www.4tadu.com
  • كۈندە بىر خام دورا–ئاپتاپپەرەس گۈلى - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/98287290.html

    بۈگۈن ئاپتاپپەرەس گۈلى ھەققىدە تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز. بەلكىم ئويلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئاپتاپپەرەسنىڭ گۈلىنىمۇ دورىغا ئىشلىتەمدۇ دەپ، ئەلۋەتتە شۇنداق. ئاپتاپپەرەس گۈلىنىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە بولسۇن؛

    خېمىيىلىك تەركىبى: گۈلىنىڭ تەركىبىدە ئاپتاپپەرەس ساپونى س، ب، ئا قاتارلىقلار بار.

    دورىلىق تەسىرى: گۈلىنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىنى توشقاننىڭ قۇلىقىغا تېمىتسا قان تۇمۇرنى كېڭەيتىش تەسىرىنى بېرىدۇ، مۈشۈكنىڭ تېرە ئاستىغا ئۇكۇل قىلىنسا ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

    تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ئاغرىق توختىتىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ھامىلە چۈشۈرۈش(بۇنى تۇغۇت قىيىنلاشقان ئىشلىتىدۇ).

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
    يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، سۈيدۈك ۋە ھەيز راۋان بولماسلىق، قىيىن تۇغۇت، باش ئاغرىقى ، چىش ئاغرىقى، كىچىك بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى، قورساق ئاغرىقى، بۇيۇن بەز سىلى، ھەيز كەلمەسلىك، مۇپاسىل، يانپاش ئاغرىقى، يەرقان، بۇۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
    ئاپتاپپەرەس گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئىزىپ يەرلىك ئۇرۇنغا چېپىپ بەرسە ، مۇپاسىل، يانپاش ئاغرىقى، خانازىر قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    گۈل سەۋسەن، ھەمشىۋا، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنىڭ ھۆل گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، ئىزىپ ، يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا مۇپاسىل، يانپاش ئاغرىقى، خانازىر قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    زاراڭزا گۈلى، ئاپتاپپەرەس گۈلى، چىلان، ئاق سەندەل قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ، يەتتە گرام بىنەپشە بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا 10-20 مىنۇت دەملەپ ئىچىپ بەرسە ، يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئاپتاپپەرەس گۈلىدىن 100گرام، زاراڭزا گۈلىدىن 100گرام، كۈنجۈتتىن 20 گرام ، سانا 15گرام، بىنەپشە 10 گرامنى قائىدە بويىچە دەملەپ ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدە 100 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە ، ھەيزنى راۋان قىلىدۇ. تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى : 3-6گرام.
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ھامىلدارلار ئاياللار ئىچىشكە بولمايدۇ.

    ئورۇنباسارى: زەپەر، زاراڭزا چېچىكى.
    پىششىق دورا ياسالمىسى: ھەيز راۋانلاشتۇرۇش دەملىمىسى.
    خام دورىلار ئىلمىدىن.
    كېيىنكى مەزمۇن يۇمغاقسۈت ئۈستىدە بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!