بۇ ئۇمۇرتقا تەخسىلىرى، چوڭ بۇغۇملار ھەمدە تاپان قاتارلىق ئورۇنلاردا ناھايىتى كىچىك كۆمۈرچەكسىمان سۆڭەك ئۆسۈپ چىقىش سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، نېرۋىلارنىڭ بېسىلىشى تۈپەيلىدىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئىزچىل ئاغرىق ۋە ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
ئالدى بىلەن سۆرۈنجان، گۈلبىنەپشە، بىستىپايەج، ئەفتىمۇن، بادىرەنجىبۇيا، ئىت ئۈزۈمى، شاھتەررە ، قىزىلگۈللەرنىڭ ھەر بىرىدىن 14گرام، بوزىدان، رۇمبەدىيان ، دۇرنەج ئەقرەبىنىڭ ھەر بىرىدىن 8گرام،گۈلقەنتتىن 100گرام ئېلىپ مەتبۇخ تەييارلاپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن ئىچكۈزۈلىدۇ. مەزكۇر نۇسخىنى ئىككى قېتىم تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ، بىمارنىڭ يەرلىك ئورۇندىكى ئاغرىش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. يەرلىك ئورۇن داۋاملىق زەيتۇن يېغى بىلەن ياغلىنىدۇ. يۇقىرىقى داۋالاشنىڭ 16-كۈنى پىشقان ماددىنى سۈرۈش مەقسىتىدە سانا، قارا ھېلىلىنىڭ ھەر بىرىدىن 18گرام، ئۇرۇقىدىن ئايرىلغان ۋاسالغۇ ئۈزۈمدىن 24گرام، ئاق تۇربۇت ، رەۋەندىن 9گرامدىن، تەرەنجىۋىلدىن 50گرام ، بادام مېغىزىدىن 15گرام ئېلىپ مەتبۇخ تەييارلاپ بېرىلىدۇ. مۇرەككەب دورىلاردىن ھەببى سۆرۈنجان، ئەرقى گاۋزىۋان بېرىلىدۇ. 18-كۈنىدىن باشلاپ سۆرۈنجان، بادىرەنجىبۇيا، گاۋزىۋان، رۇمبەدىياندىن 30گرامدىن، ئەپتىمۇن ئۇرۇقى، دۇرنەج ئەقرەبى، پەرەنجىمىشكى ، ئاق تۇربۇتتىن 18گرامدىن، ھەسەلدىن 100گرام ئېلىپ ، كۈندە ئۈچ ۋاق 50 مىللىلىتىردىن بېرىلىدۇ. يەرلىك ئورۇن چۆبچىنى بىلەن ئىسلاپ تۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار