4تادۇ مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش پائالىيىتى
بىزدە ‹‹ ياخشى كىتاب-ياخشى بىر مەكتەپ›› دېگەن گەپ بار.
كىتابقا ۋە كىتاب ئوقۇشقا بولغان پوزىتسىيەرىمىزنى ئۆزگەرتىش ۋە تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ،ئوقۇغان كىتابلىرىمىز ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پىكىر قىلىش سورۇنى ھازىرلاش ۋە ئوقۇغان كىتابىمىزدىن كۆپچىلىك ئورتاق بەھر ئالالايدىغان بولۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئەتراپلىق تەپەككۇرقىلىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەرىپەت تورىغا ياندىشىپ بۇ پائالىيەت(4تادۇ مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش پائالىيىتى
)نى ئېلىپ بېرىشنى لايىق تاپتۇق ۋە قارار قىلدۇق.
بۇ پائالىيەت بۈگۈن(2011-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى) رەسمىي باشلاندى ، ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ(ئەگەر يوللانغان خاتىرىلەر 36 گە يەتمىسە كېيىنكى قېتىملىققا قوشۇۋېتىلىدۇ).
باھالاش گۇرۇپپىمىز ئەستايىدىل باھالاش ئارقىلىق، بۇ پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان ئەزانى 100 يۈئەن قىممىتىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مەھسۇلاتى ، بىر كلوگرام (50يۈئەن قىممىتىدە) ھەسەل ۋە بىر كلوگرام خوتەننىڭ ئاپتاۋى گۈلقەنتى بىلەن؛ ئىككىنچى بولغان ئىككى نەپەر ئەزانى 50 يۈئەن قىممىتىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مەھسۇلاتى بىر كلوگرام (50يۈئەن قىممىتىدە) ھەسەل ۋە بىر كلوگرام خوتەننىڭ ئاپتاۋى گۈلقەنتى بىلەن؛ ئۈچىنچى بولغان ئۈچ نەپەر ئەزانى بىر كلوگرام (50يۈئەن قىممىتىدە) ھەسەل ۋە بىر كلوگرام خوتەننىڭ ئاپتاۋى گۈلقەنتى بىلەن ياكى 80 يۈئەن قىممىتىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مەھسۇلاتى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. مۇكاپات بۇيۇمىنى 4 تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى تەمىنلەيدۇ.
بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە