www.4tadu.com
  • ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى - [بەش ئەزا كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/95689139.html

    ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى

    ېغىز ئەرەپچە ( فەم ) دەپ ئاتىلىدۇ .  ئېغىز بوشلۇقى _ كالپۇك ( لەب ) لەردىن شەكىللەنگەن ئېغىز تۆشۈكىدىن باشلاپ تىل تۈۋىدىكى گالغىچە بولغان بوشلۇققى قارىتىلغان بولۇپ  ، ئۇ ئاستىقى ، ئۈستۈنكى كالپۇكلار ( شەفەتەين ) ، تىل ( لىسان ) ، چىشلار ( ئەسنان ) ، تاڭلاي ( ھەنەك ) ، گال ( ھەلق ) قاتارلىق ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدۇ . بۇلاردىن تاشقىرى يەنە ، ئۇنىڭدا شۆلگەي بەزلىرى ( غۇددەئى ئەرىقىييە ) ، بادامچە بەز ( لەۋزەتەين ) ۋە باشقىلار بولىدۇ  .
        ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئۈستۈنكى چىشلار ، تاڭلاي ۋە يۇقىرىقى ئىڭە ، ئاستى تەرىپىدە تۆۋەنكى چىشلار ، تىل ۋە ئاستىنقى ئىڭە بولىدۇ . ئېغىز بوشلۇقىنى ئەستەرلەپ تۇرغان بەلغەمسىمان پەردە ( غىشائى مۇخاتى ) ئالدى تەرەپتە كالپۇك ، ئارقا تەرەپتە گال شىلىمشىق پەردىسى بىلەن تۇتىشىدۇ . بۇ پەردىلەر نورمال ئەھۋال ئاستىدا قىزىلگۈل رەڭگىدە بولىدۇ . گال ئوزۇقلۇق ۋە ھاۋا كىرىدىغان يولدۇر .
        ئېغىز ئۆز بوشلۇقىدىكى ئەزالىرى ئارقىلىق ئېمىش ، شوراش ، تەم سېزىش ، چايناش ، يۇتۇش بوۇپمۇ ئىنسانلارغا خاس بولغان سۆزلەشتەك مۇھىم خىزمەتلارنى ئۆتەيدۇ .

    كالپۇك

       كالپۇك پارىسچە ( لەب ) ئەرەپچە ( شەفەت ) دەپ ئاتىلىدۇ .
      كالپۇك _ ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى لەبلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، سىرتقى تەرىپى تېرە ، ئىچكى تەرىپى بەلغەمسىمان پەدىدىن تۈزۈلگەن ، ئۇنىڭدا مۇسكۇل ، تومۇر، ئەسەب ( نېرۋا ) ، چېتىشتۇرغۇچى پەردە ، مايلىق پەردە ۋە كىچىك بەزلەر بولىدۇ . ھەر بىر لەب ئىچكى سەتھى ئوتتۇرىسىدىكى بەلغەمسىمان چاندىر ئارقىلىق چىش مىلكىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ . كالپۇكلار ئېغىزنى شەكىللەندۈرۈپ يۈز شەكلىنى تۈزەشتىن سىت ئېمىتىش ، شوراش ۋە چىشلارنى مۇھاپىزەت قىلىشتەك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ .

    تىل

       تىل پارىسچە ( زەبان ) ، ئەرەپچە ( لىسان ) دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ سىرتقى بەش سەزگۈ ( ھەۋاسى خەمىسە زاھىرى ) نىڭ بىرى بولغان تېتىش كۈچى ( قۇۋۋەئى زائىقە ) نىڭ خىزمىتىنى بېجىرگۈچى مەخسۇس ئەزادۇر . بۇنىڭدىن باشقا يەنە چايناش ، يۇتۇش ، شوراش بولۇپمۇ سۆزلەشتە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ . تىل بولمىسا سۆزلىگىلى بولمايدۇ .
       تىل _ تىل تېنى ، تىل ئۈستى ۋە تىل تۈۋىدىكى تەركىب تاپىدۇ . تىل تۈۋى بىر قانچە مۇسكۇللار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك سۆڭەككە ، بەلغەمسىمان پەردىنىڭ 3 چەمبىرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك سۆڭەككە ، بەلغەمسىمان پەردە چىش مۈلۈكلىرىنى ئەستەرلەيدۇ . تىل ئاستىدا بىر چېتىق بولۇپ ، ئۇ تىل يۈگىنى دەپ ئاتىلىدۇ يۈگەن ئارقىلىق ئاستى ئىڭەككە يېلتىزلىنىدۇ .
       تىل ئۈستىنى بەلغەمسىمان پەردە ئىھاتە قىلغان بولۇپ ، ئۇ ئىچكى ، تاشقى 2 قەۋەتتىن تۈزۈلگەن . سىرتقى قەۋىتى تېرىگە ئوخشاش بولغاچقا تىل قىچىشىش ( ھىككە توللىسانى ) تىل ، يېرىلىش ( تەشەققەللىسانى ) تەك كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ . ئىچكى قەۋىتىدۇ تومۇر ۋە نېرۋىلار تارقالغان بولىدۇ .
       تىل ئۈستىدىكى بەلغەمسىمان پەردىدە 3 خىل ئۆسۈكچە بولىدۇ :
       1 . چوڭ ئۆسۈكچىلەر يەنى خەندەكسىمان ئۆسۈكچە ( ھولەيماتى مۇخەندەقە ) لەر تىلنىڭ ئارقا قىسمىغا تارقالغان بولۇپ ، سانى ئاز ، ئەتراپىدا خەندەك ياكى كانالچىلار بولغان بولىدۇ . شۇڭا خەندەكسىمان ئۆسۈكچىلەر دەومۇ ئاتىلىدۇ . بۇ ئۆسۈكچىلەردە تەم سىزىش كۈچى توپلانغان بولىدۇ .
      2. مموگۇسىمان ئۆسۈكچە ( ھولەيماتى فوترىييە ) ئاساسەن تىلنىڭ ئىككى يېنى ۋە ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ ، شەكلى مۇگۇغا ئوخشايدۇ ، سانى كۆپ ، رەڭگى قىزىل بولىدۇ .
      3. بىپسىمان ئۆسۈكچە ( ھولەيماتى خەيتىييە ) تىلنىڭ ھەممە قىسىلىرىغا تارقالغان بولۇپ ، تېۋىتقا  ئوخشاش ئىنچىكە ، ئۇزۇن كېلىدۇ ، سانى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، بۇ ئۆسۈكچىلەر تەم سېزىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئاساسلىق ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .
    تىلدا  تۆۋەندىكىدەك 3 خىل ئەسەب بولىدۇ :
      1. مېڭىدىن چىققان تەم سىزىش ئەسەب شاخچىلىرى تىل ئۇچى ئۇنىڭ يان قىسىملىرىدا ئاياغلىشىدۇ . بۇ ئەسەبلەر ئادەتتىكى سەزگۈ ئەسەبلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . 2. تىل گال ئەسەبلىرى تىلنىڭ تۈۋى تەرىپى ۋە ئۇنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى بەلغەمسىمان پەردە ۋە چوڭ  ئۆسۈكچىلەر يەنى خەندەكسىمان ئۆسۈكچىلەرگە تارقالغان بولۇپ ، تېتىش قۇۋۋىتى ئاساسلىق مۇشۇ ئۆسۈكچىلەردە بولىدۇ .
      3. تىل ئاستى ئەسەبلىرى تىلنىڭ مۇسكۇللىرىغا تارقالغان بولۇپ ، تىلنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى باشقۇرۇلىدۇ .
       يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئالدىنقى ئىككى ئەسەبدە ئۇچراشقان نەرسىنى سېزىش كۈچى ( قۇۋۋەئى لامىسە ) ۋە تېتىش كۈچى ( قۇۋۋەئى زائىقە ) نىڭ ئىككىسلا بولىدۇ ، كېيىنكى ئەسەبدە پەقەت ھەرىكەتلەندۈرەۈچى كۈچ ( قۇۋۋەئى مۇھەررىكە ) لا بولىدۇ .
    تىلنىڭ ئارقا تەرەپ ئوتتۇرا قىسمىدا كىچىك تىل بار ، ئۇ گالنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى يۇمشاق تاڭلايدىن ساڭگىلاپ تۇرغان ئۆسۈكچە گۆش بولۇپ ، نەپەسلىنىشتىن كىرگەن ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ چاڭ _ توزانلارنى سۈزۈپ قېلىش ، كىچىك بالىلاردا سۈت ئېمىتىش ، ئاۋاز چىقىرىشقا ياردەم بېرىشتەك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ .
       تىلدا يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ھەرخىل ئۆسۈكچىلەردىن شەكىللەنگەن تەم سېىزىش چېچەكلىرى بولىدۇ . ئۇلارغا تېتىش كۈچى ( قۇۋۋەئى زائىقە ) يەنى تەم سېزىش ئەسەبلىرىنىڭ شاخچىلىرى تارقالغان بولىدۇ . ھەرخىل تەملەر ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن سەزگۈ ئەسەب ( ئەسابى ھىسسى ) ئارقىلىق مېڭىدىكى ئورتاق ھېس قىلىش ( ھسسى مۇشتەرەك ) ئورنىغا يېتىپ بېرىپ تەم سېزىمنى بالىققا كەلتۈرىدۇ . تەمنىڭ ئوبدان سېلىشى ئۈچۈن ماددا ئېرىگەن ياكى ئېغىزدا ئېرىيدىغان بولۇشى لازىم . ئۇنداق بومىغاندا تەم سېزىمى بولمايدۇ . ئەمما ئۇچراشقان نەرسىنى سېزىش كۈچى ( قۇۋۋەئى لامىسە ) ئۆز رولىنى يەنىلا يوقاتمىغان بولىدۇ . شۇڭا تىل ياكى گال قۇرۇپ قالسا بىر نەرسىنىڭ تەمىنى سەزگىلى بولمايدۇ . تېتىش كۈچى بىلەن پۇراش كۈچى ئادەتتە ئۆز ئارا ماسلاشقان بولىدۇ . ئادەم بەدىنىدە يەنە ئىچكى تەم سېزىش كۈچى ( قۇۋۋەئى زائىقەئى باتىنىيە ) دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل قۇۋۋەتمۇ بولىدۇ . بۇ مېڭىدىكى تەم سېزىش ئەسەبى ( ئەسابى زائىقە ) غا ئچىكى سەۋەبلەرنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن بولىدۇ . مەسىلەن ، بەزى غەيرىي نورمال ئەھۋاللار ئاستىدا تىل سىرتقى نەرسىلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرىمايمۇ ئېغىزدا ئاچچىق ياكى تاتلىق تەملەر سېزىمى پەيدا بولۇپ قالىدۇ .
    تىل تېنىنىڭ رەڭگى ، تىل ئۈستىدىكى گەزلەرنىڭ نېپىز _ قېلىنلىقى ۋە ئۇلارنىڭ رەڭگى ھەمدە تېلنىڭ ھەرىكىتى قاتارلىقلار ئادەم بەدىنىڭ ساقلىق _ ساقسىزلىق ھالىتىدىن بىۋاستە بىشارەت بېرىدۇ . شۇڭا ئۇلار تەشخىس ئىلمىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

    چىش


       چىش ئەرەپچە ( ئەسنان ) دەپ ئاتىلىدۇ ، ئىنسانلار ھاياتىدا ئىككى قېتىم چىقىدۇ . بىرىنچى قىتىمدا سۈت چىشى يەنى بوۋاق چىشى ، ئىككىنچى قېتىمدا دائىملىق چىش يەنى ئۆمۈرلۈك چىش چىقىدۇ .


     سۈت چىشى


       سۈت چىشى بوۋاق چىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، چۈنكى ئۇ بالا تۇغۇلۇپ 6_ 8 ئاي بولغاندا چىقىشقا باشلاپ ئىككى يېرىم ياشقا كىرگىچە ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى ئىڭەكتە 10  دىن جەمئىي 20 دانە چىقىدۇ . ئاستىنقى ئىڭەك سۈت چىشلىرى ئۈستۈنكى ئىڭەك چىلشىرىغا قارىغاندا بالدۇراق چىقىدۇ .
    سۈت چىشلىرى ئوتتۇرا سۈت چىشى ، يان سۈت چىشى ۋە ئېزىق سۈت چىشلىرىغا ئايرىلىدۇ . ئوتتۇرا سۈت چىشى بالا 7 _ 6 ئايلىق بولغاندا ئاستى _ ئۈستىدە 4 تىن 8 دانە چىقىدۇ . يان سۈت چىشى 14_ 12 ئايلىق 2دىن 4 دانە چىقىدۇ . ئاخىرى 4 تىن 8 دانە ئېزىق سۈت چىشى چىقىدۇ ، 6 ياشقا توشقاندىن كېيىن سۈت چىشلىرى چۈشۈشكە باشلاپ 13 _ 12 ياشقا كىرگىچە دائىملىق چىشلار چىقىپ بولىدۇ .


    دائىملىق چىش


       دائىملىق چىش ئۆمۈرلۈك چىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ . چۈنكى ئۇ ئادەم قېرىغانغا قەدەر ئاساسىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، سانى ئادەتتە 32 تال بولىدۇ . ئايرىم كىشىلەردە دائىملىق ئەقىل چىشدىن 2تال ياكى 1 تالدىن چىقماي قېلىپ چىشلىرىنىڭ سانى 30ياكى 28 تال بولۇپمۇ قالىدۇ .
    دائىملىق چىشلار دائىملىق ئوتتۇرا چىش ، دائىملىق يان چىش ، دائىملىق ئىزىق چىش ۋە دائىملىق ئەقىل چىشلارغا ئايرىلىدۇ . دائىملىق ئوتتۇرا چىش 4 تىن 8 تال ، دائىملىق يان چىش 2دىن 4 تال ، دائىملىق ئېزىق چىش 8 دىن 12 تال ، دائىملىق ئەقىل چىشى 2 دىن 4 تال جەمئىي 32 تال چىقىدۇ .
    چىشنىڭ ئۆزى چىش ئۇچى ،چىش بوينى ۋە چىش تۈۋى ( يىلتىزى ) دىن ئىبارەت 3 قىسىمغا بۆلۈنىدۇ . چىش ئۇچى ئېغىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ، چىش يېلتىزى ئىڭەك سۆڭەك ئويمانلىرىغا پېتىپ تۇرغاچقا كۆرۈنمەيدۇ . چىش ئۇچى بىلەن چىش تۈۋىگىچە بولغان ئارىلىق چىش بوينى دەپ ئاتىلىدۇ . ئوتتۇرا چىشلاردا بىردىن يىلتىز ، يان چىشلاردا 2 دىن يىلتىز ، ئېزىق چىشلاردا 2دىن 5 گىچە يىلتىز بولىدۇ . چىشلار يېمەكلىكلەرنى ئۈزۈش ، چايناش ھەمدە ئېزىپ ئۇلارنى ھەزىم قىلىشقا لايىقلاشتۇرۇش ، ئېغىزدىكى شۆلگەيلەرنى توختىتىش ۋە كونتىرول قىلىشتەك رولغا ئىگە . شۇنىڭ بىلەن بىرگە گەپ قىلغاندا سۆزلەرنىڭ تولۇق ۋە توغرا چىقىشقا ياردەم بېرىدۇ . ئادەمگە زىننەت كىرگۈزىدۇ . شۇڭا چىشلارنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىش ، تاماقتىن كېيىن ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىشنى پاكىز يۇيۇش ، شاكىراپ تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاش ، ئەڭ ياخشىسى چىش مەلھىمىنى چىش چوتكىسىغا يۇقتۇرۇپ چوتكىلاشنى ئادەت قىلىش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىشلارنى بەك سوغۇق ۋە قىزىق ، بەك ئاچچىق ۋە چۈچىمەل يېمەك _ ئىچمەكلىكلەردىن ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەشتىن ساقلاش كېرەك .
       ئەجدادلىرىمىز مىسۋاك بىلەن چىشنى تازىلاش ياكى مەخسۇس چىش تاتقان ( سۇنۇن ) لىرى بىلەن چىشنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئاسراشتەك ئېسىل تازىلىق ئەنئەنىلىرىگە ئىگە.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!