ئوييلايتىم ئىلگىرى بىر دېڭىز بولسا(ئېرنىسىت شۋاز )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-07 00:41:00

ئويلايتىم ئىلگىرى بىر دېڭىز بولسا ئېرنىسىت شۋاز (ئاۋسىتىريە، 1916ـ2003) تەرجىمە قىلغۇچى: پەرھات ئىلياس ئويلايتتىم ئىلگىرى بىر دېڭىز بولسا، ياكى بىر كۆل بولسا ھېچ بولمىغاندا، دىلدىكى زەررىچە ئازاپل...

    ئويلايتىم ئىلگىرى بىر دېڭىز بولسا
    ئېرنىسىت شۋاز (ئاۋسىتىريە، 1916ـ2003)

     تەرجىمە قىلغۇچى: پەرھات ئىلياس

     ئويلايتتىم ئىلگىرى بىر دېڭىز بولسا،
    ياكى بىر كۆل بولسا ھېچ بولمىغاندا،
    دىلدىكى زەررىچە ئازاپلىرىمنى،
    چايقىسام، بىر يولى بولسا ئۇ ئادا.

     ئاھ ئەمدى ئويلىرىم ئۇنچە چوڭ ئەمەس،
    كىچىك بىر كۆلچەكلا بولسا ماڭا، بەس.
    ئالەمچە ئازابىم بولسىمۇ دىلدا،
    يۇيىلار پاكپاكىز، بۇ ھىچ تەس ئەمەس.

     قېرىلىق يەتكەندە ئىنسان ئۆمىرىگە،
    سەۋرچان، چىداملىق بۇلۇپ قالاركەن:
    ھەتتاكى كۆلچەككە كىچىككىنە بىر،
    دېڭىزچە ئازاپمۇ سىغىپ كېتەركەن.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:53:57]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.