تەيۋەن ئايال شائىرلىرنىڭ شېئىرلىردىن

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-29 00:26:00

دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما تەيۋەن ئايال شائىرلىرنىڭ شېئىرلىردىن مۇھەببەت ئاپتۇرى :[شىيايۇ] ئاتاپ قۇرۇت يىگەن چىشقا شېئىريازدىم بەك قىسقا . ئوقۇپ بىرەي ساڭا :'يۇلۇۋەتسىمۇ توختىماس يەنە بىرخىل...


    دۇنيا شېئىرىيىتىدىن تاللانما


     تەيۋەن ئايال شائىرلىرنىڭ شېئىرلىردىن

      مۇھەببەت
     ئاپتۇرى :[شىيايۇ]

    ئاتاپ قۇرۇت يىگەن چىشقا
    شېئىريازدىم بەك قىسقا .
    ئوقۇپ بىرەي ساڭا :
     'يۇلۇۋەتسىمۇ توختىماس يەنە بىرخىل كاۋاك ئاغرىقى ' شۇدۇر .
     پەقەت شۇنداق بەك قىسقا خۇددى مۇھەبەتتەك

    . ئەسەر ئۇستىدە تەھلىل
     ئاپتۇرى :ئانەن

     

    مۇھەببەت بىلەن قۇرۇت يىگەن چىشنى ئوزئارا باغلاپ پىكىر قىلىش 'غەلىتە شائىر 'دەپ ئاتالغان شىيايۇنىڭلا خىيالىغا كىرىپ چىققان .شېئىردا لىرىك قەرىمان ئوزنىڭ قۇرۇت يىگەن چىشىنى يۇلدۇرۋەتكەندىن كىيىنكى تۇيغۇسنى بايان قىلغان . لىكىن قۇرۇت يىگەن چىشنى يۇلدۇرۋەتكەندىن كىيىنمۇ ئاغرىش ھىس قىلىدۇ ، شائىر بۇ يەردە جانلىق ئوخشۇتۇش ۋە جانلىق تىل بىلەن شېئىرغا يۇشۇرۇن مەنە بېرىدۇردۇ.لىرىك قەرىمان 'شۇنداق بەك قىسقا 'دىگەن مىسرالار ئارقىلىق چىشنى يۇلدۇرۋەتكەندىن كىيىنكى ئاغرىق ئازاۋىنى گەۋدىلەندۇرگەن .شېئىر 'خۇددى مۇھەببەتتەك'دىگەن ئىككى مىسرا بىلەن ئاخىرلىشدۇ..بىراق بۇ ئىككى مىسرا شېئىرنىڭ جىنىدۇر .بۇ ئىككى سوز بىردىنلا شېئىرغاھايات بىرىپ بىزنىڭ نۇرغۇن مۇھەببەت ئازاپلىرمىزنى يادىمىزغا كەلتۇردۇ ...

     

     شىرىن ئىنتىقام
      ئاپتۇرى :[شىيايۇ]

     

    تۇز قوشۇپ سايەڭنى چىلاپ قويۇپ شامالدىتاي .
    قىرىغان چاغدا زاكۇسكا قىلاي .

     ئەسەر ئۇستىدە تەھلىل

    ئاپتۇرى :ئانەن

     شېئىرنىڭ ماۋزۇسى زىدىيەتلىك ئىككى سوزنىڭ بىرىكتۇرلىشى بىلەن ئاجايىپ تىل مەنىسنى ھاسىل قىلغان .شائىر بۇ شېئىردا نىمە دىمەكچى ؟شېئىرنىڭ ماۋزۇسى شىرىن ئىنتىقامدىن قارىغاندا پۇتۇن شېئىردا ئاشىقى -مەشۇق ئوتتۇرسىدىكى ئىش ھەركەتنىڭ يىزىلغانلىقى ئىنىق .قاراڭ :سايىسنى تۇزغا چىلاش ،شامالدىتىش ،قىرىغان چاغدا زاكۇسكا قىلىش ،ئىنتىقام ئىلىش مەنىسىدكى سوزلەردۇر .لىكىن بۇ ئنتىقامغا شىرىن تۇيغۇ ئارلىشىپ كەتكەن .دىمەك شائىر يۇمۇرلۇق ،ئەركىلەش ئورامىدىكى تىل بىلەن ئوزنىڭ يوشۇرۇن سەمىمى مۇھەبىتىنى ئىپادىلىگەن .

     

    چۈش

    ئاپتۇرى :[جىيخوڭ ]

     شئىرغا كىرىشكە پىتنالمىغان كىرىدۇ چۇشكە
    چۇش بىر تالادۇر تۇتاشتۇرغان شۇ مۇمكىنسىز ئۇچۇرشىشىنى.

     

    ئەسەر ئۇستىدە تەھلىل
    ئاپتۇرى [گۇي خەنبىياۋ ]

    بۇ شئىر چىۋەرلىك بىلەن ئىشلەنگەن كىچچىكىنە سەنئەت بۇيۇمغا ئوخشايدۇ .نىمىشقا شېئىرغا كىرىشكە پىتنالمايدۇ.؟ بەلكىم بىر جۇپ ئاشىق -مەشۇق ئوتتۇرسىدا بىر خىل توسالغۇ پەيدا بولغاندۇ ؟ياكى ئۇلارنىڭ بىر بىرنى ياخشى كورۇشى مەلۇم ئەن -ئەنىۋى ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچۇرغاندۇ.لىكىن سويگۇ تاشقىنى شىدەتلىك بولىدۇ،شۇڭا شائىر بۇ يەردە چۇشنىڭ يارسىمى بىلەن دەردىنى چىقارۋالغان .فىرۇيىد:'بىز ئۇخلىغان چاغدا ئەخلاق كىيمىمىزنى سېلىۋتىپ تاڭ ئاتقاندىن كىيىن ئۇنى كىيۋالمىز 'دىگەن '.شېئىرغا كىرىشكە پىتنالمۇغۇچى 'سويگۇ تەشنالىقىنىڭ چۇشكە كىرىشى بىلەن ھەرقانداق كونا كوز قاراشنىڭ ئاسارتىدىن قۇتلۇدۇ.شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسرالردىن 'تالا' نىڭ بۇ بىر جۇپ ئاشىق -مەشۇقنى بىر -بىرگە باغلاپ قويغانلىقىنى چۇشەنگىلى بولىدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق