-
كىشمىش(سايىكە) ئۈزۈمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى - [خام دورىلار ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/95751158.html
كىشمىش(سايىكە) ئۈزۈمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى
خېمىيەلىك تەركىبى: بۇنىڭدا گلۇكوزا، مېۋە قەنتى، ئاز مىقداردا قۇمۇش شېكىرى،ياغاچ شېكىرى،تارتىرات كىسلاتاسى،چۆپ كىسلاتاسى،لىمون كىسلاتاسى،ئالما كىسلاتاسى ۋە ۋېتامىن قاتارلىقلار بار.
دورىلىق تەسىرى: ئۈزۈمىنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە ۋېتامىن پ نىڭ تەسىرى بار .
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق.
خۇسۇسىيىتى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى سۈرۈش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، ئۈچەينى يۇمشىتىش، كۆكرەكنى بوشىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: خەفەقان، يۈرەك قوزغىلىش، يۈرەك ئاجىزلىق،يۆتەل، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، باھ ئاجىزلىقى، زىيادە ئۇرۇقلۇق، كۆكرەك چىڭلىقى، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. 12 گرام كىشمىشنى كېچىسى قىزىلگۈل ئەرقى بىلەن دۈملەپ قويۇپ ، ئەتىگىنى مەزكۇر كىشمىشنى يەپ، ئۈستىدىن قىزىلگۈل ئەرقىنى ئىچىپ بەرسە ، خەفەقان ۋە يۈرەك ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ.
2. كىشمىشقا زەپەر بىلەن تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى قۇشۇپ ، يانچىپ ، قاتتىق ئىششىققا سۈركىسە ئىششىق ياندۇرىدۇ.
3. كىشمىشنى سەبرى بىلەن قوشۇپ بۇغۇملارغا سۈركىسە ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
4. كىشمىشنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە ياكى چىلاپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ، كۆكرەكنى بوشىتىپ، يۆتەل توختىتىدۇ. ئاۋازنى ساپلاشتۇرىدۇ.
5. شەربىتى زەبىب، شەربىتى رەيھان قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە بەدەننى قىزىتىدۇ، قان كۆپەيتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 7-12گرامغىچە.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سۇغۇقچان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. تۈزەتكۈچىسى – پىننە، بەدىيان.
ئورۇنباسارى: مۇناقى ئۈزۈم.
پىششىق دورا ياسالمىسى: شەربىتى زەبىب، شەربىتى رەيھان
收藏到:Del.icio.us