www.4tadu.com
  • كۈندە بىر خام دورا—يۇمغاقسۈت - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/98786311.html

    بۈگۈن يۇمغاقسۈت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز.

    يۇمغاقسۈتنى ھەممىڭلار بىلىسىلەرغۇ دەيمەن، بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يۇمغاقسۈت بولۇپ، چۆپى يېشىل رەڭلىك (ئەينا ياندىكىدەي-خوتەنچەھىھىھ)پۇرىقى ئۆتكۈر كېلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى يۇمغاقسۈت ياكى كەشنىيز ، ئۇرۇقى بولسا يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ياكى تۇخۇمى كەشنىيز نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    شەيخ (ئىبىنسىنا ) يۇمغاقسۈت ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

    بۇنىڭ ھۆلى ۋە قۇۋۋىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. جالىنۇسنىڭ ئېيتىشىچە قۇۋۋىتى مۇرەككەب. ئۇنىڭدا ئاچچىق يەر جەۋھىرى ۋە ئىللىق سۇ جەۋھىرى بولىدۇ. كەشنىز پۈرۈشتۈرگۈچى بولغىنى ئۈچۈن بىر ئاز موزا تەمىگە ئىگە. مېنىڭچە كەشنىزنىڭ سۇ جەۋھىرى ئەلۋەتتە سۇغۇق بولۇپ ، ئىللىق ئەمەس، لېكىن ئىسسىق ۋە لەتف بىر جەۋھەر ئارىلىشىپ، ئۇنىڭدىن تېز ئاجرىلىپ كەتسە ، ئۇ ئىسسىق بولىدۇ.

    ھۈنەينىنىڭ ئېيتىشىچە ، جالىنۇس دىسقۇرىدۇس(مىلادى بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان يۇنان بوتانىكى، دوراشۇناس ۋە ھەربىي تېۋىپ)قا قارشى ھالدا كەشنىزنىڭ سوغۇقلۇقىنى رەت قىلىدۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭ سوغۇقلۇقىغا رۇفۇس(مىلادىدىن بۇرۇنقى1-2 – ئەسىردە ياشىغان تۇملۇق تېۋىپ)، ئەركاغەنس(مىلادى1-2-ئەسىردىكى رۇملۇق تېۋىپ)ۋە باشقىلار گۇۋاھلىق بەرگەن.

    تەبىئىتى: بىرىنچىنىڭ ئاخىرقى چېكىدە ، ئىككىنچىگە يېقىن سۇغۇق.

    ئىبنى جۇرەيج(دەمەشىقتە 10-ئەسىردە ئۆتكەن خىرىستىيان تېۋىپ) نىڭ ئېيتىشىچە ئۈچىنچى دەرىجىدە. مېنىڭچە ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقى بىر ئاز قىزدۇرۇشقا مايىلدۇر. جالىنۇس كەشنىزنىڭ ھەممە تۈرىنى قىزدۇرىدۇ دەپ قارىغان. ھەممە تۈرىنى ئىچكەندە تارقىلىپ يوق بولۇپ كېتىدىغان لەتف جەۋھەر بولغانلىقى سەۋەبلىك ئەنە شۇنداق بولسا كېرەك. شۇنداق بولمىغىنىدا كەشنىز شىرىسىنى كۆپ ئىشلەتسىمۇ ، ئۇ سۇغۇقلۇقنى ئاشۇرۇپ ، ئۆلتۈرمەس ئىدى.

    كەشنىز شىرىسىدىن تۆت ئۇقىيە (بىر ئۆلچەمدە بىر ئۇقىيە 22-25گرامغىچە ، يەنە بىر ئۆلچەمدە 92.25گرام، ئېنىقىنى بلوگ باش بېتىدىكى ئۆلچەم سەھىپىسىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ)چامىسىدا ئىچىلسە غەمكىنلىك ۋە ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،ئۆلتۈرىدۇ.

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىشىنى قالدۇرۇپ قويدۇم، ئۇنى يېڭى دەرسلىك بويىچە سۆزلەيمىز.

    خېمىيەلىك تەركىبى مۇنداق: يۇمغاقسۈت چۆپىنىڭ تەركىبىدە 98-92 مىللىگرام ۋېتامىن س ، ئۇچۇچان ماي بار. ماينىڭ ئاساسىي تەركىبى دېكانال،نونانال،لىنالوئول،تاپارىنالدىھىد قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق.

    خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىقى خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، قىزىتما قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر تارقىتىش؛

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ئېغىز ئاغرىقلىرى، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىشتىھاسىزلىق، يۇقىرى قان بېسىم ، ئاشقازان كۆپۈش، ئۇسسۇزلۇق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

     ھۆل يۇمغاقسۈتنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.

    ھۆل يۇمغاقسۈتنى سىقىپ ، سۈيىنى سىركە بىلەن قوشۇپ كۆزگە تېمىتسا ، كۆزگە قاپارتقۇ ۋە چېچەك چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ كۆزدىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ ۋە كۆز قىزىرىپ ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ھۆل يۇمغاقسۈتنى سىقىپ ، سۈيىنى چىقىرىپ ئېغىزنى چايقىسا ، ئېغىزدىكى مۇدۇرچاق، چىش ئاغرىقى ۋە ئېغىزدا پەيدا بولغان پىشلاقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    قۇرۇق يۇمغاقسۈتنى سوقۇپ تالقان قىلىپ ئىچسە، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەلغەم بوشىتىپ، ئىسسىقلىقتىن بولغان يۆتەل ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ. تاماق سىڭدۈرۈپ سېسىق كېكىرىشنى توختىتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.

    قوغۇشۇننى تاشقا سۈرۈپ، گۈل يېغى ۋە يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن قوشۇپ چاپسا، سەرتان(راك)غا ۋە ھەر خىل قاتتىق يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە پايدا قىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: سۈيىدىن 30-40 مىللىلىتىر، ساخ ياكى چۆپ قىسمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : كۆپ يېسە مەنىينى كېمەيتىدۇ، پالەچ ۋە سۇغۇق مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، نېرۋىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئۇنۇتقاق قىلىپ قويىدۇ.

    تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، دارچىن.

    ئورۇنباسارى: كۆكنار

    پىششىق دورا ياسالمىسى: يۇمغاقسۈت دەملەنمىسى.

    كېيىنكى قېتىمدا پىننە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىمىز.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!