ئىرانلىق شائىرە فۇروغ فەرەخ زاد شېئىرلىرى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-10 05:09:56

ئىرانلىق شائىرە فۇروغ فەرەخ زاد شېئىرلىرىئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى شائىرە فۇروغ فەرەخ زاد 1935 - يىل تېھراندا تۇغۇلغان.17 يېشىدا، ئىرانلىق ھەجۋىي رەسسام پەرۋىز شابۇر بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇنىڭد...

    ئىرانلىق شائىرە فۇروغ فەرەخ زاد شېئىرلىرى
    ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى

     

     


    شائىرە فۇروغ فەرەخ زاد 1935 - يىل تېھراندا تۇغۇلغان.
    17 يېشىدا، ئىرانلىق ھەجۋىي رەسسام پەرۋىز شابۇر بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن يالغۇز ئوغلى كاميارنى تۇغقان.
    ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىرانلىق مەشھۇر يازغۇچى ئىبراھىم گۈلىستانىي بىلەن ئۆمۈرلۈك سىرداشلاردىن بولۇپ ئۆتكەن.
    تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <ئىسكەنجىگە ئېلىنغۇچى> ئىدى. ئاندىن، <تام>، <ئىسيان>، <قايتا تۇغۇلۇش> قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ئېلان قىلدۇرغان.
    شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىرگە، يەنە، سېنارىيە يېزىش، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش، فىلىمدە رول ئېلىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىشتىراك قىلغان فىلىملەردىن <دېڭىز>، <سۇ ۋە ھارارەت>، <قارا ساراي> قاتارلىقلار بار.
    32 يېشىدا، قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
    ئىتالىيىلىك رېژىسسور بېرناردو پېرتېلوگې شائىرە ھەققىدە چارەك سائەتلىك فىلىم ئىشلىگەن.

    شائىرەنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە:

    ئىسكەنجىگە ئېلىنغان ئۆزلۈكلەردىن قۇتۇلۇپ ئۆزۈڭنىڭ پىنھان ۋە ئەركىن ئۆزلۈكىگە يەتمەي تۇرۇپ، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيسەن... بارلىق ۋۇجۇدىڭنى بۇ ئىقتىدارنى تاللاشقا پۈتۈنلەي ۋە تەلتۆكۈس بېغىشلىماي تۇرۇپ، ھاياتىڭنى ئىجاد قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمايسەن... سەنئەت ئەڭ كۈچلۈك سۆيگۈ، ئۇ ئىنساننى ئۆزىنىڭ تولۇق بارلىقىغا يېتەكلەيدۇ، شۇڭا، ئاڭا ئۆزىمىزنى تاپشۇرىشىمىز كېرەك.

     

     

    زۇلمەت ئارا

     

     

    زۇلمەت ئارا چاقىردىم سېنى
    جىملىق، شامال پەردىنى ئوينار
    كۆيەر، ئاقار، ئۆلەر، يوقۇلار
    زېرىكىشلىك كۆكتە يۇلتۇزلار

     

     

    چاقىردىما، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم
    قولۇمدىكى قەدەھتەك گويا
    دېرىزىگە تېگەر تاراسلاپ
    ئاي كۆزىدىن چۈشكەن كۆك نىگاھ

     

     

    ئەتراپىمدا كىشەنلەر شەھرى
    كۆتۈرىلەر بىر ناخشا، مۇڭ، غەم
    كۆتۈرىلەر ئىس - تۈتەك كەبى
    قاپلىغانچە روجەكلەرنى ھەم

     

     

    كۆكرىكىمدە بىراۋ تۈن بويى
    چوڭقۇر تىنىپ چۈشكۈن ھاسىرار
    ئۇزاتقانچە سوغۇق قولىنى
    قوپار، ئىستەر، سېنى چاقىرار

     

     

    ئاۋۇ يەردە، قارا شاخلاردىن
    ئاھ، تۈن بويى تۆكۈلەر ھازا
    بىراۋ سېنى چاقىرار، ئاڭا --
    سۇنۇقلاردەك تۆكۈلەر ھاۋا

     

     

    ئاشىق مېنىڭ كۆچىتىم، ئاشىق
    قارارگاھسىز شامالغا ئاشىق
    نەدە ئۆيى شامالنىڭ، نەدە
    شامال قايسى مەنزىلگە تالىق؟!

     

     

     بىزنى ئېلىپ كېتىدۇ شامال

     

     

    مېنىڭ كىچىك تۈنۈمدە، ئىسىت
    ياپراق بىلەن شامال ئۇچرىشار
    مېنىڭ كىچىك تۈنۈمدە تەشۋىش
    پارە - پەرە بولۇپ چېقىلار

     

     

    تىڭشا، تىڭشا، ئاڭلاۋاتامسەن
    گۈركىرىگەنچە سوقماقتا زۇلمەت
    باقماقتىمەن بۇ سائادەتكە
    چۈشكۈنلىككە خۇمارمەن پەقەت

     

     

    ئاڭلىدىڭمۇ سوقماقتا زۇلمەت
    ھازىر، تۈندە، بىر ئىش يۈز بېرەر
    ئاي قىزارغان، تەمتىرىگەن ھەم
    چېقىلىشتىن ھەممە ئەنسىرەر

     

     

    بۇلۇتلارمۇ ھازىچىلاردەك
    يامغۇر يېغىش پەيتىنى ساقلار
    بۇمۇ ئۆتۈپ كېتەر بىرپەستە
    بولمىغاندەك ھېچنېمە زىنھار

     

     

    ئارقىسىدا ئۇ دېرىزىنىڭ
    تۈن تىترەر، يەر ئايلانماي توختار
    ئەنە، ئۇندا، سىرلىق بىرنېمە:
    ئۇندا ماڭا، ساڭا تەشۋىش بار

     

     

    ئەي، سەن يېشىل، پۈتۈنلەي يېشىل
    يالقۇنلىغان ئەسلىمە -- قولۇڭ
    ئاشىق قولۇم ئارا قوي ئۇنى
    يۈرىكىمگە تۇتاشسۇن ئوتۇڭ

     

     

    ئەي، سەن يېشىل، سېنىڭ لەۋلىرىڭ
    مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىللىق تۇيغۇسى
    ئۇنى ئاشىق لەۋلىرىمگە ياق
    بىزنى شامال ئېلىپ كەتكۈسى.

     

     


    جۈمە

     

     

    جىمجىت جۈمە
    تاشلاندۇق جۈمە
    جۈمە -- قەدىمىي تار كوچىلاردەك پەرىشان
    جۈمە -- ھورۇن ۋە بىمار ئويلار
    جۈمە -- زەخمىلەندۈرگۈچ ئوزاق ئەسنەشلەر
    جۈمە -- نە ئىنتىزارلىق
    جۈمە -- تەسلىم بولۇش
    ئۆي... پىنھان
    ئۆي... سۈرلۈك
    ئۆي... ئىشىكى ئەركەكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تاقالغان
    زۇلمەتنىڭ، قۇياش ھەققىدىكى خىيالنىڭ ئۆيى
    تەنھالىقنىڭ، ئۈمىدۋارلىقنىڭ، بىرلا ئوينى تەكرارلاشنىڭ ئۆيى
    ئۆي: پەردە، كىتاب، قۇتا، فوتوگرافلار
    ئاھ... نېمىدېگەن تىمتاس، ئۆتتى ئۆمرۈم مەغرۇرلۇققا تولغان ھالدا
    خۇددى يات بىر ئېرىققا ئوخشاش
    بۇ جىمجىت، تاشلاندۇق جۈمەلەرنىڭ ئىچىدە
    بۇ پىنھان، سۈرلۈك ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە
    ئاھ... نېمىدېگەن تىمتاس
    ئۆتتى
    مەغرۇرلۇققا تولغان ھالدا

     

     


    سوۋغات

     

     

    سۆزلەۋاتىمەن
    كېچىنىڭ خاتىمىسى ھەققىدە
    زۇلمەتنىڭ خاتىمىسى ھەققىدە
    سۆزلەۋاتىمەن
    كېچىنىڭ خاتىمىسى سۆزلەۋاتقىنىم
    ئەي، مېھرىبان
    ئەگەر كەلسەڭ ئۆيۈمگە مېنىڭ
    ئېلىپ كەلگىن چىراق بىلەن دېرىزە
    كۆرىۋالاي تار كوچىدىكى
    خوشاللىققا چۆمگەن ئەشۇ قىستاڭچىلىقنى

     

     

    ئەر - خوتۇن

    گۇگۇم چۈشىدۇ
    گۇگۇمدىن كېيىن زۇلمەت
    زۇلمەتتىن كېيىن بىر جۈپ كۆز
    ئىككى قول
    تىنىقلار
    تىنىقلار
    تىنىقلار
    جۈمەكتىن تېمىۋاتقان سۇ
    ئىككى تامچە كۆز ياش
    تۇتاشتۇرۇلغان ئىككى تال تاماكا
    سائەتنىڭ چىكىلدىشى
    ئىككى يۈرەك
    ئىككى تەنھالىق

     

     


    قۇش ئۆلۈك چوقۇم

     

     

     

    سىقىلدى ئىچىم
    سىقىلدى ئەجەب
    پېشايۋانغا چىقىمەن
    سىلاپ باقىمەن بارماقلىرىمدا
    تېرىسىنى ئۇزاق كېچىنىڭ
    مۇناسىۋەت چىراقلىرى ئۆچۈكتۇر... ئۆچۈك
    قۇياشقا تونۇشتۇرماس مېنى ھېچكىم
    قۇشقاچلار سورۇنىغا ئاپارماس ھېچكىم
    يادلىۋالغىن ئۇچۇشنى
    چۈنكى
    قۇش ئۆلۈك چوقۇم

     

     

     

    قىزىل گۈل

    قىزىل گۈل
    قىزىل گۈل
    قىزىل گۈل
    ئۇ مېنى قىزىل گۈللەر ئۈنگەن باغقا ئاپاردى
    قاراڭغۇلۇقتا، ئەنسىز ئۆرۈمە چاچلىرىمغا بىر تال قىزىل گۈل قىستۇرۇپ قويدى
    ئاندىن، قىزىل گۈلنىڭ ياپرىقى ئۈستىدە قىزلىقىمنى ئالدى
    ئەي، مېيىپ كەپتەرلەر!
    ئەي، تەجرىبىسىز چۈشكۈن دەرەخلەر!
    ئەي، ئەما دېرىزىلەر!
    يۈرىكىمنىڭ ئاستىدا
    ئىچىمنىڭ قات - قېتىدا
    بىر تال قىزىل گۈل ئۈنمەكتە
    قىيامەت كۈنىدىكى ئېگىز تۇغدەك قىپ - قىزىل
    ئېھ...! ئىككى قاتمەن، ئىككى قات
    ئىككى قات

     

     

     

    يازنىڭ يېشىل سۇلىرىدا

     

     

    سەرسان ياپراقتىنمۇ تەنھا ھالدا
    تاشلاندۇق شادلىقلىرىمنى ئېلىپ يېنىمدا
    يازنىڭ يېشىل سۇلىرىغا پالاق ئۇرماقتىمەن
    ئۆلۈمگاھ تامان
    پالاق ئۇرماقتىمەن كۈزنىڭ قايغۇ ساھىلى تامان
    ئىنتىلگەنچە غۇۋا سۆيگۈ كۆلەڭگىسىگە
    قاچقۇن سائادەت كۆلەڭگىسىگە
    تەڭپۇڭسىزلىق كۆلەڭگىسىگە

     

     

    كېچىدە، پەرىشەن پەس ئاسماندا شامال تەمتىرەپ يۈرگەندە
    كېچىدە، كۆپ - كۆك تومۇر كوچىلىرىدا قانلىق تۇمان گۈكىرەپ سوققاندا
    كېچىدە، يېگانە جانلىرىمىزنىڭ تىترەشلىرىدە تەنھالىقىم دەلدەڭشىگەندە
    ئۆرتەر يۈرەك سوقۇشلىرىنى مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى
    بىمار مەۋجۇتلۇقنىڭ تۇيغۇسى

     

     

    "سىر -- قاپتاللارنى كۈتۈشتە"
    بۇنى تاغ چوققىلىرىدىكى قورام تاشلارغا ئويۇپ قالدۇردى
    ئۆز يىقىلىشلىرىدا تاغلىقلارنىڭ كېچە سۈكۈناتىنى ئاچچىق تىلەك بىلەن بۇزغانلار
    لىق قوللارنىڭ ئەنسىزلىكىدە
    بوش قوللارنىڭ نە ئارامى بار
    "خارابىنىڭ زۇلمىتى گۈزەل"
    دەپ كۈيلىدى يازنىڭ يېشىل سۇلىرىدىكى ئايال
    گوياكى ئۇ خارابىدە ئولتۇراقلاشقاندەك
    بىز، نەپەسلىرىمىز بىلەن، بىر - بىرىمىزنى بۇلغايمىز
    بىز، سائادەت ئىستىكى بىلەن بۇلغانغان ھالدا
    شامال ئاۋازى ۋە گۇمان كۆلەڭگىلىرىدىن قورقىمىز
    سۆيۈشلەر جاڭگاللىرىدا رەڭگىمىزنى يۇقۇتىمىز
    بىز، نۇر قەسرىدىكى زىياپەتلەردە، ئازغۇنلۇقتىن ئەنسىرەپ ساراسىمىگە چۈشىمىز

     

     

    سەن، بۇ يەردە، ھازىر
    تاڭ كوچىلىرىغا بەئەينى ئاكاسىيە ھىدىدەك تارالماقتىسەن
    كۆكسۈمدە ئېغىر
    قولۇمدا ئىسسىق
    ئۆرۈمە چاچلىرىمدا مەست
    ۋەيرانە
    ھەيرانە
    سەن، بۇ يەردە، ھازىر
    كەڭرى، قاراڭغۇ، ئۇزاق بىر نەرسە
    يىراق بىر كۈننىڭ ساداسىدەك غۇۋا بىر نەرسە
    پەرۋاز قىلار
    قانات يايار مېنىڭ ئەنسىز كۆزلىرىمگە
    مېنى بۇلاقتىن ئايرىۋېلىشار بەلكىم
    مېنى شاختىن ئۈزىۋېلىشار بەلكىم
    مېنى، ئىشىكتەك، كەلگۈسى لەھزىلەرگە يېپىۋېلىشار بەلكىم
    كۆرەلمەسمەن قايتىدىن بەلكىم

     

     

    بىز باياۋاندا ئۆستۇق
    بىز باياۋانغا ياغدۇق
    بىز
    يوللاردا
    ئۆزىنىڭ قاناتلىق سېرىق تۇلپارىغا مىنگەن پېتى
    خاقاندەك زېمىن قۇچۇپ ئىلگىرىلەۋاتقان ھېچنېمىنى كۆردۇق
    ۋا دەرىخا، بىز بەختلىك ۋە شادىمان
    ۋا دەرىخا، بىز سەدپارە ۋە پەرىشان
    بەختلىكلىكىمىز -- سۆيگەنلىكىمىزدە
    سەدپارىلىقىمىز -- سۆيگۈنىڭ قارغىش ئىكەنلىكىدە

     

     

    تۇپراقتا

     

     

     

    ئاسمان ئېزىتقۇسىدىكى بىر يۇلتۇز، ياكى
    ئەۋلىيالارنىڭ روھىدەك
    قاراڭغۇ پەرىشتىلەر بىلەن مۇڭداشقۇچى بولۇشنى ئىستىمىدىم ئەسلا
    ئەسلا، زېمىندىن ئايرىلمىدىم
    يۇلتۇز بىلەن تونۇشمىدىم
    ھاياتلىق ئۈچۈن ھاۋا، قۇياش ۋە سۇنى سۆمۈرگەن ئۆسۈملۈك غولىدەك قامىتىم بىلەن
    تۇپراق ئۇستىدە تىك تۇردۇم
    ئىستەكلەرگە قوساق كۆتەرگەن ھالدا
    ئازابقا قوساق كۆتەرگەن ھالدا
    يۇلتۇزلارنى كۈيلەش ئۈچۈن
    شاماللارغا جۆر بۇلۇش ئۈچۈن
    تۇپراق ئۈستىدە تۇرىمەن

     

     

    دېرىزەمدىن باقىمەن
    ناخشا رېتىمىدىن باشقىسى ئەمەسمەن
    مەڭگۈلۈك ئەمەسمەن
    ئاددىي قايغۇ جىملىقىدىنمۇ پاك بولغان لەززەتنىڭ
    چۇقانىدىكى ناخشا رېتىمىدىن باشقا نەرسىنى ئىزدىمەيمەن
    بەدىنىمنىڭ پىيازگۈلىدىكى شەبنەم تامچىسىنىڭ تېنىدىن ئۇۋا ئاختۇرمىدىم
    يولدىن ئۆتكۈچىلەر ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ھايات دېگەن كەپەمنىڭ تاملىرىغا سىزىشتى:
    ئوقيا سانجىلغان يۈرەك
    ئۆرۈلگەن شام
    بىر - بىرىگە سەۋدايى بولۇشقان ھەرپلەرنىڭ ئۈستىدىكى رەڭگى ئۆچكەن تىمتاس چېكىتلەر

     

     

    ھەر قېتىم لەۋلىرىمگە تەككەندە لەۋ
    يۇلتۇز سپېرمىسى شەكىللىنەر
    نېمىشقا يۇلتۇز ئىستىگىدەكمەن
    ئولتۇرسا ئۇ كېچەمدە
    قىرغىقىدا ئەسلىمىلەر دەرياسىنىڭ؟!

     

     

     

    بۇ مېنىڭ يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاشقان ناخشام
    بۇرۇن، بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىغان بۇرۇن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر فۇروغ فەرەخ زاد