتىپ بىرىدىكەن، خاھلىسا سىنى ئەر قىلىدىكەن.

    خاھلىغىنىدا ساڭا ئاجرىشىش خېتى ئەۋەتىدىكەن...

    شائىر سۆيگۈ داستانىنى ئۆزى باشلاپ يازىدۇ دېيىش توغرا ئەمەس. توغرسى داستان  شائىرغا بارمىقى بىلەن ئىما قىلىدۇر-دە،  شائىر ئۇنى يېزىشقا باشلايدۇ.

    شىئىريەتتىكى ئېسىللىق(ئالىيجەنابلىق)، شائىرنىڭ قولىدا دەپ قاراش توغرا ئەمەس، بەلكى ھۆرمەت دەل شىئىرنىڭ ئۆزىدە .

    ياتاق ئۆينى رەتلەيدىغانمۇ، رومكىلارنى تەييارلايدىغانمۇ، مۇزىكا تۈرىنى تاللايدىغانمۇ، كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ ئۇدۇل كەلگەنىچە ساڭا تاشلىنىدىغانمۇ ئەنە شۇ شىئىر ئىكەن.

     «پالانى شىئىر ئوغۇرلىدى» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى يالغان. ئەكسىچە، ھەممىمىزنى شېئىر ئوغۇرلاپ كېتىدۇ.

    بىر بۆلۈك شائىرلار ئۆز تەرجىمەھاللىرىدا ئۆزلىرىنى (دونكىخوتلار) ئوبرازىدا نامايەن قىلماقچى بولىىشىدۇ- دە، ئۇلار ساڭا خۇددى(شىئريەتنىڭ پاسىبانلىرى) دەك بىلىنىپ كىتىدۇ. بۇ، ئۆتەر ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى شائىر دېگەن شىۋېتسىيە پادىشاھىدەك پادىشاھلىق قىلىدۇ- يۇ، ئەمما ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.

    شىئىر بۇيرۇقدارغا ئايلانغان چاغدا. سەن شىئىرغا: (ۋۇجۇتقا كەل) دېسەڭ (ئۇ دەرھال ۋۇجۇتقا كىلىدۇ.

     

     

    7

     

     

     

     

    ئەللىك يىل ئىلگىرى شىئىر سىخىغا كىرگىنىمدە ئەتراپىمدا خام ماتىرياللار:  كۆرپە، بوياق، لاي، تاشپاختا، ياغاچ، رەخت، ھاكتاش، ئىسكىنە، قېلىپ ۋە كىسەك پىشۇرىدىغان خۇمداننىڭ ھەممىسى تەق ئىكەن.

    سىخ باشلىقىدىن: نىمە ئىش قىلىمەن؟ قەيەردىن باشلايمەن؟ دەپ سورىدىم.

    ئۇ: قەيەردىن باشلىغۇڭ كەلسە شۇ يەردىن باشلاۋەر. قولۇڭنى چىۋەر قىل. ئوڭ-سۇلۇڭغا قارىما..

    باشقىلارنىڭ قېلىپىغا يېقىنلاشقۇچى بولما بولمىسا تۈرمىگە كىرىسەن...

    ئۆزەڭنىڭ قېلىپىنى ئىشلەت. لاي بۇ يەردە، سۇ مانا، خۇمدان ئەنە.

    ئەگەر ئىشلەۋاتقىنىڭدا قولۇڭ كۈيۈپ قالسا قۇلۇڭنى دەرھال  تۇرۇبا سۈيىگە تۇت. سىخىمىزدا داكا، ئىسپىرىت يوق..

    يەنە ئىسىڭدە بولسۇن: خىزمەت ئارلىقىدا ئىشداشلىرىڭ بىلەن پاراڭلاشما، چۈنكى مەن سىختا قۇرۇق پاراڭ بولۇشىنى ياقتۇرمايمەن. دېدى.

     مەن: لىكىن ئەپەندىم مەن ئانچە ئىش ئۇقمايمەن. تىخى ئەمدى ئون ئالتىگە كىردىم، قانداق مەشغۇلات قىلىدىغىنىمىنى دەپ بەرمەمسىز. دېسەم، ئۇ ۋارقىراپ شۇنداق دېدى:

    ھەي شۇمتەك.. مېنىڭ قېشىم بالىلار باغچىسى ئەمەس، بۇ يەردە ساڭا بىبەرون[1](ئېمىزگۈ)، سۈت،  كاكائو پاراشوكى دېگەن نەرسىلەريوق. تۇلا ۋالاقلىماي ئىش كىيىمىنى كېيىپ، چاپسان ئىشقا چۈش....

     

    8

    مەن كۆك رەڭلىك ئىش كىيىمىنى كەيدىمدە ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم.

    باشلىقنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۆۋىمدە قوڭغۇراقتەك جىرىڭلاپ تۇراتتى:

    -   ئۇڭغا قارىما.

    -   سولغىمۇ قارىما.

    -   باشقىلارنىڭ قېلىپىنى ئىشلىتىۋالما.

    مانا بۇ سۆزلەرگىمۇ توپتوغرا ئەللىك يىل ئۆتۈپتۈ، ھىلىمۇ بۇ سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدىن نىرى كەتكىنى يوق.

    شۇ چاغدا كېيگەن كۆك رەڭلىك ئىش كىيىمى ئىشلىسەممۇ، ئۇخلىساممۇ ھەتتا يۇيۇنساممۇ كىچە-كۈندۈز ئۈستۈندە تۇرۇپتۇ...

    مەن ھىلىھەممۇ سىخ  باشلىقى شېىئىر ئىجادىيەتىدە ماڭا تەۋسىيە قىلغان بارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىي قوللۇنۇپ كېلىۋاتىمەن.

    راستىنى ئەيتقاندا، بۇ تۈزۈملەر خويمۇ چىڭ تۈزۈملەر ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئەللىك يىلدىن بۇيان ئۆزۈمنىڭ شىئىرىيەتتىكى لاياقىتىمنى ساقلاپ قېلىشىمغا كۆپ ئەسقاتتى.

    باشقىلارنىڭ داستىخىنىدىكى پىسا قاتلىمىسى، ئۈگرە،  پاقلان گۆشى، قايماقلىق پىچىنەلەر بىلەن قورساق بېقىپ كېلەلىشىم  تامامەن مۇمكىن ئىدى...

    بىراق ئۇنداق قىلمىدىم. باشلىقىمنىڭ سىماسى مەيلى تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇراي ، مەيلى يېزىقچىلىق ئۈستىلىدە بۇلاي ھەر قاچان  كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.

     

    9

    مېنى تىپقا  ئايرىيمىز دەپ ئۆزەڭلارنى قىينىماڭلار.

    مەن تىپقا ئايرىلىش،  باھالىنىش، مۇقىم ئالاھىدەلىكلەرگە ئىگە بولۇشنىڭ سىرتىدىكى بىر شائىرمەن.

    مەن ئەنئەنەچىلىك، مودېرنىزم، كىلاسسىزم، يىڭى كىلاسسىزم، رومانتىزم، سىمۋولىزم، ئۆتمۈشچىلىك، فوتورىزم(كەلگۈسىزم)، تەئەسسۇراتىزىم،  كۇبىزم(تىك تۆت قىرچىلىق)، ھالقىما رېئالىزم دېگەنلەرنىڭ ھىچقانداق بىرىگە تەۋە ئەمەس.

    مەن ھىچقانداق تەجرىبەخانىدا ئانالىز قىلغىلى بولمايدىغان بىر(ئەبجەش ماددا)

    مەن خىلمۇ- خىل ئەركىنلىكلەردىن تەركىپ تاپقان بىر(ئەبجەش ئەركىنلىك)

    مانا بۇ،  مەن ئەللىك يىلدىن بۇيان ئىزدەۋاتقان سۆز ئىدى... بۇ سۆزنى تىخى ئەمدى تېپىۋالدىم..

     

     

    10

    مانا شۇ ئەركىنلىك، مېنى تارىخ  بارماقلىرىمغا چۈشۈرۈۋاتقان  بارلىق بېسىملاردىن ئازاد قىلىدۇ.

    بارلىق قاتناش بەلگىلىمە ۋە بەلگىلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ.

    ئەركىنلىك مىنى ئاۋاز ئېلىش ئۈسكىنىلىرىدىكى نىمە بولسا شۇنى خاتىرەلەيدىغان دىۋەڭلىكىدىن ۋە نۇسخىئالغۇلارنىڭ چىشىلىرىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

    ئۇ مېنى  ھەممە ئادەم كىيىىپ كېلىۋاتقان كىيىملەرنى كىيىشتىن، ئورتاق رەخت ۋە ئورتاق رەڭ ئىشلىتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى شىئىر ئەسكەرمۇ، سېستىرامۇ ۋە ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسىمۇ ئەمەس...

    ئەركىنلىك ماڭا خاھلىغان چاغدا خاھلىغان تىلنى ئىشلىتىش ئىمكانى بېرىدۇ...

    مەن شىئىردىكى ئادەت چەكلىمىلىرىدىن  قۇتۇلغانمەن....

    شۇنداقلا ئالاھىدە ھالەت قائىدىلىرىدىنمۇ ۋە كىرىكى يوق مەجبۇرىيەتلە ئاسارىتىدىنمۇ قۇتۇلغان.

    مەن باشقىلارنىڭ مىنىڭ سىياقىمغا كىرىۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

    مەن ئۇزۇن  ئاسما شىئىرلارنىمۇ يازىمەن.

    قىسقا شىئىرلارنىمۇ يازىمەن.

    ۋەزنلىك  شىئىرلارنىمۇ، يانتو شىئىرلارنىمۇ ۋە نەسرىي شىئرلارنىمۇ يازىمەن.

    قاپىيەلەرنى بىر كىچىلىكلا نىكايىمغا ئالىمەن دە ئىككىنچى كۈنى دەرھال قۇيىۋىتىمەن.

    مەن بىردە (قولۇمنىڭ ئوچۇقلۇقىدىن) ئۇرۋە ئىبنى ۋەرد[1]كە ئوخشاش گادايلىشىپ كېتىمەن..

    بىردە ئىنگىلىز ئاقسۆڭەكلىرىدەك  سموكىن(كىچىلىك مۇراسىم كىيىمى) كىيىمەن.

    بىردە قىس ئىبنى سائىد[2]قا ئوخشاش يول-يوللاردا نۇتۇق سۆزلەيمەن...

     جاز مۇزىكىسى چېلىپ. بىتلىز ئۇسلۇبىدا ناخشا ئېيتىمەن...

    ئەركىنلىكىم مىنى تالاي ھاماقەتلىكلەرنى قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

    لىكىن مەن بۇ ھاماقەتلىكلىرىم ئۈچۈن كەچۈرۈممۇ سورىمايمەن.. پۇشايمانمۇ قىلمايمەن..

    ئەھمىقانىلىكتىن ئايرىلغان شېئىر خۇددى چىركاۋدا ئەيتىلغان  ۋەزگىلا ئوخشايدۇ..

    يەنە شۇنداقلا، ئۇقۇش خوش ياقمايدىغان سايلام باياناتلىرىغا ئوخشايدۇ...

     

    11

    تىل ئارقىلىق دېموكىراتىيەنى ۋە تەنھەرىكەتتە بولىدىغان بىر خىل شادلىقنى ئۆزۈمگە ئەرمەك قىلىۋالدىم.

    گەپنى ياساپ ئولتۇرمىدىم.

    پەلسەپە سۆزلىمىدىم...

    ئۇيۇندا قارتىمۇ تىقىۋالمىدىم.

    تىل ئەينىكىنىمۇ چاقمىدىم. لىكىن مەن ئۇنى سۇ، سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، سۈرتۈپ قويدۇم

    لۇغەتلەرنىكۆيدۈرمىدىم...

    لىكىن مەن ئۇلار بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا يىقىن ئالاقە(دىپلوماتىيە) شەكىللەندۈردۈم.

    دادامنىڭ بۇرۇتىنى، يەكتىكىنى ۋە دوپپىسىنى قايچىلىمىدىم..

    لىكىن مەن دادامدىن كىيىملىرىمنى (بازاردىن ئالماي) سەيپۇڭلارغا بۇيرۇپ تىكتۈرۈشنى  ئۈتۈندۈم..

    داداممۇ مەدەنى ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن تىخى مەندىن مەن كىيىم تىكتۈرىدىغان سەيپۇڭىنى ئۆزىگەمۇ تونۇشتۇرۇپ قويۇشۇمنى ئەيتقان ئىدى...

    كىيىن ئۇ كىيىم-كىچەكلىرىنى پەقەت شۇنىڭدىلا  تىككۈزۈپ كىيىدىغان بولدى...


     

     

    12

     مەن باشتىلا شىئىريەت دېموكىراتىيسىدىن بەھرىمەند ئىدىم.

    شىئىرنىڭ بۆلگۈنچى ھەرىكەت ئەمەس بىرلەشتۈرگۈچى ھەرىكەت ئىكەنلىكىگە ئىشنەتتىم....

    شىئىر ئۈزۈك ھەمزە (ئىزولياتور) ئەمەس بەلكى بىر ئۇلاق ھەمزە(كاتالىزاتور)دۇر...

    شىئىر باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش سەنئىتى، قانداقتۇر تەنھالىق سەنئىتى ئەمەس..

    شىئىر سىلاپ- سىپاش ۋە مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش سەنئىتى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈېلىش، ئۇلارنى شىئىرچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سەنئىتى ئەمەس..

    شىئىر دېموكىراتىيىسىگە بولغان ئىشەنچەم مىنى، ئاخىرى دېموكىراتىيگە ئىشىنىدىغان، ئاممىۋى قەھۋەخانىلاردا ئولتۇرۇپ دارچىن، ئارپبەدىيان دەملەكلىرىنى ئىچىشىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئويۇنچۇق ئوينايدىغان، ھۆكۈمەت ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرىدىغان، ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردا ياتىدىغان، پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى، ئادىل ئىمام، دۇرەيد لىھاملارنىڭ دراممىلىرىنى كۆرىدىغان، ئەبۇ زەيدىل ھىلالىي(ئەرەب قەھرىمانى-ت)نىڭ ھايات پائالىييىتىنى ئۈگۈنىدىغان بىر تىلنى ئىزدەپ تېپىشقا  ئۈندىگەن...

    مەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدە، ئاۋازلىرىدا، تۇمۇرلىرىدا، ياش ۋە كۈلكىلىرىدە شىئىر بارلىقىغا ئىشىنەتتىم.مىنىڭ بىر شائىر بولۇش سۈپتىم بىلەن ئۇرۇنلايدىغان مەجبۇرىيتىم   ئۇلۇغ  خەلقىمنىڭ ئەينى  ھالىتىنى  ئىپادىلەپ بېرىشتۇر.

    مانا بۇ مەن ئەللىك يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان ئىشلار.

    دەل شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزلىرى ھەققىدە يېزىلغان ھىكايىلەرنى ئاڭلاشماقچى ۋە مەن، ئۇلارنىڭ تورمۇشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۇزۇن سىن لىنتلىرىنى كۈرمەكچى بولۇپ مېنىڭ شىئىرلىرىم ئەتراپىغا توپلاشتى.

    مەن ئىشلىگەن شىئىر سىن لېنتىلىرى ئەڭ كۆپ تارالدى، چۈنكى ئاددىي خەلق ئۆز سۈرەتلىرىنى كىرىشتۈرمە سۈرەتلەر، چۈمبەل- چۈمپەردەلەر، پەرداز- بوياقلاردىن  خالى تەبىئىي رەڭلەر بىلەن  كۆرۈشنى ياقتۇراتتى.

     

    13

    ئوبزور شېئىر ھارۋىسىغا ئېسىلماقچى بولار.

    لىكىن قامچا سالار ئاڭا ھارۋىكەش

    .شۇند،ا ئوبزورچى زەردە بىلەن يىقىلىپ قالار

     

    14

    مەن ھەممە جايدا چەكلەنگۈچى.

    دېمەك مەن .. ھەممە جايدا ئۇقۇلغۇچى.

      

     

    15

     

     

     

    نېفىت، مەدەنىيەت مەھەللىسىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مەھەللىمىز بەختىيار، شاد-خۇرام ئىدى.

    كىشىلەر يەپ-ئىچەتتى، بىر- بىرنىڭكىدە تۈنەپ چىقاتتى. قىز-ئوغۇللىرىنى ئۆيلەپ قويۇشاتتى، ئىشىكلىرىنى قۇشقاچلارغا ۋە ئاي نۇرىغا ئېچىۋىتەتتى...

    نېفىت

    تۇڭلىرىنى...

    باغلام- باغلام چەكلىرىىنى..

    ھەميانلىرىنى كۆتۈرۈپ كەلگەندە  بولسا...

    مەھەللە ئەخلاقى بوزۇلدى. مەدەنىيەت ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرلىرىمۇ نەدىكى لۈكچەك، ئوسال ئادەملەرگە ئايلىنىپ كەتتى..

    ئوبزورچىلىق خىزمىتىدىمۇ خۇددى  بازار باھاسىغا قاراپ ئىش قىلىنىدىغان ھايانكەشلىككە  ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ قالدى.

     

    16

    ئەرەپ شائىرى شەك-شۈبھىسىز دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك شائىردۇر. چۈنكى ئۇ شىئىر قەرزىنى نەچچە ھەسسە پايدىسى بىلەن قايتۇرىدۇ.

    شىۋىتسارىيەلىك  بىر شائىر جەنۋە كۆلى بويىدا ئۆردەككە دان تاشلاپ ئولتۇرغان..

    فىرانسىيلىك شائىر سان گىرمان قەھۋەخانىسىدا ئالدىغا بىر قەدەھ كونياكنى قويۇپ، گولۋاز تاماكىسىنى چىكىپ ئولتۇرغان...

    ئەنگىلىيلىك بىر شائىر بىر كوزا قارا پىۋىگە قول سوزۇزۇۋاتقان...

    ئامېرىكىلىق بىر شائىر  نىيو-يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون رايونىغا جايلاشقان (چىز مانخاتتۇن بەنك) بىناسى ئۆگزىسىدە ئولتۇرغان شۇ چاغدا، ئەرەب شائىرى  دەل  شىئىر بومبىسى ئۈستىدە ئولتۇرغان بولىدۇ.

    ئۇ بۇ بومبىنىڭ قاچان پارتلاپ كىتىشىنى بىلمەيدۇ...

     

    17

     ئاھ ئايال

    يازماي بولماس

    ساڭا ئاتاپ قەسىدە ھامان.

    لىكىن قاچاندۇر

    چەكتىن ئېشىپ بىرىلسەم ساڭا

    ئۆلۈپ قالار قەسىدە شۇئان.

     

    18

    شۆھرەت مىنىڭ بېشىمغا چىقتى

    ماڭا ئەمدى نىسىپ بولۇرمۇ؟

    بىرگە ئۇخلىماق

     200مىلىيۇن خەلقىم بىلەن

    بىر ئۆيدە، بىر كارىۋات ئۈستىدە.

     

      

     

    19

    بىر قىسىم بىلەرمەنلەر بىزنى: «شائىرنىڭ خەلقچىل بولۇپ كېتىشى ئۇنىڭ تۈگەشكىنى» دېگەنگە ئىشەندۈرمەكچى بولىشىدۇ.

     ھالبۇكى مەن ئۇلارنى ئۆزەمنىڭ بىر خەلىقچىل شائىر ئىكەنلىكىمگە ئىشەندۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن. مەن مانا شۇ خەلىقچىللىقىم بىلەن ئەللىك يىلدىن بىرى نېنىمدىن ئايرىلىپ قالماي  ياشاپ كىلىۋاتىمەن.

     

    20

    ئەللىك يىلدىن بىرى

    مەشۇقۇمدۇر ئاياللار مىنىڭ

    شۇنداق بولۇپ كەلدى ھېلىھەم..

    بىراق بۈگۈن

     قوشتۇم ئۇلارغا

    ۋەتەن ئاتلىق يېڭى كۈندەشنى.

     

     

    21

     

    ئۇلار مەيدەمگە چاپلاشقان چاپلاقلارغا تۇلۇپ كەتكەنىدى:

    ئايالپەرەس شائىر

    كۆكسخۇمار شائىر

    قىزخۇمار شائىر

    سۆلەتۋاز شائىر

    شاللاق شائىر

    ئىشقىۋاز شائىر.

    ئىشرەتۋاز شائىر..

    بۇزۇق شائىر

    جانباقار شائىر..

    رەزىل شائىر..

    خۇدا ئۇرغان شائىر..

    مەغلۇبىيەتچى، چۈشكۈن شائىر..

    سىياسىي ھەجۋىچى شائىر

    دېگەندەك سۆزلەر.

    بۇ چاپلاقلارنىڭ ھەممىسى  خۇددى قۇرۇغان دەرخت يوپۇرماقلىرىدەك يەرگە تۆكۈلۈپ كەتتى.

    دەرەخت بولسا يەنىلا قەددىنى تىك تۇتقان پىتى قالدى.

     

    22

     

    كىيىنكى يىللاردا..

    يېزىقىچىلىق قىلىۋىتىپ تىرناقلىرىمدا قەغەزنى تاتىلايدىغان بولۇپ قالدىم..

    مەن بىر ئەسەبىيگە،  ئوت قويغۇچىغا، يارىلاندۇرغۇچىغا ئايلانغان ئىدىم...

    يولۇم ياۋا تۇشقان يولىغا ئايلاندى...

    يىگىرمە يىل ئىشلىگەن دىپلۇماتىيە خىزمىتىمنى ئۇنتۇپ قالدىم..

    ئەرلەرگە ياخشىچاق بولۇش، ئاياللارنىڭ قۇلىغا سۈيۈشلەردنىمۇ چىقىپ قالدىم.

    ئۈستۈمدىكى پاتلانغان كۆينەكنى، (ئاغزىمدىكى) ياسالما سۆزلەرنى پۈتۈنلەي تاشلىدىم...

    مەن ئەمدى خۇددى تاپانچىغا ئوخشاش ئاتاي دېگەندە  دەررۇ ئېتىلىدىغان بىر نەرسە بولماقچى

     

     

    23

    ھەر قېتىم مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە «نىزارچە ئۇسلۇب» دېگەن سۆزنى كۆرگىنىمدە..

    كۆڭلۈم بىر خىل كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

    تارىختا شافىئىي ئېقىمى، ھەنەفىي ئېقىمى، ھەنبەلىي ئېقىمى، مالىكى ئېقىمى..  دېگەندەك ئېقىملارنى ياراتقانلارغا ئوخشاش، مەنمۇ شىئىريەتتە (نىزارىي ئېقىمى) دەپ بىر ئېقىمنى ياراتقۇچىغا ئايلانسام تازا قالتىس ئىش بولمامدۇ؟.

     

    24

    ھازىرقى زامان شىئىريىتىنى ھېچكىم ئۆز ئالدىغا بارلىققا كەلتۈرۋالغان ئەمەس.

    ئۇنى شاكىر سەيياب، نازىك مەلائىكە (يېقىنقى زامان ئەرەب شىئىرىيتىدىكى خاس ئۇسلۇب ياراتقان داڭلىق شائىرلار-ت) ۋە ياكى پالان-پۇستانلارمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس.

    يېڭى شىئىريەت ھەرىكىتى ئوتتۇزىنچى يىللاردا باشلانغان خور مۇزىكىسىدۇر، ئۇنى ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە سۈرگۈندىكى بارلىق ئەرەب شائىرلىرى ئورتاق ئۇرۇنلىغان..

    ھەر بىرى بىرخىل ئەسباپ بىلەن

    ھەربىرى بىر خىل ئاھاڭدار جۈملە بىلەن

    قايسى بىر زۈرۈر نەرسە بىلەن

    ياكى بىرەر قارار بىلەن

    ۋە ياكى قارارغا بىرىلگەن جاۋاب بىلەن ئۇرۇنلىغان..

    قانداق بىر ئادەم ئۆزىنى ئەرەب شىئرىيىتىنىڭ بېتخوۋىنى قىلىپ كۆرسىتىدىكەن، بۇنداق ئادەمنى گەپ يوق بۇلاڭچى ۋە ئالدامچى دېيىش كىرەك. 

     

    25

    مەنچە ئۇ يەردە بىرخىللا ئەرەپ تىلى بولماستىن بەلكى نۇرغۇن تىللار...

    جاھىزنىڭ تىلىمۇ

    ئىبنى مۇقەففەئنىڭ تىلىمۇ

    ئىبنى قۇتەيبەنىڭ تىلىمۇ

    يەنە تېخى جۇرجانىنىڭ (كىلاسسىك ئەرەب ئەدەبىياتشۇناسلىرى-ت) تىلىمۇ مەۋجۇت.

    ئۇ يەردە بوھتەرىنىڭ تىلىمۇ*، ئەبۇ نۇۋۋاسنىڭ* تىلىمۇ، مۇتەنەببىنىڭ* تىلىمۇ، ئەھمەد شەۋقىنىڭ* تىلىمۇ*، ئەمىن نەخلە* ، ئىلىياس ئەبى شەبكە*، بەششار خورى*، سەئىد ئەقىل* ۋە ئەدۇنىسلارنىڭ (*قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان داڭلىق ئەرەب شائىرلىرى-ت) تىللىرىمۇ بار.

    ئەنە شۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆز تىلىدا ئىجاد قىلغان، ئەسەر يازغان، ئۆزىلىرى ياقتۇرغان ئۇسلۇب ۋە شەكىللەر بويىچە ھەر خىل ئەدەبىي مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغان.

    ئەگەر مەندىن:

    -   سەنچۇ؟ .. بۇ جەھەتتە سەن نىمە ئىش قىلدىڭ؟ دەپ سورىغۇدەك بولساڭلار، ئاددىيلا قىلىپ:

    -   مەن شىئىرىيەتتە ئۆز تىلىمنى ياراتتىم دەپ جاۋاپ بەرگەن بولاتتىم.

    ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە كونىستانتىنپولنى پەتھى قىلدىم ۋە ياكى ئالفىرىد نوبىلدەك پۇرۇخنى ئىجاد قىلدىم دەپ تۇرىۋالمايمەن..

    لىكىن مەن كەمتەرلىك بىلەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى: «مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئارامبەخىش، كىچىككىنە بىر ئۆينى سېلىپ، ئۇنىڭ ئىشكىگە ئۆز ئىسىم كارتۇچكامنى ئاستىم».

    مەن شىئىر ئىجادىيتىدە گاھىدا ئەڭ ئادەتتىكى سەۋىيگە چۈشۈپ قالىمەن، تېخى گاھىدا باشقىلارنىڭ نەسىرچى، ئوچېرىكچى دېگەندەك ناھەق باھالىرغىمۇ دۈچ كىلىمەن. لىكىن قانداقلا بولمىسۇن مىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئاچچىغىم كىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى مەن شۇنىڭغا تۇلۇق ئىشىنىمەنكى شىئىر بىلەن نەسىر ئارسىنى ئايرىپ تۇرۋاتقان پاسىل تام پات ئارىدا خۇددى بېرلىن تېمىدەك ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.

    شىئىرنىڭ بىروستىرويكا(قايتا قۇرۇش) دەۋرى چۇقۇم كىلىدۇ..

    گۇرباچۇف  سوۋېت ئىتتىپاقىدا سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ساھەلەردە بىروستىرويكا دولقۇنىنى قوزغىغان بولسا، مېنىڭ شىئىر تىلى جەھەتتە ئەللىك يىلدىن بىرى ياراتقان يېڭىلىقلىرىممۇ مەن ئېلىپ بارغان نىزارچە(بىروستىرويكا) ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەتتۇر..

     

    نىزار قەببانىي

    1990-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى جەنۋە

     

     

     

    ئەرەپچىدىن ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى

    بىلقىس


    نىزار قەببانىي


     1
    رەھمەت سىلەرگە!
    رەھمەتسىلەرگە!
    چۈنكى سۆيۈملۈكۈم ئۆلتۈرۈلدى


    قولۇڭلاردىن كېلىدۇر يەنە
    مەي ئىچىشىپ، بەزمەقىلىشمۇ
    شەھىدەنىڭ تۇپراق باشىدا


    سۇيقەستكە ئۇچرىدى مېنىڭ داستانىم!...
    داستاندېسە كۈن بەرمەيدىغان
    بىزدەك بىر مىللەت بارمۇ زېمىندا؟
    2
    ئەي،بىلىقىس!
    بابىل* تارىخىدىكى ئەڭ گۈزەل خانىش ئىدىڭسەن
    ئەي، بىلقىس!
    ئىراقزىمىنىدىكى ئەڭ ئىگىز خورما ئىدىڭسەن
    يوللاردا ماڭار بولساڭ
    كېتەلمەيتتىيېنىڭدىن توزلار
    ئەگىشىۋالاتتى يەنە كىيىك، جەرەن


    بىلقىس!
    ئەي، مېنىڭ ئاغرىقىم!
    بارماقلارتېگىۋاتقاندىكى داستاننىڭ ئاغرىقىسەن
    قىنى ئەيتقىنا؟!
    ئەمدى ساچىڭيوق
    سۇمبۇللار بوي تارتىپ ئۆسەلەمدىكىن؟
    ئەي، مېنىڭ ياپيېشىل نەينەۋا* شەھرىم!
    ئەي، مېنىڭ بۇغداي ئۆڭ سىگان گۈزىلىم!
    ئەي، دەجلە دولقۇنى نەۋباھاردىكى!
    پۇتىدا بىلەيزۈك، بوپ كەتكەن لەۋەن
     3
    ئەي، بىلقىس!
    ئۇلارسېنىڭ بېشىڭغا چىقتى
    قانداق مىللەت ئىكىن بۇ ئەرەب دېگەن؟
    بۇلبۇللارغا ھىچكۈن بەرمەگەن
    سەمەۋئىل* قىنى؟
    مۇھەلھەل* قىنى؟
    قىنى شۇ بۇرۇنقى مەردلەر؟ ئەلگە ئەرزىگەن
    نىمە دېگەن بىلەن
    يەپ كەلدى قەبىلىلەر قەبىلىلەرنى
    يەپكەلدى تۈلكىلەر تۈلكىلەرنى
    يەپ كەلدى ئۆمۈچۈكلەر ئۆمۈچۈكلەرنى
    مىليۇنلاپيۇلتۇزغا ئارامگاھ بولغان
    بىر جۈپ كۆزۈڭ بىلەن ئانت ئېچىپ، ئايىم!
    ئەرەبنىڭغەلىتىلىكىدىن باشلايمەن سۆزنى
    ئەرەب يالغانچىلىقنى باتۇرلۇق دەمدۇر؟
    ياكىبولمىسا تارىخ
    توقار بوپ قالدىمۇ بىزدەك، يالغاننى؟

    4
    بىلقىس!
    مەندىن جۇدابولمىغىن
    سەن بولمىساڭ
    ساھىللار يورۇماس كۈن بولغان بىلەن
    مەن تەرگەۋدەشۇنداق ئەيتىمەن:
    قاراقچى
    ئوخشاش كىيىنەر بولدى پالۋان بىلەن
    مەن تەرگەۋدەشۇنداق ئەيتىمەن:
    ھۆددىگەرگە ئوخشاپلا قالدى
    نى تالانتلىق رەھبەرمۇ مەن- مەندېگەن
    مەن شۇنداق ئەيتىمەن:
    شەرەف چۆچىكى
    چۆچەكلەر ئارا ئەڭ بىمەنەچۆچەك
    بىز تىخى بىر قەبىلە جاھان كۆرمەگەن
    ئەي بىلقىس!
    مانا شۇنداق كەلدىبىزدىكى تارىخ
    ئايرىيالماي قىينىلىپ كىشى
    باغ بىلەن ئېغىلنى يۈرگىنىيۈرگەن
    5
    بىلقىس!
    ئەي، شەھىدە! ئەي، قەسىدە!
    شۈنچىلىك پاك، ئىرىغسەننەزىرىمدە
    سەبەئ* ئىزدىمەكتە ئۆزخانىشىنى
    سالام بەر كۆپچىلىككە مۇشۇدەمدە
    ئەي، ئۇلۇغ خانىش!
    ئەي، ئېسىل ئايال!
    سۇمىر دەۋرىنىڭ باركى شان- شەۋكەتى
    ئىدى ئەمەسمۇ مۇجەسسەم سەندە؟!
    بىلقىس!
    ئەي، تاتلىققۇچقۇچۇم!
    ئەي، بىباھا ئايكون*ۇم!
    ئەي، ياش چېچىلىپ ياتقان
    قورۇق باسقانمەڭز ئۈستىدە!
    ئۇۋال قىپ قويغان بولغىمىدىم، دەيمەن ساڭا 
    قايسى بىركۈنى
    ئەئزەمىيە* بويىدىن ئېلىپ كەلگۈچە
    بىرۇت ھەر كۈنى
    بىرىمىزنىئۆلتۈرمەكتە
    ئۇ ھەر كۈنى
    قۇربانلىق ئىزدەپ يۈرمەكتە.
    ئۆلۈم بىزنىڭ قەھۋەئىستاكانىمزدا
    ئۆيىمىزنىڭ ئاچقۇچىدا
    بالكوندىكى گۈللەردە
    گىزىتلەرنىڭقەغىزىدە
    ئەلىفبا ھەرفلىرىدە.
    ئەي، بىلقىس!
    مۇشۇ مانا بىزنىڭھالىمىز
    بىز قايتىدىن كىرمەكتەمىز
    جاھىلىيەت دەۋرىگە
    بىز ياۋايىلىقىنىباشلادۇق يەنە
    قالاقلىق، قەبىھلىك، قاششاقلىق
    نەگىلا قارىساق ئەنە
    بىزيەنە بىر قېتىم
    بەربەر(ۋارۋار)لىك دەۋرىگە كىردۇق
    ئەمدىكى يېزىق
    تاغمۇ-تاغ يۈرۈشتۇر كېزىپ ھەمىشە
    بۇندا كىپىنەكلەرنى ئىتىزلىقدىلائۇجۇقتۇرۇش
    بولۇپ قالغان ئاددىي مەسئەلە
    6
    سىلەر مېنىڭ دىلبىرىم بىلقىسنىبىلەمسىزلەر؟
    ئۇ سۆيگۈ كىتابلىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ جەۋھەرى ئىدى
    ئۇ پاياندازبىلەن مەرمەرنىڭ ئۆزگىچە بىر ئارىلاشمىسى ئىدى
    ئۇ ئۆزى ئۇخلىمىسىمۇ ئىككى كۆزىئاراسىدا
    بىنەپشەگۈلى ئۇخلار ئىدى
    بىلقىس!
    سەن بىرخۇشپۇراقسەن
    ئەسىمدىن يەر ئالغان
    ئەي، قەبرە كېتىۋاتقان بۇلۇتلارئارا!
    ئۇلار سېنى بىرۇتتا ئۆلتۈرۈش بىلەن
    بولدى بىر ئاھۇنى ئۆلتۈرگەن
    كىيىن سۆزلەرنىمۇ ئۆلتۈردى بىراقلا
    بىلقىس!
    بۇ يازغىنىم مەرسىيەئەمەس
    لىكىن، دېگەنلىك:
    كۆزۈم كۆرمىسۇن ئەرەبنى قايتا!
    كۆزۈم كۆرمىسۇنئەرەبنى قايتا!
    كۆزۈم كۆرمىسۇن ئەرەبنى قايتا!
    7

    بىلقىس!
    سېنى سېغىنغاننۇرغۇن- نۇرغۇنلار
    يەنە سەن ياشىغان بۇ ھۇجرا ئۆي
    پەشلىرىدىن خۇش بۇيتارايدىغان شۇ خانىشىنىڭ
    نەدىلىكىنى سوراشماقتا
    خەۋەرلەرگە قۇلاقسالدۇق
    سەندىن دېرەك يوق
    مىش- مىش گەپلەر
    ئۇسۇزلۇقنى باسمىدىئەسلا
    بىلقىس!
    ئەلەمدىن يەتكۈچە بوغۇلۇۋاتقانلار
    بالىلار
    ئۇقماي قالدىنە بولارىنى
    مەنمۇ قالدىم
    نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ئادا
    بىردەمدىنكىيىن
    ئىشىكنى چىكىپ قالارسەنمۇ؟
    ئۈستۈڭدىكى قىشلىق كىيىمنىسالىپ
    ئالدىمغا كېلەرسەنمۇ؟
    كۈلۈپ، جىلمىيىپ
    ئىتىز گۈللىرىدەك يالتىراپگويا
    8
    بىلقىس!
    توختىماستىن ياش تۆكەر بۈگۈن
    تام تۆپىسىدىكىئوتياشلىرىڭ.
    تۇرۇپ ئەينەك ئالدىدا
    تۇرۇپ پەردە يېنىدا
    چىلىقىپلا تۇرار شۇچىھرىڭ
    ئۆچمىدى تىخى
    سەن ئوت ياققان سىگارتنىڭ ئوتى
    تارقىغۇسىيوق
    سىگارت ئىسىنىڭ
    بىلقس!
    بۇندا تۇرغىنى
    جاندىن ئۆتكۈچە زەربەيىگەنلەر
    ھالسىزلىق جاي ئالغان قارچۇقلاردىن
    بىلقىس!
    نېمىشقا ئېلىپكېتىسەن؟
    مېنىڭ كۈنلەرىمنى، چۈشلەرىمنى
    يەنە تىخى ئەسەر قويمۇدۇڭ
    فەسىللەردىن، باغلاردىن
    ئەي، مېنىڭ ئايالىم!
    كۆرنۇرۇم...
    قەسىدەم...
    دىلبىرىم...
    سەن مېنىڭ ئوماققىنە قۇشقۇچۇم ئېدىڭغۇ
    نېمىشقا تاشلاپكېتىدىغانسەن مېنى بىلقىسىم ؟!
    9
    بىلقس!
    مانا شۇ تاپتا
    ئىراقنىڭقەدىمىي، خۇشپۇراق چايىنى
    ئېسىل مەي ئورنىدا ئېچىش پەيتى كەلدى
    ئەي زىلۋابويلۇقۇم!
    ئەمدى قەدەھلەرنى كىم ئۈلەشتۈرەر؟!
    فۇرات دەرياسىنى
    باغداتخىيابانلىرىنىڭ
    دەجلە بويىنىڭ گۈللىرىنى
    ئۆيىمىزگە كىم ئېلىپ كىرەر؟!
    بىلقىس!
    قايغۇ مېنى تېشىپ كىردى
    سېنىڭ قاتىلىڭ شۇ بىرۇت
    ئۆزجىنايىتىنى بىلمەيدۇ
    ساڭا ئاشىق شۇ بىرۇت
    ئۆز مەئشۇقىنى ئۆلتۈرگىنىنىبىلمەيدۇ
    ھالبۇكى
    ئاي ئاللىبۇرۇن ئۆچۈپ بولدى
    11
    بىلقىس!
    بىزنىنىمىشقا بوراندا قويۇپ كېتىسەن؟
    بىز ياپراقتەك تىتىرىمەكتىمىز
    بىز ئۈچەيلەننىتاشلىۋەتتىڭ سەن
    يامغۇردا قالغان پەيدۇر تۇرقىمىز
    سەن مېنى بىر ئويلاپقويدۇڭمۇ؟
    مەن سۆيگۈڭگە مۇھتاج ئادەمدىم
    خۇددى مۇھتاج بولغاندەك
    زەينەببىلەن ئۆمەر بالامىز
     
    12
    بىلقىس!
    ئەي، ئەفسانەۋىي خەزىنە!
    ئەي،ئىراقتىن چىققان نەيزە!
    ئەي، بامبۇكزار!
    ئەي، يۇلتۇز بىلەن بويتالاشقۇچى!
    بۇ قەدەر قىرانلىق نىدىن ساڭا يار؟
    بىلقىس!
    ئەي، مېنىڭسىرداشىم!
    ئەي، قاياشىم!
    ئەي، مامۇق تەن!
    بابۇنە گۈلىگە ئوخشار
    ساڭابىرۇتمۇ، دېڭىزمۇ تار كەلدى
    سەن ئەمەسسەن ھىچ يەرگە سىغار
    بىلقىس! ئەمدىدۇنياغا قايتا كەلمەيسەن
    سەندەك يەنە بىرى
    ئەمەستېپىلار
    13
    بىلقىس!
    ئالاقىمىزدىكى ھەر بىر ئۇششاق تەپسىلات
    قىنايدۇمېنى
    ئەشۇ ئۇنتۇلماس سىكۇنت، مىنۇتلار
    ساۋايدۇ مېنى
    ھەر بىر تال چاچقىسقۇچىڭدا باردۇر
    بىردىن ھىكايە
    ھەر بىر تال بويۇنچاقىڭدا باردۇر
    ئىككىھىكايە
    ھەتتا زەررەڭ چاچ ئىلغۇچۇڭمۇ
    كۈندىكى ئادىتى بويىچە
    مىھريامغۇرلىرىغا ئورايدۇ مېنى

     
    چۇلغىماقتا ئىراقچە بىر گۈزەلئاۋاز
    دەرپەردەلەر
    دىۋانلار
    قاچا - قۇچالارنى


    ئەينەكلەردىن
    ئۈزۈكلەردىن
    قەسىدەدىن
    شاملاردىن
    قەدەەھلەردىن
    بېغىررەڭ شاراپتىن
    كۆرمەكتىمەن نىگاھىڭنى.
    بىلقىس!
    بىلقىس!
    ئاھ،بىلقىس!
    ئۇلار بىلسە بولاتتى
    بۇ ماكاننىڭ ئاغرىق- دەردىنى
    سەن خۇددى بىرقۇشقاچ بولۇپ
    بۇلۇڭ قويماي قونۇپ يۈرىسەن
    سەن خۇشپۇراقتاراتماقتىسەن
    بولۇپ گويا بەلسان* ئورمىنى

    ئۇ يەردە تاماكا چېكىۋاتىسەن
    بۇيەردە كىتاب كۆرۈۋاتىسەن
    ئەنە ئۇ يەردە خۇددى خورما دەرەختىگە ئوخشاپ
    چاچتاراۋاتىسەن
    شۇ تاپتا مىھمانلارنىڭ قېشىغا كىرىۋاتىسەن
    نۇرانە چىھرىڭ بىلەنئەسلىتىپ
    خۇددى يەمەن قىلىچىنى*


    بىلقىس!
    قىنى سەن ئامراق شۇ(گىرلان)* شىشەسى
    يشىل چاقماق
    قىنى ئەشۇ(كەنت)* تاماكىسى
    چىشلەپ تۇرغان،سەن كۆتىگىنى
    قىنى شۇ، ياڭراۋاتقان (ھاشىمىي)* كۈيى
    چاڭ كەلتۈرۈپ كۆرەكسەھنەسىنى
    تارغاقلار ئۆتمۈشنى ئەسلەپ
    تۆكمەكتە بۇندا ئاچچىقيېشىنى
    قارىمامسەن ئەي بىلقىس؟
    تارتماقتا ئۇلارمۇ سېغىنچدەردىنى
    بىلقىس!
    قىيىندۇر ماڭا قانىمدىن كەچمەك
    يالقۇن تىللىرى بىلەنتۈتۈن تىللىرى
    ئېلىۋالدى قورشاۋغا مېنى
    14
    بىلقىس!

    ئەي، بىكە!

    سەن مانا كۆيمەكتىسەن
    تۇققانلارئارا پارتلىغان جەڭدە
    نىمە دەپ يازاي
    خانىشىمنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن
    سۆزلىسەمرەسۋا بولىمەن پۈتۈن
    بىز جەسەد دۆۋىلىرى ئارىسىدىن
    ساقىغان بىر يۇلتۇزنىئىزدىمەكتىمىز
    ئەينەك سۇنغاندەك چۇل- چۇل بوپكەتكەن
    بىر جەسەدنىئىزدىمەكتىمىز
    ئەي، دىلبىرىم! بىز مانا شۇ تاپتا:
    بۇ قەبرە سىنىڭمۇ يائەرەبنىڭمۇ؟ دەپ
    ھاڭ- تاڭ بولۇپ سورىماقتىمىز
    15
    بىلقىس!
    ئەي مەجنۇنتال
    ئۈستۈمگە تاشلاپ تۇرغان ئۆرۈم ساچىنى
    ئەي، زۇرافە!
    مەغرۇر تۇتۇپتۇرغان قەددىنى
    بىلقىس!
    ئەرەبنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىر
    ئۇنىڭ بىزنىقەستلەپ يۈرگىنى
    ئەرەب يەپ تۈگىتىدۇر گۆشىمىزنى
    ئەرەب يېرىپ تاشلايدۇقارنىمىزى
    ئەرەب ئاچىدۇر گۆرىمىزنى
    بۇ تەقدىر- پىشانە قىلمايقۇتۇلماس
    ئەرەب خەنجەرى ئايرىپ ئولتۇرماس
    گېزى كەلگەندە ئەرنى،ئايالنى
    بىلقىس!
    ئۇلار سېنى بومبىغا يەم قىلدى
    توساتتىن بىز كۆرگەندەكبولدۇق
    بارلىق تاۋۇتلارنىڭ كەربالادىن چىقىپ
    يەنە كەربالاغائېقىۋاتقىنىنى
    16
    بۈگۈندىن باشلاپ تارىخ ئوقۇمايمەن
    بارماقلىرىم قىزىپكەتتى
    كىيىملەرىم قانغا بويالدى
    بىز ئەمدى تاش دەۋرىگە كىردۇق
    ئارقىغاقايتۇرۇمىز
    ھەر بىر كۈننى، مىڭ يىلنى
    17
    بىرۇتتىكى دىڭىز
    كۆزلىرىڭكېتىپ قالغاندىن كىيىن
    دېڭىزلىقتىن ئىستېفا بەردى
    شىئىر سوراۋاتىدۇ
    تىخىپۈتمىگەن قەسىدىسىنى
    ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگىلى
    ئادەم يوقئەمدى
    18
    ئەي، بىلقىس!
    قايغۇ مېنى ئاپلىسىننى سىققانچە سىقماقتا
    مەنتالاي ئەسەرلەرنى يازغان بولساممۇ
    يازماقچى بولغان بۇ ئەسىرىمنى
    نىمە دەپباشلاشنى ئۇقماي قالدىما!

    مەن سۆزلەرنىڭمۇ تەڭقىسلىقتاقالىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلىۋاتىمەن

    تىلنىڭ باشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەنلىكىئايان بولدى ماڭا


    بىر قىلىچ گاھ مېنىڭ بېقىنىمغا
    گاھسۆزلەرنىڭ بېقىنىغا تىقىلماقتا

    ئەي، بىلقىس! سەن بارلىق مەدەنىيەتسەن
    مەدەنىيەتدېگەن ئايال ئۆزىلا
    19
    بىلقىس!
    سەن ماڭا كەلگەن بۈيۈك بىشارەتئىدىڭ
    بۇ بىشارەتنى كىم ئوغۇرلاپ كەتتى؟
    سەن يېزىق پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقىيېزىق ئىدىڭ
    سەن بىر ئارال ئىدىڭ ھەم تۇر ئۇندىكى
    بىلقىس!
    ئەي،ئايىم!
    ئۇلار سېنى تاشلارنىڭ ئارىسىغا كۆمۈۋەتكەن ئىدى
    دەرپەردە كۆتۈرۈلمەكتەئەمدى
    دەرپەردە كۆتۈرۈلمەكتە ئەمدى
    20
    مەن تەرگەۋدە شۇنداقئەيتىمەن:
    مەن نۇرغۇننەرسىلەرنى
    ناملارنى
    تۈرمىلەرنى
    شەھىدلەرنى
    كەمبەغەللەرنى
    بىۋە- بىچارەلەرنى بىلىمەن
    يەنە تىخى ئايالىمنىڭ قاتىلىنىمۇ بىلىمەن
    تونۇيمەنبارلىق پايلاقچىلارنى
    يەنە شۇنداق دەيمەن:
    بۇزۇقلۇقتۇر بىزدىكىئىففەت
    تەقۋالىقىمىز ئەسلى نەجاسەت
    يالغاندۇر بىز قىلغانكۆرەشلەر
    فەرقلەنمەيدۇر بىزدە ھىچ قاچان
    نامۇسىنى ساتىش بىلەنسىياسەت*
    مەن تەرگەۋ پەيتىدە شۇنداق دېمەكچىمەن:
    مەن قاتىللارنىڭ كىملەرئىكەنىنى بىلىمەن
    ئەرەب زامانىغا خاستۇر ھەرقاچان
    ياسەمىن گۈللىرىنى نابۇدقىلىش
    پەيغەمبەر بولسىلا ئۆلتۈرۈش
    ھەتتا ئۇلار يالماپ- يەۋىتەر
    سۈيىنىئىچكەن سۈزۈك بۇلاقنى
    ئۆرۈم چاچلار، ئۈزۈكلەر
    بىلەيزۈكلەر، ئەينەكلەر، ئويۇن- تاماشالار
    ھەتتا يۇلتۇزمۇ قورقار بۇ يۇرتتىن
    بىلەلمەيمەن ھىچ سەۋەبىنى


    ھەتتا قۇشلارمۇ قاچار بۇ يۇرتتىن


    يۇلتۇزلار،كىمىلەر،بۇلۇتلار
    دەپتەرلەر، كىتابلار
    بارلىق... بارلىق گۈزەل شەيئىلەر
    ئۆزىگەدۈشمەن بىلەر ئەرەبنى
    21
    ئەي، بىلقىس!
    سېنىڭ نۇرانە تېنىڭ يەرگە سورۇلغانشۇ چاغدا
    بىر ئېسل ئۈنچىنى كۆرگەن بولدۇم مەن
    مەن ئويلاپ قالدىم:
    ئەرەبنىڭھەۋىسمىدۇر ئايال ئۆلتۈرۈش دېگەن؟!
    ياكى بۇرۇندىن بوپ كەلگەنمۇ بىز
    جىنايەتئۆتكۈزۈشكە ئۇستا- ھۈنەرۋەن
    22
    بىلقىس!
    ئەي، مېنىڭ چىرايلىق ئاتىم
    مەنپۈتكۈل تارىخىمدىن ئۇيالماقتىمەن
    بۇ يۇرت
    ئات بولسىلا ئۆلتۈرۈپ كەلگەن
    بۇيۇرت
    ئات بولسىلا ئۆلتۈرۈپ كەلگەن.
    ئەي، بىلقىس!
    ئەي،مېنىڭ شىرىنيۇرتۇم
    ئۇلار مېنى بوغۇزلىغاننىڭ بۇيانى
    ئىنسان بۇ يۇرتتا قالدىبىلەلمەي
    قانداق ياشاپ، قانداق ئۆلۈشنى
    23
    مەن دائىم
    دۇنيانى بەختكەچۈمدۈرىمەن دەپ
    ئەڭ ئېسىل تارتۇقلارنى
    قانلارىمدىن بېرىپ كەلدىممەن
    لىكىنپەلەك
    راۋا كۆردى ماڭا
    قىشتا قالغان غازاڭلار كەبى
    قېلىشىمنى يالغۇز- يەككە تەن
    بەختسىز تۆرىلەمدىغاندۇر مۇشۇنداق
    شائىر دېگەن؟!
    قەسىدە يۈرەككەيەتكەن زەخمىمۇ؟
    ھىچ نەرسىدىن داۋا كۆرمىگەن
    يا كى مەن بوپ قالدىممۇ بىردىنبىر ئادەم
    تارىختىكى بارچە يېغىنى
    ئىككى كۆزۈمگىلا يىغقان- جەملىگەن؟
    24
    مەن تەرگەۋدە شۇنداق دېمەكچىمەن:
    مېنىڭ ئاھۇ تەن گۈزىلىمقانداق بولۇپ
    ئەبۇلەھەبنىڭ قىلىچىدا ئۆلۈپ كەتتى؟
    فارس قولتۇقىدىن تىنچئوكيانغىچە
    ئەرەبنىڭ ھەممىسى ھارام تاماق ئوغرى
    ئۇلار ئوت قويىدۇر، ۋەيرانقىلىدۇر
    بۇلاپ - تالايدۇر، پارا يەيدۇر
    ئاياللارغا ئۆچلۈك قىلىدۇر
    ئۈلگەقىلىپ ئەبۇلەھەبنى
    كادىرلارنىڭ ھەممىسى بىر توپ ئىت
    يەپ - ئېچىپ مەست- ئەلەسيۈرىشەر
    ئەبۇلەھەبدىن زادى يوق پەرقى
    25
    بىردانە بۇغدايمۇ ئۈنمەسزېمىندا
    ئەگەر ئەبۇلەھەب قوشۇلمىسا
    بىر بالىمۇ تۇغۇلماس
    ئۇنىڭئانىسى
    ئەبۇلەھەبنى بىر خوش قىلمىسا
    تۈرمە ئىشىكىمۇ ئاچىلمايدۇر
    ئۇنىڭدىنبىر رۇخسەت بولمىسا
    بىرەر باشمۇ كېسىلمەس يەنە
    ئۇ چۈشۈرگەن يارلىقبولمىسا
    26
    مەن تەرگەۋدە شۇنداق دېمەكچىمەن:
    مېنىڭ خانىشىم قانداقبولۇپ
    كېتىپ قالدى بۇلاڭ- تالاڭغا؟

    ئۇلار قانداق بۆلۈشۈپ ئالغاندۇر؟
    ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ مەرمەرىنى
    يەنە ئۈزۈكىنى - سالغانتويىدا
    چاچلىرىنى قانداق بۆلۈشۈپ ئالغاندۇر؟
    ئاقار ئوخشاپ زەردەرياسىغا


    مەن تەرگەۋدە شۇنداقدېمەكچىمەن:
    ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇرئانىنى
    قانداقمۇ تاشلەي ئالغاندۇرئوتقا؟
    قانلارىنى قانداق تۆككەندۇر؟
    شىرىن سۆز ئاغزىنى قانداقئېلىۋالغاندۇر؟
    قىزىل گۈللەرى، ئۈزۈملەرىنىمۇ سالغانچە ئادا*
    بىردىنبىرغەلبىمۇ بىلقىسنىڭ ئۆلۈمى
    ئىشقا ئاشقان ئەرەب تارىخىدا؟ 
    27
    بىلقىس!
    ئەي، مېنىڭ مەئشۇقۇم!
    ئۇلا ئەمەس يېتەكچىم دەيمەنسېنى
    بىلقىس!
    يالغان پەيغەمبەرلەر بەدەشقان قۇردى بۈگۈن
    پۈتكۈل خەلقنىڭشىللىسىگە چىقىپ
    پەيغەمبەرلىك بىلەن يوق ھىچ بىر ئىشى

     
    سېنى ئۆلتۈرۈشكەن شۇقاتىللار

    ئەگەر بىزگە ئېلىپ كەلگەنبولسىمۇ
    فەلەستىندىن بىر خەزىنەنى
    بىر يۇلتۇزنى، بىر ئاپلىسىننى
    ئۇلاربىزگە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ
    گازا قىرغاقلىرىدىن بىر كىچىك تاشنى
    ۋە ياكى بىرقۇلۇلە قېپىنى
    ئۇلار ئەگەر چارەك ئەسىردىن بىرى
    ئازات قىلغان بولسىمۇ زەيتۇندەرەختىنى
    ياكى كۆشەپ ياتقان بولسىمۇ لىمۇننى
    تارىختىن ئۆچۈرگەن بولسىمۇئارۇ- نامۇسنى
    ئۇلارغا گەپ يوق رەھمەت ئەيتاتتىم، بىلقىس!
    ئەيمەئبۇدە!
    نە مەئبۇدە بەلكى يولباشچى!
    بىراق ئۇلار...
    فەلەستىننى دۈشمەنگەتاشلاپ بەردى
    قەستلىسۇن دەپ ئاھۇلىرىنى
    28
    شېئىر نىمە دەيدۇ؟ ئەي،بىلقىس! ئەمدى بولغاندا
    نىمە دەيدۇشېئىر؟
    قالاقلىق
    خۇراپىيلىق
    قورقۇنچاقلىق ئەۋجىگەن بۇ زاماندا
    ئەرەبدۇنياسى كۆزۈمدە بۈگۈن
    كۇكۇم- تالقان، ۋەيران، سوقۇندا
    تىللىرى كېسىك،قىلالماس ئىنجا*
    بىز بىر جىنايەت چىكىگە يەتكەن
    «ئىقدۇلفەرىد»*، «ئەغانى»* دېگەنلەرنى
    كىملەر چىقارغان ئىدى رويابقا؟
    دىلبىرىم! ئۇلار سېنى قولۇمدىنتارتىۋالدى
    ئۇلار ئاغزىمدىن داستاننى تارتىۋالدى
    تارتىۋالدى يېزىش،ئوقۇشنى
    بالىلىقىمنى
    ئارزۇ- ئىستەكلىرىمنى ھەتتا
    بىلقىس! ئەي،بىلقىس!
    ئەي، لىغىرلاپ تۇرغان ياش!
    پەيكان يەڭلىغ كىرپىكلەرئارا
     
    مەن سېنى ئۆلتۈرگەنلەرگە نى چاغدىن بىرى 
    ئىشق سىرلىرىنىئۈگۈتۈۋاتاتىم 
    بىراق ئۈگۈتۈشۈم ئاياغلاشماي تۇرۇپ
    ئۇلار ئارغىماقلىرىمنىئۆلتۈردى مانا
    29
    بىلقس!
    مېنى شۇنداقدېيىشكە يول قوي:
    بەلكىم سېنىڭھاياتىڭ
    بەدەل بوپ كەتتى، دەيمەن ھاياتىمغا
    مەن شۇنى ياخشى بىلىمەن
    سېنىئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەسل مەقسىدى
    قەست قېلىشتۇر شېئىرلىرىمغا
    30
    ئارامىخۇدائۇخلا ئەي گۈزەل!
    سەن بولمىساڭ شېئىرمۇ بولماس
    ئاياللىقمۇ سەن بىلەنكەتتى
    قانچە ئەۋلات بالىلار سورايدۇ تىخى
    «قانداقتى؟» دەپ شۇ ئۇزۇن ئۆرۈمساچىڭنى 
    نەچچە ئەۋلات ئاشىقلار ئۈگۈنۈپ چىقار
    ئەي، ئېسىل مۇئەللىمە! ئىش- ئىزلىرىڭنى
    ئەرەبلەر يېقىن بىركۈندە بىلىپ قالادۇر
    بىر رەسۇلە*نىئۆلتۈرگەنىنى...
    بىر رەسۇلەنى ئۆلتۈرگەنىنى...
     بىر- رە- سۇ- لە- نى...

    ئۆل- تۈر- گە- نى- نى...

    نزارقباني – بيروت في 15/12/1981

     

     

     

     

     

     

     

     

    ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟

    ﻧﻪﺯﺯﺍﺭ ﻗﯘﺑﺒﺎﻧﻰ

    ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦﺑﯩﺮﻯ
    ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.
    ﺋﺎﻱ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﭼﺎﻗﺴﺎﻣﻤﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ...
    ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﻳﺎﺯﺳﺎﻡ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ
    ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺷﻼﺭﺩﻩﻙ
    ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺩﯨﻐﺎﻥ...
    ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﺍﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
    ﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﺋﯩﺸﻘﻰ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﺗﺴﯩﻜﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
    ﺋﺎﺳﺘﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﮬﺎﺭﻧﻰ، ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﭽﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ
    ﺷﺎﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺳﯩﻘﺴﺎﻡ.


    ﻳﺎﺳﯩﻤﯩﻦﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﻻﻣﯩﻨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﺍﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
    ﻳﺎﺳﯩﻤﯩﻨﺪﻩﻙ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ
    ﻛﻪﭘﺘﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎ
    ﻣﯘﻧﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﺎ.
    ﺷﯩﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺟﯜﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﺍﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
    ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﺳﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ
    ﭘﯩﺸﺎﻧﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﻻﭖ ﻳﯜﺭﻣﯩﺴﻪ.
    ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﺍﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
    ﺷﯩﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﺳﺎﻡ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﻠﯩﺴﺎ
    ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﻠﯘﻗﯘﻡ ﺗﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ...
    ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﺍﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
    ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ...
    ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯘﻏﯘﺯﻻﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ...
    ﺗﻪﻧﻠﻪﺭ ﺧﺎﺭﻻﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ!!

     

    ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ...
    ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﯩﻤﯘ ﮬﻪﻡ..
    ﮬﯧﭻ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ.
    ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﮬﯟﻩﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﮬﯟﻩﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ..
    ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮬﯩﺪﯨﻤﯘ_ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ_ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ..
    ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭼﺎﻳﻨﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ
    ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﻜﻨﯘﺗﺘﯩﻼ ﻳﺎﻟﻤﺎﭖ ﻳﯘﺗﯩﯟﯨﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ!!

     

    ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ
    ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯗﻡ.
    ﭼﺎﻳﻨﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯛﯞﻩﺗﺘﯩﻢ.
    ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﭼﯘﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﯩﻢ...
    ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﮕﻪ ﻳﯧﭙﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﻪﺭﻧﻰﻛﯚﻳﺪﯛﺭﻣﻪﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
    ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﻗﻪﺑﺮﻩ.
    ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﻛﯩﭙﻪﻥ.
    ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ...
    ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.

     

    ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ
    ﺋﯩﮕﻪ، ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻟﻪﻧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍ-ﺟﯘﺩﺍ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
    ﭼﺎﯓ ﺗﯘﺯﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﯧﻘﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻡ
    ﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﻳﯘﺳﺎﻡ...
    ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎ ﺳﯘﺭﺍﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯩﻤﻪﻥ...
    ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﻩﻳﯩﺶ__ﺋﻪﺭﻩﭖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ-ﺕ.
    ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﻛﯘﻟﻪﻳﺐ__ﺋﻪﺭﻩﭖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ-ﺕ.
    ﺧﻪﻳﺮ-ﺧﻮﺵ ﻣﯘﺯﻩﺭﺋﻪﺭﻩﭖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ-ﺕ.

     

    ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﺍﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
    ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶﺋﯜﭼﯜﻥ
    ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﻢ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ.
    ﺑﯧﺸﯩﻢ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ.
    ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﺎﺗﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ
    ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﺸﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ...

     

    ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﯩﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎﺋﯘﺭﯗﻧﯩﻤﻪﻥ.
    ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺪﯨﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﭼﺘﯩﻢ
    ﺋﺎﺷﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﻙ ﺑﯘﭖ...
    ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ
    ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ..
    ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ
    ﻣﻪﺭﻣﻪﺭ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺌﺎﭖ ﻣﻪﺭﻣﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰﺳﻪﺗﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ..
    ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎﻣﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻰ...
    ﺋﯩﺸﯩﻖ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﮕﻪ..
    ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﯩﻐﺎ.. ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ..
    ﺗﻮﯞﯞﺍ!!..

     

    ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
    ﺋﺎﭘﺎﻡ ﻗﯘﺭﺳﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ
    ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﯜﺯﻩﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
    ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ، ﺑﺎﺩﺍﻡ، ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺋﯘﻏﯘﺭﻟﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.
    ﻛﯧﻤﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺷﻼﺭﺩﻩﻙ ﺳﻪﻛﺮﻩﻱ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
    ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ
    ﺯﯛﻣﺮﻩﺕ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
    ﺳﯜﺕ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻩﺭﻣﻪﻥ.
    ﮬﯘﺷﯘﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚﺭﯛﺩﯛﻡ
    ﺋﻪﺭﯨﮭﺎﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻱ ﻳﻮﻕ.__ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻱ ﻧﺎﻣﻰ__ﺕ.
    ﭘﯘﺭﺍﺕ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﻮﻕ__ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ___ﺕ.
    ﺋﻪﺩﻩﻥ ﺩﻩ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﻳﻮﻕ._ﻳﻪﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻱ ﻧﺎﻣﻰ، ﻗﻪﮬﯟﻩﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ__ﺕ.

     

     

     

    ﺷﯩﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻢﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻤﻪﻧﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.
    ﺧﻮﺭﻣﺎ ﺗﯧﺮﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻳﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ..
    ﺋﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﻳﯘﻗﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﻛﯩﺸﻨﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ
    ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ...
    ﻛﯩﺸﻨﻪﺷﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ!!

     

     

    ﺑﺎﺭﻟﯩﻖﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ...
    ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﻪﺭ...
    ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ...
    ﺟﺎﻧﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﺳﯜﻳﯜﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯩﻤﻪﻥ
    ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺳﯩﻨﻰ ﺳﯜﻳﯜﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯩﻤﻪﻥ.
    ﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻐﺎ ﺑﺎﺳﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﻩﭖ..

     

     

     

    ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦﺑﯩﺮﻯ
    ﺋﻪﺭﻩﭖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ
    ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺷﺎﮬﻠﯩﺮﻯ
    ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ
    ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻣﭽﻪ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺋﯜﭼﯜﻥ..
    ﺋﻪﻟﻠﻚ ﺗﻪﯕﮕﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ..
    ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﻼ ﺋﯘﻗﯘﻳﻤﻪﻥ.
    ﺗﻮﯞﯞﺍﺍ!!..
    ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ..
    ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ-ﺧﺎﻡ ﺩﯦﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﻣﻪﻥ.
    ﺗﻮﯞﯞﺍ..
    ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻩﺋﯩﺴﻨﻰ ﺩﻩﭖ
    ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯧﯖﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ
    ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻟﯩﭙﻤﯘ-ﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﯜﺗﯜﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥﺟﺎﺯﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ
    ﺋﯩﭻ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﮔﯩﺰﯨﺘﻼﺭﻧﯩﻼ ﺋﯘﻗﯘﻳﻤﻪﻥ....
    ﺗﻮﯞﯞﺍ...

     

     

     

    ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦﺑﯩﺮﻯ... ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯛﺗﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ
    ﮔﯜﻟﺪﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ.. ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻯ ﻳﻮﻕ
    ﺟﻪﯕﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻳﯘ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﺱ
    ﭘﺎﺳﺎﮬﻪﺕ-ﺑﺎﻻﻏﻪﺕ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺱ
    ﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯞﺍﻟﯩﺪﯗﻳﯘ
    ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﺭﯨﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺎﻟﻤﺎﺱ... ﺋﯘﻗﯘﻳﺎﻟﻤﺎﺱ...
    ﺋﯘﻟﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻼ.. ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ..
    ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﺗﻘﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﺱ
    ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ!
    ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ
    ﺑﯩﺮﺍﻕ.. ﭘﯩﺨﺴﯩﻖ... ﺧﻪﺟﻠﯩﻤﻪﺱ..!!

     

     

    ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦﺑﯩﺮﻯ
    ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯩﺰﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.
    ﻗﺎﻥ-ﺗﯘﻣﯘﺭ ﺭﻩﯕﮕﯩﺪﻩ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ
    ﻏﻪﺯﻩﭖ-ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﺭﻩﯕﮕﯩﺪﯨﻤﯘ
    ﺳﯩﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﻩﻣﺪﯨﻦ ﺳﯘﺭﺍﻳﻤﻪﻥ:
    ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ...
    ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺭ...
    ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯩﻤﻼﺭ ﻳﯩﻐﻼﺭ..
    ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ.. ﺋﯘﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ....
    ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻳﻮﻕ..
    ﺋﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ!!.

     

     

     

    ﺷﯩﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ
    ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯩﻤﻪﻥ
    ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ.. ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ
    ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ... ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ..
    ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ... ﺗﯧﻠﯩﯟﯗﺯﯗﺭ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﺪﺍ
    ﺋﯜﻟﯜﻛﻠﻪﺭ....
    ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭ.. ﺗﯧﻠﯟﯗﺯﯗﺭ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﺪﺍ
    ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻧﯘﺳﺮﻩﺗﻠﯩﺮﻯ
    ﺗﯧﻠﯟﯗﺯﯗﺭ ﺋﯩﻜﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ.....

     

     

     

    ﺋﻪﻱ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ...
    ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
    ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ.
    ﺗﻮﻙ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺭﻣﯩﺰ؟؟.

     

     

     

    ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦﻛﯩﻴﯩﻦ
    ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ.
    ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺯﯦﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ
    ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺷﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ
    ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺯﯦﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ.
    ﺑﯩﺮﺍﻗ ﻤﻪﻥ........ ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ.

    1994 ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ

     

     

     

     

    رەسىم سىزىش دەرسى

     

    نىزار قەببانىي(سۈرىيە)

     

    مېنىڭ ئوغلۇم بوياق قۇتىسىنى مېنىڭ ئالدىمغا قويغۇنچە

    سورىماقتا مەندىن

    ئۇنىڭغا بىر قۇش سىزىپ بېرىشىمنى.

    مەن قەلەمنى بوز رەڭگە چىلاپ

    قۇلپىلىق،رىشاتكىلىق بىر كۇۋادىرات سىزدىم.

    ھەيرانلىققا تولدى ئۇنىڭ كۆزى:

    "...ئەمما دادا،بۇ بىر تۈرمە

    ئەجابا بىلمەس ئىدىڭىمۇ سەن

    كۆكلەردە ئۇچقان قۇشلارنى قانداق سىزىشنى؟"

    ئۇنىڭغا دېدىم ،"ئوغلۇم، مېنى كەچۈر...

    ماڭا ئۇنتۇلۇپتۇ قۇشلارنىڭ شەكلى،قىياپىتى."

    ***

    مېنىڭ ئوغلۇم رەسىم سىزىش دەپتىرىنى ئالدىمغا قويغۇنچە

    سورىماقتا مەندىن

    ئۇنىڭغا بىر بۇغداي باشقى سىزىپ بېرىشىمنى.

    مەن قەلەمنى ئېلىپ

    بىر تاپانچا سىزدىم.

    ئوغلۇم مېنىڭ نادانلىقىمنى مازاق قىلغاندەك

    بىر نەرسىنى بىلىشكە شۇنداق ئىنتىلىۋاتاتتى،

    "ئەمما ،دادا...ئەجەبا بىلمەس ئىدىڭمۇ سەن

    بۇغداي باشىقى بىلەن تاپانچىنىڭ پەرقىنى؟"

    ئۇنىڭغا دېدىم،"ئوغلۇم،

    مەن بۇرۇن بىلەتتىم بۇغداي باشىقىنىڭ شەكلىنى،

    بىر بوردا ناننىڭ شەكلىنى،

    بىر تال ئەتىرگۈلنىڭ شەكلىنى،

    ئەمما بۇ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا

    ئورمانلاردىكى دەرەخلەرمۇ

    قېتىلىپ كەتتى ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ سېپىگە

    ئەتىرگۈللەر كىيىلدى ھارغىنلىقتا قاشاڭلىققا

    بۇ ۋاقىتتا توشۇپ كېلىنىدۇ بۇغداي باشاقلىرى

    توشۇپ كېلىنىدۇ قۇشلار،

    توشۇپ كېلىنىدۇ مەدەنيەت،

    توشۇپ كېلىنىدۇ دىن.

    سەن بىر بوردا نانمۇ سېتىۋالالمايسەن

    تاكى سەن ئۆزۈڭگە بىر تال تاپانچا ئىزدەپ تاپمىغۇچە،

    سەن ئېتىزلىقتىن بىر تال ئەتىرگۈلمۇ ئۈزەلمەيسەن

    تاكى ئۇنىڭ ئالىي نوپۇزى بىلەن تىكەنلىرى يۈزلىرىڭدە ئورنىنى تاپمىغۇچە،

    سەن بىر تال دەپتەرمۇ سېتىۋالالمايسەن

    تاكى ئۇلار بارماقلىرىڭ ئارىسىدا پارتىلىمىغۇچە."

    ***

    مېنىڭ ئوغلۇم كارۋىتىمنىڭ قىرىدا ئولتۇرغۇنچە

    سورىماقتا مەندىن

    ئۇنىڭغا بىر پارچە شېئىر ئوقۇپ بېرىشىمنى.

    بىر تامچە ياش كۆزۈمدىن ياستۇق ئۈستىگە دومىلاپ چۈشتى

    ئوغلۇم ئۇنى شورىۋالدى

     ۋە ھەيرانلىقتا دېدى:

    "ئەمما ،دادا...بۇ بىر ياش تامچىسى

    ئەمەس بۇ مەن سەندىن سورىغان شېئىر!"

    ئۇنىڭغا دېدىم: ئوغلۇم،

    ئەگەرسەن ئۆسۈپ چوڭ بولساڭ

    ئەرەبىي شېئىرلار دىۋانىلىرىنى ئوقۇساڭ

    شۇنداق بايقايسەن

    سۆز بىلەن ياش تامچىسىنىڭ قوشماقلىقىنى،

    ئەرەبىي شېئىرلارنىڭ

    ئۇلارنى يازغان بارماقلار  يىغلىغان ياش تامچىسىدىن ئارتۇق ئەمەسلىكىنى."

    ***

    مېنىڭ ئوغلۇم قەلەمنى تاشلاپ

    بوياق قۇتىسىنى ئالدىمغا قويغۇنچە

    سورىماقتا مەندىن

    ئۇنىڭغا بىر ۋەتەن سىزىپ بېرىشىمنى.

    قەلەم تىترىمەكتە قولۇمدا توختاۋسىز

    مەن ئولتۇرۇشۇپ كەتتىم،يىغلاۋاتاتتىم.

     

    سۇلتان

     

    نىزار قەببانىي

     

    ئەگەر ماڭا بىخەتەرلىك ۋەدە قىلىنسا

    كۆرۈشكەن بولاتتىممەن سۇلتان بىلەن

    ئۇنىڭغا شۇنداق ئېيتار ئىدىم:

    ئى ماڭا باش بولغۇچى سۇلتان!

    مېنىڭ چاپىنىم سېنىڭ ئاچكۆز ئىتلىرىڭ تەرىپىدىن تىتىۋېتىلدى،

    سېنىڭ جاسۇسلىرىڭ ھەر ۋاقىت كەينىمدە

    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى،

    ئۇلارنىڭ بۇرۇنلىرى،

    ئۇلارنىڭ پۇتلىرى مېنى زەنجىربەند قىلدى

    خۇددى بۇ تەقدىر قىسمىتىمدەك...

    ئۇلار ئايالىمنى سوراق قىلىپ

    يېزىۋالغان ئىكەن بارلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئىسىملىرىنى.

    ئى سۇلتان !

    چۈنكى مەن سېنىڭ گاس تاملىرىڭغا يېقىنلىشالايمەن

    چۈنكى مەن ئازاب ۋە پىغانلىرىمنى ئاشكارلاشقا ئۇرىنالايمەن

    ئەمما مەن بۇ ئاياقلىرىم بىلەن تاشلىنىپ قالدىم.

    ئى ماڭا باش بولغۇچى سۇلتان!

    تىڭشا يۈرەك سۆزۈمنى

    سەن قولدىن بېرىپ قويدۇڭ ئىككى قېتىم بۇ ئۇرۇشنى

    چۈنكى خەلقىمىزنىڭ يېرىمىنىڭ

    كېسىلگەن ئىكەن تىللىرى

     

     

     

    ئېروسالىم

     

    نىزار قەببانىي

     

     

    ئېروسالىم،پەيغەمبەرلەرنىڭ شانلىق شەھرى،

    ئاسمان ۋە زېمىن ئارىسىدىكى چىغىر يول!

     

    ئېروسالىم، سەن ساناقسىز ئۈچلۇق مۇنارلاردا

    ئايلاندىڭ گۈزەل كىچىك قىزغا كۆيگەن بارماقلار بىلەن.

    قىزلىق ھالىتىدىكى شەھەر،سېنىڭ كۆزلۈرۈڭدە پىغان.

    نومۇسچان بوستانلىقلار،ئۇيەرلەرنى پەيغەمبەرلەر كەزگەن،

    كوچىلىرىڭىدىكى تاشلاردا ئۆسمەكتە ئازاب-پىغان،

    مەسجىدنىڭ مۇنارلىرى روھسىز ئولتۇرۇشقان.

    قاراڭغۇلۇققا ئورالغان شەھەر،كىم چالىدۇ بۇ قوڭغۇراقلارنى

    مۇقەددەس قەبرىدە

     يەكشەنبە ئەتىگىنى ئۈچۈن؟

    كىم ئېلىۋالىدۇ ئويۇنچۇقلارنى بالىلارغا

    ھارپا كېچىسى ئۈچۈن؟

    قاپسالغان شەھەر، بىر يوغان ياش تامچىسى

    تىترەر ھامان كىرپىكىڭدە.

    كىم ئىنجىلنى قوغدايدۇ؟

    كىم قۇرئاننى قوغدايدۇ؟

    كىم كىرىستنى قوغدايدۇ،كىم ئىنسانلارنى قوغدايدۇ؟

    ***

    ئېروسالىم،مېنىڭ سۆيگەن شەھرىم،

    ئەتە سېنىڭ لىمون دەرىخىڭ ئۆسىدۇ باراقسان،

    سېنىڭ يېشىل نوتىلىرىڭ ۋە شاخلىرىڭ

    ئۆرلەيدۇ كۆكلەرگە زوق-شوخ بىلەن.

    كۆزلىرىڭ تولىدۇ تەبەسسۇمنىڭ ئەلۋەك نۇرلىرىغا

    ئاۋۇ سەرسان كەپتەرلەر قايتىيدۇ يەنە

    سېنىڭ مۇقەددەس پىشايۋانلىرىڭغا

    بالىلار قايتىپ كېلىدۇ قايتىدىن تاتلىق ئويۇنلىرىغا

    ئۇچرىشىدۇ باغرى كۆيگەن ئاتا بالا قايتىدىن

    سېنىڭ نۇرلۇق كوچىلىرىڭىدا.

    مېنىڭ شەھرىم،زەيتۇن دەرىخى ۋە تىنچلىقنىڭ شەھرى

    مۇھەببەت سېلىشتۇرمىسى

     

     

    نىزار قەببانىي

     

    مەن سېنىڭ باشقا سۆيگەنلىرىڭگە ئوخشىمايمەن، سۆيۈملۈكۈم

    باشقابىرسى ساڭا ئاسمان بوشلىقىنى بېرىپ قالسا

    مەن ساڭا يامغۇر بېرىمەن

    ئۇ ساڭا بىر يورۇق چىراق بېرىپ قالسا

    مەن ساڭا ئاينى بېرىمەن

    ئۇ ساڭا بىر شاخ بېرىپ قالسا

    مەن ساڭا دەرەخلەرنى بېرىمەن

    ئەگەر  باشقا بىرسى ساڭا كېمە بەرسە

    مەن ساڭا چوقۇم  سەپەر بېرىمەن.

     

     

     

    تەرجىمەقىلغۇچىيۇنۇس زۇننۇن

     

     

     

     

     

    مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە

     

    نىزار قەببانىي (سۈرىيە)

     

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    بىزئاياللىرىمىز ۋە ئەتىرگۈللىرىمىزنى ،

    مۇقەددەس ئايەتلىرىمىزنى،

    كۆك ئاسمانلارنى...

    قوغدىغان چېغىمىزدا.

    بىرسۇلتانلىق...قالمىغان ئىدى ئۇندا ھىچنىمە...

    سۇمۇيوق، ھاۋامۇ يوق...

    كەپىمۇيوق، تۆگىمۇ يوق...

    ئاددىيسى قارا رەڭلىك ئەرەب قەھۋەسىمۇ يوق !!

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    غورۇربىلەن،ساپ ۋىجدان بىلەن

    بېلقىسنىڭ چاچلىرىنى،

    مەيسۇمنىڭ لەۋلىرىنى قوغدىغان چېغىمىزدا.

     

    ھىند ۋە دەئدنى

    لۇبنا ۋە رەبەبنى...

    سۈرمە ئېقىنلىرىنى قوغدىغان چېغىمىزدا.

    بالدۇرچۈشكەن كىرپىكلەرگە ئوخشىغان ئىنقىلابنىڭ مىسرالىرىدەك

    سەنمۇمەندەك تاپالمايسەن

    بىرسىرلىق شېئىر،

    ياكى سىرلىق بىر ئوقۇلما،

    ياكى مەن ئىشىك ئارقىسىغا سۇقۇپ قويغان كىتابنى.

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    خاراب بولغان ۋەتىنىمىزنى يازغان چېغىمىزدا

    ئېغىرئازاب -ئوقۇبەت، ئاجىزلىق...

    ئادرىسى يوق  ۋەتەن

    قوينىدا ئىسمى يوق  خەلق

    ***

    مەن ۋەتىنىمنىڭ پارچىلىرىنى قېدىردىم

    خەنسانىڭ ھەسرىتىدىن ئارتۇق

    ھىچنىمەقالمىغان ئىدى ئۇ بۈيۈك شېئىرلاردا.

    ***

    مەن ئۇنىڭ ئۇپۇقىدىن بىر سۇلتانلىقنى ئىزلىدىم

    ھۆرلۈك يوق پەقەت تېپىلغىنى

    قىزىل...كۆك ياكى يېشىل .

    ***

    بىرۋەتەن،بىزنى گېزىت سېتىۋېلىشتىن توسقان

    ياكى خەۋەر ئاڭلاشتىن.

    بىرسۇلتانلىق،ئىچىدىكى قۇشلار چەكلەنگەن

    سايراشتىن.

    بىرۋەتەن ئىچىدە،ۋەھىمە[رۇئب]سەۋەبىدىن

    يازغۇچىلىرى يېزىپ كۆنگەن تېما

    ھىچنېمە.

    بىرۋەتەن،زېمىنىمىزدىكى شېئىرلارنىڭ تەمسىلى:

    تاينى يوق قۇرۇق پاراڭ،

    قاپىيەسىز،

    توشۇپ كېلىنگەن.
    ئەجەم،ساختىپەز چىراي ۋە تىل:

    باشلىنىش يوق

    ئاخىرلىشىش يوق

    كىشىلەرنىڭ ئەندىشىلىرى بىلەن تۇققانچىلىقى يوق

    زېمىن ئانا

    ئىنسانلارنىڭ ھايات-ماماتلىق لەھزىسدە.

    ***

    بىرسۇلتانلىق...

    تىنچىلق توغرىسىدا سۆزلىمەكچى

    يۈتتۈرگەن شان-شەرەپ بىلەن

    يالاڭ ئاياق بىلەن.

    ***

    بىر ۋەتەن،

    كىشىلەرسىيمەكتە ئۆزلىرىنىڭ تەڭلىسىگە

    ئاياللارئۆز نومۇسلىرىنى قوغداشقا ئىمكانسىز قالغان.

    ***

    كۆزلىرىمىزدە سۈچىگەن تۇز

    لەۋلىرىمىزدە يېرىلغان شور

    سۆزلىرىمىزدە يامرىغان قوقاس

    كىم ئۆزىگە بۇنداق قۇرغاقچىلىقنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ؟

    بۇبىزگە ھىچنىمە بېرەلمەس قەھتاندىن قالغان مىراسمۇ؟

    بىزنىڭ خەلقىمىزدە،مۇئاۋىيە يوق،ئەبۇ سوفيان يوق

    ئۆزىگە"ياق"دېيىشنى ئېلىپ قويغان ھىچكىم يوق

    مەيدانسىزكىشىلەرنىڭ يۈزلىرى

    ئۇلارئۆيلىرىمىزنى ،نانلىرىمىزنى،زەيتۇن ياغلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى

    ئۇلاربىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزنى پۇخراۋىي ھېكايىلىرىمىزگە ئۆرىۋەتتى.

    ***

    بىزنىڭ ھاياتىمىزدا،

    تاكى بىز سۇلتاننىڭ كارۋىتىدا ئۆز ئىپپىتىمىزدىن مەھرۇم قالغاندىن بېرى

    شېئىرمۇقالمىدى.

    ***

    ئۇلاربىزگە كۆندى،بىزنى پەس كۆرگەن ھالىتىدە

    ھەممە ساقلىنىپ قالغاننى يىغقاندا

    ئشىپ قالغىنى كىشىلەرگە

    بولدى نومۇس ۋە رەسۋالىق.

    ***

    مەن تارىخ كىتابلىرىنى قېدىردىم

    ئۇسامەئىبن ئەلمۇنقىس

    ئۇبادەئىبن نەفىئ

    ئۆمەر ۋە ھەمزە

    ھەمدە خالىد،ئۇ ھەيدىگەنچە قوي پادىلىرىنى

    بويسۇندۇرغانتى شام دىيارىنى

    مەن بىر مۇئتەسىم بىللاھ ئىزلىدىم

    ئاياللارنى قەبىھ باسقۇنچۇلۇقلاردىن ۋە ئوتتىن قۇتقۇزۋېلىشقا.

    ***

    مەن كېيىنكى كۈنلەردىكى كىشىلەرنى ئىزلىدىم

    مېنىڭ كۆرگىنىمنىڭ ھەممىسى قۇرقۇنۇچتىن تىترىگەن مۈشۈكلەر

    ئۇلارنىڭ روھىغا سېلىنغان قورقۇنۇچ

    كەلگەن ئىدى چاشقانلارنىڭ سۇلتانلىقىدىن.

    ***

    بۇبىر قارشى تۇرغۇسىز مىللىي نادانلىقمۇ؟

    ياكى بىز رەڭگە قارغۇ بولدۇقمۇ؟

    ***

    بىزتىرورىستلار ئاتالدۇق

    بىزئىسرائىليەنىڭ توپا تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن

    زېمىنىمىزنى كېسىشكە قارشى

    تارىخىمىزنى كېسىشكە قارشى

    ئەجداد مىراسلىرىمىزنى كېسىشكە قارشى

    قۇرئانىمىزنى كېسىشكە قارشى

    پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى كېسىشكە قارشى

    ئۆلۈشكە رازى بولغان چاغدا...

    ئەگەربۇ قارشىلىقىمىز بىزنىڭ گۇناھىمىز بولغان بولسا

    ئۇنداقتا نېمە دىگەن گۈزەل ھە تېرورىزىم دېگەن...

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    بىزمۇڭغۇل،يەھۇدى،ياۋايىلارنىڭ قولى بىلەن

    ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشىمىزگە قارشى تۇرغان چاغدا...

    قەيسەردىن كېيىنكى قەيسەرلەر كۆتۈرىۋالغان ئاشۇ تاشنى

    بىزبىخەتەر ھۆكۈمەتنىڭ ئەينىكىگە ئاتقان چاغدا

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    بىزبۆرىلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى

    پاھىشەلەربىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان چاغدا

    ***

    ئامرىكا

    كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدۇ

    مەدەنىيەتسىزلىكى بىلەن

    كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ

    ئەخلاقسىزلىقى بىلەن

    ئامرىكا

    بەھەيۋەت كۈچلۈك قەلئە

    قورشاۋ تاملىرى يوق !

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    بىزبىر ئېرانى

    ئۇندا كالامپايلىق،باياشاتچىلىق،كۈچ بىلەن كىرىپ كەلگەن ئامىرىكىنى

    ئىبرانىيلارنىڭ ھازىرقى زامانغا ئۆرۈلگەن تەرجىمە نۇسخىسىنى

    رەت قىلغان چاغدا

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    بىزئېروسالىمغا

    خەلىلغا

    غەززەگە

    ئەننەسىراھقا ئەتىرگۈل تاشلىغان چاغدا

    قورشاۋدا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا

    بىربوردا نان بىلەن بىر يۇتۇم سۇ ئەۋەتكەن چاغدا...

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    بىزباشلىقىمىزنىڭ مۈلۈكچىلىكىگە قارشى

    ئاۋازىمىزنى بوملاپ يۇقىرلاتقان چاغدا

    ھەممەئۆزگەردى ئۇلارنىڭ سەپىرىدە:

    بىرلىك ئۇيۇشمىدىن دەللالىقىچە بولغان سەپەردە

    ***

    ئەگەربىز جىنايەت بىلەن تولغان جەمئىيەتكە بوي سۇنۇشنى رەت قىلساق

    ئەگەربىز خەلىپىنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە خەلىپىلىك ئورنغا قارشى چىقساق

    ئەگەرقانۇن ۋە سىياسىي كىتابلارنى ئوقۇساق

    ئەگەراللە نى زىكرى قىلساق

    ئەگەرسۈرە فەتىھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇساق

    ئەگەرجۈمئە خۇتبىلىرىنى ئاڭلىساق

    ئۇنداقتا، بىز تېرورىستلار بولۇپ بەلگىلىنىپ چىقىدىكەنمىز.

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    بىز زېمىنىمىزنى ۋە تۇپراقلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قوغىدىغان چاغدا

    باشقىلارنىڭ بىزنى ئاياق ئاستى قىلىشىغا قارشى ئازابلىق چىرقىرىغان چېغىمىزدا

    قۇملۇقىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى پالما دەرەخلىرىنى

    ئاسمىنىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى يۇلتۇزنى

    ئىسىملىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يېشىمىنى

    ئانىلىرىمىزنىڭ ئەمچىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۈتنى قوغدىغان چاغدا

    ئەگەربۇلار بىزنىڭ گۇناھىمىز بولغان بولسا

    نېمە دېگەن گۈزەل ھە تېرورىزىم دېگەن ...

    ***

    مەن تېرورىزىملار بىلەن بىرگە

    ئەگەرئۇ ماڭا بەرسە ئىمكان

    روسىيە،رۇمىنىيە،ھۇنگىرىيە،پولشادا سەرسانلارچە يۈرۈشتىن

    ئۆزۋەتىنىمدە ئەركىن ئۆتۈشكە...

    ***

    ئۇلار پەلەستىندە ئولتۇراقلاشتى

    مانا پۇتلىرى مۈرىلىرىمىز ئۈستىدە

    ئەل-قۇددۇسنىڭ ئۇچلۇق مۇنارىنى ئوغۇرلاشقا

    ئەنە ئۇلار ئەقسانىڭ ئىشكى تۈۋىدە

    ئۇنىڭدىكى ئەرەبلەرنىڭ كۆز يېغىنى

    ۋە يۇمىلاق گۈمبەزنى ئوغۇرلاشقا

    ***

    مەن تېرورىستلار بىلەن بىرگە

    ئەگەر ئۇ نەزەرىستىكى مەسىھ،يەسۇسنى

    ۋە قىز مەريەم بىتۇلانى

    ۋە ئۆلۈم ۋە پىغاننىڭ ئەلچىسى بولۇپ قالغان

    مۇقەددەس شەھەرنى  قۇتقۇزۇپ قالسا

    ***

    ئۆتكەن يىلى

    مىللەتچىلەركوچىسى قىزىدى ئوتتەك

    خۇددى بىر ياۋا ئاتتەك.

    ئېقىنلار جانلانغان ئىدى ياشلارنىڭ روھلىرى بىلەن.

    ***

    ئەممائولسو دىن كېيىن

    بىزنىڭ چىشىمىزمۇ قالمىدى

    ماناھازىر بىز قارىغۇ،بىز ماتەمدار

    ***

    بىزتېرورىستچىلار ئاتالدۇق

    بىزبار كۈچىمىز بىلەن شېئىرىي مىراسلىرىمىزنى

    مىللىي گەۋدىمىزنى،

    ئەتىرگۈلدەك مەدەنىيتىمىزنى قوغدىغان چاغدا

    ئۇزۇن نەي مەدەنىيتى بىزنىڭ تاغ تىزمىلىرىمىزدا

    جادۇ ئەينەك قارايغان كۆزلەرنى قايتا تەسۋىرلىگەن چاغدا

    ***

    بىزتېرورىستلار ئاتالدۇق

    بىزئۆزىمىزنىڭ يازغانلىرىمىزنى

    دېڭىزمىزنىڭ كۆكلىكىنى

    سىياھلىرىمىزنىڭ خۇش پۇراقلىرىنى قوغدىغان چاغدا

    سۆزلەرنىڭ ھۆرلۈكىنى

    كىتابلىرىمىزنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھىمايە قىلغان چېغىمىزدا

    ***

    مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە

    ئەگەرئۇ كىشىلەرگە تاغۇتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكان بەرسە

    ئەگەرئۇ ئادەم ئەزگەن ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ئىمكان بەرسە

    لىمون،زەيتۇن دەرەخلىرىنى،لىۋاننىڭ شىمالىدىكى قۇشلارنى قايتۇرۇپ كېلەلىسە

    گولەننىڭ چىرايىغا شۇ تەبەسسۇمنى قايتۇرۇپ چېكەلىسە

    ***

    مەنتېرورىزىم بىلەن بىرگە

    ئەگەرئۇ مېنى يەھۇدىي قەيسەردىن

    روۇملۇق قەيسەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالسا

    ***

    مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە

    تاكى ئامرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى

    ئۇلار مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن تۈزۈلگەن

    بۇيېڭى دۇنيا تەرتىپى چاك چېكىدىن كەتكىچە

    ***

    مەنتېرورىزىم بىلەن بىرگە

    مېنىڭ بارلىق شېئىرلىرىم بىلەن

    مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىم بىلەن

    ھەم بارلىق چىشلىرىم بىلەن

    تاكى بۇ يېڭى دۇنيا

    ئاشۇ قىرغىنچىلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىققۇچە

    ***

    مەن تېرورىزىملار بىلەن بىرگە

    گەرچە ئامرىكا پارلامېنتى

    ھۆكۈم كېسىشنى چاڭگىلىدا ئوينۇتۇپ

    مۇكاپات ۋە جازاسىنى ئېلان قىلسىمۇ

    ***

    مەن ئىرھاب بىلەن بىرگە

    تاكى بۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپى

    بىزارلىقتا ئەرەبلەردىن ئۆلگۈچە

    ***

    مەن تېرورىزىم بىلەن بىرگە

    تاكى بۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپى

    مېنىڭ پۇشتۇمنى ئۆلتۈرمەككە قول سالغىچە

    ئۇلارنى ئىتلارغا تاشلاپ بەرگىچە

    ***

    ھەممەئۈچۈن،بارلىق ئۈچۈن

    مەن ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ۋارقىرايمەن:

    مەنتېرورىزىم بىلەن بىرگە

    مەنتېرورىزىم بىلەن بىرگە

    مەنتېرورىزىم بىلەن بىرگە...

     

    1997-يىلى15-ئاپرېل ،  لوندون

     

    ۋەتەندىن كەچمىسەم بولمايدۇ

     

    نىزار قەببانىي

     

    ئەي دوستۇم

    بۇ كۈنلەردە ئەي دوستۇم...

    يازنىڭ كېپىنەكلىرى يانچۇقلىرىمىزدىن چىقىپ ۋەتەننى ئۇچىۋاتىدۇ

    شامنىڭ قاشالىرى لەۋلىرىمىزدىن چىقىپ ۋەتەننى ئىزدەۋاتىدۇ

    كۆينەكلىرىمىزدىن چىقىۋاتىدۇ

    ئەزان ئېيتىيدىغان پەشتاقلار،بۇلبۇللار،ئېقىنلار،قەلەمپۇرلار،بېھىلەر

    سۇ قۇشقاچلىرى ۋەتەننى ۋىچىرلاۋاتىدۇ

    جانىم،سېنى شۇنداق كۆرگۈم بار

    ئەمما ۋەتەننىڭ ئىزگۈلىكىنى يارلاندۇرۇپ قويۇشتىن قورقىمەن

    جانىم،سېنى بارئاۋازىم بىلەن شۇنچە چاقىرغۇم بار

    ئەمما ۋەتەننىڭ دېرىزىلىرىنىڭ مېنى ئاڭلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن

    يولۇمدا مۇھەببەتنى يېيىشنى شۇنچە خالايمەن

    ئەمما ھاماقەتلىكىمدىن خىجىل بولىمەن

    ۋەتەننىڭ پىغانلىرى ئالدىدا.

     

    كىرىش

     

    قايغۇرما يۇتسام ئەلەم

    مەن شۇنداق مۇزلۇق بەندە.

    ئاشقانسىرى سۇنۇشۇم

    ئىتتىك بولسا سۇلۇشۇم

    ئۆز-ئۆزۈمگە سۇلنۇشۇم

    ئايال سىزار بۇ قەلەم.

     

     

    نىمىشقا؟

     

    1

    قانلىق تارىخىم بىلەن،

    قايغۇ زامانىم بىلەن،

    سەرسان گۇمانىم بىلەن،

    كىشەنلەندىڭ نىمىشقا؟

     

    2

    ئاھ ئايال...

    ھەر تاڭدا

    ئېغىز چايقايسەن

    كۆز يېشىم بىلەن..

    تىنچ ئۈتەي دەيسەن بىراق

    مىنىپ قالدىڭ

    ئاساۋ ئېتىمغا قانداق؟

    ئەمرىڭگە ئال دېسەڭ

    خۇدا نامىدا

    قېلىپ قال شۇنداق

    بىر ئەمەسكەن يۇلىمىز.

    ئاجىز تۇرسام قۇرساق بېقىشتىن

    يەسىمىنلار ئەتىسىگە

    كىپىل بۇلاي قانداق.

     

    3

    ئاھ ئايال..

    يالاڭئاياق كىزىسەن

    پىشانەمنىڭ ئىچىنى.

    ئەگەر بىلسەڭ شىئىر ئۇقۇشنى

    ياسىداق كارىۋات

    تاتلىق تۈرۈم

    ۋەيا دېڭىزدىكى قۇياش مۇنچىسى

    ئۇقۇمىغىن ئۈتۈنەي...

     

     

     

    4

    ئاھ ئايال

    يالتىرايسەن قېلىچتەك

    كىتاۋىمنىڭ قۇرىدا.

    سۈيۈپ قالدىڭ نىمىشقا

    مەن يازغان شىئىرلارنى؟

    كۈرۈپ تۇرۇپ ئوتلارنى

    قاراپ تۇرۇپ تۈتۈنگە

    ھالاكەتنىڭ ئالدىدا

    سەن يەنىلا خاتىرجەم.

    كىيىملىرىم ئاستىدا

    گۈپۈلدىسە غەم ھىدى

    سۈيۈپ قالدىڭ نىمىشقا؟

    كىلىسەن ھەر تاڭ

    ئۈمۈد ئۆچكەن خانەمگە

    ئۇقۇمايسەن يا گىزىت

    تارىخنىغۇ بىلمەيسەن

    ھاۋارايى سورمايسەن..

    پاناھ ئىزلەپ

    كۆكسۈمدىكى ئورماندىن

    كىلىۋالدىڭ نىمىشقا؟

    ئۇخلايسەن قانداق

    تۇمۇرلىرىم ئۇخچۇپ تۇرسا

    بورىلەر ھوۋلاپ تۇرسا.

     

    5

    ئاھ ئايال..

    باشلانغان ئۆمرۈم

    سىنىڭ قۇلۇڭدىن.

    ئەمدى بۈگۈن ئازاپ دارىنى

    ئېلىپ كەلدىڭ نىمىشقا؟

    مەن مۇشۇنداق يۇچۇن ئەر

    غېرىپ زامان

    تۇراقسىز ھاۋارايى.

    ئاتاڭ قەسرىنى

    ئاتاڭ ئېتىنى

    ئاتاڭ نامىنى

    چۆرۈۋەتتىڭ نىمىشقا؟

    كەينىمگە كىرىپ

    جەمەتىڭدىكى بارلىق ئەركەكنى

    رەت قىلدىڭ نىمىشقا؟

     

    6

    ئاھ ئايال..

    بۇغداي-قۇناق

    بانان، ئەنجۈر

    چۈشۈپ تۇرار تىزىدىن..

    مەن شۇنداق ئەر

    شامالدا كىيىم كىيىدىغان..

    قەسەم قىلىپ

    مازا-ماشايىخ نامىدا

    مىنى سۆيمە دەيدىغان!

     

    1991

     

    ھۆسۈن تۈزەش ئوپراتسىيسى

     

    سۆيمىدىم سىنى،

    ئۆزەم ئۈچۈن.

    سۆيدۈم سىنى،

    گۈزەل بولسۇن ھايات دەپ.

    سۆيمىدىم سىنى

    بالا تېپىشقا

    سۆيدۈم سىنى

    شىئرىمغا سۆزلەر تېپىشقا.

    سۆيدىم سىنى

    ئاسمان تىچ تۇرسۇن دەپ

    بۇلبۇل خەندان ئۇرسۇن دەپ

    كۆزلەر خۇمار بولسۇن دەپ

    خەلقلەر

    تىللار

    ئەسلى پېتى تۇرسۇن دەپ.

     

    1991-يىل21-ئاپرىل

     

     

    ئەي ئەزىزىم دەرتلىك نالىلىرىمنى ئاڭلاۋاتامدىغانسەن؟

     

    1

    ئەي ئەزىزىم

    نىمە بار يېنىمدا؟

    بولمىسام مەن

    داڭلىق شائىر.

    بىراق

    ئوخشاپ قالىمەن،

    ساراڭلىقىم بىلەن.

    گادايلارچە،

    تەبىئىيتىم بىلەن.

    رادىكال

    بۇ كاللام بىلەن.

    ئەسەبىي ھېسلىرىم بىلەن.

    ئەزەلى دەرتلىرىم بىلەن.

    داڭدار شائىرغا.

    ئەي ئەزىزىم

    ئاڭلاۋاتامدىغانسەن

    دەرتكە تولغان

    نالىلىرىمنى.

     

    2

    ئەي ئەزىزىم

    نىمە قىپ بىرەي.

    بولمىسام يە

    ھەقىقىي شائىر.

    بەلكى سەن ئىزلىگەن

    ئەشۇ شائىر

    باشقا بىرىدۇر.

    ئاختۇرساڭمۇ

    كېمىسى بىلەن

    چۈكۈپ كەتكەن

    ھېلىقى شائىرنى

    تاپالمايسەن

    ھەتتا ئادرېسىنى

    سومكىلىرىمدىن.

    كۈلەڭگە مەن كۈرۈنمەس.

    باشقا تىل مەن

    ھەرىپسىز.

    شاھمەن

    دۆلەتسىز.

    ۋەتەن مەن

    ئىشىكلىرى يوق

    تاملىرى يوق.

     

    3

    ئەي باھارىم ياپيېشىل

    مىڭ ئەپسۇس

    تورتۈنچى ئاي كەتكەندە كەلدىك.

    شاخلىرىم

    ياپراقلىرىم

    قۇرۇپ بولدى ھەممىسى.

    ئىسنىشقا

    قۇلۇڭنى قاقلاپ

    ئۈچۈپ بولدى

    خانەمدىكى ئوتلارمۇ.

    خۇدا ئىگەم

    بۇ ئوت قايتا يانامۇ.

     

    4

    ئەي ئەزىزىم قىينىما

    قۇلۇم يەتمەس ياپراقلىرىڭغا

    ئېغزىم تەگمەس مىۋىلىرىڭگە.

    دەرتكە تولغان نالەمدىن بۆلەك

    ھېچنىمەم يوق ساڭا بىرىشكە.

     

    5

    كىيىكمۇ ئۇ

    ئىشكىمدە تۇرغان

    ۋىدالاشقاندا

    ئاھۇلار بىلەن.

    نىمە بىرەي مىھمىنىمغا

    كونا شىئرىمنىمۇ

    تېكىستىنى كىم يازغان

    ناخشىسىنى كىم ئېيتقان

    ئۇنۇتتۇم ھەممىنى

    ئۇنۇتتۇم ھەتتا

    ئۇنتۇشلىرىمنى.

     

    6

    بۇ سۆزلەرنى

    قۇلۇم يازدىمۇ

    شەكلىنىمەن ھەممە نەرسىدىن.

    خاتىرەمدىن

    بارمىقىمدىن

    قان رەڭگى تامچىلاردىن.

    بۇ تاختايلار مىنىڭمۇ؟

    ياكى باشقا فوتۇگىرافنىڭ.

     

    7

    ئەي قىزچاق سەبى قىزچاق

    كەلدىڭ ئەسلىتىپ

    تايتاي ئەتكەن چاغلارنى.

    نىمە يازاي خاتىرەڭگە؟

    ئەسلەلمىدىم پۇچۇركامنى.

    ئىزدىمە

    ئىزدىمە مىنى

    تاپالمايسەن

    تىتىلغان تەندىن بۆلەك

    ھېچنىمەمنى ھېچنىمىنى..

     

    8

    ئەي ئاسلىنىم بوتا كۆز

    دەرت-ئەلەمنىڭ كۇچىسدا

    ھېچكىم مىنى تۇنۇماس.

    دېڭىزدىكى كېمىمۇ

    مىنى ئېلىپ ماڭالماس.

    سېرىق ۋە يا ئاق يۇتا

    مىنى ئۈزگە تارتالماس.

    مۇھەببەتمۇ پىچاقتەك

    تۇمۇرۇمغا سانچىلماس.

     

    9

    تۈنۈگۈن

    مۇھەببەتتە مەس ئىدىم.

    كۆكسۈڭنى

    ئالمىدەك سىزدىم.

    خۇشپۇراقلىق لەۋلەرنى

    لىۋىمگە چىك ياقتىم.

    تۈنۈگۈن

    قاتىل ئىدىم

    كۈتۈرەتتىم

    يەرشارىنى ئالقىنىمدا.

    يازاتتىم شىئىر

    قاپاقلىرىمدا.

    بۈگۈن

    قېلىچ يوق..

    ئاتلار قىنى.

    ئىككى كۆكسۈڭگە

    سىڭىپ كەتتى سىمايىم

    چۈشۈپ كەتتى تاجىم.

     

    10

    ئەي ئەزىزىم

    ئىزدەيسەن نىمە؟

    بولمىسام يە

    داڭدار شائىر..

    بەلكى سەن ئىزلىگەن

    ئەشۇ شائىر

    باشقا بىرىدۇر.

    سۆيگۈ قەھۋەسى

    ئۇرۇن بۇشاتتى..

    كۈتۈرەلمىدىم

    قۇلۇمدىكى رومكىنى!!!

     

    نەززار قۇببانى

    1990 6- دىكابىر|

     

     

     

     

     

     

    ________________ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﭘﻼﻣﻼﺭﺩﻦ_________

     

     

     

     

    ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﯘﭖ

     

    ﻛﯩﻢ ﺳﻪﻥ ؟

     

    ﻛﯩﻢ ﺳﻪﻥ ﮬﻪﻱ ﯪﻳﺎﻝ؟

    ﺗﺎﺭﯨﺨﻤﻐﺎ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﺩﻩﻙ ﯰﺭﯗﻟﻐﺎﻥ...

    ﺗﯘﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩﻙ ﺑﯩﻐﯘﺑﺎﺭ

    ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺗﯜﻛﯩﺪﻩﻙ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﯪﻳﺎﻝ...

    ﻳﺎﺳﯩﻤﯩﻦ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻛﯩﺪﻩﻙ ﭘﺎﻙ

    ﺑﯘﯞﺍﻕ ﺷﺎﻟﺪﺍﻣﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﯪﻕ ﯪﻳﺎﻝ...

    ﮬﻪﻱ، ﺳﯚﺯﺩﻩﻙ ﻳﯧﺮﺗﻘﯘﭺ ﯪﻳﺎﻝ

    ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺕ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...

    ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺕ ﻳﺎﭘﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ...

    ﻗﻪﮬﯟﻩ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻨﯩﺪﯨﻦ

    ﺷﯩﻜﻪﺭ ﻗﯘﺷﯩﻘﯩﺪﯨﻦ...

    ﻛﯚﻳﻨﯩﻜﯩﻢ ﺗﯜﮔﻤﯩﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺕ

    ﻟﯜﯕﮕﻪﻡ ﻳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...

    ﭼﯩﺶ ﭘﺎﺳﺘﺎﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺕ

    ﻳﯜﺯﯛﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﭘﯘﻥ ﻣﺎﻏﺰﺍﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻖ...

    ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺕ

    ﺋﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﻻﻱ....

     

    ﺳﻪﻥ ﻛﯩﻢ؟

     

    ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﯩﻨﯩﺴﺘﯩﻦ ﺳﻪﻥ ﮬﻪﻱ ﯪﻳﺎﻝ؟

    ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﯧﻬﺮﯨﮕﻪﺭﻧﯩﯔﺑﯚﻛﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﯩﯔ؟

    ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﯰﻏﯘﺭﻟﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ

    ﺯﯦﺒﯘ-ﺯﯦﻨﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ

    ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯧﻠﻪﻛﻴﯜﺯﯛﻛﯩﯖﻨﻰ ﯰﻏﯘﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ

    ﭼﺎﭺ ﺗﺎﺭﻏﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﯰﻏﯘﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ

    ﻛﯜﺯﯛﻙ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻦ

    ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﺘﯘﻡ ﺩﯦﺴﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ.

    .ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﯬﺗﯩﺮﯨﯔ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﻰ

    ﻣﻪﻛﺘﯘﭖ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯬﺭﻧﯩﯔ ﯪﺩﺭﯦﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰﻳﺎﻟﻐﺎﻥ

    ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ....

    ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ

    ﺳﺎﯕﺎ ﮬﻪﻣﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ

    ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯩﻨﻰ

    ﻳﻪﺳﻤﯩﻦ ﮔﯜﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ...

    ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ.. ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ.. ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ

    ﺳﻪﻥ ﺗﺎﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯﯨﻴﺴﻪﻥ

    ﺷﻪﻧﺒﻪ... ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ

    ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ.. ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ

    ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ.

    ﻣﯘﺯﯨﻴﺴﻪﻥ ﺗﺎﻗﺎﻟﻐﺎﻥ

    ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﯬﺭﻟﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ

    ﺗﺎﻗﺎﻗﺴﻪﻥ ﻳﯩﻠﺒﯘﻳﻰ...

     

     

    بىرلا يول


    ماڭا مىلتىق كېرەك...
    يۈزۈكىنى ساتتىم ئاپامنىڭ
    مىلتىقنى دەپ.
    گۆرەگە قويدۇمپورتمالىمنى
    مىلتىقنى دەپ...
    بىز ئۈگەنگەن تىل
    ئۇقۇغانكىتاپلار...
    يادلىغان شېئىرلار
    نولگە تەڭ ھەممىسى...
    بىر مىلتىقئالدىدا...

    مىلتىقمۇ تاپتىم
    ئېلىپ كىتىڭلارمېنى
    پەلەستىنگە.
    مەريەمنىڭ چىھرىدەك
    غەمكىن دوڭلەرگە.
    يېشىلگۈمبەزگە.
    پەيغەمبەر تېشىغا.،،
    ئىزدەۋاتىمەن
    يىگىرمە يىلدىن بىرى
    بىرۋەتەن، بىر كىملىك.
    تىكەنلىك سىمدە قورشالغان
    ئۇياقتىكى ئۆيۈمنى
    ئەشۇۋەتىنىمنى
    بالىلىقىمنى..
    مەھەللىدىكىدوستلارنى
    كىتاپلىرىمنى
    رەسىملىرىمنى
    ھەممە ئىسسىق بۇلۇڭنى
    بارلىقگۈزەل چاغلارنى...

    مىلتىقمۇ تاپتىم
    ئېلىپ كىتىڭلارمېنى
    پەلەستىنگە.
    ئەي ئەركەكلەر!!
    ياشايمەن ياكىئۆلۈمەن
    ئەركەكچە!
    تىكەي دەيمەن
    پەلەستىن تۇپرىقىغا
    زەيتۇندەرىخى
    ياكى ئاپلېسىن
    ۋە يا ئەتىرگۈل.
    "
    دەردى نېمە" دېگەنگە:
    "
    مىلتىق" دەڭلار.

    مىلتىقمۇ تاپتىم
    كۆرەشكە كىردىم.
    توپا-تىكەنتۆشەكىم
    ئارزۇ-ئۈمۈد كېيىمىم.
    تەقدىرىم بۇ دېمەيمەن.
    تەقرىدىم ئۆزقۇلۇمدا.

    ئەيئىنقىلاپچىلار
    قۇددۇستىكى
    خەلىلدىكى
    بىيساندىكى
    ئەغۋاردىكى
    بەيتۇللەھمىدىكى
    ئەي ئەركىنلىك جەڭچىلىرى
    نەدە بولساڭلارمەيلى
    ئالغا،،،!
    ئالغا..!!
    تېنچىلىق سۆھبىتى
    ئادالەت
    ھەممىسى بىرئۇيۇن.
    پەلەستىنگە پەقەت
    بىرلا يول بار
    مىلتىق ئېغىزىدىن بارىدىغان.

     

     

     

     

     

    غەزەپ

    (نىزار قەببانىي)

     

    ئەي گازالىق ئوقۇغۇچىلار.....

    ئۈگىتىڭلار بىزگە.....

    سىلەردە بار ئازغىنە نەرسە

    بىز ئۇنۇتۇپ كەتكەنمىز شۇنچە.....

    ئۈگىتىڭلار بىزگە......

    ئادەم بولۇشنى

    ئادىمىيلىكىمىز پۇلغا ئايلاندى

    ئۇ بىزگە ھەقىقىي  قىلمايدۇ  جىلۋە....

     

    ئۈگىتىڭلار بىزگە.....

    بالىلارنىڭ قولىدىكى تاشلار نە سەۋەب

    قىممەتلىك بىرلىيانىتقا ئايلانغىنىنى.....

    قانداق قىلىپ ئايلانغاندۇ ئۇ

    بالىلارنىڭ ۋەلىسىپىتىگە،

    مىنالارغا، يىپەك كەمەرگە......

    پىستىرمىلارغىچە.........

     

    قانداق قىلىپ سۈت بوتۇلكىسىدىكى

    ئېمىزگىنىڭ توسالغۇسىزلا

    بىر پىچاققا ئايلانغىنىنى

     

    ئەي گازالىق ئوقۇغۇچىلار

    ئاڭلىتىشىمىزغا قۇلاق سالماڭلار....

    ئاڭلىماڭلار گېپىمىزنىمۇ....

     

    كۈرەش قىلىڭلار.....

    كۈرەش قىلىڭلار....

    بارلىق كۈچىڭلار بىلەن

    ھەم قولۇڭلاردىكى تۇتقان ئىش بىلەن

    سورىماڭلار بىزدىن ھىچنىمە....

     

    بىزدىكى ئادەملەرنىڭ ھىساباتىمۇ

    كۆپىيىدۇ.......

    ئازىيىدۇ.........

    سىلەرنىڭ ئۇرۇشىڭلار داۋاملىشىدۇ

    بىز سىلەردىن قاچۇرىمىز ئۆزىمىزنىمۇ.....

     

    بىز قاچاقلارمىز

    مەجبۇرىيەتتىن قورىققان ئۆلگىدەك،

    سىلەرنىڭ ئارقىنىڭلار كېلىدۇ ھامان

    بىزنى بىر كۈن دارغا ئاسقىلى.....

     

    بىز شۇنداق ئادەملەر....

    قەبرىگىمۇ ئىگە بولالمىغان

    ھەتتا ئىگە-چاقىسىز يېتىم بالا بىز....

     

    بىز ئۆيىمىزنى ساقلاپ قالغان بۇرۇنلا...

    شۇڭا سىلەردىن تەلەپ قىلىمىز

    ئەجدەرھا بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى.....

     

    بىز كەمسىتىلگەنمىز،

    سىلەردىن بۇرۇنقى مىڭ ئەسىردىمۇ....

    ھەتتا سىلەر بوزەك ئېتىلىپ

    ياشىغان بىر ئايدىكى نەچچە ئەسىردە.....

     

    ئەي گازالىق ئوقۇغۇچىلار......

    خېتىمىزگە جاۋاپ يازماڭلار

    ھەم ئوقۇماڭلار خېتىمىزنىمۇ
    بىز سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلار....

    ئوخشىمايمىز ئەمما سىلەرگە...

    بىز سىلەرنىڭ چوقۇنغۇچۇڭلار.....

    چوقۇنماڭلار ئەمما بىزلەرگە....

     

    بىز قاتنىشىمىز بېسىقتۇرۇشلارغا.....

    ھەم سىياسىي يالغانچىلىقلارغا.....

    بىز ياسايمىز قەبرىلەرنى....

    ھەم ياسايمىز تۇرمىلارنىمۇ......

     

    ئازات قىل بىزنى

    بىزدىكى قورقۇنۇچلۇق مەسئىلىلەردىن

    يىراق قىل بىزنى

    كاللىمىزدىكى ئەپىيۇنلاردىن.

     

    ئۈگەتكىن بىزگە

    زېمىنغا ئىگە بولۇش ئۇسۇلىنىمۇ،

    ھەم ئايرىلماسلىقنى ۋەتەن ھەسرىتىدىن.....

     

    ئەي سۆيۈملۈك بالىلار

    سالام سىلەرگە......

    ئاللاھ تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلسۇن

    ياسىمەن گۈلى

    پۇرۇخ ھىدى قاپلىغان زېمىندىن ئۈنسۇن

    زاھىر بولسۇن ئالدىڭلاردا

    يارىمىزدا ئۆستۈرۈلگەن خۇشھىد ئەتىرگۈل....

     

    بۇ خاتىرە دەپتەر ۋە رەڭ ئىنقىلاۋىدۇر....

    مېلودىيەگە ئايلانغان

    ئېغىزىمىزنىڭ ئۇچىدىلا.......

     

    ئاتا قىل بىزگە

    جەسۇر يىگىتلەرنى، غۇرۇرىمىزنىمۇ

    بەتبەشرىلىكنى يۇيىۋەت بىزدىن

    پاكلىغىن بىزنى

     

    ئالۋاستىلارنىڭ ئەپسۇنىدىن قورىقماڭلار ھەرگىز...

    ھاياتلىق ھىچقاچان بولماس بەدەلسىز

     

    يەھۇدىينىڭ زامانى بۇ دەپ

    ئارزۇيىڭلار كەتمىسۇن قۇرۇپ.

    دۈشمىنىڭلار غۇلايدۇ بىر كۈن...

    بىز ھامىنى ياشايمىز كۈلۈپ....

     

     

    ئەي گازانىڭ ساراڭلىرى

    ھەممىڭلارغا مەرھابا

    ساراڭلىقىڭلاردىن

    كەپ قالسا ناۋادا بىزگە ئەركىنلىك

     

    سىياسىينىڭ ئەقىلگە مۇئاپىق بولىشى

    ئاتام زامانىسىدا ئۆتۈپ كەتكەن ئىش

    ئۈگىتىڭلار بىزگە ساراڭ بولۇشنى

    1988- يىل


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.