يانتاق
خېمىيىلىك تەركىبى: يەر ئۈستىدىكى قىسمىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن س، كارۇتىن ، ۋېتامىن ك، ئاز مىقداردا ۋېتامىن ب1؛ شاخ ۋە يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن س، كارۇتىن قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق خۇسۇسىيىتى: ئىششىق تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ، قان خىلىتلىرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش، قىزىتما قايتۇرۇش، كۆزدىكى ئاقنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: سەپراۋى قىزىتما، تەپ ، بۇۋاسىر، كۆكرەك ئىششىقلىرى، باش ئاغرىقى، چوڭ – كىچىك بۇغۇملار ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كونا يانتاقنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچسە ياكى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى ئىسلىسا بوۋاسىرنى يوقىتىدۇ؛
يانتاقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا ، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىدۇ.
يانتاق سۈيىدىن ئۈچ تامچىنى بۇرۇنغا تېمىتىپ ، بىر سائەتتىن كېيىن بىنەپشە يېغىنى بۇرۇنغا ئالسا كونا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
يانتاقنىڭ كۆك يۇپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى زاراڭزا يېغى بىلەن قوشۇپ پۇت-قوللارنى ياغلىسا ، بۇغۇم ئاغرىقى ۋە سۇغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ.
يانتاقنىڭ چېچىكىنى ئېزىپ بۇۋاسىرغا چاپسا ، بۇۋاسىر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : 1-10 گرام. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ، تۈزەتكۈچىسى –ھەسەل. ئورۇنباسارى : تەرەنجىبىن.
پىششىق دورا ياسالمىسى: يانتاق قايناتمىسى.