شۇ ئېگىز تاغ تىزمىللىرىنى تۇمان قاپلاپتۇ(بەدىرخان گۆكچە)

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-22 20:41:25

شۇ ئېگىز تاغ تىزمىللىرىنى تۇمان قاپلاپتۇبەدىرخان گۆكچەتۈركچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسىشۇ ئېگىز تاغ تىزمىللىرىنى تۇمان قاپلاپتۇ،يەنە بىر غۇربەتتىن قارا خەۋەر بار.سەھەر ۋاقتى بۇيەردە كىملەر يىغ...



     

    شۇ ئېگىز تاغ تىزمىللىرىنى تۇمان قاپلاپتۇ

    بەدىرخان گۆكچە
     

    تۈركچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى

     

     

    شۇ ئېگىز تاغ تىزمىللىرىنى تۇمان قاپلاپتۇ،

    يەنە بىر غۇربەتتىن قارا خەۋەر بار.

    سەھەر ۋاقتى بۇيەردە كىملەر يىغلاپتۇ،

    چىملەر ئۈستىدە كۆز ياشلىرى بار.

     

       تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېرىڭدىن باشقا يەرغۇربەتدەپ ئاتىلىدۇ ياكىغۇربەتلىك》.

       غۇربەتتە ئىكەن يۇرتۇڭغا بولغان ھەسرىتىڭ ۋە سۆيگۈڭ ھەسسىلەپ ئارتىدۇ.

       ئەڭ مەنىسىز ۋە ئەڭ ئادەتتىكى كۈنلىرىڭنىمۇ ھەم ئەسلەيسەن.

      مانا، يۇرتۇڭدىن بىرى كەلسە، ئاتا-ئاناڭ كەلگەن كەبى ھەسرىتىڭ بىلەن قۇچاقلايسەن ۋە قارشىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەرگە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن كىرىپ كېتىسەن ۋە سەھەر ۋاقتى چىمەنلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن كۆز ياشلانىشۇ غۇربەت دەقىقىللىرىڭدە بىلىپ يېتىسەن.

    **************************************************************************************

       ئېيۇلنىڭ 1-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا دەم ئېلىش ۋە كۆرۈپ كېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىدا ئېدىم. يەنى ۋاشىنگېتون، نىيورك، يېڭى جەرسەي ۋە مانخاتتان.

       غۇربەتچىلەرگە كونسېرىت ئۇيۇشتۇرۇپ بېرەلمىسەممۇ, شېئىر يىغىلىشى قىلىشنى كۈن تەرتىپلىرىمنىڭ مۇھىم پروگراممىسى قاتارىغا ئالدىم، يىراق قىرلاردىن  مەملىكىتىگە ھەسرەتلىك باققان ئېنسانلىرىمىز بىلەن يۈزمۈ-يۈزلەشتىم، ھەممەيلەنگە پۇرسەت بولسىلا تېز ھەرىكەتكە كېلىپ سۆھبەتلەشتىم، رەسىم چۈشتۈم…

       دوستلېرىم مېنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن 15 يىلدىن بېرى كۆرمىگەن ۋە خەۋېنى ئالالماي يۈرگەن ئەنقەرەلىك   كونا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە ناشتىلىققا ئېلىپ بېرىشتىلار.

       مەن گەپ قىلىۋاتىمەن، ئۇنىڭ كۆزلىرى نەملەندى. ئۇ گەپ باشلىدى، مەن بولسا جېنىم چىقىۋاتقاندەك بوشۇشۇشقا باشلىدىم.

       مېنىڭ تېرەك كەبى مۇستافا تاغام، قەدىردان ئايالى  نۇردان ھەدەم ۋە دۇنيا گۈزىلى ئىككى قىزى، ئون يىلدۇر تۈركىيەگە كېلەلمىگەن، قەلبىنى يۇرت سېغىنىشى ئېگەنلىگەن فىدان ئائېلىسىنىڭ جانلېرى…

     

      《ھە، سۆزلەدەۋاتىدۇ،تېخى يەنە يەنە نېمىلەر بار؟

       نەفىسىمدىن ئۆيگە زەھەر قېتىۋاتىدىغاندەكلا توختاۋاتىمەن، چۈنكى ھەر بىر سۆزۈمگە كۆزلىرى ياشقا تولۇشتىلار، بولمىسا شۇ ئون يىلنىڭ ئىچىدە يۈز يىللىق سۆزلىگۈدەك ھېكايېلەر بار.

     《بىلگىنىڭدەك ئاكا، خەۋەرلەردە نېمە كۆرۈۋاتقان بولساڭ ئۇ.دەۋاتىمەن.

     

      كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن دەپ دۆلىتىمگە دائېر ھىچ بىر گۈزەللىكنى سۆزلىمىدىم ۋە گەپ ئاتلاتتىم.

     

      《شۇ ئەزھەرىي تېلىدا ئوقۇغان (ئانام) شېئىرىنى بىر ئوقۇساڭدەپ چىڭ تۇرۋېلىشتىلار، گەپنى ئېلىپ قېچىۋاتىقان بولساممۇ يەنىلا چىڭ تۇرۇۋېلىشتىلارئوقۇ شۇ شېئىرنىدەۋاتىدۇ.

       ئەڭ روھسىز ھالدا ئوقۇۋاتىمەنكى، بەش يىلدا شەھەر يوللىرىنى ئۆزگەرتمىدىلەردېسەم  ئۇنۇڭغىمۇ يېغلىشاتتىلەر ۋە ناخشا تۈگەيتتى مەنمۇ ھەم تۈگەيتىتم، يىغىلىشقا بىز ئۈنسىزلىك يېقىلاتتى…

       ئايرىلاركەن ئىچىمدە تەرىپلەپ بېرەلمىگۈدەك بىر تۇيغۇ…

       ئۇلار بىلەن دىدارلاشقىنىم ئۈچۈن سۆيۈنەيمۇ؟ ئۇيەردە كۆرگەنلىرىم ئۈچۈن ئازاپلىنايمۇ؟ بىلەلمەيلا كەتتىم.

       ئىشىكتىن پۇتۇمنى ئېلىشىمغا ئالدىمدىن ئىككى قوراللىق ئامېرىكىلىق ئۆتتى.

      قەلبىمدە يۇرتۇمنىڭ خەلىق ناخشىللىرى…

    گەسى باغلىرىدا ئۈچ تۈرلۈك گۈلۈم بار

    ھەي ئاللاھتىن قورقماس ساڭا ماڭا ئۆلۈم بار

    ئۆلۈم بولسا بۇ دۇنيادا زۇلۇم بار.

    ئاتما غېرىپ ئانام مېنى تاغلار ئارقىغا

    ھېچ كىملەر يانمىسۇن، ئانام يانسۇن دەردىمگە.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.