www.4tadu.com
  • كۈندە بىر خام دورا —- ئارپىبەدىيان - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/96112859.html

    بلوگىمىزدا بۇنىڭدىن كېيىن كۈندە بىر خىل ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ مېڭىش خىيالىمىز بىلەن بۈگۈنكى تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تەلەيلىك خام دورا ‹‹ئارپىبەدىيان››؛

    مانا ماۋۇ ياندىكى بىزگە سالام بېرىۋاتقان ئۆسۈملۈك دەل بىز سۆزلىمەكچى بولغان ئارپىبەدىيان ئۆسۈملۈكىدۇر.

    بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياكى مېۋىسى ئارپىبەدىيان، رازىيانەج ناملىرى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.نۇقۇل بەدىيان دېيىلسىمۇ مۇشۇ ئارپىبەدىياننى كۆرسىتىدۇ. يىلتىز پوستى بولسا بىخ بەدىيان نامى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئىككىسى بىر ئۆسۈملۈك بولسىمۇ ئىشلىتىلىشى ئوخشىمىغاچقا ئۇنى كېيىنكى يازمىمىزدا بايان ئەيلەيمىز.

    ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنىڭ خېمىيەلىك تەركىبى: بۇنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ ، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە %50-%60 گىچە ئانىتول، %20-%30 گىچە فېنېفون، كامفېن، ئاتسدوم ئانىزىكوم، دېپىتىن، ئارپىبەدىيان ئالدىھىدى قاتارلىقلار بار.

    دورىلىق تەسىرى: ئارپىبەدىيان يېغى يەل ھەيداش تەسىرىنى بېرىدۇ. يەنى يەل ھەيدەيدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ئاشقازاننى بوشاشتۇرۇپ ، غىدىقلاش پەيدا قىلىپ ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا بوشاشتۇرۇپ ، ئاغرىققا ئارام بېرىدۇ.

    ئارپىبەدىيان يېغىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە باكتىرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار . بۇنىڭدىكى ئانىتول باكتىرىيىگە قارشى تۇرغۇچى تەركىب بولۇشى مۇمكىن. فىفون بولسا كافۇرغا ئوخشاش ئالاھىدە جىسىمدىن تۈزۈلگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە كامفۇراغا ئوخشاش يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاش تەسىرى بار .  يەنە ئارپىبەدىيان يېغى مەلۇم دەرىجىدە ئۈچەينى غىدىقلاپ ۋە سىىقلاشتۇرۇپ ، يەڭگىل دەرىجىدە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.

    تەبىئىتى بولسا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى : غەيرىي تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى ، ھۆل سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيزنى راۋان قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش؛

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، دېمى سىقىلىش، تال، جىگەر توسۇلۇش، بۇغۇم ئاغرىقى، ئاياللاردىكى سۈت كەملىك،كونا ئىچ سۈرۈش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، ئېغىز پۇراش، كۆڭۈل ئاينىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، يۆتەل ، بەل ۋە يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

    1. ئەپسەنتىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 6گرام، سۇمبۇل 3گرام، ئارپىبەدىيان 12گرام ، قارا زىرىدىن 5گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە يەل تارقىتىپ، قورساق كۆپۈشنى يوقىتىدۇ.

    2. ئارپابەدىياندىن 10گرام، ئىزخىردىن 20 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ، سۈيىگە 100گرام ھەسەل قوشۇپ بېرىلسە ، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخاغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    3. ئوغرىتىكەن، بەدىيان، بادام مېغىزى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، كاپ ئېتىپ بەرسە سۈت كۆپەيتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

    4. كىچىك بالىلاردىكى كۆڭۈل ئاينىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئۈچۈن بەدىيان بىلەن يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى قورۇپ، تەرەنجىبىن بىلەن بىرگە تەمىنى چىقىرىپ بىر-ئىككى قۇشۇق يىگۈزۈپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

    5. بەدىياننىڭ خاس تەمىنى چىقىرىپ ، ئۈچ گرام بادام يېغى قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قۇلۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    6. بەدىياندىن سىركەنجىۋىل تەييارلاپ بەرسە ، تال ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6گرامغىچە.

    دىققەت قىلىدىغان تەرىپى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ. تۈزەتكۈچىسى بىنەپشە ۋە ھۆل يۇمغاقسۈت.

    ئورۇنباسارى: كەرەپشە ئۇرۇقى ، رۇمبەدىيان.

    پىششىق دورا ياسالمىسى: ئەرقى بەدىيان، ئىتتىرىفىل بەدىيان، جاۋارىش كۇمۇنى، سۇپۇپى بەدىيان قاتارلىقلار.

    خام دورىلار ئىلمىدىن .

    كېيىنكى تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز ئارپىبەدىيان يىلتىزى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!