www.4tadu.com
  • مۇرەككەب دورىلاردىن ئاجايىپ بىر نۇسخا - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/99464233.html

    ھازىرغىچە مەلۇم بولغان رېتسىپلار ئىچىدە ھەكىم غۇلام جىلانىخاننىڭ ‹‹مۇرەككەپ دورىلار خەزىنىسى›› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹مەجۈنى مۇرەككىبۇل ئەجزا›› ياكى ‹‹ مەجۈنى مۇھرىل ئەرۋا››  دەپ ئاتىلىدىغان مۇرەككەب نۇسخىلىق مەجۈنىدەك كۆپ خىل خام دورا چۈشىدىغان رېتسىپ بايقالمىدى(مېنىڭ بىلىشىمدە). ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ دورىنىڭ چاچتىن تارتىپ پۇتنىڭ تىرنىقىغىچە شىپا بولىدىغانلىقى مەلۇمدۇر.

    بۈگۈن ھەر قايسىڭلارنى ئەنە شۇ مۆتىۋەر رېتسىپ بىلەن ئۇچراشتۇرماقچىمەن. ئۇ رېتسىپنىڭ تەركىبى مۇنداق:

    قىزىل ياقۇت، يېشىل ياقۇت، لەئلى بەدەخشانى، فروزە، زەربەجەد،مارجان يىلتىزى، كەھرىۋا، يەشەب، ھېقىق يەمەندىنىڭ ھەر بىرىدىن 5گرام 5.5 دىتسە(بىر دىتسە 0.1گرام)؛ بىخ سەۋسەن، دارچىن، سۆرۈنجان، ئامىلە ، ئاقىرقەرھا، لىسانىل ئەساپىر، بوزىدان، لۇئىبتى بەربىرى، تاتلىق قۇستە، ئاچچىق قۇستە، دارپىلپىل، يۇمىلاق زىراۋەندە، سۇمبۇل رۇمى، زۆرەنباد، دۇرنەج ئەقرەبى، سەئدى كۇفى، سۇمبۇل ھىندى، قەلەمپۇر، كىچىك لاچىندانە، بابۇنە يىلتىزى، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە ھەر بىرىدىن 9گرام 2.5دىتسە؛ بەسباسە، جۇيۇز، قەسبۇزەرىرە، گاۋزىۋان، بالەنگۇ، كاۋاۋىچىن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئاسارۇن ، شاقاقۇل مىسرى، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئەنجۇدان، ئالتۇن ۋەرەق ، كۈمۈش ۋەرەق ھەر بىرىدىن 18.5گرام، سەمغى ئەرەبى، خورما ھەر بىرىدىن 11گرام 1دىتسە؛ مەستىكى، ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىنىڭ كىرى، جەدۋار، پادىزەھرى ھايۋانى، گىلى مەختۇم، بىلسان يېغى 11گرام 1دىتسە؛  خۇبسىلھەدىد، زەپەر، قايچىلانغان ئەۋرىشىم، قۇندۇز قەھرى، كۇندۇر، تۆشۈكسىز مەرۋايىتنىڭ ھەر بىرىدىن 33گرام 3 دىتسە، سەنۇبەر يىلىمى، قۇم بېلىقى، سەقەنقۇر، ئاق قۇشقاچنىڭ مېڭىسى، خورازنىڭ ئۇرۇقدىنى، سەرتانى بەھرى، تۇخۇم، ئىكەكلەنگەن پىل چىشى، كالىنىڭ كۆيگەن ئۇشۇقى، ئىپار، ئەنبەر ئەشھەب، ئىزخىر، مىئە سائىلە، ئودىغىنىڭ ھەر بىرىدىن 44گرام 4 دىتسە؛ ياۋا پىيازنىڭ توقىچىقى 44گرام 7 دىتسە، قىزىل تۇدرى، سېرىق تۇدرى، دارپىلپىل(كىتاب بويىچە تەكرار كەلگەن دورىلارمۇ ئېلىندى)، ياۋا زىرە ، ئارپىبەدىيان، رۇمبەدىيان، ھلالبە، ھەببۇلنىل، كەرەپشە ئۇرۇقى، بىدە ئۇرۇقى، ھەببى رىشات، ھەليۇن ئۇرۇقى، سېرىغچىچەك ئۇرۇقى، زەدەك ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، ئادراسمان ئۇرۇقى، ئەنجىرە ئۇرۇقى (كىتابتا پەتەڭگان ئۇرۇقى دەپ ئېلىنغان، ئەمەلىيەتتە ئەنجىر ئۇرۇقى چاققاق ئۇرۇقىنى كۆرسىتىدۇ)، كۈدە ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، پىياز ئۇرۇقى، قىزىلچا ئۇرۇقى، خەشخەش ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن 122گرام 1 دىتسە، مومىيا، جەۋزى ماسىلنىڭ ھەر بىرىدىن 33گرام 3 دىتسە، تۆگە ئوغۇز سۈتى، چۆبىچىن، سۆئلەپ مىسرى ھەر بىرىدىن 55گرام 5 دىتسە، قۇرسى ئېفھا(بىر خىل مۇرەككەپ دورا، ئادەتتە مۇرەككەپ دورىلار تەركىبىگە بىر نەچچە خىل دورىدىن ياسالغان ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە مۇرەككەپ دورا قوشۇلىدىدىغان ئەھۋاللار بار. مەسىلەن بۇ ئەھۋال  شەيخ ئىبىنسىنانىڭ تېبابەت قانۇنى ناملىق كىتابىدا بىر نەچچە يەردە ئۇچرايدۇ . بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قۇرسى ئېفھا بەلكىم قۇرسى ئەفئا يەنى ئەفئا يىلانلىرىنىڭ كۈلچىلىرى بولسا كېرەك)، 166.5گرام، نەشە 185گرام، بىھىنگىرە، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، تاش تۇز، گۈڭگۈرت، ئەپيۈننىڭ ھەر بىرىدىن 11.1گرام، ئاغمىخاننىڭ گۆشى 14.8گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى، كاۋا ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى، قۇغۇن ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى، نارجىل مېغىزى،چىلغۇزا مېغىزى، زاراڭزا مېغىزى، بادام مېغىزى، ئاچچىق بادام مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، پىستە مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، پوستى ئېلىنغان ھەببى قۇلقۇل، ھەببۇلبان، ھەببى سەمىنە، ھەببى زەلەم، ھەببى سەنۇبەر، بەزۇرۇلبەنجى، مۇقەل، بىنەپشە يىلتىزى، ئۈستىقۇددۇس، رەۋەنچىنى، سانا، غارىقۇن، يۇيۇلغان لاجۇۋەرد نىڭ ھەر بىرىدىن 16گرام 6.5 دىتسە، ساپ ھەسەل ۋە ناۋاتنىڭ ھەر بىرىدىن 5كلو338گرام ، زەدەك شىرىسى 10 كىلو 676گرام، ئامۇت سۈيى، گۇلاپ ئەرەقى، بىدىمىشكى ئەرەقى، باھارگۈلى(ئۇقھۇۋان، شەيخنىڭ كىتابىدا ئوقھۇۋاننى بابۇنە دەپ ئاتايدۇ، بۇ يەردە بابۇنە گۈلى دېگەننى باھار گۈلى دەپ تەرجىمە قىلغان بولۇشى مۇمكىن) ئەرەقىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر كىلو 184گرام، تاتلىق ئانار سۈيى، ئالما سۈيىنىڭ ھەر بىرىدىن 2كىلو 368گرام، شارابى ئەنگۈرى 10كلوگرام؛

    تەييارلىنىشى: يۇقىرىقى دورىلارنىڭ ھەر قايسىسىنى قائىدە بويىچە سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، ئېزىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئېزىپ، تاسقاپ، ئاندىن مەزكۇر سۇ، ەرەق ۋە شارابى ئەنگۈرى بىلەن ناۋات ، ھەسەلنى قىيام قىلىپ ، ئاۋۋال ۋەرەقلەرنى، زەپەر، ئىپارلارنى ئوبدان ئېلەشتۈرۈپ، قيام بىلەن كېيىنكى دورىلار قوشۇلۇپ مەجۈن ياسىلىدۇ.

    خۇسۇسىيىتى: يۈرەكنى، مېڭىنى، ئەقىلنى، ھاپىزەنى ، ئۇمۇمەن رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، باھنى كۈچەيتىش ، تاناسىل ئەزانىڭ كېسەللىكلىرىنى يوق قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.  بۇ دورا ئىستىمال قىلىنسا قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، كىشىنى ياشارتىدۇ.

    تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق.

    ئىشلىتىلىشى: ھەر قېتىمدا بۇ دورىدىن 1گرام 4 دىتسىغىچە كالا سۈتى بىلەن يېسە بولىدۇ.

    ھەكىم غۇلام جىلانىخاننىڭ مۇھەممەتئىمىن ئۇبۇلقاسىم، مۇھەممەت پالتا تەرىپىدىن چىقىرىلغان نۇسخىسى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!