www.4tadu.com
  • 4تادۇ مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش پائالىيىتى - [ئارىلاشما تېمىلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/100889938.html

     4تادۇ مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش پائالىيىتى

    بىزدە ‹‹ ياخشى كىتاب-ياخشى بىر مەكتەپ›› دېگەن گەپ بار.  

    كىتابقا ۋە  كىتاب ئوقۇشقا بولغان پوزىتسىيەرىمىزنى ئۆزگەرتىش ۋە  تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ،ئوقۇغان كىتابلىرىمىز ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پىكىر قىلىش سورۇنى ھازىرلاش ۋە ئوقۇغان كىتابىمىزدىن كۆپچىلىك ئورتاق بەھر ئالالايدىغان بولۇش ۋە شۇ ئارقىلىق  ئەتراپلىق تەپەككۇرقىلىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش  ئۈچۈن مەرىپەت تورىغا ياندىشىپ  بۇ پائالىيەت(4تادۇ مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش پائالىيىتى
    )نى ئېلىپ بېرىشنى لايىق تاپتۇق ۋە قارار قىلدۇق.

    بۇ پائالىيەت بۈگۈن(2011-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى) رەسمىي باشلاندى ، ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ(ئەگەر يوللانغان خاتىرىلەر 36 گە يەتمىسە كېيىنكى قېتىملىققا قوشۇۋېتىلىدۇ).

    باھالاش گۇرۇپپىمىز ئەستايىدىل باھالاش ئارقىلىق، بۇ پائالىيەتتە  بىرىنچى بولغان ئەزانى 100 يۈئەن قىممىتىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مەھسۇلاتى ، بىر كلوگرام (50يۈئەن قىممىتىدە) ھەسەل ۋە بىر كلوگرام خوتەننىڭ ئاپتاۋى گۈلقەنتى بىلەن؛ ئىككىنچى بولغان ئىككى نەپەر ئەزانى 50 يۈئەن قىممىتىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مەھسۇلاتى بىر كلوگرام (50يۈئەن قىممىتىدە) ھەسەل ۋە بىر كلوگرام خوتەننىڭ ئاپتاۋى گۈلقەنتى بىلەن؛ ئۈچىنچى بولغان ئۈچ نەپەر ئەزانى بىر كلوگرام (50يۈئەن قىممىتىدە) ھەسەل ۋە بىر كلوگرام خوتەننىڭ ئاپتاۋى گۈلقەنتى بىلەن ياكى 80 يۈئەن قىممىتىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مەھسۇلاتى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. مۇكاپات بۇيۇمىنى 4 تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى تەمىنلەيدۇ.  

    بۇ پائالىيەتنىڭ  تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

     پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالىغان ھەرقانداق بىر( ئۇيغۇرتىلىنى بىلىدىغان كىشى) كىشى  بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالايدۇ. ياش چەكلىمىسى ۋە جىنىس ئايرىمىسى قويۇلمايدۇ.

    سىز ئوقۇماقچى بولغان ياكى ئوقۇغان كىتاب قايسى تىلدا بولسا بولىۋېرىدۇ(قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان، سىز بۇ خاتىرىنى يېزىشتىن بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن خاتىرە يېزىپ بولۇنمىغانلىق شەرتى ئاستىدا)، تۆۋەندە بۇ قېتىملىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە ئوقۇلىدىغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بېرىلىدۇ. سىز ئوقۇلىشى كېرەك دەپ قارىغان كىتابلارنى كېلەر قېتىملىق پائالىيەتكە تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ.

     كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى چوقۇم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا  مايكروسوفت ۋورد سېستىمىسىدا يېزىلغان ، ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىنغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بىزگە ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېدىتتا بىر ئىملا تەكشۈرۈۋېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.يازغان ئەسىرىڭىز(كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى)نى  قولاي بولسا خەت ساندۇقىغا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ ياكى  (سىزدە ۋورد سېستىمىسى  بولمىسا) 4تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بلوگىمىزنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىگە يوللىسىڭىز بولىدۇ 

    كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى  سىزنىڭ بىر ئىلمىي ئەسىرىڭىزدۇر، شۇ سەۋەبدىن كىتابدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆز، جۈملە ياكى ئابزاسلارنى چوقۇم ئۇ كىتابنىڭ قايسى بېتىدىن ئالغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

    باھالاشتا ئاساس قىلىنىدىغان ئۆلچەملەر:

    ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان زامان، ماكان ھەققىدىكى  تەھلىللىرىڭىز چۈشىنىشلىكمۇ؟

    مەلۇماتلار، مەنبەلەر يېتەرلىكمۇ؟ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىڭىز تەھلىل قىلىنىۋاتقان مەزمۇن ياكى تېمىلارغا ئۇيغۇنمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل تەھلىلىڭىز بارمۇ؟

    بايقىغانلىرىڭىز ۋە تەھلىل نەتىجىلىرىڭىزنى قوبۇل قىلغىلى بولامدۇ، ئىشەنچىلىكمۇ؟

    يازغان ئەسىرىڭىزنىڭ تىلى راۋان، ئىملاسى توغرا، تەھلىللەر ئەستايىدىلمۇ؟ خۇلاسە قىسمى ئاز ۋە ساز، يېتەرلىكمۇ؟

    كىتاب ئوقۇش خاتىرسى يېزىشنىڭ ئۆلچىمى   :

    كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مەزمۇنى :  

    بۇ قىسىمدا پەقەت كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يىغىنچاق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە شۇنداقلا  سىزنىڭ شەخسىي  كۆز قاراشلىرىىڭىز، ھىس-ھاياجانلىرىڭىزنىڭ ئارىلاشماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.

    كىتاب تەھلىلى :  

    بۇقىسىمدا ئاساسەن سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىڭىز ، تەھلىللىرىڭىز ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقىلارنىڭ باشقىچە كۆزقاراشلىرى (باشقىلارنىڭ كۆزقارىشىنى ئىشلەتسىڭىز، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز )غا بولغان پوزىتسىيەرىڭىز ، ئاپتورنىڭ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيىسىگە بولغان كۆز  قارىشىڭىز ، كىتابتىكى سىزنى جەلىپ قىلغان نۇقتىلار ۋە سىزگە ياقمىغان تەرەپلەر،كىتابنىڭ باشقا كىتابلارغا سېلىشتۇرغاندىكى  ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى ، بايان قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى پەقەت كىتاب ئاپتورىنى ماختاش ياكى مازاق قىلىش، كىشىگە بىھۆرمەتلىك قىلىدىغان سۆز-جۈملىلەرنى قوللانمىغان ئاساستا، كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر تەركىبنى تالاش-تارتىشقا ئېلىپ چىقسىڭىز بولىۋىرىدۇ.

     ئەسكەرتىش : كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى ئامال بار ئىخچام ، چۈشىنىشلىك ، ئوقۇغان كىشىگە نەپ بېرەلىگۈدەك ۋە شۇنداقلا  ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك يېزىشقا تىرىشىڭ . ئۇنىڭدىن باشقىلارمۇ پايدىلانسۇن.

     : بۇ پائالىيەتتە ئوقۇلىدىغان كىتاپلار تۆۋەندىكىچە

     (كىتاپلار ئۇيغۇر ئېلىببە تەرتىۋى بويىچە تىزىلدى)

    ئابدۇقادىرداموللا ھەققىدە قىسسە

    ئاق پاراخوت

    ئانا يۇرت

    ئاي يامغۇرى

    ئەتەبەتۇل ھەقايىق

    ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن

    ئەنجانباي

    ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە

    باھادىرنامە

    باتۇر تەڭرىقۇت

    بالدۇر ئويغانغان ئادەم

    باياۋاندىكى گۈلخان

    باي دادام نامرات دادام

    بەختسىز سەئىدىيە

    بوستان

    بوز دالا

    ﺑﻮﯞﺍﻡﺷﯜﻧﺪﺍﻕ ﯴﮔﻪﺗﻜﻪﻥ

    بورانلىق كېچە

    بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار

    بۈگۈنكى زامان ئەرەپ ئىسلام پەلسەپەسى

    ﭘﺎﺭﯨﺲﻣﻪﻛﺘﯜﭘﻠﯩﺮﻯ

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمالى

    پەزىلەت غۇنچىلىرىغا سۆز

    تارىخى رەشىدىي

    تارىخى ھەمىدى

    تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت

    تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار

    ﺗﺎﻻنتلىق ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ

    ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻧﯩﯔ قۇﺩﺭﯨﺘﻰ

    تۇنجى مۇھەببەت

    تۆت خەلىپە

    تۆتىنچى ئېراغا سەپەر

    تىنىچ دون

    تىرىلىش

    جاللات خېنىم

    جەزىرە

    جۇلدۇر كىپەن خوتۇننىڭ ساداسى

    جىنايەت ۋە نەپرەت

    چالا تەگكەن ئوق

    چۈمبەلدىكى كۆز

    خارلانغانلار

    دۇنيا بۈيۈك ئۇقۇشخانىدۇر

    زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى

    ﺯﻭﺭوئاﺳﺘﯩﺮﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ

    سەمەندەر

    سەرسان روھ

    سوۋغات

    سۇلتان ئابدۇرىشىتخان

    شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ

    شەھلا كۆز

    شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ

    ﻓﺎﺭﺍﺑﻰﯞﻩ ﯴﻧﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺳﯩﺴﯧﯩﺘﻤﯩﺴﻰ

    قايتا نىكاھ

    قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ

    قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا

    قەشقەر كېچىسى

    قۇتادغۇبىلىگ (داستانى)

    قۇتادغۇبىلىگ (پەلسەپىۋى رومان)

    قۇتادغۇبىلىكتىن جەۋھەرلەر

    قۇرئاندىكى قىسسەلەر

    قىزلارغا يۈز نەسىھەت

    قىساس

    قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ- زارى

    كارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى

    كۆك بۆرە

    كۆكۈيۈن

    كۆمۈرچى بالا

    كۆز ئىچىدىكى كۆز،سۆز ئىچىدىكى سۆز

    كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى

    كۈز يامغۇرى

    كىرورەن گۈزىلى

    گۆر ئاغزىدىن يانغانلار

    گۈلىستان

    لەيلى – قۇربان

    لېيىغان بۇلاق

    مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز

    مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى

    مەن كەچكەن كىچەكلەر

    مەمەت ئاۋاق

    مەمتىلى ئەپەندى

    مەھمۇد كاشغەرىي

    موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە

    مېھرابتىن چايان

    مېنىڭ ئىسمىم قىزىل

    ﻧﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦئەﭘﻪﻧﺪﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ

    ھاجى مۇرات

    ھايات شاماللىرى

    ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت

    ھۇمايۇن ئەكبەر

    ھۆكۈمدارلار دەستۇرى

    ھىجران

    ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا

    ئوغلۇمغا يېزىلغان ﺧﻪﺕ

    ئويغانغان زىمىن

    ئورخۇن شەجەرىسى

    ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە

    ئۇلۇغبەگ غەزىنىسى

    ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى

    ئۇرۇش ۋە تىنچلىق

    ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى

    ئۇيغۇرلار غەربتە ۋە شەرقتە

    ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدىنىيتى

    ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر

    ئۆﺗﻜﻪﻥﻛﯜﻧﻠﻪﺭ

    ئۆزلۈك ۋە كىملىك

    ﯲﺯﯨﻨﻰﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺑﻮﺳۇﻏﯩﺴﯩﺪﺍ

    ئۆلۈك جانلار

    ئۆچمەس ئىزلار

    ئۆگىنىش ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ

    ئۆﻣﯜﺭﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﯩﺮﻯ

    ئېغىر تىنىقلار

    ئېچىنىش

    ئىلمى ئەخلاق

    ئىدىقۇت يۇلتۇزى

    ئىزدىنىش

    ياخشىلار باغچىسى

    ياغاچ مېدال

    ياشاش سەنئىتى

    يۈز يىل غېرىبلىق

    يۈسۈپ خاس ھاجىپ

    يۇلتۇزلۇق تۈنلەر

    يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت

    يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام

    يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا

    يىگانە ئارال

    يىڭى ھايات

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!