www.4tadu.com
  • تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى - [ئاياللار كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/95068108.html

    تۈرلۈك جىنىسي ئەزا ياللۇغلىرى

    تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

    بۇ ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، ھەر قانداق ياشتىكىلەردە، بولۇپمۇ ئوپچە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلاردا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

    سەۋەبى: جىنسىي يول تۈكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ. ئاساسلىقى جىنسىي يول تامچە قۇرتلۇق كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچىلار بىلەن جىمائ قىلىش، شۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغانلار بىلەن بىللە يۇيۇنۇش، يۇيۇنۇش داسلىرى ، يۇيۇنۇش لۆڭگىلىرى ، سۇ ئۈزۈش كىيىملىرى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.

    كىلىنك ئىپادىسى :

    1. ئاق خۇن كۆپىيىش: سۇيۇق كۆپۈكلۈك، سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. ئاق خۇننىڭ رەڭگى كۈل رەڭگە مايىل ياكى كۈلرەڭ سارغۇچ  بولۇپ، ئارىلاشما يۇقۇملىنىش پەيدا بولغاندا يىرىڭلىق ئاق خۇنمۇ كېلىدۇ. ئاق خۇن سىرتقى جىنسىي ئەزاغا ئېقىپ چىقسا ، سىرتقى جىنسىي ئەزانى غىدىقلاپ ، قىچىشىش، كۈيۈشۈش ياكى چۈمۈلە ماڭغاندەك سېزىم پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ياكى دوۋسۇنغا تەسىر قىلسا ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپۈيۈش، سىيىش قىيىنلىشىش  قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ بىرگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

    2. تۇغماسلىق: بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىدا تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، تۇغماسلىقنى تامچە قۇرت ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئادەتتە بالىياتقۇغا كىرگەن ئۇرۇقنى تامچە قۇرت يەپ تۈگەتكەچكە ، تۇخۇم بىلەن ئۇرۇق بىرلىشەلمەي تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدىكەن.

    3. ئاياللار بۆلۈمىدىكى تەكشۈرۈش: تەكشۈرگەندە شىللىق پەردە قىزارغان، شىللىق پەردىلەرگە قان تولغان بولۇپ ، كۆپلىگەن ئاق خۇن گۈمبەز قىسمىغا يىغىلغان بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينىدىمۇ قاناش توكچىلىرى پەيدا بولىدۇ.

     

    دېئاگنۇزى:

    كېسەللىك ئىپادىسىگە قاراپ دېئاگنۇز قويغاندىن سىرت ، سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە ، ھەرىكەتلىنىۋاتقان بىر ياكى بىر قانچە تۈكلۈك تامچە قۇرتنى كۆرگىلى بولىدۇ.

     

    ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش:

    شۇ كېسەل بىلەن ئاغېرىغۇچىلار بىلەن جىمائ قىلىشتىن، بىللە يۇيۇنۇشتىن، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىللە بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ يۇيۇنۇش لۆڭگىلىرى ۋە ئىچ كىيىملىرىنى قايناق سۇدا يۇيۇش، ئاپتاپتا قۇرۇتۇش، كىسلاتالىق سۇپۇنلاردا يۇيۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

    تامچە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك ئورۇننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سامساقنى ئىزىپ سۇيۇلدۇرۇپ يۇيۇش ياكى ئاچچىقسۇنى سۇيۇلدۇرۇش ئارقىلىق شۇ سۇدا تاشقى جىنسىي ئەزانى يۇيۇش كېرەك. شاپتۇل يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ بىمارنى سۈيىدە ئولتۇرغۇزۇش ياكى جىنسىي ئەزانى يۇيۇش، ، شاپتۇل يۇپۇرمىقىنى سۇقۇپ ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شامچە تەييارلاپ گۈمبەز قىسمىغا سېلىپ قۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ ياكى تۆۋەندىكى شامچىنى تەييارلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

    شامچە تەركىبى: بەسباسە، سۇمبۇل، رەيھان، يالپۇز، مامىرانچىنى ھەربىرىدىن 4گرامدىن ئېلىپ ، ئۇنىڭغا كۆيدۈرۈلگەن زەمچىدىن 2گرامنى سۇقۇپ ، تاسقاپ ئارىلاشتۇرۇپ ، سىركە ياكى ئاچچىقسۇدا خېمىر قىلىپ شامچە تەييارلاپ ، كۈندە كەچتە جىنسىي يولغا بىر دانىدىن سېلىپ قويۇلسا ، جىنسىي يول ئاقراتمىلىرىنى ئازايتىپ ، قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    كېيىنكى يازما :كۆكەرتىش باكتىرىيىسى خارەكتىرلىك جىنسىي يول ياللۇغى.

    ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كىتاپتىن .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!