www.4tadu.com
  • كۈندە بىر خام دورا —ھەرە كۆنىكى - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/101467820.html

    بۈگۈن ھەرە كۆنىكى ھەققىدە تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز.

    بۇ ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان چوڭ سېرىق ھەرە ياكى سېرىق ھەرىنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ ، شەكلى يۇمىلاق، رەڭگى ئاقۇل، كۈلرەك بولىدۇ. ئالدى تەرىپىدە ئالتە بۇرجەكلىك تۆشۈكلەر، كەينى تەرىپىدە بولسا تۇتقۇچى(سېپى) بولىدۇ. مانا مۇشۇ ھەرە كۆنىكى ياكى ھەرە ئۇۋىسى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    خېمىيەلىك تەركىبى:

    گلۇكوزا، دەرەخ يىلىمى، مېۋە قەنتى، ھەسەل مومى، ھەسەل يىلىمى،بىر قىسىم ئۇچۇچان مايلار،فوسفور ۋە ئارىلاشما ماددىلار بار.

    دورىلىق تەسىرى:

    زەھەر قايتۇرۇش ، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار.

    تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق.

    خۇسۇسىيىتى:

    يەل تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش، ئاغرىق پەسەيتىش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش.

    ئىشلىتىلىشى:

     قورساق ئىسىلىش، دورىلاردىن زەھەرلىنىش، بۇۋاسىر، ھەر خىل جاراھەت، سۈت بېزى ياللۇغى، غەلۋىرەك، جاھىل تەمرەتكە ، تېرە ياللۇغى، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

    ھەرە كۆنىكىدىن 12گرام، غەز تاپاندىن 35گرام،سىمىز ئوتتىن 25 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇسا ، بۇۋاسىر ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ھەرە كۆنىكى، زەمچە 12گرامدىن، ئەمە يۇپۇرمىقى 20گرام،سەپرا ئوت يىلتىزى پوستىدىن 15گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇسا ، جاھىل تەمرەتكە ۋە تېرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: 3-6گرام.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ، تۈزەتكۈچىسى: سۈت. 

    ئورۇنباسارى : ھەسەل.

    خام دورىلار ئىلمىدىن

    كېيىنكى قېتىم چىغىرتماق گۈلى ھەققىدە تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!