كىشلەر چۈشەنمەي ئۆتكەن كۈنلەردە(ساتو خارۇئو شېئىرى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-25 23:05:00

كىشلەر چۈشەنمەي ئۆتكەن كۈنلەردە ساتو خارۇئو (ياپۇنىيە) كىشلەر چۈشەنمەي ئۆتكەن كۈنلەردە كۆڭلۈمدە نېمە بار تۆكتۈم بارىنى، ئاڭلارغا يوق لېكىن بىرەرمۇ ئىنسان. ئاقماقتا قان شىرغىپ قەلب يارامدىن، ئۇن...

    كىشلەر چۈشەنمەي ئۆتكەن كۈنلەردە

     ساتو خارۇئو (ياپۇنىيە)

     

    كىشلەر چۈشەنمەي ئۆتكەن كۈنلەردە كۆڭلۈمدە نېمە بار تۆكتۈم بارىنى،

     ئاڭلارغا يوق لېكىن بىرەرمۇ ئىنسان.

    ئاقماقتا قان شىرغىپ قەلب يارامدىن،

     ئۇنىڭدىن ھىچ كىشى ئەمەستۇر ھەيران.

     

     كىشىلەر سۆيگۈسى ھەممىدىن قايناق،

    قەلبدۇر ھەممىدىن ئازابلىق،  مىسكىن.

     ئاھ قەلب، سەن شۇنچە سۆيۈملۈك،

    سېنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ لېكىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق