توماس مورغا(بايرون)

يوللىغۇچى : Yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-13 20:08:00

تۇماس مور (1779-1852)ئېرلاندىيەلىك شائىر بولۇپ بايروننىڭ قەدىناس دوستى ئىدى . بايرون بۇ شېئىرنى 1817-يىل7-ئايدا سەپەرگە ماڭغاندا يېزىپ قالدۇرغان. توماس مورغا*

    تۇماس مور (1779-1852)ئېرلاندىيەلىك شائىر بولۇپ بايروننىڭ قەدىناس دوستى ئىدى . بايرون بۇ شېئىرنى 1817-يىل7-ئايدا سەپەرگە ماڭغاندا يېزىپ قالدۇرغان.

    توماس مورغا*

    بايرون

    1

    تۇرىدۇ قولۋىقىم قىرغاقتا مانا ،

    تۇرىدۇ دېڭىزدا كېمىمۇ يانا،

    سالامەت بول دەيمەن قەدەھ كۆتىرىپ،

    مېڭىشتىن ئىلگىرى تۇماس مور ساڭا!

    2

    كېتىمەن قالىدۇ ئۆچمەنلەر كۈلۈپ،

    قالىدۇ سۆيگەنلەر ھەسرەتكە چۆكۈپ،

    قانچىلىك ئۆزگەرسە ئۆزگەرسۇن ھاۋا،

    ھەرقانداق بوراننى ئالىمەن كۈتۈپ.

    3

    تۇرسىمۇ چۆرەمدە دېڭىز ھۆكىرەپ،

    بارىمەن يەنىلا ئالغا ئىلگىرلەپ،

    بولسىمۇ ئەتراپىم قۇملۇق باياۋان ،

    تاپىمەن يەنىلا بۇلاقنى ئىزدەپ.

    4

    ئاخىرى تامچە سۇ قالسىمۇ پەقەت،

    تۇرساممۇ ھاسىراپ ئۇسساپ مەن قەۋەت،

    ھۇشۇمدىن كەتمەستە شۇ تامچە سۇنى،

    ئىچىمەن سالامەت بولغىن دەپ ئەبەت.

    5

    ئالساممۇ قولۇمغا مەيگە تولغان جام ،

    تامچە سۇ تىلىكى ئۆزگەرمەس تامام ،

    دەيمەنكى تۇماس مور بولغىن سالامەت،

    روھىمىز بىرلىكتە تاپقاي خۇش ئارام .

     

     

    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1984-يىلى نەشر قىلغان «خەزىنە گىرۋەكلىرى» دىن ئېلىندى. مۇھەممەدئىمىن تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.