-
جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دورىلار - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/102849433.html
جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دورىلار
بىرىنچى: سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار:
كاكىنەچ، بەدىيان، كاسىنە، بىنەپشە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى نىلۇپەر، ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى شاقاقۇنىئمان قاتارلىقلارغا ئوخشىغان قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ ، مەركىزىي نېرۋا سىستىمىسىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى پەسەيتىپ ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى: ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى دورىلار:
نېرۋا سېستىمىسىنىڭ نورمال قوزغىلىشىنى تۇرمۇزلاپ ، جىنسىيەت ھەققىدىكى تۈرلۈك غىدىقلىنىشلارنى ئۈنۈملۈك قۇبۇل قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئاخىرقى ھېسابتا جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇلار نىشە، ئەپيۇن. بەزۇرۇلبەنجى، جەۋزى ماۋسىل، كۆك يۇمغاقسۈت، كاپۇر، ئۇسۇڭ، ئۈستىقۇددۇس، بادىرەنجىبۇيا، ئالما قاتارلىقلارغا ئوخشاشلار…
ئۈچىنچى : مەنىي تۇتقۇچى دورىلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش؛
بۇ خىل دورىلار دەسلەپكى مەزگىلدە نورمال ، قەرەللىك ھالدا ئىشلەتكەندە جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى ئۈنۈملۈك داۋالىسىمۇ ، بۇ خىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلىۋالغۇچىلاردا ئۇرۇق بېزىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاناسىل ئەزالار بەزلىرىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇلار ؛ كۇچۇلار، سالاجىت،جەۋزى ئەزەم،ھەببى ئىمساك،ھەببى رىگماھى،ھەببى مۇمسىك،ھەببى ئەپيۇن،مەجۈنى مەسىھا دىلكۇشاد ۋە باشقىلار….
تۆتىنچى : ئىسپرتتىن زەھەرلىنىش-مەركىزىي نىرۋا سېستىمىسى تۇرمۇزلىنىپ قېلىش بىلەن جىنسىي پائالىيەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ھەمدە بەدەن زەئىپلىشىپ جىنسىي قۇۋۋەت (شەھۋەت) ئاجىزلايدۇ.
بەشىنچى : قان بېسىمى يۇقىرىلىقنى داۋالىغۇچى دورىلار؛
بۇ خىل دورىلار مەركىزى نېرۋا سېستىمىسنىڭ خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، تاناسىل ئەزا قايىم بولىدىغان چاغدا قان تومۇرلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدۇ. بۇلار؛ كەرەپشە ئۇرۇقى، گاۋزىۋان، ئەرقى سەندەل، ئەرقى گاۋزىۋان، مەتبۇخى ئەپتىمۇن، ئەرقى بىدىمىشكى، دۇفۇ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار…..
ئالتىنچى: ئىچىنى سۈرگۈچى دورىلار؛
بۇ دورىلار ئۇزۇن مۇددەت بەدەننى تازىلاش (تەنقىيە) قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، بۆرەك ۋە جىنسىي بەزلەر ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلار؛ ھەببى شەبيار، ھەببى ئايارەج، ھەببى سەبرى، شاھمىھەنزەل، سەبرى، تۇرغۇت، خىياشەنبەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل سۈرگۈچى دورىلار جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەسكەرتىش: كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن دورىلار ھەر قانداق ئادەمگە يامان تەسىر بېرىشى ناتايىن. دورىلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىۋەتمەسلىك كېرەك. دورىلارنى كېسەل داۋالاش ئۈچۈنلا ئىشلىتىش ، شەھۋەت ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك لازىم.
ئەرلەر ساغلاملىقى ناملىق كىتابدىن
收藏到:Del.icio.us