كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار(ئازەربەيجان)-سەمەت ۋۇرغۇن

يوللىغۇچى : ershidin يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-17 10:59:18

كۆيدۈرۈلگەن كىتاپلار ( ئىران ئەكسىيەتچىللىرى ئەزەربەيجان تىلىدىكى كىتاپلارنى ۋەھىشىيانە كۆيدۈرمەكتە ) سەمەت ۋۇرغۇن ( سابىق سېۋىت ئىتپاقى ئەزەربەيجان جۇمرۇيھىيتى ) تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇللا ...



    كۆيدۈرۈلگەن كىتاپلار
     
    ( ئىران ئەكسىيەتچىللىرى  ئەزەربەيجان تىلىدىكى  كىتاپلارنى  ۋەھىشىيانە كۆيدۈرمەكتە )
    سەمەت ۋۇرغۇن ( سابىق سېۋىت ئىتپاقى ئەزەربەيجان جۇمرۇيھىيتى )
    تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇللا  سۇلايمان
     
    جاللات !
    سېنىڭ كۆيدۈرگنىڭ دەستە –دەستە كىتاپلار ،
    مىڭ ئۆمۈرنىڭ شۆھرىتىدۇر ، مىڭ يۈرەكنىڭ ئارزۇسى .
    بىز كېتەرمىز بۇ دۇنيادىن ، كىتاپ قالار يادىگار ،
    ھەر ۋاراقتا نەقىشلەنگەن  نەچچە ئىنسان تۇيغۇسى ،
    مىڭ ئۆمىرنىڭ شۆھرىتىدۇر ، مىڭ يۈرەكنىڭ ئارزۇسى .
     
    سەن ئوت قويغان ئۇ كىتاپلار  يالقۇنلىنار ، ياخشى باق ،
    ئۇ يالقۇنلار شولا بولۇپ نۇر چاچىدۇ زۇلمەتكە ...
    شائىرلارنىڭ ئىزگۈ روھى  قەۋىرلەردىن قوزغىلىپ ،
    ئاپىرىن دەر ئىشقى بۈيۈك  بۇ قەھرىمان مىللەتكە ،
    ئۇ يالقۇنلار شولا بولۇپ  نۇر چاچىدۇ زۇلمەتكە ...
     
    جاللات !
    مېنىڭ تىلىمدۇر شوخ غەزەللەر ، قوشاقلار ،
    ئېيىتقىن ماڭا سېزەلەمدۇ  بۇلارنى تاش يۈرىكىڭ !
    ھەر جاراڭلىق پەدىسدە  مىڭ ئانىنىڭ قەلبى بار ،
    ھەر بىر ئاھاڭ پەرزەنتىدۇر  بىر مۇقەدەس تىلەكنىڭ ،
    ئېيىتقىن ماڭا : سېزەلەمدۇ بۇلارنى تاش يۈرىكىڭ ؟
     
    سۆزلە !
    سەنمۇ خورلاۋاتقان ، مېنىڭ شېئىرىم ، تىلىمنى ،
    قەدىم شەرىقنىڭ شۆھرىتىدۇر  فۇزۇلىنىڭ غەزىلى .
    سەن ئەمەسمۇ تەھقىرلىگەن  مېلىتىمنى ، ئېلىمنى ؟
    داھىلارنى ئەمگۈزگەندۇر  ئەزەربەيجان گۈزىلى ...
    قەدىم شەرىقنىڭ شۆھرىتىدۇر  فۇزۇلىنىڭ غەزىلى .
     
    جاللات !
    يېنىپ ئوت بولىدۇ ، كۈل بولمايدۇ ئارزۇلار ،
    تەبئەتنىڭ ئانا قەلبىى  قۇل تۇغمىغان ئىنساننى !
    ھەر يۈرەكنىڭ ئۆز دۇنياسى –سائادەتلەر – ئارزۇلار ،
    قانلار بىلەن يېزىلغاندۇر  ھەر ئازاتلىق داستانى !
    تەبىئەتنىڭ ئانا قەلبى قۇل تۇغمىغان ئىنساننى !
     
    باشتىن ئاخىر دۈشمىندۇر  مۇدىھىش قاراڭغۇ –زۇلمەت ،
    ھەر مىللەتنىڭ ئۆز ئىشقى بار  ،ھەر مىللەتنىڭ ئۆز نامى .
    كائىناتقا تېگىشمەيمەن  شۆھرىتمنى مەڭگۈلۈك ،
    مەنكى ئۇلۇغ داڭدار يۇرۇتنىڭ  قۇياش تونلۇق  ئەۋلادى .
    ھەر مىللەتنىڭ  ئۆز ئىشقى بار  ، ھەر مىللەتنىڭ  ئۆز نامى .
    قاتار –قاتار دار ياغاچقا ئېيىتقىن كىملەر ئېسىلغان ؟
    ئويۇنچۇقتەك تۇيۇلدىمۇ ۋەتىمنىڭ ھەق يولى .
    توختا ! توختا ! كېزەر ئويغاقتا ھەر  يۈرەكتە بىر ئارىسلان ،
    كانىيىڭدىن بوققىسدۇر  ئۇنىڭ كۈچلۈك جۈپ قولى .
     
    جاللات !
    سەنمۇ قىرىۋاتقان ئىسيانكارلار نەسلىنى ،
    مىللىتىمنىڭ ساپ قېنىدۇر  زۇلۇكتەك شورىغان قېنىڭ !
    زامان كېلەر  سەزمەكتە  ئۇنىڭ ئىللىق ھىدىنى ،
    شېھىتلەرنىڭ تىتىك روھى  تۇتار ياقاڭدىن سېنىڭ ،
    مىللىتىمنىڭ ساپ قېنىدۇر ، زۇلۇكتەك  شورىغان قېنىڭ !
     
    ۋاراقلاپ كۆر تارىخلارنى ، ئۇيال مېنىڭ قېشىمدا ،
    ئانام قىلىچى كەسمىدىمۇ كەي خىسراۋنىڭ بېشىنى ؟!
    گور ئوغلىنىڭ  ، ساتتارخاننىڭ  گۈل تاجى باربېشىمدا ،
    نەسسىللىرىم ئاقۇزۇدۇ  سېنىڭ  قانلىق يېشىڭنى ؟!
    ئانام قىلىچى  كەسمىدىمۇ كەي خىسراۋنىڭ بېشىنى ؟!
     
    ئېتڭنى چاپ !  يۈگۈرتىپ قال ، مەيدان سېنىڭكى ھازىر ،
    كۆرمەكتىمەن قىزىل كىيىپ كەلگەن  باھار پەسلىنى ...
    قەدىم شەرىقنىڭ  قۇياشىدۇر  مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەر ،
    يېتىشتۇردۇم  قىزىل بايراق  تۇتقان  مەرىتلەر نەسلىنى ،
    كۆرمەكتىمەن قىزىل كىيىپ كەلگەن  باھار پەسلىنى .
     
    1947 –يىلى
     
    ئانا ھەيكىلى
     
    مەر –مەر مۇنارلار  قۇيما ھەيكەللەر ،
    زىنەتتۇر چوڭ –كىچىك ھەر بىر شەھەرگە .
    ئاھ ! خىيالچان باشلار ، ئىجاتكار قوللار ،
    سىز قانات باغلايسىز چۈشەنجىلەرگە .
    باققىنا : تاشلاردىن تاش قىيالاردىن ،
    ئوبراز يارىتىدۇ  بىر ھەيكەلتاراش .
    گويا نەپەس ئالار تىرىك بىر ئىنسان ،
    ۋە ياشار يۈزمىڭلاپ  ئەسىرگە سىرداش .
    بۇلۇتلار ، توپانلار ئۆتەر بېشىدىن ،
    نەچچە يۈز قىش ئۆتەر  نەچچە يۈز باھار .
    بارچە خىش قوزغالماس  ئۇنىڭ ھۇلىدىن ،
    پارلار ماڭلىيدا  ئۆلمەس ئىپتىخار .
    ياشايدۇ سەنئەتكار ، ياشايدۇ سەنئەت
    نەسلىدىن –نەسلىگە كۆرۈستۈپ ھۆرمەت .
    ئېخ ئانا تەبىئەت ، ئانا تەبىئەت
    ئەڭ سۆيۈملۈك ئەۋلادىڭ ئىنساندۇر پەقەت .
    مانا بىرلىندىمۇ ئىنساننىڭ قولى ،
    ياراتقان بىر گۈزەل  ئانا   ھەيكىلى .
    ئۇنىڭ قارىشدا  باياتىن بېرى ،
    تىك تۇرۇپ تولدۇممەن چۈشەنجىلەرگە .
    ئانىنىڭ شېرىيەت تولا كۆزلىرى ،
    تىكىلگەن ئازات ھەم خۇشۋاق شەھەرگە .
    سول قولىدا قەلەم ، ئوڭ قولىدا كىتاپ ،
    بىلىمگە چىللايدۇ ئۇ ئۆز نەسلىنى .
    ئۇنىڭ كۆزلىردىن مەن كۆرگەن دۇنيا ،
    ئەسلىتەر بىر گۈزەل باھار پەسلىنى .
    مەن دىدىم : ئھتىمال ماركىسنى تۇققان ،
    شۇنداق بىر ئايالدۇر شۇنداق بىر ئانا .
    مەن دىدىم : بۇ ئايال بەلكى بىر زامان ،
    كۆكسىدىن سۈت بەرگەن يولداش تىلمانغا .
    ئۇۇرۇشنىڭ دەھشىتى كەچكەن بېشىدىن ،
    يەنە ئۆز ئورنىدا ھەيكەل ئۇلۇغۋار .
    ئۇ دېڭىز تېغىدەك كۆتۈرۈپتۇ قەد ،
    دەھشەتلىك توپانلار  قىلالمىغان كار .
    پۇرۇخ تۈتەكلىرى قالدۇرماپتۇ ئىز ،
    قىلچە داغ چۈشمەپتۇ گۈزەل ھۆسنىگە .
    ئۇ نەسىللەرنى چاقىردۇ ئۈنسىز ،
    كەلگۈسى بەخىتكە ، ھايات كۆكسىگە .
    ئۆتىدۇ بىرلىندا  ئايلار ، پەسىللەر ،
    باغلارنى سۇغۇرار بۇلاقنىڭ سۈيى .
    قىزىل تۇغ كۆتەرگەن ئازات نەسىللەر ،
    ھەيكەلنىڭ يېنىدىن ئۆتەر ھەر كۈنى .
    يىگىتلەر ئۆتكەندە پەخىرلىنەر ئۇ ،
    ھەممە ئۇ ھەيكەلگە  بىر بىر باش ئېگەر .
    بىرلىننىڭ ئازاتلىق  نامايىشىغا ،
    گويا بۇ ھەيكەلمۇ قوشۇلۇپ  كېتەر ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.