ئوغلۇم تۆمۈرگە

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-09 17:08:54

بۇ يەر–بۇ ۋەتەن! ئاتلار يىغلىغاندا، ئاتلار يىغلىغاندا بايقىغانمۇ سىز، يىراقلارغا قاراپ يىغلايدىكەن ئات، ئۇزاق-ئۇزاق يىغلايدىكەن ئات، ئاۋاز چىقارماستىن يىغلايدىكەن ئات

     
    ئوغلۇم تۆمۈرگە
     
    خۇرشىد دەۋران شېئىرى
     
    ئوغلۇم، بۇ يەر،
    بىزنىڭ يىرىمىز،
    ئۆزىمىزنىڭ يىرىمىز،
    قورقماستىن قەدەم تاشلا.
    بۇ يەر بەكمۇ قاتتىق،
    بوۋىلارنىڭ قېنى قاتۇرغان ئۇنى.
    ئوغلۇم بۇ يەر،
    ئۆزىمىزنىڭكى،
    خۇدۈكسىرىمە، ئىشەنگىن ئاتاڭغا،
    ھەدەپ قاراۋەرمە ئارقاڭغا.
    يىقىلساڭ كۆتۈرەر،
    سېنى بۇ تۇپراق.
    يىقىلساڭ تۇرۇشنى ئۆگىنىسەن،
    تۇرماقنى ئۆگەن ئوغلۇم. يىقىلساڭ تەمتىرىمە،
    تەمتىرىمىگىن، يېتەر ئوغلۇم.
    قەد تىكلەشنى ئۆگەن؛
    شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن
    بۇ يەر–بۇ ۋەتەن!
    ئاتلار يىغلىغاندا،
    ئاتلار يىغلىغاندا بايقىغانمۇ سىز،
    يىراقلارغا قاراپ يىغلايدىكەن ئات،
    ئۇزاق-ئۇزاق يىغلايدىكەن ئات،
    ئاۋاز چىقارماستىن يىغلايدىكەن ئات.
    ئۇچۇپ باققانمۇ سىز قۇشلار بىلەن؟
    قاناتلىرى كۈيلەيدىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ،
    تۇمشۇقلىرى كۈلەر ئىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ،
    ئاياغلىرى يەر ئىستەيدىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ.
    شۇۋۇلداپ تۇرغانمۇ سىز دەرەخلەر كەبى؟
    ئۇچۇپ كېتەي دەيدىكەن باھاردا دەرەخ،
    قۇببىلەرگە ئېسىلاركەن كۈز پەيتى دەرەخ،
    يىلتىزىغا ئىشىنەركەن قىش پەسلى دەرەخ.
    يىغلىغۇم كېلىدۇ ئاتلارغا ئوخشاش،
    زېمىنغا تېۋىنغۇم كېلەر قۇش ئايىغىدەك،
    يىلتىزىمغا ئىشەنگۈم كېلەر دەرەخلەردەك.
    چىلىلىق دوستلارغا
    ھۆرلۈك نېمە؟
    ئازادلىق نېمە؟
    بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
    كۈندۈز ئۈچۈن كۈرەشكەنلەر،
    قۇياشنى چۈشەپ تۈندە ئۆلىدۇ.
    يۇرت نېمە؟
    ۋەتەن نېمە؟
    بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
    بىر ئۆمۈر يۇرتىنى دەپ قانلار قۇسارۇ،
    ۋەتەندىن يىراقتا ئۆلىدۇ. 
    مىللەت نېمە؟
    بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
    تامغا قاراپ، مىللەتدېشى ئاتقان
    زەھەرلىك ئوقتىن ئۆلىدۇ.
    بۇرچ نېمە؟
    ۋىجدان نېمە؟
    بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
    ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلىمەن دەپ
    ئۆلۈمدىن قورقماستىن ئۆلىدۇ.
    ‏خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن

    مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.