www.4tadu.com
  • بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغىنىمىز پىننە. - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/99383716.html

    بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغىنىمىز پىننە.

    بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولغان باغ پىننىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت . بۇنىڭ رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭدە ، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى خۇشپۇراق كېلىدۇ (چۆچۈرە ئەتكەندە ئۈستىگە  قۇرۇق پىننىدىنئازراق  سېلىۋەتسىڭىز ، چۆچۈرىنىڭ  نەقەدەر مېزىلىك بولۇپ كېتىدىغىنى بىلەلەيسىز. چۆچۈرە ئىچكىم كەپ كەتتىيا).

     

    خېمىيەلىك تەسىرى: ئاساسلىقى ئۇچۇچان ماي بار. ئۇنىڭدىن باشقا مېتىل خاۋىكول(بۇ %80 دىن يۇقىرى)، ئانىتول، ئانىس ئالدىھىد قاتارلىقلار بار.

     

    دورىلىق تەسىرى: باكتىرىيەگە ، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

    تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

     

    خۇسۇسىيىتى: ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، بەدەننى قىزىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرۈش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، سۇغۇق ماددىلارنى تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش.

     

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، يۈرەك ئاغرىقى، ھېچ تۇتۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش، بۇۋاسىر، سۈيدۈك ۋە ھەيز راۋان بولماسلىق، ئۇرۇقدان ئىششىقى، باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

     

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

    قاقىلە، بەدىيان، ئوغرىتىكەن، پىننە قاتارلىقلارنى 10 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ چايلىق دەملەپ ئىچسە ، تولا ھېق تۇتۇشقا شىپا  بولىدۇ.

     

    ئانار شەربىتى250گرام، بىھى شەربىتى 250گرام، پىننە 60گرام، قاقىلە 30گرام، لاچىندانىدىن 30گرام ئېلىپ ، شەربەت تەييارلاپ ئىچسە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

     

    سانا 30گرام، خىياشەنبەر 15گرام، بادام مېغىزى بىلەن پىننىدىن 10گرام ئېلىپ ، مەتبۇخ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

     

    ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6گرام.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يەل پەيدا قىلىدۇ، گالنى قىچىشتۇرىدۇ، تۈزەتكۈچىسى: كەرەپشە، بىنەپشە، نىلۇپەر.

    ئورۇنباسارى: يالپۇز، پىلپىل، زىرە.

     

    پىششىق دورا ياسالمىسى: پىننە گۈلقەنتى، پىننە شەربىتى، نارپىننە شەربىتى.

    كېيىنكى يازما يالپۇز ھەققىدە بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!