- تەڭرىنىڭ ئالەمدىكى كۆلەڭگىسى بولغان گۈزەللىكنى سۆيىسەن.
- تەڭرىسىز گۈزەللىك بولماس. ياراتقۇچىنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ، ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ ياساشقا تېرىشىپ، ئۇنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسەن.
- گۈزەللىكنى تۇيغۇلارنى ئالداش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى روھنىڭ تەبىئي ئوزۇقى بولۇشى ئۈچۈن يارىتىسەن.
- گۈزەللىكنى شان-شۆھرەت ۋە كەيىپ-ساپانىڭ باھانىسى قىلىۋالمايسەن ، ئۇ روھى ساداقەتتۇر.
- گۈزەللىكنى بايراملاردىن ياكى بازارلاردىن ئىزدىمەيسەن، گۈزەللىك مەڭگۈ قىزدۇر ، بازاردا تېپىلىدىغان نەرسىلەرگە ئوخشىماس، ساتمايسەن.
- گۈزەللىك ناخشىدا يۈرىكىڭدىن يۈكسىلىپ چىقىدۇ، بىرىنچى بولۇپ پاكلانغۇچى سەن بولىسەن.
- سەن ياراتقان گۈزەللىك ھېسداشلىق سۈپىتىدە تونۇلىدۇ، يۈرەكلەرگە تەسەللى بېرىسەن.
- ئەسەرىڭنى خۇددى بىر ئانا بالىسىنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغاندەك كۆز ئاچقۇزىسەن دۇنياغا، يۈرەك قېنىڭ بىلەن پەرۋىش قىلىسەن.
- گۈزەللىك سېنى خورەك تارتقۇزۇپ ئۇخلىتىدىغان ئەپىيۇن ئەمەس بەلكى سېنى ھەركەتلەندۈرىدىغان روھلاندۇرغۇچتۇر، ھەقىقىي بىر ئەر ياكى ئايال بولالماي تۇرۇپ سەنئەتچى بولالمايسەن.
- ياراتقان ھەر ئەسەرىڭ سېنى نۇمۇس قىلدۇرىدۇ، چۈنكى ئەسىرىڭ ھەمىشە ئارزۇيىڭدىكىدەك مۇكەممەل بولالمايدۇ، تەڭرىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى بولغان تەبىئەت ئالدىدا مەڭگۈ بويۇن قىسىپ تۇرىدۇ.
Decalogue Of The Artist
Gabriela Mistral
سەنئەتچىگە 10 تەلىمات
گابرىئېلا مىسترال ( چىلى)
ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) تەرجىمە قىلدى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.