www.4tadu.com
  • كۈندە بىر خام دورا —تۇرۇپ - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/100539640.html

    بۈگۈن تۇرۇپ ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز.

    بۇ بىر ياكى ئىككى يىللىق ، تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، ئادەتتە سەي – كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ ، مۇشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ھۆل باشلانغان  يىلتىزى تۇرۇپ ياكى پەجەل نامىدا ، ئۇرۇقى تۇرۇپ ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    بۇنىڭ يىلتىزى يوغان، رەڭگى ۋە شەكلى ھەر خىل ، گۆشلۈك، سۇلۇق ، تاتلىق ئەمما سەل پۇرىقى بار. بۇنىڭ قىزىلىدىن كۆكى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

    خېمىيەلىك تەركىبى:

    يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە گلۇكوزا، قۇمۇش شېكىرى ۋە شېكەر بار. باشقا تەركىبلىرىدە كومارىك كىسلاتا فرولىك كىسلاتا، كوففىك كىسلاتا، فېنلىپروۋىك كىسلاتا قاتارلىق كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالار بار. ھۆل يىتىزىنىڭ تەركىبىدە مېتىل مىركاپتان، ۋېتامىن س بار. چۆپ كىسلاتاسى تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كالتىينىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر. يەنە ماگنىي، بورالار ھەم راپانۇسىنمۇ بار.

    دورىلىق تەسىرى:

    تۇرۇپنىڭ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان سۇيۇقلۇقى باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. بولۇپمۇ گرام مۇسپىي باكتىرىيەگە نىسبەتەن تۇرمۇزلاش كۈچى ئارتۇق ، قان زەردابى كېسىلى بولغاندا ھاياتلىق كۈچىنىڭ يېرىمى تۆۋەنلەيدۇ. يەنە زەمبۇرۇغقا قارشى تەسىرىمۇ بار.

    مەلۇماتلاردىن قارىغاندا يىلتىزىنى يانجىپ چىقىرىلغان سۈيى ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، ئۆت تېشى كېسەللىكىگە ئۈنۈم بېرىدۇ.

    تەبىئىتى:

     بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى :

    ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، ئاشقازان ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

    ئىشتىھاسىزلىقم، ھەزىمنىڭ ناچارلىقى، قۇلاق ئاغرىقى، كونا يۆتەل، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، ئىستىسقا، سېرىقلىق چۈشۈش كېسەللىكى، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    تۇرۇپ تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:

    1. تۇرۇپ سۈيىگە تۆت ھەسسە كۈنجۈت يېغىنى قۇشۇپ، سۇست ئوت بىلەن قاينىتىپ، سۈيى تۈگەپ يېغى قالغاندا ، سۈزۈپ ئېلىپ پاكىزلاپ، قۇلاققا تېمىتسا ، قۇلاق ئاغرىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.

    2. تۇرۇپنىڭ يۇپۇرمىقىنى سىقىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى قارا شېكەر بىلەن ئىچىپ بەرسە يەرقان كېسىلى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.

    3. تۇرۇپنىڭ ئۆزىنى داۋاملىق يېسە ۋە سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسە ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ، دوۋساقتىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ.

    4. تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئۇيۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە گۈل يېغىنى قۇيۇپ ، قوقاستا قويۇپ ، ئىچىدىكى ياغ قاينىغاندا ئېلىپ، ئىلمان ھالەتتە قۇلاققا تېمىتسا قۇلاقتىكى يەللەرنى تارقىتىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

    5. تۇرۇپنى قاينىتىپ ، سۈيىنى ئىچسە كونا يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.

    6. تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئۇيۇپ، چامغۇر سۈيىنى تولدۇرۇپ، ، ئاغزىنى ئىتىپ خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ ، ھەسەل بىلەن قوشۇپ يېسە، سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى پارچىلاپ چۈشۈرىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: 40-60گرام.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرىدۇ، باش ، گال ۋە چىشلارغا زىيان قىلىدۇ.

    تۈزەتكۈچىسى: تۇز، ھەسەل، سىركىگە چىلانغان زىرە.

    ئورۇنباسارى : چامغۇر.

    خام دورىلار ئىلمىدىن.

    پىششىق دورا ياسالمىسى : تۇرۇپ قاينىتىلمىسى.

    كېيىنكى مەزمۇن ھەرە كۆنىكى ھەققىدە بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!