بۇلاق بىلەن كەلكۈن

يوللىغۇچى : qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-25 18:01:55

ئابلىز ھىزىم (قازاقىستان)

    بۇلاق بىلەن كەلكۈن
    (مەسەل)
    ئابلىز ھىزىم (قازاقىستان)
     
    -كىچىكمەيمەن، دەپ ئۆكۈنمەيمەن،
    ھەر بىر يەرگە مۆكۈنمەي،
    كەلگىنىچە قۇۋۋىتىڭ
    (بىلسەڭ بۈگۈن نۆۋىتىڭ)
    ئويمان-چوڭقۇر يار سېلىپ
    ئۆتكىن بۇلاق جار سېلىپ
    شىر-شىر قىلىپ، شىر قىلىپ
    تاشنى كۆرسەڭ دىر قىلىپ.
    يۈرۈپ-يانجىپ ئۆتەلمەي،
    يە شادلىققا چۆكەلمەي،
    يۈرسەڭ قىسىپ بوينۇڭنى،
    كەڭ ئاچالماي قوينۇڭنى،
    ئۆتكەن ئۆمۈر ئۆمۈرمۇ؟
    سېنىڭ جېنىڭ تۆمۈرمۇ؟
    بۇلاق دەپتۇ شۇ ھامان:
    -ھازىر ھەممىدىن يامان،
    قۇرۇق دارۋاڭ-جار سېلىش،
    يۈرگەن يولغا يار سېلىش.
    مەيلى قانچە ئۇلۇغ بول.
    كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇق بول،
    يۈرمە بۆسۈپ-ئىتتىرىپ،
    يامانلىقنى قىچقىرىپ.

    «مىڭبىر مەسەللەر توپلىمى» دىن ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر تەييارلىغان. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بۇلاق كەلكۈن