ئەزىز نەسىن: كەچۈرگىن

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-22 22:38:52

BağışlaAziz Nesinكەچۈرگىنئەزىز نەسىنيا ۋاقتىدىن بەك بالدۇر كېلىمەن،دۇنياغا كەلگىنىمگە ئوخشاش.ياكى ۋاقتىدىن بەك كېيىن،سېنى بۇ ياشتا سۆيگەنگە ئوخشاش.بەخىتكە ھەمىشە كېچىكىپ قالىمەن،بەخىتسىزلىككە ئاۋ...



     

    Bağışla

     

    Aziz Nesin

     

    كەچۈرگىن

     

    ئەزىز نەسىن

     

    يا ۋاقتىدىن بەك بالدۇر كېلىمەن،

    دۇنياغا كەلگىنىمگە ئوخشاش.

    ياكى ۋاقتىدىن بەك كېيىن،

    سېنى بۇ ياشتا سۆيگەنگە ئوخشاش.

     

    بەخىتكە ھەمىشە كېچىكىپ قالىمەن،

    بەخىتسىزلىككە ئاۋۋال بارغىنىم بارغان.

    پۈتۈپ بولغان بولىدۇ يا ھەممە ئىش ،

    ياكى ھېچ ئىش تېخىچە باشلانمىغان.

     

    شۇنداق بىر يېرىگە كەلدىم ھاياتنىڭ،

    ئۆلۈمگە بالدۇر، سۆيگۈگە كەچ.

    يەنە كېچىكتىم، كەچۈر سۆيگۈنىم،

    سۆيگۈگە ئون قاپتۇ، ئۆلۈمگە بەش.

     

    Sen Söylemeden de biliyorum

     

    دېمىسەڭمۇ بىلىۋاتىمەن

     

    سېزىۋاتىمەن، قېچىپ كېتىسەن...

    يالۋۇرالمايمەن، چاپالمايمەن

    لېكىن، ئاۋازىڭنى ماڭا قويۇپ كەت.

     

    بىلىۋاتىمەن، ئۈزۈلەر رىشتە

    تۇتالمايمەن چاچلىرىڭدىن

    لېكىن، ھىدلىرىڭنى ماڭا قويۇپ كەت.

     

    چۈشەندىم، ئايرىلىپ كېتىسەن

    چۇل-چۇل بولدۇم ، تۈگەشمىدىم

    لېكىن، رەڭگىڭنى ماڭا قويۇپ كەت.

     

    تۇيىۋاتىمەن، يۈتۈپ كېتىسەن

    ئەڭ بۈيۈك ئازابىم بولۇپ

    لېكىن، ئىسىڭنى ماڭا قويۇپ كەت.

     

    پەمىمچە سەن مېنى ئۇنتۇپ كېتىسەن

    ئازاپ دېڭىزىغا تاشلاپلا مېنى

    لېكىن، تەمىڭنى ماڭا قويۇپ كەت.

     

    ئىشقىلىپ سەن كېتىپ قالىسەن

    ھەققىم يوق سېنى تۇتۇپ قېلىشقا

    لېكىن ئۆزۈڭنى ماڭا قويۇپ كەت!

     

    تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.