www.4tadu.com
  • خورەك تارتمايدىغانسىز؟ - [تېببىي ئۇچۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/87343878.html

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمىزنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى، نەچچە كۈندىن بېرى يېڭى بلوگقا كۆچۈش ئىشى بىلەن يېڭى تېما يوللىيالماي قالدىم. ئىنشائاللاھ يېڭى بلوگنىڭ ئىشلىرى بىرەر قۇر پۈتۈپ تېمىلارنى يۆتكەۋاتىمەن.

       http://www.4tadu.com   نامى بىلەن ئېچىلدى. بلوگباستىكى سۈرئىتى ئاستا/ يېڭى بلوگ

     ، ئىنكاس كۆزنىكى كىچىك بولۇش ئەھۋاللىرى يېڭى نام، مۇستەقىل بوشلۇق، يېڭى قىياپەتتىكى بلوگدا كەلمەسكە كەتتى. پايە قەدىمىڭلار تۇرايىمىزغا ھەر ۋاقىت يىتىپ تۇرغاي. بۇ ھەقتە كېيىن ئايرىم تېما تەييارلىشىم مۇمكىن. تۆۋەندە ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى :

     خورەك تارتمايدىغانسىز؟

     

    ئامرىكىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۇخلىغاندا دائىم يۇقىرى ئاۋازدا خورەك تارتىدىغان كىشىلەر ۋە تەستە ئۇىلايدىغان كىشىلەردە چوڭ بولغاندا مىتابولىزىم يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپرەك بولىدىكەن.

     

    ئامرىكىدا يېقىندا ئېلان قىلغان سەكتە(شامالدارىش) نىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش  سەكتە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ئىكەن.

    تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولسا ، سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %80 تۆۋەنلەيدىكەن. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى تاماكا چەكمەسلىك، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ، مېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، نورمال قان بېسىمىنى ساقلاش، قاندىكى خولىسترىن مىقدارىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى كۆرسىتىدىكەن.

     

    ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار دادۇردىن ‹‹بوياق ئېلىنىدىغان گېنستا چاتقىلى فلاۋونى›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى بايقىغان بولۇپ ، بۇ ماددا بالىلاردىكى ھاڭۋاقتىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش ئەھۋاللىرىغا شىپا بولىدىكەن.

     

    ئېلىمىز ئالىملىرى بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەتقىق قىلىپ ، جۇڭيى دورىسى – گۈلبۇغۇندىن مېڭە سەكتىسىگە كۆرۈنەرلىك شىپا بولىدىغان بىر خىل ماددىنى تاپتى. ئۇ ماددا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قېتىشىش دائىرىسىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ ، كەمتۈكلۈكنى ياخشىلايدىكەن.

     

    ئامرىكىلىق تەتقىقاتچىلار قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۇىلاش ۋاقتىنىڭ ئۇلارنىڭ قورساق ئايلانمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بولسا ، قورساقتىكى ياغنىڭ مەلۇم ۋاقتتىن كېيىن كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى.

    مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!