www.4tadu.com
  • چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش(3) - [ھەرىكەت ئەزا كېسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/98566440.html

     چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى ھەققىدە چۈشەنچىنى بۇ مەنزىلدىن كۆرۈڭ        

    !!! 

      http://www.4tadu.com/?p=313  

    خىلىتسىز كەيپىياتلاردىن كېلىپ چىققان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقى ۋە  غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇم  ئاغرىقىنى داۋالاشنى بۇ مەنزىلدىن كۆرۈڭ!!! 

     http://www.4tadu.com/?p=472 

    ئۈچىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

    بۇنى داۋالاش غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش بىلەن ئوخشاش. ئەمما بۇنىڭدا سۇۋۇتۇش ۋە تىنچلاندۇرۇشنى  كۆپرەك ئويلىشىش لازىم.

    سۇغۇق تەبىئەتلىك تۇتقۇچى دورىلار زىماد قىلىنىدۇ. يەنى توغرالغان قاپاق، ئۇسۇڭ، كاپۇر، سىركە، كۆك يۇمغاقسۈت سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ سۇۋىلىدۇ. تارقاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق.

    ئىسپىغۇل ، كۆكنار قاتارلىق دورىلارنى سۇقۇپ، قاينىتىپ، گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ زىماد قىلىنسا ، خىلىتلىق قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇشىدىن بولغان بۇغۇم ئاغرىقى ئىششىقلىرى ئۈچۈن پايدىلىق.

    ئەگەر ھارارەت يۇقىرى بولسا ، ئىسپىغۇلنى سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ زىماد قىلىشمۇ پايدىلىق.

    ئەگەر بۇغۇم ئاغرىقى ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن بىئارامسىزلىق ۋە ھوشسىزلىنىش ئەھۋالى بولسا ، ئەھۋالغا قاراپ سېزىمنى يوقاتقۇچى دورىلار زىماد قىلىنىدۇ ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار ئىچكۈزۈلىدۇ.

    غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىنلا بۇغۇم ئاغرىقى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە سەپرا خىلىتىغا قان خىلىتىنىڭ قۇشۇلىشىدىن كۆپرەك ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ  ئۈچۈن داۋالاشتا قان خىلىتىنىمۇ كۆزدە تۇتۇش لازىم.

    غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تازىلاشتا  غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ سۈرگىسى ياكى مەتبۇخى ھېلىلە ئارقىلىق تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما تەبىئەت يۇمشاق بولسا سۈرگە بېرىشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. پەقەت پىشۇرغۇچى دورىلار بېرىلسىلا بولىدۇ.

    تازىلاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ، سۇغۇق تەبىئەتلىك سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. يەنى كاسىنە ئۇرۇقى شىرىسى بىلەن  تەرخەمەك ئۇرۇقى شىرىسى شەربىتى بۇزۇرى بارد ياكى سىركەنجىۋىل بىلەن ئىچكۈزۈلىدۇ. بۇغۇم ئاغرىقى خالىس غەيرىي تەبىئىي سەۋدا  خىلىتىدىن بولغان بولسا ، قەي قىلدۇرۇش ناھايىتى پايدىلىق.

    ئاقلانغان ئەدەس ، كۆيدۈرۈلگەن سۆڭەك، سۆرۈنجان ، ئاق خەشخەش ئۇرۇقى، بەللۇت، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، قۇرۇق يۇمغاقسۈت قاتارلىق دورىلارنى سۇقۇپ، سىركە بىلەن نەمدەپ يېگۈزۈلسە ئاغرىق توختىتىدۇ.

    ئىسپىغۇلنى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيۇپ زىماد قىلىنسا ، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

    سۆرۈنجاننى سۇقۇپ، قەنت قۇشۇپ  10 گرامدىن سۇ بىلەن يېگۈزۈلسە ، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. لېكىن سۆرۈنجاننى ئىستىمال قىلدۇرغاندا سىرتىدىن مۇناسىپ ياغلارنى سۇۋاش لازىم.

    بەزرۇلبەنجى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى بەش گرامدىن، شەترەنجى ھىندى، ئەپيۇن بىر گرامدىن ئېلىپ دورىلارنى سۇقۇپ، چىلخۇزا چوڭلۇقىدا كۇمىلاچلاپ، ئاغرىق قاتتىق تۇتقاندا بىر دانىدىن يېگۈزۈلسە ، سېزىمنى يوقىتىش ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى توختىتىش ئۈچۈن پايدىلىق.

    غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى ۋە ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقىدا بىرەر دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا ، كۆكنارنى مۇۋاپىق سۇغا چىلاپ سۈزۈپ، ئاخشىمى ئۇنى مەست بولغۇچە ئىچكۈزۈلسە ئاغرىقنى توختىتىش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.

    ئۇنىڭدىن باشقا تەدبىرلەرنى غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاشتىن تاللاپ ئېلىنىدۇ.

    غەيرى تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاشتا سۇغۇق تەبىئەتلىك ۋە ھۆللۈك  يەتكۈزگۈچى يېمەكلىكلەر ۋە مېۋە-چىۋىلەر، دورىلار بېرىلىدۇ .

    ھۆل سۇغۇق تەبىئەتلىك يۇيۇلمىلار ۋە قىيرۇتىلار تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ.

    نورمال بەدەن چېنىقتۇرۇلىدۇ. دەسلەپتە ئىلمان ھالەتتىكى دورىلار قايناتمىسىنىڭ سۈيىدە ئولتۇرغۇزىلىدۇ ۋە پۇتلىرىغا سۇغۇق سۇ قۇيۇلىدۇ.

    غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تازىلىغۇچى ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شەربىتى ۋەرد، شەربىتى سەپەرجىلى مۇسھىل قىلىنىدۇ.

    تۆۋەندىكى تەدبىر سۈيدۈك ھەيدەش ۋە ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق؛ قۇغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، مۇغاس، سۆرۈنجان ھەر بىرىدىن بىر ھەسسىدىن ، ئەپيۈندىن ئۈچتىن بىر ھەسسە ئېلىپ سوقۇپ ، تەڭ مىقداردا قەنت قۇشۇپ 14 گرامدىن يېگۈزۈلىدۇ.

    ئوزۇقلاندۇرۇشتا ھۆل سۇغۇق يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. سىركە بىلەن پۇرچاق ئېشى بېرىلىدۇ، ھۇمماز چۈشكەن يېمەكلىكلەر، كالا گۆشى، كاسىنە قاتارلىق قۇرۇتقۇچى يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ.

    مېۋىلەردىن ئامۇت، ئەينۇلا، ئالما، ئانار، شاپتۇل بېرىلىدۇ. ئەمما شاپتۇلغا ئوخشاش قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى يېمەكلىكلەر تازا مۇۋاپىق ئەمەس.

    تۆتىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

    بەشىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بوغلان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

    ئالتىنچىسى: مۇرەككەپ سەۋەبلەردىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

    يەتتىنچىسى: يەلدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

    سەككىزىنچىسى: بۇغۇملارنىڭ قېتىپ قېلىشىنى داۋالاش؛

    ئىكسىرى ئەزەمدىن ئېلىندى.

    4تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!