www.4tadu.com
  • بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇش بارىدىغىنىمىز چىغىرتماق گۈلىدۇر؛

    بۇ گۈلسەۋسەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك گۈلسەۋسەننىڭ گۈلى بولۇپ ، سەۋسەن، گۈلسەۋسەن ياكى چىغىرتماق گۈلى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛

    خۇسۇسىيىتى: ئىششىق تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، قان تازىلاش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ، سەۋدا ماددىسىنى پىشۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، زەخمىلەرنى پۈتتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەلغەم بوشىتىش قاتارلىقلار......

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

    ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى،سۇغۇقتىن بولغان يۆتەل، زۇكام، نەزلە، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، قورساق ۋە تۇقۇلمىلارغا سۇ چۈشۈش،شەقىقە ، باش ئاغرىقى،

كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!