خېمىرى گاۋزىۋان ساددە(ئاددى پىلە غوزىسى خېمىرى)
تەركىبى:
قىرقىلغان ئەۋرىشىم 300گرام ،ئۇد ھىندى3گرام، سۇنبۇل تىپ ،پوستى ئۇترۇج ، مەستىكى ،قەلەمپۇر، سازەج ھىندى لاچىندانە 4گرامدىن،ئاق سەندەل 5گرام،
ئەرقى گاۋزىۋان،ئەرقى گۇلاپ،تاتلىق ئالما سۈيى، تاتلىق ئانار سۈيى، بىيە سۈيى 120 مىللىلىتىردىن پاكىزە سۇ 1500مىللىلىتىر،ھەسەل 180گرام،ئاق قەنت 500گرام.
تەييارلىنىشى: يۇقىرىدىكى دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىرقىلغان ئەۋرىشىمنى ئۈچ كۈن سۇغا ياكى ئەرەققە چىلاپ قويغاندىن كېيىن، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ ، ماتادىن ئۆتكۈزۈپ ، سۈزۈپ ، تىرىپلىرىنى تازا سىقىپ، سۈيىگە قەنت ۋە ئالما،ئانار سۇلىرىنى قۇيۇپ قىيام قىلىنىدۇ. بۇ قىيامغا نۇسخىدىكى سوقۇپ تەييارلانغان دورا تالقانلىرىنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:
يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق؛
ئىشلىتىلىشى: يۈرەك، مېڭە، جىگەر كېسەللىكلىرى، يۈرەك ئاجىزلىقى، خاپىغان، تۇتقاقلىق ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ۋاقتى: كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4گرامنى ئەرقى گاۋزىۋان بىلەن تاماقتىن كېيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.