مەھمۇد دەرۋىش ئەسەرلىرى

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-14 23:21:58

شائىر مەھمۇد دەرۋىش 1942-يىل پەلەستىندە تۇغۇلغان بولۇپ، ئالتە ياشقا كىرگەندە يەھۇدىلارنىڭ بومبا ئاۋازلىرى ئاستىدا بىر تۇققىنىنىڭ ھەمرالىقىدا قاچقان پېتىچە ئورمانلاردا ئېزىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۆزى...


    \

     

    \



    شائىر مەھمۇد دەرۋىش 1942-يىل پەلەستىندە تۇغۇلغان بولۇپ، ئالتە ياشقا كىرگەندە يەھۇدىلارنىڭ بومبا ئاۋازلىرى ئاستىدا بىر تۇققىنىنىڭ ھەمرالىقىدا قاچقان پېتىچە ئورمانلاردا ئېزىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۆزىنى لېۋاننىڭ جەنۇبىدا كۆرگەن... بىر يىلدىن كېيىن، تاغىسى بىلەن پەلەستىنگە قايتا سۇقۇنۇپ كىرگەن. ئۇ 1961-، 1965-، 1966-، 1969-يىللىرى ئۇدا 5 قېتىم ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 1970-يىلى موسكىۋاغا ئوقۇشقا بېرىپ قايتا پەلەستىنگە قايتمىغان.2008-يىلى  8- ئاينىڭ 9- كۈنى(شەنبە) كەچ ئامېرىكانىڭ تېكساس شىتاتى ھيوستون شەھرىدەكى بىر دوختۇرخانادا داۋالانىش ئۈستىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
    شېئىر توپلاملىرىدىن: «قاناتسىز قۇشقاچلار» (1960-يىل)، «زەيتۇن ياپراقلىرى» (1964-يىل)، «پەلەستىنلىك ئاشىق» (1966-يىل)، «كېچىنىڭ ئاخىرى» (1967-يىل)، «سۆيۈملىكىم ئۇيقۇسىدىن تۇرماقتا» (1970-يىل)، «سۆيىمەن سېنى ياكى سۆيمەيمەن» (1972-يىل)، «تويلار» (1976-يىل)، «يۈكسەك سايىگە مەدھىيە» (1982-يىل)، «ئاز-تولا گۈل» (1985-يىل)، «ئىستىگىنىمنى كۆرىمەن» (1990-يىل)، «ئون بىر پلانېت» (1993-يىل)... قاتارلىقلار بار.
    شائىرنىڭ شېئىرلىرى نۇرغۇن چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

    ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر

    ئىسمىڭلارنى ئېلىپ كېتىڭلار
    دېڭىزنىڭ كۆكلىكىدىن، ئەس قۇملىرىدىن خالىغانچە ئوغۇرلىۋېلىڭلار
    رەسىملەرگە خالىغانچە چۈشىۋېلىڭلار
    ئاسمان ئۆگزىسى زېمىنىمىزنىڭ تاشلىرى بىلەن قانداق قۇرۇلىدۇ
    بۇنى بىلمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ كېتىڭلار
    ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
    سىلەردىن قىلىچ، بىزدىن قېنىمىز
    سىلەردىن پولات ۋە ئاتەش، بىزدىن گۆشىمىز
    سىلەردىن يەنە بىر تانكا، بىزدىن تاش
    سىلەردىن گاز بومبىسى، بىزدىن يامغۇر
    كۆك ۋە ھاۋاغا قانچىلىك ئېھتىياجلىق بولساڭلار بىزمۇ شۇنچىلىك ئېھتىياجلىق
    قېنىمىزدىن نېسىۋەڭلارنى ئېلىپ كېتىڭلار
    كەچلىڭ ئولتۇرۇشىڭلارنى ئوينىۋېلىپ كېتىڭلار
    بىز شېھىتلىرىمىزنىڭ گۈلىنى پەرۋىش قىلىشقا ئېھتىياجلىق
    بىز قانداق خالىساق شۇنداق ياشاشقا ئېھتىياجلىق!
    ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
    ئاچچىق توزاڭدەك، نەردىن ئۆتسەڭلار ئۆتىۋېرىڭلار
    شۇغىنىسى ئارىمىزدىن ئۇچار ھاشارەتلەردەك ئۆتمەڭلار
    زېمىنىمىزدا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز بار
    بىز ئۆستۈرۈش كېرەك بولغان
    ھەم تېنىمىزنىڭ شەبنەملىرىدە سۇغۇرۇش كېرەك بولغان بۇغدىيىمىز بار
    بۇ يەردە سىلەر رازى بولمايدىغان نەرسىلىرىمىز بار: تاش... ياكى خىجىللىق
    خالىساڭلار ئۆتمۈشنى نەپىس بويۇملار بازىرىغا ئاپىرىڭلار
    خالىساڭلار تورغاي ئىسكىلىتىنى چاقچۇق تەخسىگە ئېلىپ قايتۇرۇپ كېتىڭلار
    سىلەر رازى بولمايدىغان نەرسىلىرىمىز بار: كېلەچىكىمىز بار
    زېمىنىمىزدا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز بار
    ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
    خامخىياللىرىڭلارنى تاشلاندۇق ئورەككە دۆۋىلەپ قويۇپ كېتىڭلار
    ۋاقىتنىڭ ئىستىرىلكىسىنى مۇقەددەس كالىنىڭ قانۇنىغا
    ۋەياكى تاپانچا مۇزىكىسىنىڭ ۋاقتىغا قايتا توغرىلاپ قويۇڭلار!
    بۇ يەردە سىلەر رازى بولمايدىغان نەرسىلىرىمىز بار، كېتىڭلار
    بىزنىڭ سىلەردە يوق نەرسىلىرىمىز بار:
    ئۇنتۇشقا ياكى ئەسلەشكە بولىدىغان بىر ۋەتەننى
    قان بىلەن بوياۋاتقان بىر خەلقنى قان بىلەن بوياۋاتقان ۋەتىنىمىز بار
    ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر
    كېتىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى
    خالىغان يەردە ئولتۇراقلىشىڭلار، ئارىمىزدا ئۆلمەڭلار بىراق
    زېمىنىمىزدا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز بار
    بۇ يەردە بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز بار
    تۇنجى ھاياتلىق ئاۋازىمىز بار
    بۈگۈنىمىز بار، بۈگۈنىمىز بار، كەلگۈسىمىز بار
    بۇ يەردە بىزنىڭ دۇنيالىقىمىز بار... ئاخىرەتلىكىمىز بار
    زېمىنىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار
    قۇرۇقلۇقىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار... دېڭىزىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار
    بۇغدىيىمىزدىن، تۇزىمىزدىن، يارىمىزدىن... ھەممە نەرسىدىن چىقىپ كېتىڭلار
    ئېسىمىزنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن چىقىپ كېتىڭلار
    ئەي، ئۆتكۈنچى سۆزلەر ئارا ئۆتكۈچىلەر!



     

    مەھمۇد دەرۋىش بىلەن سوھبەت




    \




    مەھمود دەرۋىش ئۆزگىچە ئۇسلۇب، ئۆزگىچە خۇسۇسىيەت ياراتقان ئەرەب دۇنياسىدىكى بىردىنبىر ئاتاقلىق شائىر، ئۇ 1942- يىلى فەلەستىننىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان « ئوككا » دېگەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەرەبچە، ئىنگىلىسچە، ئىبرانىيچە   روس قاتارلىق تىللارنى ياخشى بىلىدۇ،
    ئۇ ئىسرائىلىيە ھۈكۈمىتىگە قارشى پىكىر- ھەركەتتە بولغان دېگەن تۆھمەت بىلەن بەش قېتىم قولغا ئېلىنغان. مەھمۇد دەرۋىشنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە" قاناتسىز قوشلار " زەيتون دەرىخى يايراقلىرى " فەلەستىنلىك ئاشىق " فەلەستىنلىك مەجروھنىڭ كۈنلىرى " كىچە ئاخىرى " سۇيگۈنۈم ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى " بەش ئاتاردا خەت يېزىش " قاتارلىق شئرلار توپلىمى بىلەن ئەرەب دۇنياسىدا مەشھۇر شائىر ،
    " ياخشى كۈرەي يا كۆرمەي" ئاشۇ قىزنىڭ سۈرتى " توي كىچىسى " ئۇ قىز گۇيا مۇڭلۇق بىر ناخشا " گۈلدىكى پۇراق " دېڭىز مەدداھلىرىغا ئىمبارگۇ " ئىزدىگەننى كۆردۈممەن سەندە " دېگەندەك توپلاملىرى چەتئەل تىللىرغا تەرجىمە قىلىنغان. بىرنەچچە قېتىم، ئەرەب دونياسى، خەلقارا جەمىيەتتە ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان
    شائىر " لوتس، ئىبن سىنا" مۇكاپاتى " فەلەستىن پىدائىيلىرى" مىدالىغا ئىرىشكەن، مەھمۇد دەرۋىش ئۈزىنىڭ خاس ئۇسلۇبى، شئىرىيەتتىكى يىڭىلىقى، تەپەككۇردىكى بايلىقى، تەسۋىردىكى ئىنچىكلىكى بىلەن ئەرەب دۇنياسىدا نەچچە ئۇن يىللاردىن بويان قىززىق نوقتىغا ئايلانغان. ئەرەب ئەدەبىياتى، ئەرەب شئىرىيىتىدە ئەنئەنىۋى شئىرىيە ئېقىمى بىلەن يىڭى شىئرىيەت مودىرنىزىمى ئوتتورىسىدا ئالاھىدە تەسىر كۆسىتىپ قالماستىن
    ، شئرىيەت ئېقىمىدا كۈنىلىق- يىڭىلىق، پەلسەپىۋىيلىك-ئىجتىمائىيلىق، تۈزلۈك-گوڭگاچىلىق، تۆتبورجەك شىئرىيەت ھەققىدە توپا- چاڭ چىقىرىپ، ئەرەپ شئرىيىتىنى يىڭى دەۋرىگە كۈتىرەپ كىرگەن بۇ ئوت يۈرەك شائىرىمىز بىلەن تور ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، شائىر ۋە شىئرىيەت ھەققىدە پىكىرلىشىش بىزنىڭ پەخىرىمىزدۇر.
    تۆۋەندىكى قۇرلار شائىر بىلەن ئۆتكۈزگە سۆھبەت .
    ئەدەبى تەنقىدچىلارنىڭ باھاسى بىلەن ئېيتقاندا؛ گوڭگا شئرچىلىقىغا مەنسۇپ ئاسما تام شئرلىرىڭىز سىز ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىلا يىتىلدۈرگەن تەپەككۇر نەتىجىسى ھېساپلىنىدىكەن،سىز كەلگۈسىدە >ئاسما تام< شئريتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش:    تارىخى داستانلاردىكى ( ئاسما تام ) شئر يازمىلىرىنى يېزىش، ياكى يېزىشنى ئارزۇ قىلىش بىزنىڭ ھەققىمىز ئەمەس.) ئاسما تام( شئر چەكلىك زاماندىكى بىرنەچچە چەكلىك شئر تىكستىدىن ئىبارەت. ھىكايەتلەردە قەيت قىلىنىشىچە) ئاسما تام ( شئررى ئەرەب جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەڭ ئىسىل، ياخشى يېزىلمىلار دەپ تاللانغان قەسىدىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدە كۆز- قاراش ئوخشاش ئەمەس. بىر رىۋايەتتە يەتتە دىيىلگەن بولسا، يەنە بىر رىۋايەتتە ئون دېيىلگەن.
    قەدىمىي ئەرەبلەر بۇ قەسىدە-شئرلارنى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىپ كەئبىنىڭ تاملىرىغا ئاسقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قەسىدە شئىرلار) ئاسما تام ( شېئىر دەپ ئاتالغان. بۇ رىۋايەتلەر مۇبالىغلاشتۇرىۋىتىلگەن بولسا كېرەك. ئەرەبلەر تارىخىدا، شىئرغا بۇ دەرجىدە يۈكسەك مۇئامىلىدە بولغانلىقىغا شەك بىلەن قارايمەن. بۇلۇپمۇ شئرلارنى ئۇلۇغلاپ، ئالتۇن ھەل بىلەن يازغان دېگەن سۆزلەرگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. لېكىن بۇ ۋەقە تارىخى كىتابلاردا شۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھازىرقى زامان شىئرىيەت ئېقىمىدا « تام يازما » دېگەن ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇلىۋاتىدۇ. بۇمۇ يىڭى زامان شئرىيەت ئۇسلۇبىنىڭ يېزلىشى تامغا، تاختىلارغا سېزىلغان گۈزەل سەنئەتلەرگە تەقلىد قىلنىپ يېزىلغان دىگەن مەقسەتتە ئوتتۇرغا چىققا بۇلۇشى
    مۇمكىن. مەن )تام يازما( شئىرلىرىمنى يازغان ۋاقىتلىرىمدا « ئاسما شئىر » ساقافىتىنى ئەسلىگىنىم راس. ئۇزۇنچاق كەتكەن شئرلارنى ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇش، شىئرىيەت پەنلىرنىڭ ئۇمۇمىيلىقى، شىئرىيەتتىكى تىل گۈزەللىكى، شئىردىكى قايناق ھىسسىياتلار ئۈچۈن ئۇ زاماننى ئەسلەش ئارتۇق دەپ قارىمايمەن.
    > ئاشىقنىڭ ئۈلۈلۋىلىشى < دېگەن شئىرىم شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن. مەن ئۇزۇنچاق شئىرلارنى ياقتۇرىمەن. « تام يازما » مۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدۇ. ئۇنىڭدا ئىجادىيەت تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى، ئەرەپ شئىرلىرىدىكى ھەرخىل جانىرلارنى بىر تىكىستىلا ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ شىئر تىكىسلىرىدە كىلاسسىك ئەسەرلەر، يىڭى زامان ئەسەرلىرىنىڭ شەكىللىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ. نەسرىي ئەسەرلەردە تېخىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ.
    «( تام يازما )» شئىرچىلىقىدا ئەسەرگە بولغان ئۇمۇمى كۆز قاراش بىلەن، ئەسەرنى قانداق پۈتتۈرۈش ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. شائىر ئەسەرنى قانداق پۈتتۈرۈشنى قانداق پۈتتۈرۈش مەسلىسىنى توغرا ھەل قىلالىسىلا، شائىر ئۆزىنىڭ شئىر تىكىستىنى تام يازما شىئرىيىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ. قىسقىسى تام يازما شئىرىيەت ئۇسلۇبىدا، ئەرەب شئىرىيىتىنىڭ ھەممە جانىرلىرى بولغان بولىدۇ. مەن شۇ خىلدىكى شىرلارنى يېزىشنى ياختۇرىمەن. چۈنكى، بۇ ئۇسلۇب ئەدەبىياتنىڭ ھەممە كاتىگۇرىيسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى شئىرىيەت ئېقىمىدا،يۇقىردا دەپ ئۆتكىنىمدەك، رىۋايەت، نەسرى ئەسەر، ۋەزنىلىك شىرلار، ئەركىن شىئرلار ھەممىسى بولغان بولىدۇ. شائىر بۇ ئۇسلۇپتا ئۆزىنى ئەركىن قۇيۇپ بىرىپ شىئر يازالايدۇ.
    ئىجادىيەت ئۇسلۇبىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ سىز ئەسەرلىرىڭىز قاچان ۋە قانداق يازىسىز؟
    مەھمۇد دەرۋىش: بۇنى بىر ئۇسلۇپ دېگەندىن كۆرە، يېزىقچىلىقتىكى بىر ئادەت دېگەن ياخشىراق. بەلكىم بۇ ئادەت شىئرىيەتتىكى بىر خىل ئۇسلۇپ بۇلۇپ قېلىشىمۇ يىراق ئەمەس. مەن ئادەتتە سەپەرگە چىققان ۋاقىتلىرىمدا ياكى كىچىلەردە بىر نەرسە يازالمايمەن. شۇنىڭدەك قىزىتمام ئورلەپ قالغان ياكى روھى كەيپىياتىم تۈۋەن ھالدا بىر نەرسە يازالمايمەن. مەن پەقەت روھى ھالىتىم نۇرمال ھالدا قۇلۇمغا قەلەم ئالالايمەن. قارا سىياھلىق قەلەم، سىزىقسىز ئاق قەغەز ئىشلىتىش سەھەر ناماز بومداتتىن كېيىن يېزىش مىنىڭ ئادىتىمگە ئايلانغان. بەلكىم بۇنىڭدىمۇ بىر خىل ئۇسلۇپ شەكىللەنسە كىرەك،

    شئىر ئىجادىيتىڭىز ھەققىدە كۆپرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق. يېزىپ بولغان شئرلىرىڭىزغا قانداق مۇئامىلىدە بولىسىز؟
    مەھمۇد دەرۋىش: مەن ئادەتتە شىرنى يېزىپ بولۇپ بىرنەچچە كۈن تاشلاپ قويىمەن. ئارلىقتىن بىرەر ھەپتىنى ئۆتكۈزۈپ قايتا ئۇقۇپ باقىمەن. ئەگەر يازغان شىئرىمدا ئۆزەمنى كۈرەلىسەم، بۇ شئىرغا قايتا ئىشلەپ، ئۈزەم تۇلۇق قانائەت قىلغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتقا بىرىمەن، ياكى تور بەتلىرىگە سالىمەن. ئەگەر يازغان شئىرلىرىم ئىلگىركى شئىرلىرىمغا ئوخشاپ قالسا، مەن شئىر تىكىستىدە مەغلوپ بولدۇم قاراپ، ئۇ يازمامنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن. ئەگەر مەن يازماقچى بولغان مەزمۇندا، باشقا بىر شائىر يېزىپ بولغان بولسا، مەن ئۇ شئىرغا بولغان ئەدەبىي كۆز قارىشىمنى ئىزاھلاپ ئوبزور يازىمەن. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ شئىرنىڭ قىممىتى يۇقىرى كۈتىرىدۇ.

    سۆزىڭىزدىن قارىغاندا يازغان شئىرلىرىڭىزدا مەھمۇد دەرۋىشنىڭ سايىسى كۆرنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەنسىز. باشقا شائىرلاردىن ھالقىپ ئۈتۈپ كىتىش ياكى ئۇقۇرمەندىكى باشقا شائىرلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىن تارتىپ، مەندە شئىر ياكى شائىر ئۆلگىسى بۇلۇپ باقمىدى. ھەربىر شائىر مەلۇم بىر شائىرنى ياكى مەلۇم شئىرنى ئۆلگە قىلىش ئۇنىڭ شئىرىيەتتىكى مەجبۇرىيىتى ئەمەس. مەن شئىر- شائىرنى ئۆلگىدەك ياخشى كۈرىمەن. ھەر بىر شائىرنىڭ يازغان شئىرىدىن ھۇزۇرلىنىمەن. شىئرىيەتتە پالانى شائىردىن ئۈتۈپ كىتىش كىرەك دېگەن خىيال شىئرىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت. شئىرىيەت ھەرگىزمۇ سودىگەرچىلىك ئەمەس.
    ئىنگىلس خەلقىنىڭ مەشھۇر ئەدەبى تەنقىدچىسى ھارول بىلوم نىڭ شىرىيەت ھەققىدىكى ئەدەبى تەنقىدلىرىدە ئىشلىتىۋاتقان مۇنداق مۇھىم سۆزى بار: « شىرىيەتتە نام شۆھرەت قازانغان چوڭ شائىرلارنىڭ مونوپوللىغىدىن چىقالماسلىق، شىئرىيەت ساھاسىنى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىگەللەپ كىتىشىدەك مەسىلىلەر مەۋجۇد، بۇ يىڭى شئر يېزېۋاتقان ئىجادىيەتچى شائىرلارنىڭ شىئرى ئىجادىيىتىگە مەلۇم تەسىرلەنى كۆرسىتىدۇ. شىئرىيەت ساھاسىنى مونوپول قىلىۋالغان شائىرلار تەسىرىدىن بۆسۈپ چىقىپ كىتىش ئۈچۈن، شئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار، كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىشى، ئۆزىگە خاسلىق يارىتىشى لازىم. ئەركىن ئاڭدا شئىر يېزىش دولقۇنى قوزغاش كېرەك. شېئىر مونوپوللىقغا ئىگە شائىرلارنىڭ شىر تىكىستلىرىنى قېزىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرارلىق ھالدا، شىئرىيەت دولقۇنى قوزغاش كېرەك. بۇ چوڭ شائىرلارنىڭ تەسىرى دائىرىسىدىن قۇتۇلۇشلا ئەمەس، بەلكى شائىر ئۈچۈنمۇ بىر ئىجادى يىڭىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ».
    بىز ئەرەپ خەلقىنىڭ مەدەنىيەتتىكى خاسلىقىمىزغا ئوخشاش، شىرىيەتتىمۇ بىرەر شائىر شئر ئۆلگىسى بىلەن مەشھۇر بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىمىز مەۋجۇت.
    شائىر شئرىيىتىدە، مەلۇم شائىرنىڭ شئرىيىتىنى ئۆلگە قىلىشى مۇمكىن، لىكىن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب، ئادەت يىتىلدۈرۈش بىلەن بۇ تەقلىدچىلىك، ئۆلگىچىلىكتىن قۇتۇلالايدۇ. شائىر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قىيىن ئىش، ئۆز ئۈستىدىن غالىپ كىلىشتۇر. شائىر باشقىلارنى تەقلىد قىلىشتىن ساقلىنىشتىن باشقا، ئۆزىنىمۇ تەقلىد قىلماسلىقى كېرەك. شائىرنىڭ ئۆزىنى تەقلىد قىلىشى كۈپىيىپ كەتسە، بۇ ھال ئۇ شائىرنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى جىنايىتىدۇر
    شائىر باشقىلارنىمۇ ئۆزىنىمۇ تەقلىد قىلماسلىقى بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ بىر شىرىدىكى غەلبە ئۇتۇقلىرىنى يەنە بىر شئر ئۈچۈن قۇربان قىلىشنى بىلىشى كىرەك. ئۇ ھەرگىزمۇ ئەدەبى تەنقىدچىلارغا، ئۇنىڭ يازمىلىرىنى ئۇقۇپ، ئەسەرگە سەلبى باھا بىرىپ، ئەسەرنىڭ نامىزىنى ئۇقۇپ، يەرلىگىنى قۇيۇۋىتىش پۇرسىتىنى بەرمەسلىك كىرەك.

    بەزىلەر «( ئاسمان سايىسى )» دېگەن شىرىڭىزنى مەھمۇد دەرۋىش، مەرھۇم ياسىر ئەرەفات بىلەن يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىپ يازغان دېيىشىدىكەن، سىزچە بۇ سۆزلەر راسمۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. شۇنداق دېگەنلەر بۇ شئىرنى خاتا چۈشەنگەنلەر،بەزى توربەتلەردە، مەھمۇد دەرۋىش بۇ شئرنى سادام ھۇسەيىننى ماختاپ يازغان ديىشىپتۇ. بەزىلەر يۇقىرقىدەك ياسىر ئەرەفاتنى كۆزدە تۇتۇپتۇ. نىمىلا بولمىسۇن ھەر ئىككىلىسى خاتا چۈشۈنۈش. بۇ شئىردا لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئۇرۇش قىلىۋاتلان ئەرەپ پىدائىيلار قوشۇنى مەدھىيلەنگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىرەر ئىككى شەخىس كۆزدە تۇتۇلمىغان. ئاسمان سايىسى تەسۋىرلەنگىنى باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق، قورقماس جاسارەت. بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ، تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ئىددىيىسى، ئىش-پائالىيەتلىرى ئىلگىرى سۈرۈلمىگەن.
    - ھىكايە، رومان، پوۋىست يېزىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: مەن كىتاپ ئۇقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھىكايە ئۇقۇشۇممۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. راس گەپنى قىلسام ئەدەبىياتنىڭ بۇ تۈردىكى قىسمى ھەر خىللىشىپ كەتتى. ھىكايە، پوۋست، رومان دېگەنلەر بۇ يېقىنلاردا كىرزىسقا ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن. سەن نىمىنى يازساڭ، قانداق يازساڭ بولاۋىرىدۇ. يازغۇچىغا نىسبەتەن چەكلىمە يوق. تۈرى ھەرخىل. مەن ھازىرغىچىلىك بۈ تۈردە بىر نەرسە يېزىپ باقمىدىم. بۇندىن كېيىن يېزىشىم مۇمكىن
    سىز دۇنيا ئەدەبىياتى ياكى ئەرەپ ئەدەبىياتچىلىرىدىن قايىس يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇيسىز؟
    مەھمۇد دەرۋىش: مەن ئاساسەن چەتئەل ئەدەبىياتىغا بەكرەك قىزىقىمەن. كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان، جەمىيەتتە تەسىر كۈچى يوق ھەر قانداق ئەرەب يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇمايمەن ( چۈنكى ۋاقىت قىس ( مەن ئەسەر ئۇقۇشتا، ئەسەر يازغۇچىسىغا بەكرەك دىققەت قىلىمەن. گارسىيە ماركۇس< > ئالبىرت ئىيكۇ< > باۋلى كويلىلۇ < ئەڭ ياخشى ئەسەر يازغۇچىلاربۇلارنىڭ يازمىلىرىدا مەلۇم زامان، ماكاندىكى مۇرەككەپ تارىخىي شارائىت، ئىنسانيىئەتنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلىرى ئەكىس تەسۋىرلەنگەن
    بەزىلەر مەھمۇد دەرۋىش مەھمۇد ئىسمائىل، ئابدۇلۋاھھاب بايانى، نەزەر قەببانىيدەك شائىرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېيىشىدىكەن. سىزچە بۇ گەپلەر راسمۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: مەن سىز كۆزدە تۇتقان بەزىلەرنىڭ قايسى ئاساسقا تايىنىپ، بۇ گەپنى قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن. سىز يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن شائىرلارنىڭ شئرلىرىنى ئۇقۇغىنىم راس. لىكىن ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان دىيىش، ماڭا قىلىنغان بوھتان. ئەگەر شئىرىيەتتە ئوخشاشلىق بار دىيىلسە مىنىڭ يازمىلىرىمدىكى سۆز ئىشلىتىشىرىم، ئىراق شائىرى شاكىر سەييافقا يېقىنراق دېيىشكە بولىدۇ،

    - ئىراق شائىرى شاكىر سەيياف بىلەن مەھۇمد دەرۋىشنىڭ شئرلىرىدا يېقىنلىق بار دەپ ئۆتتىڭىز. بۇ سۈزىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇقراق قىلىپ ئىزاھلاپ بەرگەن بولسىڭىز.؟
    مەھمۇد دەرۋىش: ئىككى شائىرنىڭ شئردىكى، شئرىيەت ئىلمىنتلىرىنىڭ يېقىنلىقى، سۆز تاللاشتىكى يېقىنچىلىقى بولسا كىرەك،

    - سىزنىڭ «( تام ئاسما) » شئرلىرىڭىزنىڭ بىرىدە:
    خالىغىنىمدەك بولىمەن چۇقۇم
    ئەگەر بولسىلا مەندە شۇ ئۇقۇم
    دېگەن مىسرالارنى ئۇچرىتىمىز. سىز خالىغان ئادەم بولالىدىڭىزمۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: مەن خالىغان ئادەم بۇلۇپ باقمىدىم. ئىنسان ئۆزگەرگۈچى مەخلۇق بولۇپ، بۈگۈن كامالەتكە يەتكەن نەرسەڭ، ئەتىگە نىسبەتەن نوقسانلىق جەڭگاھلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەن بولىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى تەرەققى قىلدۈرۈشقا توختىماي ئىزدىنىشكە مەجبۇر. شائىرنىڭ ئىزدىنىشى شئرىيەت ئىجادىيىتىدىكى ئاساسى ئامىل ھىساپلىنىدۇ. شئرىيەت ئىجادىيىتىدە بولسا، چەكلىمە ياكى مەلۇم بىر قانۇنىيەت يوق. ئىجادىيەتكە چەكلىمە قويۇش ئىجادىيەتنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر.
    بۇ يەردە يەنە باشقا سەۋەبمۇ بار. مەسىلەن: مەن نىمىنى خالايدىغانلىقىمنى، نىمۇ بولماقچى بولغانلىغىمنى بىلمەيمەن. مەندىكى يىتىلگەن ئارزۇ-ئۈمت بولسا؛ ئۆز ۋۇجۇدىيىتىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، شئر يېزىشتىن ئىبارەت. مەن بىر شئرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، مىنىڭدە يەنە شئر يازىمەنمۇ يوق دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. مىنىڭ خالىماقچى بولغان نەرسەم شئر بولسا كىرەك. مەن بولسام يازماقچى بولغان شىرنىڭ ئەسىرى بولسام كېرەك
    - شائىر ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەزى شئرلىرى كۈلەڭگۈدەك ئەگىشىپ ماڭىدۇ > خەتلىۋالغىن مەن شۇنداق ئەرەپ >» دېگەن شىرلىرىڭىز مۇشۇ خىلدىكى شىئرلاردىن. سىز مەلۇم بىر گىزىت مۇخبىرىنى قۇبۇل قىلغاندا، بۇ شئرنىڭ تاسادىپەن يېزىلغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىكەنسىز. سىز شئرنىڭ شائىرغا كۈلەڭگۈ بۇلۇشىنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
    مەھمۇد دەرۋىش: مەن شئرنىڭ شائىرغا كۈلەڭگۈ بولۇشىنى، ئۇقۇرمەندىن شائىرغا بولغان بىر خىل ئىلتىپات دەپ چۈشۈنىمەن. بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبى؛ بۇ خىلدىكى شئرلارنىڭ ئۇقۇرمەنلەر قەلبىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ، ھەربىر شئردا مەھمۇد دەرۋىشنىڭ قايناق ھىسسىياتىنىڭ كۆرەلگەنلىكىدىندۇر. > خەتلىۋالغىن مەن شۇنداق ئەرەپ> » دېگەن شئرىم، مەن ئۈچۈن ئۇقۇرمەن، قەلبىدە مەھمۇد دەرۋىشنى ياراتتى. < خەتلىۋالغىن مەن شۇنداق ئەرەب > دىيىش، مەھمۇد دەرۋىش دىيىشتۇر. مەھمۇد دەرۋىش بولسا، كەلگۈسىگە ئۈمت بىلەن قارايدىغان بىر ئەرەپ شائىرى دىمەكتۈر. مەن بۇ شئرلاردىن پەخىر ھىس قىلىمەن. مىنىڭ شۇنداق شئرلىرىم بولمىغاندا، بۇگۇنكى مەھمۇد دەرۋىش بولمىغان بولاتتى. ئۇقۇرمەن قەلبىگە بۈسۈپ كىرگەن بىر شائىر، چۈقۈمكى قايسى بىر يىڭى شئرنى ئۇنى ئۇقۇرمەنلىرى تۆت كۈزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ. ئۇقۇرمەن ئۆزى سۆيگەن شائىرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىجادىي، يىڭى پىكىر، يىڭى سۆزلەرنى سوغا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىندۇ. شائىر ئۈچۈن خەلق ئىشەنچىسىگە ئىرىشىشتىنمۇ ئۇلۇغ پەخىرلىك ئىش بولمىسا كېرەك. ئۇقۇرمەننىڭ شائىرغا بولغان ئىشەنجىسى، شائىرنى تېخىمۇ ئەركىن پىكىر قىلىشقا، تېخىمۇ ئىجادى ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۈندەيدۇ. مىنىڭچە، ئۇقۇرمەننىڭ سەلبى ياكى ئىجابى باھاسىغا ئىرىشەلمىگەن ھەربىر شئر، ئۈلۈك شئر بولۇپ، ئۇنىڭ قىلچە قىممىتى بولمايدۇ.

    - شائىرلارنىڭ شىر ھەۋەسكارلىرى، شىر ئۇقۇرمەنلىرىگە ئەركىن ئىنكاس قايتۇرۇش پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرىش، شئرىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى قىسمىمۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: شائىر شئر تىكىستىنى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شئر تىكىستى يازغۇچىدىن ئالاقىسنى ئۈزۈپ، مەلۇم مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ ئەكس ساداسى بولغان ساقافىتىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر شئر ھەۋەسكارلىرى، شئر ئۇقۇرمەنلەر شىر تىكىستىنى يېئىشىپ، ئۇنىڭدىكى يۇشۇرۇن مەنەلارنى ئېچىپ، شئردىن ئوخشاش بولمىغان تەھلىللەرنى ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، شئر تىكىستىنى ئۈلۈك تىكىستى دەپ ئاتاش كېرەك. ئۇقۇرمەننىڭ شئرغا بولغان ئىنكاسى، شئر تىكىستىگە بىر خىل روھ ئاتا قىلىدۇ. ئۇقۇرمەننىڭ شئرغا بولغان تەھلىللىرى شئر تىكىستىنى جانلاندۇرۇپ قالماستىن، شائىرنىڭ كەلگۈسى ئىجادىيىتى ئۈچۈنمۇ مۇھم روللارنى ئوينايدۇ. شئرغا بولغان ئىنكاسلار، شائىرنىڭ شىر تىكىستىغا بولغان شىرىكچىلىكى ھىساپلىنىدۇ. بۇ دەل ھازىرقى تور ئەدەبىياتىدا مەۋجۇت بولۇپ شەكىللەنگەن شئرىيەت ئېقىمىدىكى بىر يېڭىلىق
    - شئرلىرىڭىزدا مەلۇم ماكان تىلغا ئېلىنغان، مەلۇم بىر شەھەر كۈيلەنگەن. بۇنى بىز مەھمۇد دەرۋىش ئۆزىنىڭ بۇ شئرلىرى ئارقىلىق مەلۇم كۆز قاراش، ئىددىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەستەنگە ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ -دەپ - چۈشەنسەك بولامدۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: سىز بىر گىزىت مۇھەررىرى، شائىرلارنىڭ شئردىكى ھەربىر سۆزنىڭ مەخسەتلىك ھالدا دىيىلىشىدەك ئاددى بىر ھەقىقەتنى بىلىسىز!
    شئرلىرىمدا ماكانغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كەلدىم. شئرىيەتتىكى ئاساسى تەجرىبەممۇ ماكان ئىزدەش ئۈستىگە قۇرۇلغان. يۇقالغان ماكاننى قايتا قۇرۇپ چىقىش، يۇقالغان تارىخنى قايتا ئەسلەس، بۇزۇلغان جۇغراپىيىۋىلىك خەرىتىنى قايتا سىزىش، مىنڭ شئرىمدىكى ئاساسى مەزمۇن. مەندەك ماكان- زامانلىرى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، تارىخىي جۇغراپىيىۋىلىك شارائىتى ۋەيران بولغان بىر شائىر ئۈچۈن، ئۈزىنىڭ شئردىكى قايناق ھىسسىياتى ئارقىلىق، يۇقالغان نەرسىلەرنى باشقا قۇرۇپ چىقىش، ئىزدەش، ئەڭ ئاددى ۋىجدانى مەجبۇرىيەت بولسا كېرەك. مەنچە ھەربىر شئر تىكىستىدە، تارىخ، زامان، ماكان ئەكىس ئىتىشى كېرەك. بۇنىڭسىز ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ھەربىر شئرنى، شىر تىكىستىدە كەمچىل بار دەپ ھىساپلايمەن.
    - سىز « <:خەتلىۋالغان مەن شۇنداق ئەرەپ >» دېگەن شئرىڭىزنى ئىلان قىلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي فەلەستىنلىك ئاشىق >» دېگەن شىرىڭىزنى ئىلان قىلدىڭىز. سىز سۆزىڭىزنى ئەرەب دېگەن ئىبارە بىلەن باشلاپ، فەلەستىنلىك دېگەن ئىبارىدا توختاتقاندەك تۇرىسىز. شئرىڭىزدا بۇنداق سۆز ئىشلىتىشدە ئۇمۇمىيلىق خۇسۇسىيلىققا كۈچۈش بارمۇ قانداق؟
    مەھمۇد دەرۋىش: ئىسرائىلىيەلىكلەر بىزنى ئەرەب دەپ ئىرقى كەمسىتش، ئىرقى ئايرىمىچىلىق قىلىدۇ. فەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قىلىشىغا ئەگشىپ، ئەرەب قېرىنداشلىرىمىز بىزنى فەلەستىنلىكلەر دەپ ئاتاشقا باشلىدى. دېمەككى ئىسرائىلىيىلىكلەر بىزنى ئەرەب ئاتىغان بولسا، ئەرەبلەر فەلەستىنلىكلەر دەپ ئاتاشتى. مەنچە بولغاندا، مىنىڭ فەلەستىنلىك ياكى ئەرەب بولىشىم مۇھىم ئەمەس. مەن كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلدىم. مەن زىيارەت قىلىش جەريانىدا، شۇنى ھىس قىلدىمكى، فەلەستىنلىكلەر، فەلەستىنلىك بولغىنى ئۈچۈنلا، ئەرەب قېرىنداشلىرىنىڭ كەمسىتىشلىرىگە ئۇچرىۋىتىپتۇ. ئەرەبلەر بىزنى فەلەستىنلىك دەپ ئاتاپ، ۋەتەننىڭ قەدرىنى بىلدۈرۋاتىدۇ. مانا بۇ ئېچىنىشلىق سېلىشتۇرمىلار، مىنىڭ شئرلىرىمدا ئۇرۇن ئالغان. فەلەستىنلىكلەر، ئەرەبلەر ھەممىسى بىر خەلق، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنى، تۇغۇلۇپ ئۈسۈپ يىتىلگەن ئورنى بولىدۇ. كىچىك ئائىلە، كىچىك ماكان، ئاددى شەخستىن دۇنياغا يۈزلىنىدۇ. ئىنسان ھەرگىزمۇ، ھاۋا بوشلىقىدىن كىلىپلا كىچىك ئۆينى ماكان تۇتمايدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەربىر خەلق، چەكلىك ماكاننى ئۇرۇن تۇتقىنىدەك، شئردىكى ھەربىر تىكىست ھىسسىياتى، ھەربىر سىمۋۇل، چەكلىك ماكاننى چۆردىگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ.
    - سىزنىڭ سۈرگۈنلۈك ھاياتنى ئۆلگىدەك يامان كورگەن تۇرۇقلۇق ، ماكاندىن ماكانغا كۈچۈپ يۈرگەنلىكىڭىزنى ئاڭلايمىز. شئرلىرىڭىزدا، سۈرگۈنلۈك ساقافىتى ئالاھىدە ئۇرۇن ئالغان. بىز بۇنى مەھمۇد دەرۋىشنىڭ ھاياتى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار دەپ چۈشۈنۈشكە بۇلامدۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: ماكان ئەسلىمىسى، ئەسلىمە ساقافەتنىڭ بىر قىسمى. فەلەستىن خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى، سۈرگۈن بولۇپ، ياكى مۇساپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلانغان. فەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋەتەن ئەسلىمىسى، سۈرگۈنلۈك ساقافىتىدىن ئۈزىنى ئازاد قىلىشقا قادىر ئەمەس. سۈرگۈنلۈك ھايات ئەسلىمە ساقافەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ھايات قورۇلمىسىدۇر. مەنچە ئېيىتقاندا، سۈرگۈنلۈكمۇ بەزى ۋاقىتلاردا ۋەتەن بولۇپ شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئىنسان نەگە سۈرگۈن بولمىسۇن، ئۈزىنىڭ ئەسلى ۋەتىنى ھاپاش قىلىپ بىرگە ئېلىپ ماڭىدۇ. ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بىر سۈرگۈن ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۈرگۈنلۈك ھاياتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ۋەتەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. سۈرگۈنلۈكنى ئىچكى سۈرگۈنلۈك ۋە تاشقىق سۈرگۈنلۈك دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى ھىسسىياتى سۈرگۈن قىلىنغان بولىدۇ. مەن نەدە، قانداق ياشىماي، ئىچكى سۈرگۈنلۈكتىن ئۈزەمنى ئازات ھىس قىلمايمەن.
    بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، تەشۋىقات ساھالىرى ئىچىدە، شئرنى ئەڭ ياخشى قۇرال دەپ ئاتاشقا بولامدۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: شئر ئۆز جەۋھىرىدە ئىنسانىيلىقنى تەرغىب قىلىدۇ. شئر بولسا، تەبىئەت دۇنياسى، ئىنسانىيەت ئالىمى، ئىنسان روھىغا سۇنۇلغان تىچلىق سالىمىدۇر. لىكىن، بەزى تارىخىي شارائىتلار مۇئەييەن شەخس، مۇئەييەن جەمىيەت، مۇئەييەن ئىنسانلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۈزىنىڭ ئىتىقادى، ئۆز كىملىكىنى، ئۆز ۋەتىنى قوغداشقا مەجبۇرلايدۇ. شئرمۇ ئۆز ئىتىقادى، مىللى مەۋجۇدىيەتنى قوغداپ قېلىشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شئردىكى ئىدىئولوگىيە، تۇلۇپ تاشقان ھىسسىيات يەر شارىدا ئادالەت ئورنىتىلىپ ئىنسانىيەتكە تىچلىق بېغىشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۇقۇنۇش كۆز قارىشى ھېچقاچان شائىر ئۆزى ئىزدەپ تېپىۋالغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭغا تېڭىلغان مەجبۇرى يۈكتۈر. شائىر ئۆز زاتىنى قوغداش، ئۆزىنىڭ پىكرى ئەركىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئۈچۈن، شئرنى تاللايدۇ. شئر ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئىچكى ھىسسىياتىنى جەمىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. تېخىمۇ ئۇچۇقراق دىسەك، شىر ھەرخىل ئۈلۈم شەكىللەرگە، زۇلۇم، قۇلچىلىق، قىرغىنچىلىق، پېقىر- نامراتچىلىق، بىلىمسىزلىكلەرگە قارشى تۇرۇدۇ. شئر ئىنسانىيەت تەرەققىياتى، ئىنسانىيەت تىچلىقىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى تۇرۇپ ئىنسان ھۆررىيىتى، ئىجادىيەت ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،

    - دادا مەن يۈسۈپ >» ئون بىر يۈلتۈز >» شىرلىرىڭىز ئەدەبىيات ساھاسىدا كۆپ غولغۇلا قوزغىدى. بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، بۇ شىرنى قوران كەرىمدىكى سۈرە « يۈسۈپ » تىن ئىقتىباس قىلغان ئىكەنسىز، بۇ راسمۇ؟
    مەھمۇد دەرۋىش: قۇرانى كەرىمدىكى ھەربىر سۆزىنىڭ ئۆز ئورنى بولىدۇ. سۈرە يۈسۈپتىكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى، بىر تۇققانلىرىنىڭ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى قۇدۇققا تاشلىۋىتىپ بۆرە يەپ كەتتى دەپ يالغاننى كۆينەكنى يىرتىپ، قىزىل رەڭدە بۇياپ ئۆز ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىشى ئۇ مۇنداقلا بۇلۇپ قالغان ھادىسە ئەمەس. قۇرئانى كەرىمدىكى بۇ سۈرىنىڭ قىسسىسى ھەر زامان، ھەر ماكاندا مەۋجۇت. ئامىركا ئىسرائىلىيە بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇش ئۈچۈن، بىز فەلەستىنلىكلەرنى ھەر خىل ئازاپلىق ھاياتلارنى كۈچۈرۈشكە مەجبۇرلىمىغان ئەرەب كاتتىۋاشلىرى ئازمۇ؟ بىز دائىم ئۆز دۈشمىنىمىز ئەمەس، ئۆزىمىز قېرىنداش دەۋەتقانلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ كەلدۇق. شائىرنىڭ مەلۇم ۋەقەلىكلەردىن ئىلھام ئېلىپ شئر يېزىشى تەبئى ئەھۋال. لىكىن مەن قۇرئان كەرىمنى شئر قىلىپ يازمىدىم. بۇ ئۇلۇق قىسسىنى ھازىرقى ھالىتىمىزگە باب ھالدا تەسۋىرلەپ شئرلىرىمدا ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ بىر تەپسىرشۇناسلىققا ئوخشاپ كەتسە كىرەك.
    - سىزنىڭ توپلاملىرىڭىزغا ماۋزۇ قىلىنغان ئىزدىگىنىمنى كۆردىممەن> » « <قىلغانلىرىڭغا ئۆزرە ئېيىتما ئەي گۈزەل >» ماۋزۇلار قايسى كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرمەكچى؟ سىز كىتاپلىرىڭىغىزغا ماۋزۇنى قانداق تاللايسىز؟
    مەھمۇد دەرۋىش: مەنچە شئر توپلاملىرىمغا ماۋزۇ تاللاشنى پەلسەپىۋى تاللاش دېسەك ئەڭ توغرا بولغان بولىدۇ. مىنىڭ يازمىلىرىم ئاساسەن گوڭگو شئرچىلىقىغا تەۋە بولۇپ، شئرىيەتنىڭ بۇ قىسمىدا پەلسەپە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاددى كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ. قاقشايدۇ. شائىرنى ئۆزىچە تىللايدۇ. لىكىن كىشىلەرنىڭ ئىڭىنىڭ ئۈسىشىگە ئەگىشىپ بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. كىتاب ماۋزۇسى كىتابتىكى شئرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. مەن شئرغا چەك قويۇشنى، شئرىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلىمەن. بەزى كىشىلەر، ئىلگىركى شائىرلارنىڭ تۆت بۈرجەك شئرلىرىدىن ئۆز مىھرىنى ئۈزەلمەي، ھازىرقى ياش ئۈچىنجى ئەۋلات شائىرلارنىڭ شئرلىرىنى چۈشىنەلمەي قاقشايدۇ. ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى بولغىنىدەك، ئەدەبىياتنىڭمۇ تەرەققىياتى بولىدۇ. ھازىرقى گوڭگو شئرچىلىقى دەل ئەدەبىياتتىكى تەرەققىيات دىيىشكە بولىدۇ. ئەرەب خەلقى بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يىتىپ، ئەدەبىياتتىكى بۇ نەزەرىيىنى قۇبۇل قىلدى. مەن توپلاملىرىمغا ماۋزۇ قويۇشتا، كۆپىنچە ھاللاردا دوسلىرىمنىڭ مەسلىھەتىگە باقىمەن. ۋە ياكى نەشرىيات ئورگانلىرىغا ماۋزۇ تاللاپ بېسىش ھۇقۇقىنى بىرىمەن. قىلغانلىرىڭغا ئۆزرە ئېيىتما ئەي گۈزەل >» دېگەن ماۋزۇمۇ نەشرىيات ئورگانلىرىڭنىڭ تاللىشى ئىدى. يېقىندا نەشىردىن چىققان نىمە ئۈچۈن ئاتنى يالغۇز قالدۇردۇڭ >» دېگەن توپلاممۇ دەل شۇنداق بولدى.
    - مۇنبىرىمىز سىزنىڭ ئالتۇندەك ۋاقتىڭىزنى بىرىپ، بىز بىلەن ئەركىن ئازادە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ. سىزگە تىچلىق- ئامانلىق،ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز. سىزگە كۆپ رەھمەت
    مەھمۇد دەرۋىش: ئەرزىمەيدۇ.


    ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ.....



     

    \




    ﺋﯩﻼﯞﻩ:ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ(Mahmoud Darwish)
    2007-يىل ﯬﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ ﻣﺎﻛﯩﺪﻭﻧﯩﻴﻪ " ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﺠﯩﯫﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ" ﺳﻪﻧﯭﺕ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﻰ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ" ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺝ" (Golden Wreath)ﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 'ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺝ" ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ. ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 40 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﺑﻠﻮ ﻧﯧﺮﯗﺩﺍ، ﯪﻻﻥ ﺟﯧﻨﯩﺴﺒﺎﮒ، ﻻﻓﯧﺮ ﯪﻳﯩﺮﺑﻮﺕ، ﯪﺩﯗﻧﺎﺱ، ﻟﯘﻳﯜﻩﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
    ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺗﻘﻰ.

    ﯬﺯﯨﺰ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ:
    ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 30 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﻻﻓﯧﺮ ﯪﻳﯩﺮﺑﻮﺕ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺝ" ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺳﯜﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ، ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺯﯗﻣﺮﻩﺗﺘﻪﻙ ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﮔﻪ، ﯮﺗﻘﺎﺷﺘﻪﻙ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯜﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ ﯮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﯪﺩﻩﻡ. ﯰﻻﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻧﻬﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﺑﻪﻧﯩﺪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﯬﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺎﭘﻴﺎﺵ، ﯬﻣﻤﺎ ﯪﺭﺯﯗ-ﯪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﯞﻩﺟﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻳﯧﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﺸﯩﻐﺎ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﯬﻣﻤﺎ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻻﻳﺪﯗ...ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻧﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯰ ﻳﯩﭙﻪﻛﺘﻪﻙ ﻛﯜﭺ ﯞﻩ ﻫﻪﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﯩﻜﻨﻰ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻧﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﯴﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﻳﺎﯞﺍﻳﯩﻠﯩﻖ، ﯲﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ، ﻗﯩﺴﺎﺱ ﯞﻩ ﯰﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺷﺎﯞ-ﺷﯘﯞﻟﯘﻕ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﻻﻕ-ﻣﯩﯖﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺳﺎﺩﺍ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﻳﻪﻧﻰ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯪﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯧﯖﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﺎﻛﺎﻣﻤﯘﻟﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ. ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﯧﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﺧﯘﺩﯛﻙ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
    ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 30 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﻣﻪﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﯬﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﭘﻮﺭﻩﻛﻠﻪﭖ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻫﻪﻡ ﮔﯩﺮﯞﻩﻙ ﻫﺎﯕﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﻰ ﺩﻩﻝ ﺗﯜﺭﻟﯩﻚ ﯪﯞﺍﺯ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﺨﯩﻞ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﺘﻰ ﺩﻩﻝ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﯪﺩﯨﻤﯩﻴﻪﺕ ﺭﻭﻫﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ، ﺧﯩﻠﻤﯘ-ﺧﯩﻞ ﻫﻪﺯﺍﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯬﺭﻛﯩﻦ ﺳﻪﻳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺪﯗ...ﺑﯩﺰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﯩﻼ ﺑﻪﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻪﻛﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﯰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺯﺍﺭﻩﺕ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﯞﻩ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﻻﺭﻏﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﯲﺯﻟﯩﻚ ﯪﻻﻫﯩﻴﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﺎﺋﯩﺮ "ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ" ﯞﻩ "ﻛﯚﺯ ﯪﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﻟﻪﺕ"ﺗﯩﻦ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﻣﺎﻱ ﯲﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﯲﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﯨﺮﮔﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
    ﺑﯘ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﯪﻟﯩﻲ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯗﺭ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﯪﯞﺍﺯﯨﻤﻨﻰ ﺯﻭﻕ-ﺷﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﯖﺸﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ "ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺗﺎﺝ"ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ ﯰﺳﺘﺎﺯﻻﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﯻﺮﻻﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﯬﺳﻼ ﯮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ، ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﯬﺭﻩﭖ ﺷﯧﺌﺮﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻨﮕﻪ ﻫﻪﻡ ﯰﻧﯩﯔ ﯰﻟﯘﻗﯟﺍﺭ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﯰﻧﯩﯔ ﯬﺭﻛﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻞ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﯓ ﯪﯻﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﺕ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ...



     

    ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمگە ئىشەندىم


     

    \




    مەھمۇد دەرۋىش (1941 - 2008 پەلەستىن)  


    شەنبە كۈنى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمگە ئىشەندىم

    دېدىمكى: بىرنېمە دەپ ۋەسىيەت قالدۇرىشىم كېرەك

    ئەمما، دېگۈدەك بىرنېمە تاپالمىدىم

    دېدىمكى: ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن

    بىرەر دوستنى چاقىرىشىم كېرەك

    ئەمما، بىرەر كىشىنى تاپالمىدىم

    دېدىمكى: گۆرىمنى تولدۇرۇشقا يول ئېلىشىم كېرەك

    ئەمما، يولنى تاپالماي

    گۆرۈم مەندىن قۇرۇق قالدى

    دېدىمكى: سايىلەرنىڭ ئاخىرقى قۇرىنى يېزىشىم كېرەك

    ئەمما، ئۇندىن يېزىقنىڭ ئۈستىگە سۇ ئاقتى

    دېدىمكى: بۇندا ھەم شۇئان

    بىرنېمە قىلىشىم كېرەك

    ئەمما، ئۆلۈككە ياراشقۇدەك بىرەر ئىش - ھەرىكەت تاپالمىدىم

    ۋارقىرىدىمكى: بۇ ئۆلۈمنىڭ مەنىسى يوق

    سەزگۈ ئەزالىرىدا قالايمىقانچىلىق ھەم بىھۇدىچىلىك

    ئۆزۈمنىڭ تولۇق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمگە ئىشەنمەيمەن

    بەلكىم مەن يا ئۇنداق ئەمەس، يا بۇنداق

    بەلكىم مەن ھاياتلىقتىكى قىسقا تەتىلىنى ئۆتكۈزىۋاتقان

    پېنسىيىگە چىققان ئۆلۈكمەن







    شائىرنىڭ بۇ يىل نەشىر قىلىنغان ئاخىرقى شېئىرلار توپلىمى <كېپىنەك ئىزى>دىن ئېلىندى، دېمىسىمۇ شائىر 9 - ئاۋغۇست شەنبە كۈنى ئۆلۈپ كەتتى.

    جاللاتنىڭ مەھمۇد دەرۋىشكە پۇتكەن رىسالىسى



    \



    ئەي !ھەمراھىم دېڭىز سەندىن تولىمۇ يىراق تۇرسا دېڭىزدەك ئاۋاز ساڭا نەدىن كېلىدۇ .
                                    مەھمۇد دەرۋىش (سىرلىق ۋەقە )


    ئەي!!قاننىڭ ئىسمى
    بەش ئاتاردا يازغان خەتلىرىڭنىڭ بولۇشسىز پېئىللىرىنى ئوچۇرۋەتتىڭمۇ ؟!
    سىنا چۆلىنىڭ  ئېرۇسالېم قىنى بىلەن سوغۇرۇلغانلىغىنى كۆردۇڭمۇ ؟!
    دېرىزەڭنى ئاچساڭ قارلىغاچ ئۇۋىسىنى بۇزىۋىتىسەن
    يىراقتىكى قان كۆلچىكىدە يۇيىنىۋاتىسەن
    قاراڭغۇلۇقنى ئاچ!!
    تۇققانلىرىڭ خالىمايدۇ ،
    دېڭىز سىرتىدىكى قاننىڭ سۆزىنى .

    2008-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۇنى (يەكەن)

     

    \





    مېنى ئۆلۈك ھالدا ياخشى كۆرىشىدۇ

    مەھمۇد دەرۋىش


    بىزدىن چىققان ھەم بىزگە تەۋە ئىدى،
    دېيىش ئۈچۈن ئۇلار مېنى ئۆلۈك ھالدا ياخشى كۆرىشىدۇ.
    ئەينى قەدەملەرنى ئاڭلىدىم،
    يىگىرمە يىلدىن بۇيان كېچە تېمىنى چەكمەكتە.
    كېلىدۇ - يۇ، ئىشىكنى ئاچمايدۇ.
    بىراق، ئەمدى كىرمەكتە.
    ئۇندىن ئۈچەيلەن چىقماقتا: شائىر، قاتىل، ئوقۇرمەن.
    شاراب ئىچمەمسىلەر؟ سورىدىم، ئىچىمىز، دېيىشتى.
    قاچان ماڭا ئوق ئاتىسىلەر؟ سورىدىم.
    ئالدىرىما! جاۋاب بېرىشتى.
    رومكىلارنى تىكلىشىپ، خەلقنى كۈيلەشكە باشلىدى.
    ماڭا قەست قىلىشنى قاچان باشلايسىلەر؟ سورىدىم.
    باشلىۋەتتۇق... نېمە دەپ روھقا ئاياق ئەۋەتتىڭ؟ دېيىشتى.
    يەر ئۈستىدە ماڭسۇن دەپ، دېدىم.
    يەر قاپقارا تۇرسا، نېمە دەپ ئاپئاق شېئىرنى يازدىڭ؟ دېيىشتى.
    چۈنكى يۈرىكىمگە ئوتتۇز دېڭىز قۇيىلىدۇ، جاۋاب بەردىم.
    نېمە ئۈچۈن فرانسىيە شارابىنى ياقتۇرىسەن؟ دېيىشتى.
    چۈنكى ئەڭ گۈزەل ئايالغا ھەقلىقمەن، دېدىم.
    قانداق ئۆلۈشنى خالايسەن؟
    تورۇستىن ئېقىۋاتقان يۇلتۇزلاردەك كۆك ھالدا...
    شارابتىن يەنە ئىچەمسىلەر؟
    ئىچىمىز، دېيىشتى.
    شېئىر يېزىشىم ئۈچۈن
    ئاستاراق بولىشىڭلارنى
    مېنى بىرئازدىن - بىرئازدىن ئۆلتۈرىشىڭلارنى
    سورايمەن، دېدىم.

    شائىرنىڭ <ئاز - تولا گۈل> (1986 - يىل) ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
     

     

     

    \





     

    ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪ!


    ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ
    (ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ)

    ﺗﯩﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺳﺎﮬﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺑﻠﯩﺪﯗ ﻧﯧﺮﻭﺩﺍ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ
    ﻳﺎﺯﯨﺲ ﺭﯨﺘﯘﺳﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ
    ﺋﺎﺳﯩﻴﻨﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ
    ﻳﯘﺭﯗﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﯘﻻﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻛﻰ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺭﯨﺘﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ
    " ﺋﺎﮬ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ
    ﺋﻪﻱ ﺋﻮﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ
    ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ
    ﭼﯘﻗﯘﻡ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ"
    ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﺋﯘ ﻣﯩﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺑﻪﻟﮕﯘﺳﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ
    ﺋﯘ "ﺑﯘ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ "ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ
    ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﻩﻣﻨﻰ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﺪﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﺩﻩﻙ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ
    ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ
    ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﻣﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯧﻐﻨﯩﺸﻤﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻕ
    ﺋﻪﺗﯩﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﯘﻕ،
    ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﻨﺎ ﺑﻪﻙ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﺋﯩﺪﻯ!
    ﻳﻪﺑﯘﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﻮﭖ ﺳﻮﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯘﺗﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ
    ﮔﯩﻨﺮﺍﻝ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮬ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺵ،ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻏﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﺪﻩﻙ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻐﻼﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﻘﺎﯞﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﻳﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ "ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺩﯗﺷﻤﯩﻨﯩﻢ ﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ ...... ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻜﯩﻢ ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﺗﺎﻧﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﻣﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﻤﯘﺩﯗﯓ "ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ
    ﺭﯨﺘﯘﺱ ﺋﺎﺳﯩﻴﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺷﺎﻣﺎﻟﻠﯩﺮﺩﺍ ﺋﯩﺴﺒﺎﺭﺗﻪ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﯨﺪﻯ
    ﺋﺎﮬ
    ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ
    ﺋﻪﻱ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﻗﻪﺳﯩﻴﺪﯨﺪﻩ ﺷﺌﯩﺮ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺗﯘﻧﯘﮔﯘﻥ-ﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻛﻪﯞﺭﯗﻙ ﺑﺎﺭ،
    ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﺴﯘﻟﯘﮔﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﺷﯘﭖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ،،،،،،،،،،
    ﻣﻪﻥ ﺷﺌﯩﺮ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ؟ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺌﯩﺮﭼﯘ ؟!
    ﺩﻩﭖ ﺳﯘﺭﺩﯗﻡ
    ﺋﯘ ﺷﺌﯩﺮ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪ
    ﺋﻪﻱ ﮬﻪﻣﺮﺍﻳﯩﻢ ﺷﺌﯩﺮ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯧﯩﻐﻨﯩﺶ ﺷﺌﯩﺮ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ،ﺗﻪﻟﯟﯨﻨﻰ ﺷﻪﻳﺌﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﺷﺌﯩﺮ ﺋﯘﻣﯘﻣﻰ ﮔﯘﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺟﻪﺗﻠﯩﺮﻣﯩﺰﻧﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺩﯨﺪﻯ
    ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﻨﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﺪﻩ ﺩﯦﯩﯖﯩﺰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ
    ﭼﻮﯕﻼﺭ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ
    ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯘﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯘﭼﻰ ﻗﯧﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯩﺮﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻧﻤﯘ ،ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻤﯘ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ!
    ﺋﻮﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﮔﺰﯨﺴﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺟﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ
    ﺋﻮﻳﺪﻩ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺧﺘﯩﻼﺭ ﺳﯘ ﻗﻪﺳﯩﻴﺪﯨﻠﯩﺮﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ
    ﺋﻮﻳﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﯘﻧﯩﺪﺍ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﺳﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ
    ﺋﯘ ﺷﺌﯩﺮ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﯘﭼﻼﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﺗﺎﺵ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﺪﻯ
    ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻱ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﯩﻢ ﺩﯨﯖﯩﺰ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﻟﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺩﯦﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ؟ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺩﯗﻡ
    ﺋﯘ " ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﺴﻪﻣﻤﯘ " ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻣﻪﻥ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﺎﻡ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﺷﻤﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﯗﻡ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ
    ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﭘﺘﯩﯔ ؟ﺩﻩﭖ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ
    ﺋﯘ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﮔﯘﺩﻩﻙ ﺑﺎﻻ ﮬﻪﻡ ﻗﯧﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﻪﻥ
    ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﮔﯘﺩﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻢ ﻗﯧﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﻨﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﮔﯩﺘﯩﺪﯗ
    ﻗﯧﺮﻟﯩﻘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ-ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﮔﯩﺘﯩﺪﯗ
    ﺗﯘﺭﻣﺎﻡ ﺗﺎﺭﻟﯩﺸﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﭼﯧﭽﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﻤﻪﻥ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯘﭘﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ ﻛﯩﭽﻪ ﻳﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ - ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ
    ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﯖﺪﯨﻦ
    ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯘﻳﯘﺷﻜﻪ ﺋﯘﺯﻩﻣﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ
    ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﯨﯖﯩﺰ ﺑﯘﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﺪﻩ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻧﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﮔﻪﻧﺪﯨﻢ ﺩﯨﺪﯨﻢ
    ﺋﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﺳﯘﻧﯩﯟﯦﺘﯩﭗ
    ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﯞﺩﯨﺴﯩﯖﻼﺭ ﺗﯩﭻ -ﺋﺎﻣﺎﻥ ﭘﺎﺕ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯨﺪﻯ
    ﺗﯩﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﺪﻛﻰ
    ﭘﺎﺑﻠﻮ ﻧﯩﺮﯗﺩﺍ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﺪﺍ ﻳﺎﻧﯩﺲ ﺭﯨﺘﯘﺳﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻢ
    ﺋﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﺯﻯ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺗﯘﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﯘﭼﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯧﺘﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ
    ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﭘﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯘﻟﯘﻙ ﺑﯘﻟﺴﯘﻥ !
    ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ ،

    ﯬﺭﻩﺑﭽﯩﺪﯨﻦ ﯰﻳﺴﯘﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺴﻰ

     

    \



     

    خەرىتىدىن ئۆچۇرۇلگەن پويىز بىكىتىدە





    مەھمۇد دەرۋىيش


    )ئەرەبلەرنىڭ بىرىنجى قاتىملىق ئورتا شەرق ئۇرۇشىداكى مەغلۇبىيەتىنىڭ 60 يىللىق خاتىرەسىگە باغىشلانغان(


    ئۆت ـ چۆپ، قۇرغاق ھاۋا، تىكەن، كاكتۇس گۈللەرى بىلەن قاپلانغان تۆمۈر يول
    بۇ يەردە بىر نەرسەنىڭ شەكلى
    شەكىلسىز  بىمەئنالىق ئىچىدە چايناماقتا ئۆز سايەسىنى .
    بۇنداكى يوقلۇق بارلىق دېمەك دۇر!
    ئۆز قارشىسى بىلەن گىرەلەشكەن
    ئىككى ياۋا كەپتەر  ئەگىمەكتە
    پويىز بېكەتى قاشىداكى تاشلاندۇق ئۆينىڭ ئۆگزەسىنى
    بېكەت يەرنىڭ تەنىگە سىڭىپ كەتكەن مەڭگە ئوخشاپ قالغاندى.
    بۇ يەردە يەنە زىلۋا ئىككى تۈپ چىنار دەرەختى _
      ئىككى ئۇزۇن يىڭنە بولۇپ، كۆكۈش سارىق بۇلۇتقا  كەشتە تىكەردى.
    بۇندا بىر سەياھەتچى ئەيالنىڭ كۆزىگە مۇنداق ئىككى كۆرۈنۈش كېلەردى:
    بىرىنجىسى: قۇياش - دېڭىز كارۋاتىدا سوزۇلۇپ ياتقان.
    ئىككىنجىسى: ئورۇندۇق- ئۈستىگە سەفەرچى خالتاسى قويۇلماغان
    (ئىككى يۈزلەمەچى سەماۋىي ئالتۇن ئۆز قاتتىقلىقىدىن بىزار بولماقتا)

    پويىز بېكەتىدە توختادىم.. پويىزنى كۈتكەندىن ئەمەس
    شۇنداقلا يىراقداكى ئاللا قانداق نەرسەلەرنىڭ گۈزەللىكلەرىگە يوشۇرۇنغان
    تۇيغۇلارىمنى كۈتكەندىنمۇ ئەمەس.
    بەلكى دېڭىزنىڭ قانداق ساراڭ بولىدىغانلىقى، يەرنىڭ قانداق قىلىپ
    كاھىش تاملىق ئۆيلەردەك چاقىلادۇرغانلىقىنى، قاچان تۇغۇلۇشۇم، نەدە ياشاشىم،
    قۇشلارنىڭ جەنۇب، شىمالغا قانداق كۆچەدۇرغانلىقى دېگەنلەرنى بىلمەك ئۈچۈن، بەس
    مېنىڭ قالدۇقۇم ھەلىمۇ بىر  يەڭگىلتەك خەيالفەرەستنىڭ
    ئەمەلىي چاتاقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىگە يېتەرلىكمۇ؟
    مېنىڭ كىيىكىم ھەلىمۇ بوغازمۇ؟
    (بىزنىڭ چوڭلۇقىمىز. بىزنىڭ چوڭلۇقىمىز قانچەلىك؟ تاخى ئۇزۇندۇر ئاسماننىڭ يولى)
    پويىز شام ئېلىدىن تارتىپ مىسىرغا قەدەر ئامانەت قويۇلغان زەھەرلىك يىلاندەك سويلاپ، كېتىپ بارماقتا.
    ئۇنىڭ گۈدۈكى باسىپ تۈشەر بۆرەلەرنىڭ ئىشتىھا بىلەن قاساشلارىدىن خېقىراۋاتقان ئەچكۈنىڭ ئاۋازىنى.
    ئۇ خۇددى بۆرەلەرنى بىزگە سادىق قىلىپ تەربىيەلەيدۇغان ئەفسانەۋىي ۋەقت ئىدى.
    پويىز تۇرخۇنىدىن كۆتۈرۈلگەن تۈتۈنلەر
    خۇددى ئورماندەك، چوقچايىپ تۇرغان قىشلاقلاردا ياندۇرۇلغان ئوتلاردىنمۇ ئېگىز كۆتۈرۈلەردى.
    (ياشاش ئىسبات كەتمەس ھەقىقەتتۇر. ئۆيلەرىمىزنىڭ ئىشىكلەرى كۆڭلىمىزگە ئوخشاشلا ئاچىق تۇرار)
    بىز ياخشى، ساددا كىشىلەر ئىدۇق. خەرىتەنىڭ ئورتاسى
    ھىچ قانداق بىر تاشقى كەسەللىككە گېرىپتار بولماغان .
    بىزنى ھىچ نەرسەدىن قىسماس ئىدى ئاسمان.
    بىز ئاسمان بىلەن فەقەت  ناماز پەيتىدە، قەدر كىچەلەرىدەلا
      ئانچە- مۇنچە ئورتاق تىلدا سۆزلەشەر ئىدۇق.
    بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بىز بىلەن كىچەچە مۇڭداشىپ چىقار، بىز بىرگە ياشايمىز.
    بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز  كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرار:
    سىزلەر ماڭا  مۇھتاج بولغان ھامان قايتىپ كېلۇرمەن، دەپ
    بىز يوۋاش، كەڭ قورساق ئادەملەر ئىدۇق.
    ئەرتەنىڭ، ئۆزىدىن قاچىپ يۈرگەن ئۆتمۈشنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بارىپ
    ئۇنى بۇلاپ كېتىشىنى خاھلاماس ئىدۇق.

    (بىزنىڭ زامانىمىز بۇغداي، قاپاقلارنى بىر دەمدە يېتىشتۈرەر، جىلغالارنى ئۇسسۇلغا سالار بولۇپ كەتتى.)


    مەن گۇگۇم پەيتىدە پويىز بېكەتىدە توختادىم. بۇ يەردە ھېلىمۇ ئىككى ئايال
    بىر ئايالدا ئۆ ز يوتالارىنى  چىقىن بىلەن چاقناتىۋاتامدۇر؟
    ئىككى دۈشمەن، ئىككى چۆچەك، ئىككى قەدىناس، ئىككى قوشكىزەك  شامال ئۈستىدە.
    بىرى ماڭا ئەركىلەر، ئىككىنجسى مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولار.
    تۆكۈلگەن قان بىر قىلىچنى سۇندۇرۇۋەتتىمۇ؟
    مېنى: مېنىڭ تۈنجى ئىلاھەم مېنىڭ يانىمدامۇ؟ دېسۇن، دەپ

    (مەن ئۆز رېئاللىقىمنى يالغانغا چىقارىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئەسكى* كۈيلەرىگە ئىشەندىم)
    پويىز مەزبۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قۇرۇقلۇق كىمەسى ئىدى.
    بىز ھەر قاچان
    ئاقىبەتى بىلەن ھېسابلاشمايدۇرغان ئويۇننى ساغىنساقلا، پويىز بىزنى
    ھەقىيقىي خەيال شەھەرلەرىگە ئالىب باراردى.
    پويىزنىڭ دەرىزەلەرى ئاددىي بىر ئادەمدەكى بىر سىھرگەرنىڭ ئىشىنى قىلار.
    يۈگۈرمەكتە با رلىق نەرسەلەر، لىمون پۇراقلارى، ھاۋا، بىزنىڭ ئارقامىز   يۈگۈرمەكتە
    يۈگۈرمەكتە دولقۇنلار، راۋاق_ مەنارلار، دەل- دەرەختلەر،
    ساغىنچ بىر خىرە يىراقلىققا قاراپ يۈگۈرمەكتە،
    يۈگۈرمەكتە يۈرەككە قەدەر.
    (بارلىق نەرسەلەر ھەر خىل ھەمدە تونۇشلۇق)

    مەن پويىز بېكەتىدە توختادىم. مەن بۇ يەردەكى ۋەقت قاراۋۇلىنىڭ ياتاقىغا ئوخشاش  تاشلاندۇق بىر نەرسە ئىدىم. مەن بىر بۇلاڭ- تالاڭغا ئۇچراغۇچى ئىدىم
    ئۆز بايلىقلارىغا كۆز تېكىپ تۇرۇپ: ئاشۇ ئاڭ- ئەقل، ئاشۇ بايلىق چىندىن مېنىڭمۇ؟
    مۇشۇ نەمخۇش سۆسۈن رەڭ، شەبنەم مېنىڭمۇ؟
    مەن كېپىنەككە بىر كۈنلەردە جىلۋەدارلىق، باتۇرلۇقتا  شاگىرت بولۇپ ،
    يەنە بىر كۈنلەردە ئىستىئارەدە سەبەقداش بولغانمۇ؟
    مەن بىر كۈنلەر دە مېنىڭ بولغانمۇ؟ مېنىڭ خاتىرەم ساقسىزلانىپ،
    ئىسسىتماغا گىرىپتار بولغانمۇدۇر؟ دەپ سوراۋاتقان.
    (مەن تاش ئۈستىدە ئىزىمنى كۆرۈپ ئۇنى مېنىڭ ئايىم، دەپ ئويلادىم ۋە تۇرغان يەرىمدەلا  شېئىر ئوقۇپ كەتتىم)
    يەنە بىر خارابەلىك، مەن پويىز بېكەتىدە توختاغانداكى ئەسلەمەلەرىمنىڭ بارىنى  بەرباد قىلدىم .
    مەن بۇ ئوت- چۆپنى ياقتۇرماسمەن.
    سىماپسىمان ماكانغا ئۇنتۇش تەرجىمەھالى يازىۋاتقان بۇ ئۇنتۇلغان خازاننى ياقتۇرماسمەن.
    بۇ ياراماس ئۈمىدسىزنى ياقتۇرماسمەن. پەيغەمبەرلەر قەبرەلەرىگە ئۈنگەن مايچېچەكلەرنى ياقتۇرماسمەن.
    ئۆزۈمنىڭ شەكلەن قۇتۇلۇشىمنى ياقتۇرماسمەن.
    ئەگەر ئىسكىرىپكا مەندىن، مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئەكس ساداسى بولۇشۇمنى كۈتسە،
    مېنىڭ ئاياغلاشىشىم باشلانىشىمنىڭ بايانى بولىشى ئۈچۈن ئۆز ھەياتىمغا قايتىشتىن باشقا ئىشنى ياقتۇرماسمەن
    (بۇ يەردە زامان قوڭغۇراق ئاۋازىدەك سۇنۇپ كەتتى)
    مەن ئاتمىشىنجى يارامدا توختادىم. بىر پويىز بېكەتىدە. پويىز ساقلاپ ئەمەس،
    جەنۇبدىن سەنابىل*غا قايتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئالقىش سادالارىنى كۈتۈپمۇ ئەمەس.
    بەلكى مېنىڭ خەرىتەم تارىخىداكى زەيتۇن ۋە لىمۇن قىرغاقىنى ساقلاش ئۈچۈن.
    مۇشۇلارنىڭ ھەممەسى يوقۇلۇش ئۈچۈنمۇ؟
    يوقلۇق ئۇۋاقلارىدىن ماڭا نىمە قالۇر؟
    كۆلەڭگەم  يانىمدىن ئۆتۈپلا  كۆزدىن غايىب بولدىمۇ؟
    مەن ئۇندىن شۇنداق سوردۇم: بىر ياقا يۇرتلۇق بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەگەن
    ۋ ە سالام بەرگەن ھەر بىر دەمدە ئۇنگە ئاتاپ كىيىك سويدۇقمۇ؟
    (ماڭا ئەكس سادا  قارىغاي مېۋەسىدەك، تېگەدۇر)
    گۇمانىمدىن باشقا مېنى ئۆزۈمگە باشلاپ بارغۇدەك ھىچ نەرسە يوق
    ئىككى سەرگەردان ياۋا كەپتەر ئىككى مۈرەمگە سۈرگۈنلۈك خەتلەرىدىن تۇخۇم  تۇغدى.
    كىيىن ئۇلار بىر  گىرىمسەن ئېگىزلىككە ئۇچۇپ كەتتى.
    سەن بىر ساياھەتچى ئەيال بولۇپ كېلىپ مەندىن سورايسەن
    ساڭا ھەقىقەتنى ھۆرمەتلەشنىڭ قانداق بولادۇرغانلىقىنى كۆرسەتىپ قويايمۇ؟
    مەن دېدىم: نېمەدۇر مەئنا دېگەن ؟
    ئۇ  دېدى: ساڭا تەبىئەتنىڭ قانداق كىڭىيىدۇرغانلىقىنى دەپ بېرەيمۇ؟
    مېن دېدىم:  بولادۇر، قانداق قىلساڭ بولادۇر
    بىر ئاخشام قارىغۇ بولغىل،  مېنى تاشلاپ كەت. ئۆلۈمۈم بىلەن، ئۆزۈم بىلەن قالايمەن.

    (ھەقىقەتنىڭ بۇ يەردە بىر  بىردىنبىر يۈزى بار. شۇڭا مەن شېئر ئەيتماقچىمەن)
    سەن سەندۇر سەن، گەرچە زىيان تارتساڭمۇ
    مەن بىلەن سەن ئىككى ئادەم ئىدۇق ئۆتمۈشتە، ئەتە بىر بولۇرمىز
    پويىز ئۆتۈپ كەتتى. بىز ئىككىمىز ئويغاق ئېمەستۇق
    تۇر ئورنۇڭدىن ئۈمىدۋار، تولۇق.
    بۇ يەرد ە ئۆزۈڭدىن باشقا ھىچكىمنى كۈتمە!
    مانا، ساھىل يولى يارىملاشقان مۇشۇ يەردە پويىز خەرىتەدىن يىتكەن.
    خەرىتەنىڭ ئورتاسىغا ئوت كەتكەن، كىيىن بۇ ئوتنى قىش ئۆچۈرگەن.. ھالبۇكى ئۇ ئىدى كىچىككەن .
    بىز قانچەلىك چوڭ، بىز قانچەلىك چوڭ؟ تۈنجى ئاسمانىمىزغا قايتشتىن بۇرۇن
    (مەن مېنى كۆزىتىش مەنارەسىدەكى دۇربۇندىن كۆرەدۇرغان ئادەمگە: مەن سېنى كۆرمەدىم، سېنى كۆرمەدىم، دەيمەن)

    مەن بۇ يەرنىڭ ھەممە تەرەفتىن مېنى ئوراپ ئالغانلىقىنى كۆرمەكتەمەن.
    مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئەئزاسى، ئىسىملارىنى كۆرمەكتەمەن. مەن خورما دەرەختىنىڭ مېنىڭ تىلىمدىن
    ئەرەب ئورتاق تىلىغا  كىرىپ قالغان خەتالىقلەرنى تۈزەتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتەمەن.
    مەن بانان گۈللەرىنىڭ مېنىڭ كۈيلەرىمنى تۇيۇقسىز خوشلۇققا كۆندۈرۈشتەكى ئادەتلەرىنى كۆرمەكتەمەن.
    مەن ئۆز ئىزىمنى كۆرۈپ ئاڭا ئەرگەشتىم.
    مەن سايەمنى كۆرۈپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ ئالدىم جىلغادىن
    بالاسىدىن ئايرىلىپ قالغان  كەنئان*لىق ئايالنىڭ چاچ قىسقۇچى بىلەن.
    مەن تۆپەلىكلەرنىڭ  مەڭگۈلۈكىدەكى بىر پۈتۈن، توپتولۇق گۈزەللىكتىن ئاقىپ چىقىۋاتقان
    كۆزگە كۆرۈنمەس تارتىش كۈچىنى كۆرمەكتەمەن.
    بىراق ئوۋچىلارىمنى كۆرمەدىم.
    (مەن ئۆز ئۆزۈمگە مىھمان بولدۇم)
    بۇ يەردە ئۆلۈكلەر ئۆز قەبرەلەرەى ئەترافىدا گۇلخان ياقادۇر
    بۇ يەردە تىرىكلەر ئۆز مىھمانلارىغا كەچلىك غىزا تەييارلايدۇر
    بۇ يەردە ئۇرۇش زەربەلەرىگە ساختا چۈشەنچلەرنى بېرىش ئۈچۈن سۆزلەر يېتەرلىك.
    بۇ  يەر  ھەر قاچان غەمگە پاتسا، بىر كۈمۈشرەڭ ئاي ئۇنى يورۇتۇپ، كېڭەيتەدۇر.
    مەن ئۆز ئۆزۈمگە مېھمانمەن، بۇ مېھمانلىقتىن ئوڭايسىزلانۇرمەن ھەم خوش بولۇرمەن
    مەن توساتتىن سۆز بىلەن پارلاماقتامەن، سۆزلەر قۇرۇماس كۆز ياشلارى بىلەن پارلايدۇر
    ئۆلۈكلەر تىرىكلەر بىلەن بىرگە مەڭگۈلۈكنىڭ يالپۇز چايىنى ئىچىشۇر
    قىيامەت توغراسىدا سۆزلەشمەي ئۇزۇن.

    (بۇ يەردە پويىز يوق. پويىز كۈتۈۋاتقان بىراۋمۇ يوق)
    بىزنىڭ يۇرتىمىز خەرىتەنىڭ قاق ئورتاسىدا ئىدى
    خەرىتەنىڭ ئورتاسى تۆمۈر- تەسەك بازارىداكى تەڭگە پۇلدەك تېشىۋاتىلگەن  
    شام ئېلىدىن  مىسىرغاچە بولغان يەرلەردەكى يولاۋچىلارنىڭ ئاخىرقى بىرى
    كەلگۈندىلەرنىڭ كۈتكەنى بويىچە، ئوۋچىنىڭ قوشۇمچە ئىش ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئارقاغا قايتمايدۇر.
    ئۇ ئارقاغا قايتمايدۇر، ئۆلۈم ۋە ياشام گۇۋاھنامەسىنىمۇ  ئالىۋالماغان ئۆزى بىلەن
    قىيامەت ئىلمىگە پىششىق موللالار ئۆزىنىڭ فىردەس جەننەتىدەكى ئورنىنىڭ نەدەلىكىنى دەپ بېرەدۇر، دېگەن ئوي بىلەن.
    بىز بايراق ۋە ئاتلارغا ئىشەنگەن، بۈركۈت قاناتلارىنىڭ بىزنى يۈكسەكلەرگە ئالىپ چىقادۇرغانلىقىغا ئىشەنگەن چاغدا
    كۆپ قاتىم پەرىشتەلەرگە، ئەھمەقلەرگە ئايلاندۇق.
    (مېنىڭ ئاسمانىم بىر ئىدىيەدىن ئىبارەت. زېمىن مېنىڭ ئارزۇلۇق سۈرگۈنگاھىمدۇر)
    يېغىپ ئەيتقاندا: مەن گۇمانىمدىن ئۆزگە ھىچ نەرسەگە ئىشەنمەيمەن.
    پاكىتلار توغراسىدىن سۆھبەت قۇرۇش مۇمكىن ئېمەس
    پەيلاسۇفلارنىڭ، ئالەمنىڭ يارالىشى توغراسىداكى  تۈشەندۈرۈكلەرى قىسقا گەپ بىلەن تۈگۈمەس
    دۇنيا قاراشىم مېنى سەرسانلىققا مەھكۇم قىلادۇرغان چاتاقلاردىن خالى ئېمەس
    مېنىڭ مەڭگۈلۈك يارامنى سوتلايدۇرغان سوت كوللېگىيەسىدە بىرمۇ بىتەرەف سودچى يوق.
    ھەقىقەتنى تاپىشتىن چارچاغان سوتچىلار ماڭا شۇنداق دېيىشەر:
    بارى بىر يول ئۈستىدە ھادىسە دېگەن يۈز بېرىپ تۇرادۇرغۇ
    پويىز خەرىتەدىن يىتتى ۋە ئۆتمۈشنىڭ چوغىدا كۆيۈپ كەتتى. بۇ، ھىچ يەردە ئىشغالىيەت ئېمەسقۇ  `
    بىراق دېدىم مەن
    بارى بىر
    ئۆز گۇمانىمدىن باشقا ھىچ نەرسەگە ئىشەنمەيمەن




    ئىيزاھ:
    شام ئېلى*:ئورتا دېڭىزنىڭ شەرقىي ساھىلىداكى، شەرقتە فۇرات دەرياسىنىڭ شەرقىدەكى سۈرىيە يارىم ئارالىغاچە، شىمالدارۇم ئېلى (بۈگۈنكى تۈركىيە)ۋە مىسىرغاچە، جەنۇبدا ئەرەب يارىم ئارالىغاچە سوزۇلغان جايلارنىڭ بۇرۇندىن كەلگەن ئورتاق نامى. ھازىرقى ئىشلەتىم(ئىستىئمال)دا كۆپرەك سۈرىيە، لۇبنان، ئوردۇنىييەلەرنى يەنە تۈركىيەنىڭ بىر بۆلەكىنى كۆرسەتەدۇر.
    ئەسكى*: بۇ يەردە بۇ سۆز ئۆزىنىڭ تۈپلۈك(ئەسلىي) ۋە توغرا مەئناسى بولمىش«قەدىم، قەدىمىي، قەدىمكى»، «كوھنا»، «بۇرۇنلۇق» مەئنالارىدا كەلگەن.
    كەنئان*: ئورتا دېڭىزنىڭ، فەلەستىن، لۇبنان، سۇرىيە قاتارلىق جايلارنى تەشكىل قىلغان شەرقىي ساھىلىنىڭ قەدىمكى بىر پۈتۈن نامى.
    سەنابىل*: بۇگۇنكى ئەممان(ئوممان) سۇلتانلىغىداكى بىر كەنتنىڭ نامى.

     

     

     

     

     

     


     

    \





     

    بىر ياش شائىرغا




    مەھمۇد دەرۋىش
    (1941 - 2008، پەلەستىن)


    خۇلاسىلىرىمىزغا ئىشەنمە، ئۇنۇتقىن ئۇنى
    ئۆزۈڭنىڭ سۆزىدىن باشلا
    گويا سەن تۇنجى بولۇپ شېئىر يازغاندەك
    ياكى ئاخىرقى شائىردەك!
    بىزنى سەن خاھىشلىرىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەس
    بەلكى كۈلپەت كىتابىدىكى خاتالىقلىرىمىزنى تۈزەش ئۈچۈن ئوقۇ
    بىراۋدىن: مەن كىم؟ دەپ سورىما
    سەن ئاناڭنى بىلىسەن...
    ئاتاڭ بولسا... ئۆزۈڭ!
    ھەقىقەت ئاقتۇر، ئاڭا قاغىنىڭ سىياھى بىلەن ياز
    ھەقىقەت ھەم قارىدۇر، ئاڭا ئالۋۇننىڭ يورۇقلۇقى بىلەن ياز!
    بۈركۈت بىلەن ئېلىشماقچى بولساڭ
    ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرۋاز قىل
    بىرەر قىزغا كۆيۈپ قالساڭ
    ئۆلۈپ قېلىشنى ئىستىگەن، قىز ئەمەس، ئۆزۈڭ بول
    ھاياتلىق ئەڭ ئاز نەرسە _ ھاياتلىقتۇر
    بىراق، ھېسسىياتنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن
    بىز بۇ ھەقتە ئويلانمايمىز
    ئەگەر سەن بىر تال گۈلگە قاراپ ئۇزاق خىيال سۈرسەڭ
    سېنى بوران قوزغىتالمىسۇن!
    سەن ماڭا ئوخشايسەن، ئەمما مېنىڭ ھاڭىم ئېنىق
    سېنىڭ بولسا سىرى تۈگىمەس يوللىرىڭ بار بىر ئىگىزلەپ بىر پەسلەيدىغان!
    بالىلىقنىڭ تۈگىشىنى ماھارەتنىڭ يېتىلىشى دەپ ئاتىشىمىز مۇمكىن
    ياكى، ھېكمەت، دەپ
    شۇبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەتتۇر
    شۇغىنىسى، ئۇ _ سوغۇق لېرىكىسىزلىق ھېكمىتى
    دەرەخنى كەيگەن بىر تال قۇشقاچ
    قولۇڭدىكى مىڭ تال يالىڭاچ قۇشقاچتىن ئەۋزەل!
    مۇشەققەتلىك زاماندىكى بىر پارچە شېئىر _
    قەبرىستاندىكى گۈزەل گۈل-چېچەك!
    ئۈلگە دېگەن قول يەتكۈسىز بىر نەرسە
    شۇڭا، سەن، ئەكس سادانىڭ چېگرىلىرى كەينىدە،  ھەم ئۆزۈڭ بول ھەم ئۆزگە
    قىزغىنلىقنىڭ تۈگەش ۋاقتى شۇنچە ئۇزاق
    قىزغىن بولغىن
    توغرا يولنى تېپىشتىن بۇرۇن يۈرىكىڭگە قىزغىن بول
    سۆيگىنىڭگە: سەن مەندۇرسەن
    مەن سەندۇرمەن، دېمە
    ئۇنىڭ ئەكسىچە: بىز بىر سەرسان بۇلۇت ئۈستىدىكى ئىككى مېھمان، دە
    چەتنە، قائىدىدىن كۈچىڭنىڭ بېرىچە چەتنە
    بىر تال سۆزنىڭ ئۈستىگە ئىككى تال يۇلتۇز قويما
    ھەمدە ئۆرلەۋاتقان سەرخۇشلۇقنىڭ پەللىگە يېتىشى ئۈچۈن
    جەۋھەرسىمان بىلەن شاكالسىماننى بىر يەرگە قوي
    تەلىماتلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنمە
    پەقەت كارۋان ئىزىغىلا ئىشەن
    خۇلاسە دېگەن خۇددى شائىرنىڭ قەلبىدىكى ئوقتەك
    قاتىل ھېكمەتتۇر
    ئەگەر غەزەبلەنسەڭ، بۇقىدەك كۈچتۈڭگۈر بول
    ئاشىق بولساڭ، بادام بىخىدەك ناتىۋان بول
    ھەمدە ھېچنېمە بول، ھېچنېمە
    ئېتىك ھۇجرىدا ئۆزۈڭ بىلەن مۇڭداشقاندا
    يول ئىمرۇئۇلقەيس*نىڭ كېچىسىدەك ئۇزۇن:
    تۈزلەڭلىك ۋە تۆپىلىكلەر، دەريا ۋە ئويمانلىقلار
    چۈشىڭگە تۇشلۇق ماڭىسەن
    ساڭا گۈل ئەگىشىدۇ ياكى دار
    سەن ئۈچۈن مەجبۇرىيەتلەردىن ئەنسىرىمەيمەن
    سەن ئۈچۈن، بالىلىرىنىڭ قەبرىلىرى ئۈستىدە ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئاياللاردىن ئەنسىرەيمەن
    سەن ئۈچۈن، ناخشىچى ئاياللارنىڭ كىندىكلىرىدىكى يوشۇرۇن ئاپپاراتلاردىن ئەنسىرەيمەن
    باشقىلاردىن ھەم مەندىنمۇ يىراقلاشساڭ
    ئۈمىدىمنى ئاقلىغان بولىسەن:
    ماڭا ئوخشىمايدىغىنى ئەڭ گۈزەلدۇر
    ھازىردىن ئېتىبارەن سېنىڭ بىردىنبىر ھامىيىڭ: ئەھمىيەت بېرىلمىگەن كېلەچەكتۇر
    سەن، شاملارنىڭ ياشلىرىدەك قايغۇلۇق ئېرىۋېتىپ
    سېنى كۆرگۈچىنى
    تۇيغۇڭنىڭ يورۇقىدا ماڭغۇچىنى ئويلىما
    ئۆزۈڭنى ئويلا: ھەممىسى مۇشۇمۇ؟
    شېئىر كەمتۈك... ئۇنى كېپىنەكلەر تولۇقلايدۇ
    سۆيگۈ توغرىسىدا نە نەسىھەت بولسۇن، ئۇ دېگەن سەرگۈزەشت
    شېئىر توغرىسىدا نە نەسىھەت بولسۇن، ئۇ دېگەن تالانت
    ئاخىرىدا: ساڭا سالام!



    * 6-ئەسىردە ئۆتكەن ئەرەب شائىرى.


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.