-
كۈندە بىر خام دورا —گۈلسەۋسەن - [خام دورىلار ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/103023226.html
بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇش بارىدىغىنىمىز چىغىرتماق گۈلىدۇر؛
بۇ گۈلسەۋسەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك گۈلسەۋسەننىڭ گۈلى بولۇپ ، سەۋسەن، گۈلسەۋسەن ياكى چىغىرتماق گۈلى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛
خۇسۇسىيىتى: ئىششىق تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، قان تازىلاش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ، سەۋدا ماددىسىنى پىشۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، زەخمىلەرنى پۈتتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەلغەم بوشىتىش قاتارلىقلار......
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى،سۇغۇقتىن بولغان يۆتەل، زۇكام، نەزلە، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، قورساق ۋە تۇقۇلمىلارغا سۇ چۈشۈش،شەقىقە ، باش ئاغرىقى، بۇۋاسىر، بۇيۇن بەز سىلى، بەھەق، بەرەس، يىرىڭلىق قىچىشقاق، سۇلۇق تەمرەتكە، چايان ۋە يىلان چېقىۋېلىش قاتارلىقلار.....
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
سەۋسەن گۈلىنى گۈل يېغى ۋە ئەرقى گۈل بىلەن باشقا چاپسا، سۇغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ؛
گۈل سەۋسەننى سوقۇپ بۇرۇنغا تارتسا ، شەقىقىغە پايدا قىلىدۇ؛
زۇپا 10 گرام، زىغىر 15گرام، گۈلسەۋسەن 10گرام، سەرپىستان يەتتە گرام، بادام مېغىزىدىن 15گرامنى تالقانلاپ ، كۈنىگە ئىككى ۋاق 10-5 گرامغىچە ئىچسە، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ ، بەلغەم بوشىتىدۇ؛
گۈلسەۋسەندە گۈلقەنت تەييارلاپ يەپ بەرسە ، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئەقىلنى زىيادە قىلىدۇ؛
ئىت ئۈزۈمى، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، گۈلسەۋسەن قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا چىلانما تەييارلاپ ئىشلەتسە ياكى يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلسا ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : 3-10 گرامغىچە ؛
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ، تۈزەتكۈچىسى: بىنەپشە، سىركە ، سۇماق؛
ئورۇنباسارى: بىخ سەۋسەن، زۇپا .
پىششىق دورا ياسالمىسى: سۇپۇپى گۈلسەۋسەن، گۈلسەۋسەن گۈلقەنتى.
خام دورىلار ئىلمىدىن.
收藏到:Del.icio.us