ئەزا تارتىپ لىكىلداش كېسىلى
يۈز،قاپاق ياكى بەدەن گۆشلىرىنىڭ لىكىلداپ تۇرۇشى ئىختىلاج دېيىلىدۇ. ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەتىياز پەسلىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى : مەلۇم ئەزا تارتىپ، لىكىلداپ تۇرىدۇ. كۆپرەك يۈز، كۆز، قاپاقلاردا كۆرۈلىدۇ، ئىختىيارسىز تارتىدۇ. ھېيىقىدىغان كىشىلەرنى كۆرگەندە قوزغىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بەدەننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مەزكۇر كېسەل كۆرۈلسە نېرۋا(ئەسەب ) تەركىبىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولۇش بىلەن پەيدا بولىدىغان بىر تۈرلۈك كېسەلنىڭ ئالدىنقى بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن بەدەندە كۆرۈلسە سەكتىنىڭ باشلىنىشىدۇر.
داۋاسى:
ئالدى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا تۇز سۈيى بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، قىزىل قىچىدا مەلھەم ياساپ تېڭىش، كاۋاۋىچىن،قەلەمپۇر يېغى سۈركەش، گۈل يېغى بىلەن سىركىنى قىزىتىپ ياغلاش، سۇغۇق سۇ ۋە سۇغۇق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش لازىم. گۈلقەنت بىلەن مەستىكىنى ئارىلاشتۇرۇلغان مائۇلئۇسۇل شەربىتى بېرىلىدۇ. ئايارەج لۇغانزىيامۇ ئوبدان پايدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لەقۋا ۋە پالەچنىڭ دورىلىرىنى بېرىشمۇ بۇ كېسەلگە پايدىلىق.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى تۆرتىنچى توم.